- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 203
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3137
- تىزىملاتقان
- 2010-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-6-4
- UID
- 2736
- يازما
- 203
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3137
- تىزىملاتقان
- 2010-6-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-6-4
- توردا
- 199 سائەت
|
تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيسى ئىشلىگەن دەپ چىقسلا شۇنداق ھاياجانلىنىپ ھەم خۇش بۇلۇپ كېتىمەن.گۇاڭ چۈنلەن گەرچە ئۆزى شىۋە مىللىتىدىن بولسىمۇ بىراق رېژسورلۇق قىلغان كىنولىرى شىنجاڭنىڭ ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى ،ئۆرپ-ئادىتى،تەبىئەت گۈزەللىكى قاتارلىقلارنى ئەڭ يارقىن نۇقتىدا تۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
<ئارتىس بولمايدىغان قىز،رەنانىڭ تويى،ئەزىمەتلەر تانسىخانسىدىكى ئايال چولپان،مۇھەممەت ھەققىدە پاراڭ،مۇھەببەت مەستانلىرى،ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،غېرپ-سەنەم،بەخىت ناخشىسى،باغ،موللا زەيدىن،بويتاقلار ئائىلىسى،سىرلىق كارۋان،ساھىپجامالنىڭ ئۆلۈمى،گۈلەمخان،گۈلنىسا>دېگەندەك كىنو ۋە دىراممىلارنى ھوللىۋوت ۋە بوللىۋوتنىڭ كىنولىرى،تۈگىمەس قىسىسدەك چىقىدىغان تۈركىيە فىلملىرى ،كورىيە فىلملىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ يۆگەپ ئەكىلىپ بەرسىمۇ يۇقىرىقلارنىڭ بىرسىگە تەڭ قىلمايمەن.
شەخسىيلەر تۆت ئادەمنى تېپىۋېلىپ ئىشلىگەن ،يىغىدىن باشقا نەرسە چىقمايدىغان ھازىرىقى شىنجاڭ كىنولىرىغا سېلشتۇرغاندا ،بۇ كىنولارنى تۇتىيا دېسەك ئەرزىيدۇ..يېقىنى يىللاردا< چىققان تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى،تۇرپانغا مۇھەببەت،مەمەتنىڭ 2008-يىلى،ئۈرۈمچى ئاسىمنى> دېگەن كىنولار خېلىلا ياخشى ئىشلەنگەن بولسىمۇ يەنىلا بۇرۇنقى كىنولارغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىمەن،شىنجاڭ كىنوچلىقىنىڭ80-يىللاردىكىدەك ھەقىقىي گۈللىنىش دەۋىرى يەنە قاچان كېلەركىن؟
بۇ كىنو مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئىشلەنگەنكەن...كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.ئەمدى بىر كۆرۈپ باقاي. |
|