ئەڭ ئىسىل ئۇيغۇر تارىخى فىلىم سۈرەتلىرى
ئۇيغۇر تارىخى رۇمانلىرىنى ئۇقۇدۇق، بەزىدە ھاياجانلاندۇق، بەزىدە قايغۇردۇق، قان ۋە ياشقا تولغان تارىخىمىزبىزنى ھامان ئالغا ئىنتىلىشكە چاقىردى. بىزدىكى تارىخى رۇمانلار ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەتلىك يېزىلدى.
تارىخى تىمىدىكى كىنولارچۇ؟ سىز ئۇيغۇر تارىخى تەسۋىرلەنگەن تارىخى فىلىملەردىن نەچچىنى بىلىسىز؟ بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىنى ئارقا كۈرۈنۈش قىلغان ، خۇددى « ئانايۇرت» ۋە« ئويغانغان زىمىن» غا ئوخشاش كىشىنى چەكسىز، تەسۋىرلىگۈسىز جەلىپ قىلىدىغان تارىخى فىلىملارنى كۆردىڭىزمۇ؟
1986-يىلى «تەڭرىتاغ كىنوسىتۇدىيىسى» تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىغا، داڭلىق رىژىسسور گۇاڭچۈنلەن رىژىسۇرلىقىدىكى، داڭلىق كىنو ئەرتىسلىرىمىزدىن جانار، يېرقان، پىردەۋىس ئەزىز قاتارلىقلار ئاساسى رولغا چىققان، شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۆچمەس ئابىدە- ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلاپ تارىخى ئارقا كۈرۈنۈش قىلىنغان ئىسىل فىلىم « يىتىم قىزنىڭ مۇھەببىتى» ئىسىڭىزدىمۇ؟ بۇ فىلىمدە مىللى ئارمىيىدىكى جەڭچىلەر باتۇرلىق بىلەن دۈشمەننىڭ ئاكۇپلىرىنى بىتچىت قىلىپ، ئىپلاس ئشىپىيۇنلارنى تارمار قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەلبىلىك ھالدا جۇڭگۇ خەلىق ئازاتلىق ئارمىيسى بىلەن قۇشۇلغانلىقى ئاساسى لىنىيە قىلىنغان ھەقىقى نادىر تارىخى فىلىم.
فىلىمنى بۈگۈن يەنە قايتا كۆردۈم، ئىسىمگە « ئانايۇرت» رۇمانىدىكى سەبىخە ۋە پەرىخە ئاچا-سىڭىل تاتارقىزلىرى كەلدى. پاك ۋە ۋىجدانلىق قىز پەرىخەنىڭ سۇلايمانوف تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغىنىنى كۆرگەندەك بولدۇم ۋە غەزىپىم دەھشەت قوزغالدى. فىلىمدىكى مىللى ئارمىيىدىكى قىزجەڭچىلەرنىڭ گۈزەل رۇخسارى ۋە شۇقەدەر يارىشىملىق ھەربى فورمىسى مېنى ئالاھىدە جەلىپ قىلدى. قىزلاردىن شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈلنىڭ جەڭلەردىكى قەھرىمانىلقىنى كۆرگەندەك بولدۇم. جەسۇر يىگىتلەرنىڭ جەڭلەردىكى باتۇرلىقى مېنى ھاياجانغا سالدى. زىخىرۇللا نادىروفنىڭ كەڭ يەلكىسىنى، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئابدۇللامنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تىنىقىدا سۈيۈملۈك ئانىسىغا يازغان خېتىنى ئالغىنىنى ... كۆرگەندەك بولدۇم. نى-نى قەھرىمان قىز- يىگىتلىرىمىز كۆزئالدىمدا گەۋدىلەندى. شۇلارنى سېغىنىپ ئەسلىدىم. ئىشقىلىپ پۈتۈن فىلىم ماڭا ئۇزۇنغىچە تەسىرقىلدى. بۇفىلىمنى مەن ھوللىۋوتنىڭ ھەرقانچە داڭلىق ۋە نەچچە مىلىيۇن دوللار بىلەت كىرىم قىلغان فىلىملىرىدىنمۇ قىممەتلىك ۋە سۈيۈملۈك ھېس قىلدىم، چۈنكى فىلىم تارىخقا سادىق، چىن، ئەمەلى ئىشلەنگەن بۇلۇپ، شۇدەۋىردىكى مىللى ئارمىيەھەربى فورمىسى، ئاي يۇلتۇزلۇق يىشىل بايراق، ئاي يۇلتۇزلۇق كاكار، سوۋىت قۇرال-ياراقلىرى، تەبىئى مۇھىت ... ھەممىسى كىشىنى خۇددى شۇمۇھىتتا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. ياق، بۇفىلىمنى ئۇنتۇش پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىغا قىلىنىغان بىر ھۆرمەتسىزلىك. ناۋادا سىز تېخى بۇفىلىمدىن خەۋەرسىز بولسىڭىز، ئۇنداقتا تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بۇلىدۇ.
تۈۋەندە مەن بۇفىلىمدىن ئېلىنغان بىرقىسىم سۈرەتلەرنى دوسلارغا سۇندۇم، كۈرۈپ بېقىڭ، خالىسىڭىز بۇفىلىمنى توردىن چۈشۈرۈپ كۈرۈڭ، ساقلاپ قۇيۇڭ. چۈنكى بۇ بىر تارىخ، ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ ئۇلۇق تارىخلىرىدىن بىرى.
مەنبە ئۈزۈم.
|