تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 5726|ئىنكاس: 28

تاڭ ئالدىدا(ھېكايە)[ئەختەم ئۆمەر] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
3060
يازما
24
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
310
تىزىملاتقان
2010-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 16:48:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالىم كېچىچە ھاراق سورۇنىدا يېتىپ ئۇخلاپ قالغانىدى. تاڭ سەھەردىلا ئويغىنىپ ئەتراپقا قارىدى، بىر قانچە دوستلىرى ئاخشام ئىچىشكەن داستىخانغىلا يىقىلىپ خورەك تارتىپ يېتىشاتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇردى-دە، پەم بىلەن دەسسەپ ئىشىكتىن چىقىپ موتوسىكىلىتقا مىندى.
سۈبھى ۋاقتى ، كوچىدا كوچا تازىلاۋاتقان تازىلىق ئىشچىلىرىدىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيتتى، ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ كۈچى تېخى كەتمىگەنىدى، يول پىرقىرايتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ موتسىكىلىتنى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن چاپتۇرۇپ ماڭدى. چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسى ئويغىنىپ بولغۇچە ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ يېتىۋالمىسا يەنى ئۇنىڭ سىرتتا قالغانلىقىنى ئاتا-ئانىسى بىلىپ قالسا، تاپا-تەنىگە قالاتتى. دادىسى ئۇنى يەتكۈچە قارغاپ تىللايتتى.
"ۋايجان " دېگەن ئېچىنىشلىق ئاۋاز بىلەن تەڭ سالىمغا بىر نەرسە سۇقۇلغاندەك ، نېمىدۇر يېقىلغاندەك  تويۇلدى. سالىمنىڭ يۈرىكى "قارت" قىلىپ قالدى. ئۇ موتوسىكىلىتنى قاتتىق تورمۇزلاپ توختۇتۇپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىۋېدى، ئۆزىدىن ئالتە-يەتتە مېتىر نېرىدا بىر كىشىنىڭ ئېڭراپ ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ دەرھال موتوسىكىلىتنى ئىزىغا دەسسىتىپ قويۇپ، ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇ كىشى دۈم يىقىلغان بولۇپ، يېنىدا ئۇزۇن سۈپۈرگە تۇراتتى. سالىم ئۇ كىشىنى ئوڭدا قىلىپ يۆلىدى-دە، قورقۇپ ۋاقىرىۋېتىشكە تاسلا قالدى. ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە كوچا سۈپۈرىدىغان تونۇش، ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ياش يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ پىشانىسى يولنىڭ بېتون قىرىغا قاتتىق تەگكەن بولۇپ، يېرىلغان جايدىن قان تەپچىپ چىقىۋاتاتتى. يىگىت ھوشسىز بولۇپ ئىڭراپ ياتاتتى. سالىم يانچۇقىدىن يوغان قول ياغلىقنى چىقىرىپ ، يىگىتنىڭ پىشانىسىنى چىڭ تاڭدى. لېكىن قان توختىمىدى. ئۇ ئۇچىسىدىكى چاقماق كۆڭلەكنى يىرتتى-دە، يىگىتنىڭ بېشىنى ئۈستى-ئۈستىلەپ چىڭ تېڭىپ قويدى.
يولنىڭ ئالقاندىن چوڭراق يېرىنى قىپقىزىل قان بويىغانىدى. يىگىت يەنىلا ھۇشسىز ئىڭىرايتتى. ئۇنىڭ يېنىدىكى ئىستولبىغا بېكىتىلگەن لامپوچكا يورۇقىدا ئۇنىڭ چىرايىنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكى، قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى. كوچا تىمتاس بولۇپ، ئۈچ ئىستولبا يىراقلىقتا كوچا سۈپۈرۈۋاتقان بىر كىشى بار ئىدى ، ھوشسىز ياتقان يىگىتنى ئىستولبىغا يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدى-دە، يانچۇقىدىن ئون يۈەنلىك قەغەزدىن ئۈچنى چىقىرىپ ئۇنىڭ قولىغا سىقىمدىتىپ قويدى، كېيىن ئەتراپقا ئەنسىزگىنە قاراپ قويۇپ، ئادەم كۆرۈنمىگەندىن كېيىن موتوسىكىلىتنى مىنىپ كېتىپ قالدى....
ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئۇ ئاغزىغا ماسكا تارتىپ كۆزەينەك تاقاپ، ۋېلسىپىت بىلەن ھىلىقى كوچىغا سەھەردىلا كەلدى. بېشىنى ئاق داكا بىلەن ئورىۋالغان ھېلىقى يىگىت يەنىلا شىرتىلىدىتىپ كوچا سۈپۈرمەكتە ئىدى. سالىمنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشۈپ يىراقتىنلا ئەگىپ قايتىپ كەتتى.
ئارىدىن يەنە قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىنتاڭ، بۇنى مەنمۇ بىلەلمىدىم، بىر ئەتىگىنى سالىم ئويغۇنۇپ ئۆزىنى كېسەل كارۋىتىدا كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئاسما ئۇكۇل سىلىنغانىدى. ئۇ يانغا قىيسىيىپ قاراپ، ئۆزىگە تەبەسسۇم بىلەن قاراپ ئولتۇرغان ھېلىقى كوچا تازىلىغۇچى يىگىتنى كۆرۈپ يۈرىكى سېلىپ كەتتى. "ئۇ مېنى تۇنۇۋالغان بولسا مەستلىكىمدىن پايدىلىنىپ ....." ئۇنىڭ خىيال يىپى ئۈزۈلۈپ قالدى، چۈنكى بىر پىشقەدەم دوختۇر كىرىپ كەلدى.
-ھە، نوچى يىگىت، ساقىيىپ قالدىڭىزمۇ؟ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالارىڭىزنى بىلسىڭىز ئازراق ئىچكەن بولاتتىڭىز ، شۇنداقمۇ؟- دوختۇر سۆزلەۋېتىپ تىڭشىغۇچ بىلەن ئۇنىڭ يۈرەك ھەرىكىتىنى تىڭشاپ باقتى، - مۇشۇ ياخشى يىگىتكە ئۇچراپ قاپسىز، كوچىدا يەنە قىرىق مىنوت يېتىپ قالغان بولسىڭىز بۇ ۋاقىتقىچە ئۆزىڭىزنى دوختۇرخانىدا ئەمەس مازارلىقتا كۆرەتتىڭىز. تەلىيىڭىز بار ئىكەن. مۇنۇ يىگىت سىزنى شۇنچە يەردىن يۈدۈپ ئەكەپتۇ. ئەمدى سىز ئۇنى يۈدۈپ ھەرەمگە ئاپارسىڭىزمۇ ياندۇرۇپ بولالمايسىز.
سالىمنىڭ يۈزى خىجىللىقتىن ئوت ئېلىپ كەتكەندەك بولدى،، ئۇنىڭ لەۋلىرى تىتىرەپ گەپمۇ  قىلالماي قالدى.
-مەن قايتاي، تېخى كوچىنى تازىلاپ بولالمىغانىدىم-دېدى يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ.
ئۇ سالىمنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ دوختۇرخانىدىن بالدۇرراق ساقىيىپ چىقىشىنى تىلەپ خوشلاشتى-دە، چىقىپ كەتتى.
-يىگىت، ئۇ چىقىپ كەتسە "مۆ" دەپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايسىزغۇ؟ سىز ئۈچۈن ئۇ دوختۇرخانىغا پۇل تۆلىدى -دېدى دوختۇر.
سالىم ئەمدى ئۆزىنى تۇتالماي ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتى.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

ئۈمىدلىك ئەزا

شەھرىزات مەلىكە

UID
11214
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2011-5-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 18:38:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشاش بىر ئىش، ئوخشاشمىغان ئادەملەر تۈپەيلى ئوخشاشمىغان نەتىجىلەر كىلىپ چىقتى. يىغىپ ئىيتقاندا يەنىلا ۋىجداننىڭ ئۆزىگە باغلىق.

ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن ياخشى.

كۆيۈمچان ئەزا

باھانىنىڭ كىرگى

UID
11749
يازما
82
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2602
تىزىملاتقان
2011-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-17
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 19:17:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئەسەرلەر    دۇنيا ئەدەبياتى ۋە تەرمىلەر زورنىلىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.  ۋەقەلىك ئىنتايىن ئاددى.   بۇنى ئەختەم ئەپەندىم يازغان بىلەن دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدە   بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان نەرسە.  ئىشەنمىسەڭلەر   تەرمىلەر زۇرنىلنىڭ   1997يىللىق توپلىمىنى كۆرۇپ بىقىڭلار!

قىلچە باھانە كۆرسەتمەيمەن

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق بىر كۈنلە

UID
2736
يازما
91
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3025
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-23
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 21:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر بىر قىسقا فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەنغۇ دەيمەن.‹قاراقچى ھەمرا›ناملىق بىر قانچە قىسقا فىلىم كىرشتۈرۈلگەن پىلاستىنكىدا بار ئىدى.

شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ،تىرشقاندىلا!!

UID
12406
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1144
تىزىملاتقان
2011-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 22:00:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ئەسەركەن بۇ،شەھرىزاتنىڭ دېگىنىدەك ئوخشاش ئىش ئوخشاشمىغان ئادەم تەرىپىدىن ئوخشاشمىغان نەتىجە يارىتىپتۇ.تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
478
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15690
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-24
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 22:55:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىnaway يوللىغان 2011-06-22 19:17 غا قارتىلغان  :
بۇنداق ئەسەرلەر    دۇنيا ئەدەبياتى ۋە تەرمىلەر زورنىلىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.  ۋەقەلىك ئىنتايىن ئاددى.   بۇنى ئەختەم ئەپەندىم يازغان بىلەن دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدە   بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان نەرسە.  ئىشەنمىسەڭلەر   تەرمىلەر زۇرنىلنىڭ   1997يىللىق توپلىمىنى كۆرۇپ بىقىڭلار!


  قىنى سىز ئاشۇ بىرتىينغا ئەرزىمەس دەپ قارىغان ئەسەردىن بىرەرنى تەۋەللۇت قىلىپ بىقىڭە ...

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

UID
10584
يازما
26
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1046
تىزىملاتقان
2011-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-21
توردا
27 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-23 02:11:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايە ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھېكايىسى بولسا، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
مەشق ھېكايىسى بولسا كېرەك، كونا قېلىپتا يېزىلغان.

ئەلبەھرە تورى www.elbehre.com

كۆيۈمچان ئەزا

别靠近我!

UID
2683
يازما
292
تېما
9
نادىر
0
جۇغلانما
9747
تىزىملاتقان
2010-6-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-23 10:13:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە يازغۇچىنى باھالىمىساڭلارمۇ بولار ئەمدى؟!  بۇ يەردە ئەسەر باھالاش ئېلىپ بېرىلمايۋاتقاندىكىن.....يازغۇچى جەمىيەتتە يۇز بەرگەن ئىشلارنى ماتىريال قىلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە قايسىنىڭ توغرا قايسىنىڭ خاتالىغىنى ۋىجدانى ئارقىلىق ھۆكۇم قىلىشقا،ئۆزىدد بار بولغان ئىللەتلەرنى تۇزۇتۇشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ...مانا بۇ  يازغۇچىنىڭ مۇددۇئاسى!   

爱一个人,只要放在心底就好了~

UID
3060
يازما
24
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
310
تىزىملاتقان
2010-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-23 10:36:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 2قەۋەتتىكىnaway يوللىغان 2011-06-22 19:17 غا قارتىلغان  :
بۇنداق ئەسەرلەر    دۇنيا ئەدەبياتى ۋە تەرمىلەر زورنىلىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.  ۋەقەلىك ئىنتايىن ئاددى.   بۇنى ئەختەم ئەپەندىم يازغان بىلەن دۇنيا ئەدەبىيات ساھەسىدە   بىر تىيىنغا ئەرزىمەيدىغان نەرسە.  ئىشەنمىسەڭلەر   تەرمىلەر زۇرنىلنىڭ   1997يىللىق توپلىمىنى كۆرۇپ بىقىڭلار!
سىز ئۆزىڭىز بىر ئەسەر يېزىپ بېقىپ ئاندىن باشقا ئاپتورلارنىڭ ئەسىرىنى كەمسىتىڭ .باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەيلى...........

UID
3060
يازما
24
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
310
تىزىملاتقان
2010-6-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-23 10:39:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 6قەۋەتتىكىnoshirwan يوللىغان 2011-06-23 02:11 غا قارتىلغان  :
بۇ ھېكايە ئەختەم ئۆمەرنىڭ ھېكايىسى بولسا، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
مەشق ھېكايىسى بولسا كېرەك، كونا قېلىپتا يېزىلغان.
سىز يىڭى قىلىپتا بىرەر ئەسەر يېزىپ باقامسىز؟  بىز كۆرۈپ باقايلى ،،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش