كەسپىمنىڭ ئەڭ تەس بولغان بىر ئىمتاھاننى تۈگۈتۈپ بارلىق شۇ دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى نېرى تۇرشە دەپ قەغەز يېشىككە سولىۋەتكەندىن كىيىن ئۇف دەپ خېلىدىن بىرى ئوبدانراق قاراشقىمۇ چولام تەگمىگەن سۆيۈملۈك كومپىيوتۇرۇمنى قوزغۇتۇپ كوت كوت نى ئەمدىلا ئېچىپ ئولتۇرسام تى تىت قىلىپ ئۇچۇر كەلدى.يا پانا ،قارىسام مەن بىلەن مەكتەپداش بىر ئاچاش تېخى ئىمتاھاندىن چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىغان بولسا كېرەك ‹‹نىم جاپا ،ئۈگىنىش قىپ نىم جاپا ›دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ. ،ئوتتۇز ئىككى چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن بىر چىراي ئىپادىسىنى يوللاپ قۇيۇپ مۇشۇ چ چ ئىسمىم توغۇرسىدىكى تارىخ توغۇرسىدا خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم
ئەسلەپ باقسام چ چ بىلەن دوست بولغىلىمۇ خىلى زامانلار بۇلۇپ قاپتۇ،ئەمما مۇناسىۋەت ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. تەييارلىقتا‹ئالى مەكتەپنىڭ تەييارلىقى› ئۇقۇۋاتقان چېغىمدا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسىننىڭ چ چ دەپ بىر نەرسە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقاپ بىر مەزگىل قىزىقسىنىپمۇ يۈرگەن ئىدىم،بىراق قاندا نەرسىلىكىنى بىلمەيتىم.بىر قېتىم يۇرداشلار ئولتۇرشى بولغاندا ھەممىسى چ چ نۇمۇرنى، تېلفۇن نۇمۇرنى دىگەندەك قالدۇرۇشتى. مەنلا زاماننىڭ كەينىدە قاپتىمەن،تېلفۇنغۇ ئۇياقتا تۇرسۇن،ھەتتا بىكالىق چ چ رىممۇ يوق ئىكەن.قايتىپ كىلىپ سىنىپدىشىمغا ماڭىمۇ بىرنى ئىلتىماس قىلىپ بېرىشنى ئېيتىم. ھەپتىدىن كىيىن ئۇ ماڭا نۇمۇر بىلەن مەخپى نۇمۇرنى بەردى،شۇ چاغدا بۇ نەرسىنى ئىلتىماس قىلىشقا ھەجەپ ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدىكىنا دەپ يۈرۈپتىكەنمەن.چ چ نۇمۇرنىغۇ ئېپ قويدۇم ئەمما قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىدىم،دەسلپىدە دوسلىرىمغا ئەگىشىپ مەكتەپنىڭ تورخانىسىدا ئاچتىم،ئەمما بىر قانچە ساۋاقدىشىمدىن باشقا ئادەممۇ يوق ئىدى،قانداق قاچلاشنىمۇ بىلمەيتىم.ئۆھۈ ئۆھۈ دەپ كەلگەن ئۇچۇرنىڭ تەستىقلاشنىلا بىلەتتىم.چ چ ئىسمى باش سۈرەت توغۇرلۇق ھىچنىمە ئۇقمايتىم. بۇ چ چ نى پەقەت ئەينى چاغدا زامان بىلەن ماس قەدەمدە مېڭۋاتقان تونۇش بىلىشلەر سوراپ قالسا دەپ بىرىش ئۈچۈنلا ئالغان ئىكەنمەن.كىيىن چ چ نىمۇ ئاچماس بولۇپ كەتتىم. ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندىن كىيىن كومپىيوتوردىن بىرنى ئالغاندىن كىيىن بۇ نەرسىنى مۇئەللىمنىڭ دەرىسلىكىن كۆرۈش،كىنو كۆرۈشتىن باشقا يەنە قاندا ئىشلىتىشنى بۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ يەنە شۇ چ چ غا ئۇرۇن بىرىشنى قارار تاپتىم.بۇرۇنقى زاماندىكى چ چ نى ئاچاي دىسەم مەخپى نۇمۇرغۇ ئەسلى نۇمۇرنىمۇ ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن.مىڭ بىر جاپادا ئۈزەم يېڭىدىن بىرنى ئىلتىماس قىلدىم،ئىلتىماس قىلىپ بۇلۇپ ئاجايىپ بىر خىل ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى بوپ كەتكەنتى،خۇددى بى باشقىلارقىلىپ باقمىغان كارامەت ئىشتىن بىرنى قىلۋەتكەندەك.
چ چ نىمۇ ئالدىم، قانداق ئىسىم قۇيۇشنى باش سۈرەتنى ئىشلتىش ئۈستىدە قاتتىق ئويلاندىم.ئۇنى قۇيۇپ باقتىم بۇنى قۇيۇپ باقتىم.بىر يىل ئىچىدە ئۈزەممۇ ساناپ بىرەلمەيمەن قانچە ئىسىم ئىشلەتكىنىمنى ،دوسلۇرۇم تولا قاقشاپمۇ ھېرىپ قالدى. .شۇنداق قىلىپ ئۈچۈنچى يىللىقا چىققاندا ‹نىم جاپا ηiм jaㄗa ›(نىم بىلەن جاپانىڭ ئارلىقىدا يەنە بىر بەلگە بار،ئىزدەپ يۈرمەڭلار جۇمۇ يەنا،)دىگەن ئىسىمنى تېپۋالدىم.قانداق ئىلھام بىلەن ،نەدىن تاپقىنىممۇ ئىسىمدە قالماپتۇ،ئەينى چاغدا بەك قىززىق،كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ قويۋالغان ئىدىم
مانا تا ھازىرغىچە مۇشۇنى ئىشلىتىپ كېلۋاتمەن،ئۆزۈمنىڭ خاسلىقىن تېپىۋالغاندەك،دوسلۇرۇمۇ ئامراق بۇ ئىسىمىمغا،جىق تەرەپلەردە ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى،ئىچكى ھېسياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەچكىمۇ پات پات نىم جاپا دەپ يوللاپ قۇيىدۇ، تاماق يىگۈسى كەپ كەتسەمۇ تاماق يەپ نىم جاپا دەپ ،ئۇيقۇسى كەپ كەتسە مۇشۇ ئۇيقۇنى ئۇخلاپ نىم جاپا دەپ يوللاپ قۇيىدۇ،ھەتتا بەزىدە گەپ قىلىپ نىم جاپا دەپمۇ يوللاپ قۇيىدۇ.كەينىدىن مەن كۈلگىلى تۇرمەن،راس راس ،گەپ قىلماي جىم ئولتۇر ئەمسە دەپ يوللاپ قۇيىمەن،قىززىق پاراڭلار.چ چ ئىسمىمۇ مەلۇم دەرجىدە شۇ كىشىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى،قىزقىشىنى ،خاراكتىر يۈزلىنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.مەنمۇ بۈگۈن ئوبدان بىر تەھلىل قىلىپ باقسام ئۇنى بىلىپ بىلمەيلا ياقتۇرۇپ قالغان، ئىسمىممۇ تەببىيلا مىنىڭ خاراكتىرىمنى ،دۇنيا ،ئىنسانغا ،تۇرمۇش چايقىلىشلىرغا بولغان كۆز قارشىمنى مەلۇم جەھەتتە ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئىكەن،.مەسلەن ئېلىپ ئېيتساق تۇلۇق ئوتتۇردىكى چاغلىرىمدا بىرە پەندىن كۆڭلۈمدىكىدەك نۇمۇر ئالالمىسام خۇددى باشقىلار مىنى مازاق قىلۋاتقاندەك ،مەغلۇپ بولغاندەك نەچچە كۈنگىچە ماڭقامنى ئېقتىپ يىغلاپ يۈرەتتىم،ئالى مەكتەپكە كەلگەندىن كىيىن يىغلىماس بولدۇم.مۇشۇ نۇمۇرغىمۇ شۈكرى، تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگىنى مۇشۇنچىلىك ئىكەن، يىغلاپ نىم جاپا دىيىشنى ئۆگەندىم.مىنى يىغلاتقان،يۈرۈكۈمنى ئەزگەن ئادەملەردىن نەپرەتلىنىپ يۈرمەيدىغان بولدۇم،بارا-بارا ئېتبار قىلماسمۇ بولدۇم،نىم جاپا دەيمەن تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ئۆزۈمنى ئۇپرۇتۇپ .دۇنيانىڭ ،تەقدىرنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن قاقشماس ،دادلىماس بولدۇم.نىم جاپا ،قاقشىغانغا ئۆزگۈرۈپ قالارمىدى،مەن ئارزۇ قىلغاندەك بولارمىدى،شۈكرى قىلىشنى ئۆگۈنىۋالدىم.ئىشقىلىپ جىق ئىشلارغا نىم جاپا دىيىشنى ئۈگەندىم ۋاقتىمنى زايا قىلمىساملا، بىھۇدە ئىشلارغا سەرىپ قىلمىساملا ئۈزەمگە ئۇنچىۋالا بېسىم قىلۋىلىشنىڭ ئورنى يوقۇ دەپ ئويلاپ تەسەللى تېپىشنى ئۈگەندىم
مۇشۇ نىم جاپادىن تۇغۇلغان ئەبجەش ئويلىرىمنى سىلەر بىلەن تېخىمۇ جىق ئورتاقلاشقۇم بار ئىدى.بىراق سائەتنىڭ مۇبارەك ئىستىرىلكىسى 12 ساڭگىلايتىم مەن دەپ تۇمشۇقىنى تولاپ ماڭا ئالىىيپ ئولتۇردۇ، ئۇيقۇمنى ئۇخلاي،سىلەرمۇ تارتىنماستىن گەپ قۇشۇپ بېقىڭلار، قىززىق ئىسىملار ،قىززىق پاراڭلار چىقىپ ئىنتاھاندىن چارچىغان مېڭىمىز بىردەم بولسىمۇ ئارام تېپىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس