ئىگىسى: rohqin

قويمىچىغا قويۇلغان قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11942
يازما
6
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
60
تىزىملاتقان
2011-6-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-22 18:32:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىلى(2006-يىلى) 5-ئايلاردىغۇ دەيمەن، بىز خىزمەت ئىزدەش ئىستىكىدە ئالى با با ......دېگەندەك تور بىكەتلەرگە قىسقىچە تەرجىمىھاللىرىمىزنى چىقارغان ئىدۇق، كىم بىلسۇن! بۇنىڭ بېشىمىزغا بالا بولىدىغىنىنى ، بىر قىسىم شايكىلار توردىن بىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىمىزنى بىلىۋىلىپ قاقتى - سوقتى قىلماقچى بوپتۇ، بىر كۈنى ئەمدى دەرستىن چۈشۈپ ساۋاقداشلار بىلەن ياتاققا قايتىۋاتسام ، ناتونۇش بىر نومۇردىن تېلفۇن كېلىپ قالدى، قارشى تەرەپنىڭ تەلەپپۇزىدىن گۇاڭدۇڭ تەرەپلىكتەك بىلىندى، ئۇ ماڭا «چاققان كەل، سېنى بەك ساقلاپ كەتتىم ....« دېگەندەك تېتىقسىز پاراڭلارنى قىلغىلى تۇردى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارىسىدا بۇنداق تەلەپپۇزدا سۆزلەيدىغىنى يوق ئىدى ھەم بولغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئەدەپسىز سۆزلەرنى قىلمايتتى، شۇڭلاشقا باشتا چىرايلىقچە ئۇنىڭ تېلفۇننى خاتا ئۇرغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفۇننى ئۈزدۈم، لېكىن ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇۋەردى........مېنىڭ بىر ياخشى قىلغان يېرىم مەن ئىككىنچى قېتىمدىن كېيىن ئۇنىڭ تېلفۇنىنى ئۈزۈۋەتتىم ، لېكىن يانفۇننى ئېتىۋەتمىدىم....شۇ دەقىقىدە ماڭا ئۆيدىن تېلفۇن كەلدى، تېلفۇندا قەدىردان دادام يىغلامسىراپ تۇرۇپ «قىزىم، سەن تىچلىقمۇ؟؟....« دېگەن سۆزنى ئارانلا دۇدۇقلاپ دىيەلىدى، مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام ، بايام بىرسىنىڭ ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ مېنىڭ قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققانلىقىمنى ، ھازىر دوختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقىمنى ، ماڭا دەرھال پۇل سالمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، بىچارە دادام قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى يېرىم - ياتا چۈشەنگەن بولسىمۇ لېكىن ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشىنىپتۇ ھەم قارشى تەرەپ قالدۇرغان كارتا نومۇرۇىنى خاتىرىلىۋاپتۇ....تېلفۇننى قويۇپلا ماڭا تېلفۇن قىلىشى ئىكەن، خۇداغا شۈكرى مەن بايىقى تېتىقسىز تېلفۇندىن بېزار بولۇپ تېلفۇننى ئېتىۋەتمەپتىكەنمەن، بولمىسا بىچارە دادام مەن بىلەن ئالاقىلىشەلمەي ، تېت-تىتچىلىقتا قارشى تەرەپكە قويۇلار ئىكەن....
    ھازىر بەلكىم بۇ خىل ئۇسۇل مودىدىن قالغان بولۇشى مۇمكىن! بەلكىم سىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك ئۇسۇللار مودا بولغان بولۇشى مۇمكىم ، ھەممىمىز ئاگاھ بولايلى!

ئىبراس

UID
29693
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2012-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-26
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 19:27:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 19:46:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىش راسىت بولسا قىزچاققا ياردەم قىىلىپ قويۇش زۆرۈر ئىكەن. ياردەم بېرىش ئىمكانىيتى بارلار ياردەم قىلىپ قويسا ساۋاب ئىش بولاتتى. ئالدامچىلار كىشىلەرنىڭ مەنپەت قولىشىدىغان پىسخىكىسىدن بەك پايدىلىنىدۇ. بۇنداق ئىشلارغا ئۇچرىغاندا جەزمەن ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئەقىلنى يوقاتمىغان ياخشى.

UID
22218
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2012-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 21:48:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئالدامچىلار ھازىرمۇ بار تەلەي سىناپ گەپ ياساپ ساددا كىشلەرنى ئزلەپلا يۇردۇ .

UID
26951
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-27
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 22:02:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راس ئىش بۇلسا ،مەنمۇ ياردەم قىلىمەن، ھەم دۇسلۇرۇمنى ياردەمگە چاقىرىمەن.بىرلەشسەك بۇ .ئىشنى چۇقۇم ياخشى ھەل قىلىپ كىتەلەيمىز!

UID
2397
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1182
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 22:27:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئاپامنى ئىزدەپ دوختۇرخانىغا باردىم، ئامبولاتورىيە بىناسىغا كىرسەم بىر ئايال پۇل تۆلەيدىغان يەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئۇرۇپ ناھايىتى ئېچىنىشلىق يىغلاپ كېتىپتۇ. نېمە ئىش بولدىكىن دەپ قاراپ تۇرۇپ باقتىم، كېيىن بىلسەم ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى بۇرۇن قازا قىلىپ كەتكەنكەن، 18 ياشلار چامىسىدىكى قىزى سوقۇر ئۈچەي بولۇپ قېلىپ، دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرسەتمىگەنلىكتىن سوقۇر ئۈچىيى تېشىلىپ كېتىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئەكەلگەن ئىكەن، كىم بىلسۇن، ياتاققا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرەي دەپ پۇل تۆلىگىلى ئۆچىرەتتە تۇرغۇچە ئاران تەستە يىغىپ ئەكەلگەن 10 مىڭ سوم پۇلىنى ئوغرى ئېلىۋاپتۇ.
ئەمدى قانداق قىلارمەن، بار مال-مۈلكۈمنى سېتىپ مۇشۇنچىلىك پۇل قىلغانتىم، ئەمدى نەدىن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلارمەن؟ ياش تۇرۇپلا توزۇپ كېتەرسەنمۇ قىزىم...دەپ شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق يىغلاپ كەتتى. ئۇ چاغلاردا تېخى ئىسلام ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى، لېكىن شۇ ئايالغا قاراپ ئوغرى دېگەننىڭ قولىنى كېسىۋەتسە بولىدىكەن، دەپلا ئويلىغان. ئىشقىلىپ ھازىرغا قەدەر شۇنچىلىك نەپرەتلىنىمەن ئوغرى دېگەندىن.
بۇ قويمىچى دېگەننىڭمۇ نومۇس قىلماي يالغان گەپ قىلىپ ئاجىزلارنى ئەخمەق قىلىدىغان تىلىنى كېسىۋەتسە بولىدىكەن...

UID
18588
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-28
توردا
43 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 17:10:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي   بىچارىلەر  ،بىتەلەي  سۇغا  كەلسە  ئاللاكۇدىن  يا  كىتىپتۇ  .  دىگەندەك  ئىش  بولۇپتۇ  دە  ،
ئەجەبمۇ  ئىچىم  ئاغرىدى  شۇ  بىچارىلەرگە  ،
ئۇلۇغ  ئاللاھدىن   ئاشۇ  قارا  نىيەتلەرگە  ئىنساپ  تىلەيلى  .

UID
17674
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
707
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 19:09:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەملەردە ئىساپ قالمىسا بالا قازا كوپىيىدۇ، دەيدىكەن. ئەمىليەتتە سورىغى بار جاھان بۇ. ئۇلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ.ھامان بۇنىڭدىن ئېغىر كۇنلەر.

UID
28351
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 01:31:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرنىغا  سۇ  كىرمىگىچە  بېلىقچى   بولالماپتۇ

UID
28864
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 18:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزەن رەزخللىك ئايلىنىپ كىلىپ يەنە بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىپلاسلاردىن چىقىدۇ،قويمىچىلىق قىلىپ يىگەن غىزاسى نەپسىدىن ئالغاي مەلئۇننىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش