كۆرۈش: 3955|ئىنكاس: 20

قويمىچىغا قويۇلغان قىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1770
يازما
6
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
168
تىزىملاتقان
2009-4-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 03:45:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بىرەيلەننىڭ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقان ئاۋازى دۇكاننىڭ ئىچىگە كىرىشكە باشلىدى. دۇكاندىكىلەر ئالدىراپ سىرتقا چىقتۇق. چوڭ يول بويىدىكى سېمونت كۆتەكتە كىيىم-كېچەكلىرى كونا، 18-19 ياشلاردىكى بىر قىز ئەتراپىدىكى يىغىلىۋالغان ئادەملەرگە پەرۋاسىز ھالدا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلاۋاتاتتى. كىشىلەر نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي ھەيران ئىدى. مەنمۇ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، دۇكانغا يېنىپ كىرىپ ئىشىمنى قىلىۋەردىم. بىراق، ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، قىزنىڭ يىغىسى پەسەيمىدى. بىر قۇتا سۇ بىلەن ئازراق قەغەز ئېلىپ يېنىغا چىقتىم.

-ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، دېدىم قەغەزنى سۇنۇپ.

قىز چىرايىمغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، قەغەزنى قولىغا ئېلىپ ياشلىرىنى سۈرتتى، قولۇمدىكى سۇنى ئېلىپ يۈزىنى  يۇيۇپ، يىغىسىنى توختىتىشقا تىرىشىپ باقتى. لېكىن، قىزنىڭ ئىچ-ئىچىدىن قىستاپ كېلىۋاتقان يىغىسى توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .

-نېمە ئىش بولدى؟ ھەرقانداق ئىش بولسىمۇ بۇنچىۋالا قىلىپ كەتمىسىڭىز بولاتتى.  باشقىلار خاتا چۈشىنىپ قېلىۋاتىدۇ. بىرەرى بىلەن ئارىلاشقان بولسا ئوينايدىغاننى ئويناپ بولۇپ تاشلاپ كەتكەن گەپ دېيىشىۋاتىدۇ،- دېدىم سەۋەبنى بىلىش مەقسىتىدە.

قىز چوڭقۇر ئۇھ تارتىۋېتىپ گېپىنى باشلىدى:

- ئۇنداق ئىش يوق. مەن نىيىدىن، ئاخشام ئانام بىلەن كەلگەن. كەچ قاپتىكەنمىز، ئۈستىدىكى ياتاقتا ياتقان (بىزنىڭ دۇكاننىڭ ئىككىنچى قەۋىتى مېھمانخانا ئىدى). بۈگۈن ئەتىگەن مەكتەپكە چىقماقچى ئىدۇق  (مەن خوتەن پېداگوگىكا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان). ئۆيدىكىلەر دېھقان، بەك نامرات بولغاچقا، بار پۇللىرىمىز يېتىشمەي، قەرز ئېلىپ ئوقۇش پۇلى، ياتاق، تاماق دېگەنلەرگە 4500 كوي پۇل تەييارلاپ كەلگەن. ئازراق سودىلىقىم بار ئىدى، قىلىپ كىرەي دەپ ئەتىگەندە چىقىپ كەتكەن ئىدىم. ئانام ياتاقتا ياتسا، ياش بىر چوكان ئىشىكنى چېكىپ كىرىپتۇ ۋە ئانامغا بىرمۇنچە ھال تۈكەپ يىغلاپ بېرىپتۇ. ئاناممۇ ئۇ چوكاننىڭ بېشىنى سىلاپ تەسەللى بېرىپتۇ ۋە مەكتەپكە كەلگىنىمىزنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. چوكان چىقىپ كېتەر ۋاقىتتا بىر تاشنى كۆرسىتىپ، تاشنىڭ قىممەتلىكىنى، ئالاي دىسە ئانسىنىڭ ئورنىدا كۈرۈپ ئەرزان بىرۋىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئانام تاش تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، چىرايلىقچە رەت قىپتۇ. چوكان چىقىپ كېتىپ كەينىدىنلا بىر ئادەم كىرىپ، چوكاننىڭ تاش كۆرسەتكەن-كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئانام بولغان ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن، چوكاننىڭ تاشنى ئۆزىگە سەككىز مىڭ كوي دەپ بەش مىڭ كويغا بەرمىگەنلىكىنى، ئەگەر بەش مىڭ كويغا ئېلىپ بەرسە، ئانامغا مىڭ كوي پايدا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ۋە مىڭ كوي پۇلنى ئانامنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ. ئانام سىرتقا چىقسا، چوكان ياتاقنىڭ ئالدىدىلا بار ئىكەن. ئانام بېرىپ تاشنى ئالغۇسى بارلىقىنى، لېكىن 4500 كويلا بارلىقىنى ئېيتىپتىكەن، چوكان سىلى  ئانامنىڭ ئورنىدا،  مەيلى ئالسىلا دەپ بېرىۋېتىپتۇ. ئانام پۇلنى ساناپ بېرىپ، تاشنى ئېلىپ ياتاققا چىقسا ھېلىقى ئادەم يوق. بىردەم ساقلاپ بېقىپتۇ، كىرمەپتۇ. ياتاقتىكىلەردىن سورىسا ھېچكىم ئۇقمايدىكەن. كېيىن چوكاننى ئىزدىسە ئۇنىمۇ تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جامەنىڭ يېنىدىكى قاشتېشى دۇكىنىغا كىرسە، دۇكاندىكىلەر تاشنى كۆرۈپ «تاش موگاڭكەن، بىزدىمۇ بار، 8-10 كويلارغا ساتىمىز» دەپتۇ.

ئانام شۇ چاغدىلا ئالدانغانلىقىنى بىلىپتۇ.

پەيسوغا كىرسەك ئەھۋالنى خاتىرىلەپ ئېلىپ قالدى.  ئۇلارنى تاپالىسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىدىكەن.

- ئانىڭىز قېنى؟- دېدىم قىزنىڭ خېلىدىن بېرى يالغۇز ئولتۇرغىنىنى ئويلاپ.

-ئايلىنىپ باقاي، ئۇچراپ قالار دەپ كەتكەن.

-شۇنداق قىلىپ 4500 كوينى مىڭ كويغا تېگىشتىڭلا؟- دېدىم ئاچچىق كۈلگە بىلەن.

- مىڭ كوينىڭ ھەممىسى جا پۇلكەن، ئانام بىلەلمەپتۇ.- قىز شۇنداق دەپ يىغلاپ كەتتى.

قىزنىڭ  تۇرقىدىن دېھقان قىزى ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى. گەرچە ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، قارا، يىرىك قوللىرىدىن ئېتىز-ئېرىقنىڭ، ھويلا-ئارامنىڭ ئىشىنى قىلغان ۋاقتىنىڭ دەرس تەكرارلىغان ۋاقتىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. قىزنىڭ ئانىسىنى كۆرمىگەن بولساممۇ، ئاتا-ئانىسى كىيىم-كېچەكنى زىننەتكە ئەمەس، بەدىنىنى يېپىش ئۈچۈن كىيىدىغان، كېچىلىرى ئېتىز-ئېرىقنى چۈشەيدىغان، قورسىقى ئاچسا بىر چىنە قۇدۇق سۈيىگە زاغرىنى  تۈگۈرۈپ يەپلا تۇرۇپ كېتىدىغان قارا دېھقانلاردىن ئىدى. ئۇلارغا تېلېفون نومۇرىنى «يوۋسەن جيۇ»دىن باشلاپ دەپ بەرسىڭىز چۈشەنمەيتتى. بازار كۈنلىرى ناۋايخانىدىلا بىر گۆشگىردىنى بىر چىنە سۇ بىلەن شورپىسىنى ئېقىتىپ ئولتۇرۇپ يەۋالسا، بىر ھەپتىگىچە ئېغىزىدىن گۆشنىڭ تەمىنى ھېس قىلاتتى. شۇنداق، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەيدىغان بولساق، نەچچە توم كىتاب پۈتۈپ چىقىدۇ. مەنمۇ بىر قارا دېھقاننىڭ پەرزەنتى، دېھقانلارنى ئوبدان چۈشىنىمەن. لېكىن، ئۇلار شەھەرنىڭ، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى  بېلەتتى . ھېچبولمىغاندا تېلېۋىزوردىن بولسىمۇ چۈشەنگەن ئىدى. شۇڭا، بالىلىرىنى ئۆزى تارتقان كۈنلەرگە قويغۇسى يوق ئىدى. ئوقۇپ خىزمەتكە ئېرىشسە، شەھەردە قالسا، ھېچبولمىغاندا رىزقىنى ئېتىزدىن ئەمەس ئىشخانىلاردىن تېپىپ يېسە، بىزدەك يامغۇردا كۈنلۈكى يوق ئېقىپ كەتمىسە، ئاپتاپتا سايىسى يوق كۆيۈپ كەتمىسە، بوراندا دالدىسى يوق لەيلەپ كەتمىسە دەپ ئارزۇ قىلىشاتتى. شۇڭىمۇ قولىدا بولسۇن-بولمىسۇن، يەتمىسە يوقكەن دەپ ئولتۇرماي، قانداق قايتۇرۇشنى بىلمىسىمۇ، «باشقا كەلگەندە باتۇر» دەپ قەرز ئېلىپ قىزىنى يولغا سالغان ئىدى.

قىزنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلمىدىم. ئاشۇ 4500 كوي ناھايىتى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن بىر ۋاقلىق تاماق، بىر بوتۇلكا ھاراق، بىر تال يانفون ، بىر قاپ تاماكا خالاس. ئۇلار ئۈچۈن 4500 كوي پۇلنىڭ بولغان-بولمىغىنى ھېچنېمە ئەمەس. ئەمما، بۇ قىز ئۈچۈن 4500 كوي تەقدىر، يامغۇردىن، بوراندىن ساقلايدىغان كۈنلۈك ئىدى. ئاۋۇ نائەھلىلەر قىزنىڭ تەقدىرىنى ئېلىپ كەتتى. ئېنىقكى، ئۇلار بۇ پۇلنى بىر كۈندىن ئاشۇرماي سورىۋىتىدۇ. قىزنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تەقدىرىنى بىر سائەتلىك ئىشرەتكە كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
12406
يازما
34
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1144
تىزىملاتقان
2011-6-17
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 12:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا توۋا نېمە دېگۈلۈك ئەمدى،ئەگەر تاپالىسىمۇ بەرسە ئالالايدۇ،بەرمىسىچۇ،ئۇرسىڭىز يېتىۋالىدۇ،ئۇرغۇچى سىز بولغاندىن كېيىن ساقچىمۇ سىزگە ئارتىدۇ.قاراپ تۇرۇپ بىر ئادەمنىڭ كەلگۈسى ئۆزگەرتىۋىتىپتىغۇ بۇلار.

UID
12361
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
220
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 12:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ يەرگە يازغىنىڭىزغۇ ياخشى بولۇپتۇ،سودىگەرلەرگە،يېنىڭىزدىكىلەرگە،توردىكىلەرگە دەپ ئەمىلىي ياردەمدىن بىرنى قىلغان بولسىڭىز ،تېخىمۇ ساۋاپ بولغان ،بىر قىز بىلەن بىر ئائىلىنى قۇتقۇزغان بولاتتىڭىزكەن،4500يۈەننى چوقۇم يىغالىغان بولاتتىڭىز!سىزگە بەخىت تىلەيمەن!

UID
5684
يازما
203
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5454
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 14:59:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇراس ئىشمۇ ياھىكايىمۇ..............

تىرىشچان ئەزا

بۆشۈك ئۇيقۇنىڭ ب

UID
7525
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
343
تىزىملاتقان
2010-11-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 20:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ دىيارىمىزدا ئاشۇنداق قىيىنچىلىقتا ئۇچىرىغانلارغا تىز ھەم قولايلىق ھالەتتە ياردەم قىلىدىغان تور بەتلەرنىڭ يوقلىقىغا ئەپسۇسلىنىمەن.....

نىمە ئۈچۈ ن بۆشۈك بىلەن قەۋرىنىڭ شەكلى ئوخشاش؟ چۈنكى ھەرئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۈچۈن ياسىلىدۇ،پەرقى شۇكى بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۈچۈن بىرى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇ ئۈچۈن.

كۆيۈمچان ئەزا

خاتالىشىش ئەيىپ ئەمەس بەلكى خا

UID
3388
يازما
52
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1793
تىزىملاتقان
2010-7-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-20 20:59:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ مەن ئاخىرسى باردەكلا ھېس قىلدىم داۋامى بارمۇ ؟

كۆيۈمچان ئەزا

ئىبرەت كۆزىدە قا

UID
1473
يازما
216
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7659
تىزىملاتقان
2009-3-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 03:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
تېما ئىگىسى قېرىندىشىم:
بۇ راست بولغان ۋەقەمۇ؟ ھازىر ئۇ قىزنىڭ ئەھۋالى قانداق؟
مۇمكىن بولسا، شۇ قىزنىڭ ئادرېسى، بولسا تېلېفون نۇمۇرىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
ھازىر ئۇ قىز خوتەندە ئوقۇۋاتامدۇ ياكى...؟؟
بۇ قىزغا بەكلا ئىچىمىز ئاغرىدى. قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغۇمىز بار...

كۆيۈمچان ئەزا

شەرمى - ھايا ___ قى

UID
8974
يازما
99
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
3430
تىزىملاتقان
2011-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 11:57:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا ،،،ئاقكۆڭۇل دىھقانلارنى شۇنداقمۇ ئالدىغان بارمۇ !!!
بىچارە قىزنىڭ شۇنداق ئوقۇش ئارزۇسى باركەنتۇق ،قانداق بولۇپ كەتكەندۇ ،،،،
ئوقۇيالىغانمىدۇ ،،،،،،ئاخىرى بىر خىل ئاخرلاشمىغاندەكلىغۇ،،،،،،،ئاخىرى بارمۇ ---يا !!

بەختىمنى بىر ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن ،،،،شۇكۇرى ئاللاھ !!!

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
271
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8491
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 12:41:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھازىر مۇنداق رەزىل ئادەملەرنىڭ قولىدىن ھەر بالا كىلىدۇ . ئەجەپ يۈرگۈم ئېچشىپ كەتتى مۇمكىن بولسا مۇشۇ دىھقان قىزىغا ياردەم قىلىپ ئوقۇش پۇلنى ھەل قىپ بەرسەك بوپتۇكەن . شەخسەن مىنىڭ قولۇمدىن كىلىشچە ياردەم قلغۇم بار . مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق خەيرى-ساخاۋەت قىلىش تور پونكىتلىرى ئۇيغۇرلار تورچىلقىدا مەيدانغا چىقىپ مۇشۇنداق ياردەمگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىش مەيدانى ھازىلاپ بەرسە ياخشى بولاتتى . تىمىنى ئوقۇۋىتىپ كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى توغرا 4500بەزەنلىرمىز ئۈچۈن چىقانچە چوڭ پۇل بولماسلىقى مۇمكىن ئويلاپ بىقىڭ دىھقان ئۈچۈن بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئالى مەكتەپتە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ تىماي جاپا چىكىدىغانلار ئۈچۈن بۇ بەك چوڭ سان !!! تېمىنى يازغان تورداش مۇمكىن بولسا شۇ قىزغا ياردەم قىلىش ئارزۇيىمىز بارلقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتىكەن ...

UID
1770
يازما
6
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
168
تىزىملاتقان
2009-4-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 14:46:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنەچچە قېتىم يازغان ئىنكاسىمنى ئۈچۈر ۋەتتى. ھەربىرىڭلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بىرىپ كەلگەنتىم.
بۇ ئىنكاسىمنى ئۈچۈرەمدۇ، ئۈچۈرمەمدۇ بىلمىدىم .
بىۋاستە بلوگىمدا پاراڭلاشساقمۇ بۇلىدۇ .www.rohqin.com

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش