ئەپلاتونچە مۇھەببەت
بىز ئايرىلىپ كېتەيلى .
قىسقا ئۇچۇرنى كۆرۋىتىپ كۆزۈمدىن ياش سىرغىپ چىقىتى،ئالدىمدىكى قاتار رومكىلارنى كۆتۈرۋىتىپ ئارقامغا ئۆرۈلدۈم .كۈچلۈك مۇزىكا رېتىمى ،ئالا-يېشىل لازىر چىراقلار .ئاشۇ ناتونۇشلار ئارىسىدا مەن دېسكو ئويىنلۋاتاتتىم .تۇيۇقىسىز ئۇنى خىيال قىلىپ قالدىم .كۈلۈمسىرىگىنىمنى ھېس قىلۋاتىمەن ،كۆز ياشلىرىم بەدىنمىگە تاراۋاتقاندەك ،كۆز يېشىم بوغۇزۇمدا ،چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدىم ،كۆز ياشلىرىم ئاخىر يۈزۈمنى بويلاپ چۈشىتى،يەنە شۇ كۈلۈمسىرەش، مەن مۇزىكىغا ئايلىنىپ كېتۋاتىمەن .ياشلىرىم قۇيۇلماقتا ،كۆزۈمنى يۇمدىم ،ئۇ كۆز ئالدىمدا كۈلۈمسرەپ تۇراتتى ،كۆز يېشىم كۆز قاپىقىمدىن سىرغىپ تۆكۈلىۋاتاتتى .
دېسكوخانىدىن مەست پېتى چىقىتىم ،قولۇمدا دېسكوخانىدا مەن ئىچىپ بولالمىغان بىر بولۇلكا ۋىسكى بار ئېدى .كېتۋىتىپ بوتۇلكىدىكى ھاراقنى بىراقلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتىم .ئاندىن تىزلىنىپ قالدىم .چاچلىرىمنى قاماللىغىنمچە كوچىدا كۆز ياشلىرىمنى ئۈنسىز تۆكۈپ تۇردۇم ،بۇ چاغدا ھەممە مەن ئۈچۈن توختىغان ،ھەتتا ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياش تۆگكەنلىكىمنى ئۇنتىغان ئېدىم .كۆز ياشلىرىم چىققانسىرى ئىچىم بوشاپ قېلۋاتاتتى ،بىر چاغدا بىرەيلەن كېلىپ ماڭا قەغەز قولياغلىقتىن بىرنى تۇتقۇزدى ،مەن پەقەت ئۇنىڭ كېيگەن ئايىقدىن قىز ئېكەنلىكىنى بىلدىم ،ئۆزۈمنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزۈم بىلەن ئۇنىڭغا قاراشتىن خىجىل بولدۇم .قەغەزنى ئالدىمدە ئالدى بىلەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتتىم ئاندىن بۇرنۇمنى سۈرتتۈم .بۇ چاغدا مەن نېمە قىلىشمنى بىلمەي تۇراتتىم ،قىز قولۇمدىن تارتتى ،مەن ئورنۇمدىن تۇردۇم .ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ ماڭدى ،نېمە ئۈچۈنكىن مەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتىم .ئۇ ئالدىدا مېنىڭ قولۇمنى چىڭ تۇتقىنىچە كېتۋاتاتتى ،مەن تېخى ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ باقمىدىم .ئۇنىڭ چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى ،ئەگەر ئۇ تۇيۇقىسز ئارقىغا بۇرۇلسا ،چىرايى خۇددى قان شورۇغۇچىلاردەك ماڭا بۇرۇلۇپ قارىسا ،ئۆزۈمنىڭ بۇ تەسەۋۋۇرىدىن مېيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم .نېمىشقكىن قەدەملىرىم ئۇنىڭ قەدەملىرى بىلەن ماس ھالدا راۋرۇس ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېتۋاتتىم .
كۆزۈمنى ئاچقان چاغدا ،بىر مېھمانخانىدا ياتقانلىقىمنى بىلدىم .دېسكوخانىدا ئىچكەن ناچار سۈپەتلىك ۋېسكى بېشمنى ئاغىرتىۋاتاتتى ،ئىچىم سۈرۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، ئۇدۇل سۇخانىغا يۈگۈردۈم .ئۇف ،ئىچىم بوشاپ خېلى ئارام تېپىپ قالدىم .بۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ ئىچ كېيمىمدىن باشقا كېيمىم يوقلۇقنى ھېس قىلدىم .قىز كېيملىرىمنى سالدۇرۇپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويغان ئېدى .بىر چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى ،مەن ئۇ قىز قايتىپ كىرىگەن ئوخشايدۇ دەپ ئالدىراشلىق ئىچىدە بىر يەرلەردىن كېيمنى تېپىپ كېيمىمنى كېيدىم ئاندىن ئىشكىنى ئاچتىم ،كۆرگىنىم قىز بولماستىن مېھمانخانىنىڭ مۇلازىمى بولدى ،ئۇ –ئەپەندىم ،ناشتلىقىڭىز دېگىنىچە تاماق ئۈستىلىنى ئىچىگە ئېتتىرىپ كىردى .مەن بىر چەتتە ھاڭۋىققىنىمچە ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بەردىم .ئۇ –ئالدىرىماي بەھىر ئېلىپ دەپ بېشىنى يېنىك ئېگىپ چىقىپ كەتتى ،مەن ھورى كۆتۈرلۈپ تۇرغان قەھۋەنى ئىچكەچ بۇ ئۆمرۈمدە ئەڭ مول بولغان ناشتىلىقىمنى يېدىم .لېكىن ئۆزۈمنىڭ نېمە يەۋاتقانلىقىنى تۇيمىغاندەك ،كاللام باشقا خىيالدا ئېدى .ئاخشام ئۇ قىز مېنى يېتىلەپ ئاز ماڭغاندىن كېيىن مەن خۇدۇمنى يوقاتقان ئېدىم .كېيىنكى ئىشلارنى پەقەت ئەسلىيەلمىدىم .
ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كەتتى .مەن مەنە ۋە مەنسسزلىك ئىچىدىكى تىركىشىش ئىچىدە غېرىپ ياشاپ كەلدىم .ياشاشنىڭ ئازابى ئىچىدە گاڭگىراپ قالغان چېغىمدا ،ئاشخانىلاردا چوكىغا قىسىلىپ غېرىپلىقىمغا يېيلىۋاتقان چاغدا ،يوللار ئايىقىم ئاستىدا چارچىلۋاتقان چاغدا ،تاماكىغا چېكلىۋاتقان چېغىمدا ئۇ قىزنىڭ قولۇمدىن يېتىلەپ ئېلىپ كېتشىنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .كاللامدا ئۇ قىز قولىنىڭ قالدۇرغان سېزىمى خىرە ئەكسى ئېتەتتى ،مەن سانسىز قوللار ئارسىدىن ئۇنىڭدىكى مېھىرنى ھېس قىلىپ باقمىدىم .ئۇنىڭ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان چىرايىنى بولسا مەن مۇكەممەلەشتۈرۈپ ئەڭ گۈزەل چىرايغا ئايلاندۇرۋەتكەن ئېدىم .ئاشۇ سانسىز چىرايلار ئارىسىدا ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم ،لېكىن ئۇنى ئىزلەيتتىم .ناتونۇشلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان كوچىلاردا ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە مېڭۋاتقانلىقىمنى بىلمەي قالغان چېغىمدا ئۇ قىزنىڭ قولۇمدىن يېتىلەپ ئېلىپ كېتىشىنى ئويلاپ قالىمەن .