كۆرۈش: 1592|ئىنكاس: 9

شىڭگىل فىليەتونلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10930
يازما
106
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2626
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 19:03:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىڭگىل فىليەتونلار
  بەختىيار مەممەتجان


ئۈچ قارىغۇ


  ئاجايىپ ئۇدۇل كېلىپ قېلىش بىلەن ئۈچ كوچىدىن چىقىپ كېلۋاتقان ئۈچ قارىغۇنىڭ ھاسىسلىرى بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ كەتتى .ئۇلار بىر-بىرىنىڭ قارىغۇ ئېكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ،ئۈچ كوچا تۇتىشىدىغان دوقمۇشتا ئولتۇردى
  ئۈچەيلەن ئۆز-ئارا تونۇشلۇق بېرىشىپ .بىر-بىرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى .ئۈچەيلەنلا ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلدى .بىرىنچى قارىغۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۈچ يىل ئىلگىرى قارىغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى ،بۇ يىللار مابەينىدا دىۋانىچىلىك قىلىپ 7 مىڭ يۈەن توپلىغانلىقىنى دېدى .
  ئىككىنىچى قارىغۇ ئۆزنىڭ 7 يىل ئىلگىرى قارىغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى ،بۇ 7 يىلدا دىۋانىچىلىك قىلىپ 30 مىڭ يۈەن توپىلغانلىقنى دېدى .
ئۈچىنچى قارىغۇ ئۆزنىڭ تۇغما قارىغۇ ئىكەنلىكىنى ،دىۋانىچىلىك قىلغان ئوتتۇز يىلدا 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل توپلىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى .
بۇ چاغدا بىرنىچى ۋە ئىككىنىچى قارىغۇ ئۆزنىڭ نېمىشقا تۇغما قارىغۇ بولۇپ قالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى .
بىرەيلەن بۇ ئۈچەيلەننىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇلارغا 100 يۈەن پۇل سەدىقە قىلدى .ئۇلار يۈز يۈەنلىك پۇلنى تەڭ بۆلۈشمەكچى بولدى .ئۇلار ئاخىرىدا ئېشىپ قالغان بىر پۇڭ پۇلنى تالىشىپ سوقۇشۇپ كەتتى .ئۇلار ھاسىلىرى بىلەن بىر-بىرىنىڭ بېشىنى ياردى ،زوكۇنلۇشۇپ بىر-بىرىنىڭ كېيمنى يىرتتى .ئۇلار سوقۇشۇپ ھارغان چاغدا ،بىرنىچى قارىغۇ ۋە ئىككىنىچى قارىغۇ ئاخىرقى بىر يۈەندىن ۋاز كەچتى .
ئۇلار سوقۇشقان بولغاچقا باشلىرى يېرىلىپ ،كېيملىرى يىرتىلىپ تېخمۇ ۋەيرانە ھالەتكە چۈشكەن ئېدى .بىر ئازدىن كېيىن ئۇلار بىر-بىرىگە قېيداپ ئايرىم-ئايرىم باشلىرىنى تۇتۇپ ئولتۇردى .بۇلارنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى كۆرگەن كىشلەر ئۇلارغا سەدىقە بەرمەي ئۆتمىدى .ئۇلارنىڭ شۇ بىر كۈندە تاپقان پۇلى ئۇلارنىڭ 15كۈندە تاپقان پۇلىدىن ئېشىپ كەتتى .
ئۇلار كېلىشۋىلىپ ھەركۈنى دىۋانىچىلىك قىلىشتىن بۇرۇن بىر-بىرىنىڭ بېشىنى يارىدىغان بولدى .

ئەر-خوتۇن


  ئەر بىر زىيالى ئېدى .ئۇ ھەممە ئىشنى سەۋەب-نەتىجىگە باغلاپ چۈشەندۈرەتتى .يەنى  قۇلاق- بۇرۇن كۆزەينەكىنى تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن  ،پۇت كىشلەرنىڭ ئىشتان كېيشى ئۈچۈن تەدىرىجى تەرەققىي قىلىپ پەيدا بولغان دەيتتى  .ئۇنىڭ ئايالنىڭ تۆھىپىسى ناھايىتى زور ئېدى .1-ئۇنىڭغا بىر بالا تۇغۇپ  بەردى 2-ئۇنىڭغا ئىككىنىچى بالىنى تۇغۇپ بەردى 3-ئۇنىڭغا ئۈچىنچى بالىنى تۇغۇپ بەردى 4-ئۇنىڭغا تۆتىنچى بالىنى تۇغۇپ بەردى .5-ئۇنىڭغا بەشىنچى بالىنى تۇغۇپ بەردى .6-ئۇنىڭغا ئالتىنچى بالىنى تۇغۇپ بەردى 7-ئۇنىڭغا يەتتىنچى بالىنى تۇغۇپ بەردى .

كېسەل يوقلاش


-گۈل بىلەن نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈۋاپسلەر نەگە ماڭدىڭلار ؟
-تۇغۇت يوقلىغىلى .
-كىمنىڭ ؟
-بىزنىڭ باشلىقنىڭ بالىسىنىڭ ئىتى كۈچۈكلەپتىكەن ،شۇنىڭ تۇغۇتىغا .

شوجاڭ ئىشخانىسدا


شوجاڭ:ئاخشام خوتۇنۇڭلىنى ئۇرۇپ قوۋۇرغىسىدىن 3 نى ،بىلىكىنى سۇندىرۋېتىپىسلە .
  ئوقۇتقۇچى : خوتۇن ئاخشام سىلى چاقىرغان يېزا باشلىقىنىڭ سورۇنىغا بارمايمەن دەپ يىغلىغلى قوپقان ،شۇنىڭ بىلەن سىلىدەك باشپاناھ ،ئالەمپاناھىم ئالدىدا بويۇنتاۋلىق قىلغىنى ئۈچۈن تازا سالدىم .بۇنىڭدىن كېيىن بارمايمەن دەپ باقسۇن ،ئۇنداق خوتۇننى ئۆلتۈرۋتىمەن .

ئىت بېقىۋىلىش


  ئامىرىكىدىكى بىر  ئۇنىۋىرستىتدا بىر سەرگەردان ئىت پەيدا بولۇپ قالدى،ئۇ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالايلا دىگەن ئېدى  .قۇرلۇش لايىھلەش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرھال ياتاق بېنانىڭ قېىشىغا كىچىك بىر ئىت ئۆيى ياساپ بەردى .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىتقا كېيىم كېچەك لايىھلەش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىۋىرستىت بەلگىسى بار مايكىدىن بىرنى لايىھلەپ تىكىپ بەردى .مال دوختۇرلۇق كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭغا ۋاكىسنا ئۇرۇپ قويدى .ھەركۈنى بىكار بولۇپ قالغان بالىلار ئۇ ئىتقا يېمەكلىك بېرىپ ئايلاندۇرۇپ كىرەتتى .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىت ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاشۇ ئۇنىۋىرستتا ياشىدى .ئىت ئۆلگەندە ئوقۇغۇچىلار كىچىك بىر قەبرە ياساپ ئۇنى دەپنە قىلدى .
جوڭگودىكى بىر ئۇنىۋىرسىتىتا بىر سەرگەردان ئىت پەيدا بولۇپ قالدى .ئۇ ئىتنىڭ بۇ يەردىكى تەقدىرى ،
1.    ئىت ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتتى .
2.    ئىتقا بىرنەچچە ئاقكۆڭۈل بالىلار يېمەكلىك بېرىپ قويغان بولدى .
3.    بىر قانچە بالا ئۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلار ياتاق بېناسىنىڭ قېشىدا بىر كىچىك ئۆي ياساپ بەرمەكچى بولدى .ياتاق بېناسىنىڭ مەسئۇلى ئارقا سەپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسىدىكى رەھبەرنى ئىزدەشنى ئېيتتى .ئارقا سەپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى باشقۇرغۇچى رەھبەر ئوقۇغۇچىلار خىزمەت باشقارمىسدىكى رەھبەرنى ئىزدەشنى ئېيتتى .ئوقۇغۇچىلار خىزمەت باشقارمىسىدىكى رەھبەر مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم شۇجىسىنى ئىزدەشنى ئېيتتى .مۇئاۋىن پارتكوم شۇجىسى باش شۇجىنى ئىزدەشنى ئېيتتى .باش شۇجى مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدەشنى ئېيتتى ،مەكتەپ مۇدىرى رايونلۇق مائارىپ كومتىدىكى رەھبەرنى ئىزدەشنى ئېيتتى .رايونلۇق مائارىپ مەھكىمىسىدىكى رەھبەر مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشىنى ئېيتتى .ئۇ تەستىقىنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا ئىت ئاللىقاچان ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالغان ئېدى .

قىز بېرىش


بۇرۇن
-ئاتا ئانىسى ياخشى ئادەملەرمىكەن  ؟
ھازىر
-خىزمىتى ۋە ئۆيى بارمىكەن ؟
كەلگۈسىدە
-......................

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
270
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8490
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-20
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 19:26:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز بىرىش دىگەن فىليەتۇن ماڭا بەك ياردى . رەھمەت سىزگە

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
796
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25559
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 19:41:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىن تەپەككۇرىڭىزنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.

Rank: 8Rank: 8

UID
2533
يازما
958
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
42681
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-14
توردا
137 سائەت

ئىلغار باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 20:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوغۇل، ئىككى قىزى بار ئانا ھەدەپ ئوغلىنىڭ ئويۇنچى دوستلىرىغا سۆزلەۋاتاتتى: «سىلەر ھەرقايسىڭلار بىر ئۆيدە ئىككىدىن، ئۈچتىن ھەتتا تۆتتىن ئوغۇل. مېنىڭ مۇشۇ بىر تاللا ئوغلۇم بار. تۆتۈگۈنكى شۇ ماشىنا ھەيدىشىڭلاردا مۇبادا بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قالغان بولسا... مەن قانداق قىلاتتىم. مېنىڭ بىر تاللا ئوغلۇم تۇرسا، بىر تاللا...»

بۇ چاغدا كىچىك قىزى ئاپىسىنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تەپتى: «ئاپا! ئىككى قىزىڭدىن بىرەرى ئۆلگەن بولسا مەيلى دەمتىڭ؟!...»

ئۆتەر-كېچەر، يىلتىزى يوق بىر نېمىلەر ساڭا ئەسقاتمايدۇ.

UID
10930
يازما
106
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2626
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 21:28:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆرپ-ئادەت
فېليەتون
لوندۇن ئۇنىۋىرستىدىكى داڭلىق فولكىلورشۇناس جون ئەپەندى جوڭگودا يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كەلدى .
ئۇ ئايروپىلاندىن چۈشۈپ ،تاكسى توسۇپ مېھمانخانىغا بارماقچى بولدى ،شوپۇر بىر نەچچە قېتىم قاتناش قائىدىسگە خىلاپلىق قىلىپ قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتتى .ياڭ ئەپەندى بېخەتەرلىكتن ئەنسرەپ ،شوپۇرغا ئۆزنىڭ بەك ئالدىرىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويدى .شوپۇردىن ىز بۇنداق قائىدىگە خىلاپلىق قىلىسڭىز ،قاتناش ساقچىلىرنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىڭىزنى مۇسادىرە قىلىشتىن قورقمامسىز ؟
-نېمىدىن قورقىمەن ،مېنىڭ مۇناسىۋىتىم بار .خىلاپلىق قىلساممۇ يەنە كىنشكامنى ئېلۋالالايمەن .
-نېمە ئۇ مۇناسىۋەت دىگەن ؟ماڭا تەپىسلى چۈشەندۈرۈپ قويالامسىز ؟
-مۇناسىۋەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەمىسز ؟ جوڭگودا ھەممە ئىش مۇناسىۋەت بىلەن يۈرۈشىدۇ .بىز جوڭگولۇقلار تۇغۇلغاندىن تاكى ئۆلگۈچە مۇناسىۋەت بىلەن ئىش بېجىرىمىز .توغۇلۇشتىن بۇرۇن يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ئاتا-ئانسى مۇناسىۋەت بىلەن ياخشى تۇغۇت دوختۇرى تاپىدۇ ،نوپۇسقا ئالدۇرىدىغان چاغدا ،يەنە مۇناسىۋەت بىلەن نوپۇسقا قوندۇرىدۇ ،بالا يەسلىگە توشقان چاغدا ،ئاتا-ئانىسى ئۇنى مۇناسىۋەت بىلەن ياخشى يەسلىگە بېرىدۇ .باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىش ۋاقتىدىمۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياخشى مەكتەپلەرگە كىرگۈزىدۇ .مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بېرىدۇ .
- مۇناسىۋەت قىلماي پۈتمەيدىغان ئىش يوقمۇ ؟
- ئىشقىلىپ ھۆكۈمەت كادىرىلىرى ئۆزنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى بىلەن خىزمەت بېجىرسمۇ ،كىشلەر يەنە مۇناسىۋەت ئىزدەشكە  كۆنۈپ قالغان ،كىم بىر ئىش پۈتتۈرمەكچى بولسا ،ئالدى بىلەن نەدە ،قانداق پۈتتۈرۈشنى ئەمەس .قانداق قىلىپ يول مېڭىشنى ئويلىشىدۇ .
بىر ئايدىن كېيىن ،جون ئۆزنىڭ«جوڭگۇ  مۇناسىۋەت ئۆرپ-ئادىتى » تەتىقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى .

UID
10930
يازما
106
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2626
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 21:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرق
فېليەتون
   مەكتەپ ئۇلارنى خوتەننىڭ بىر سەھراسىغا پىراكتىكىغا ئەۋەتتى .بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ سەھرالىق بىر چىرايلىق قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالدى .
يېڭى يىلدا ئۇلار شەھەرگە كىرىپ تەبىرىكلەشمەكچى بولدى .ئۇ ساۋاقداشلىرى بىلەن ھاراق ئىچكەن ئېدى .قىز دوستى ئۇنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكگە يامانلاپ چىقىپ كەتتى .
  ئۇ قىزنىڭ ئارقىسىدىن چىققان ئېدى ،قىز يېغلاپ تۇرۇپ ئۆزنىڭ ھاراق ئىچىدىغان يىگىت بىلەن بىرگە ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى دەپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتى .ئۇ قايتىپ كىرىپ كۆڭلى يېرىم ھاراقنى ئۆلگۈدەك ئىچىپ ،ئەتىدىن باشلاپ ھارقىنى ئۈزۈل-كېسل تاشلىدى .
  ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىقىتى  ،ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر شەھەرلىك قىز بىلەن مۇھەببەتلىىشىپ قالدى .
  يېڭى يىلدا ئۇلار بىر رېستوراندا خىزمەتداشلىرى بىلەن تەبىرىكلەشمەكچى بولدى ،خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا ھاراق تۇتقاندا ،ئۇ ئىچمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ھاراق ئىچىشىنى رەت قىلدى ،قىز دوستى ئۇنىڭ ھاراق ئىچمىگەنلىكىنى كۆرۈپ يامانلاپ چىقىپ كەتتى .
  ئۇ قىزنىڭ ئارقىسىدىن چىققان ئېدى ،قىز ئۇنى تىللاپ تۇرۇپ ئۆزنىڭ ھاراق ئىچەلمەيدىغان خېنىم مىجەز يىگىت بىلەن بىرگە ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى دەپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتى .

UID
5684
يازما
187
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5438
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-17 01:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇۋاتىمەن.يەنەبارمۇ يا...............

UID
3034
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
498
تىزىملاتقان
2010-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-15
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 13:43:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ   ساقلاۋاتىمەن...

ھەسەنجان

UID
10930
يازما
106
تېما
16
نادىر
0
جۇغلانما
2626
تىزىملاتقان
2011-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-18 18:40:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدا تۈگىدى .

UID
7103
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
714
تىزىملاتقان
2010-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-27
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-21 19:02:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى تىمىدا بار

دۇنيادا مەڭگۈلۈك  ئىش  يوق...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش