تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 16336|ئىنكاس: 100

مۇشۇنداق تاللاشقا دۇچ كەلسىڭىز قانداق قىلىسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ئۈمىد يۇلتۇزۇم

UID
4662
يازما
237
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
7518
تىزىملاتقان
2010-8-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 10:48:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىپ،ئاندىن بىر شىركەتتە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەپتىمەن. ئاندىن توي قىلىپ،خىزمىتىمنى تاشلاپ،ئېرىمنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم، بالىلىق بولدۇم، بۇ جەرياندا خىزمەت قىلاي دېگەننى ئويلىغان بولساممۇ،ئائىلەم ئۈچۈن دەپ خىزمەت قىلىشتىنمۇ ۋاز كەچتىم. مانا ئەمدى بالا بولغاندا، خىزمەت قىلىش مەندىن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتتى. چۈنكى بالامنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەشتىن ئىبارەت بىر بۇرچ ماڭا قاراپ تۇراتتى. قايسى كۈنى يولدىشىم كىرىپ ماڭا«ئاھالىلەر كومىتىتىنىڭ ئادەملىرى ئايالىڭنى ئىمتاھانغا تىزىملىتىپ قويغىن،ئىمتاھاندىن ئۆتسە،ئىچكىرىدە بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە تەربىيىلەشكە قاتنىشىپ كەلسە،  خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىدۇ، بۇ بىر ياخشى پۇرسەت دەيدۇ، قانداق قىلىسىز؟ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى» دېدى. ھازىر بالام  بىر يېرىم ياشقا كىردى، ئەگەر مەن ئوقۇشقا كېتىپ ئىككى يىلدا كەلدىم دېسەم، بالامنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. چوڭلارغۇ  ياخشى قارايدۇ، لېكىن ھازىر بىرخىل تەربىيە ئۇسۇلىدا كېتىۋاتقان بالام، بۇ ئىش تۈپەيلى خامۇشلىشىپ قالارمۇ؟ ماڭا بولغان مېھرىگە دەز كېتەرمۇ؟كاللامدا مىڭ خىل سۇئال. يولدىشىم «ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى»دەپ تاللاشنى ماڭا قويدى. نۇرغۇن ئويلاندىم.ئاخىرى «ياق، بارمايمەن، ماڭا خىزمەتتىنمۇ مۇھىم ئائىلەم بار، بالامنى ياخشى تەربىيىلىشىم كېرەك. مەن خىزمەتكە مۇھتاج ئەمەس، لېكىن ئائىلەم ، بالام ماڭا مۇھتاج»دەپ خىزمەتتىن ۋاز كەچتىم. بەلكىم بۇنى ئوقۇغان بەزىلەر مېنى ئەخمەق دىيىشى مۇمكىن، ھەتتا ئاتا-ئاناممۇ مېنى «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىنى بىكار بولدى»دەپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن مەن ئۇنداق قارىمايمەن، بىر لاياقەتلىك خوتۇن، لاياقەتلىك ئانا بولالىسام، مانا بۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە بىكار ئوقۇمىغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ.سىزنىڭچە مەن توغرا قىلىپتىمەنمۇ؟ئايال كىشى ئۈچۈن زادى خىزمەت ئەڭ مۇھىممۇ ياكى ئائىلىمۇ؟ سىزنىڭ ئالدىڭىزغا مۇشۇنداق بىر سۇئال تاشلىنىپ قالسا، ياكى مۇشۇنداق بىر تاللاشقا دۇچ كەپ قالسىڭىز  قايسىسىنى تاللايتتىڭىز؟ كۆپچىلىكنىڭ ئويلىغانلىرىنى دەپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئائىلەم مېنىڭ بارلىقىم.
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

كۆيۈمچان ئەزا

باھانىنىڭ كىرگى

UID
11749
يازما
81
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2601
تىزىملاتقان
2011-5-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-28
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 11:25:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن توغرا قىپىسىز سىىڭلىم   سىز ھەقىقى ئانا بولۇشقا لايىق ئىكەنسىز.
      ھازىر سىز ھۆكىمەتنىڭ سىياسەتلىرنى ئۇبدان تەھلىل قىلىپ باقسىڭىز ھەممە ئادەمنى ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرماقچى بولۋاتىدۇ.  ئىچكىرگە بىرىپ تەربىلەنمىسىڭىز مۇ سىز تەربىيلىنىپ بولغان، قاراپ تۇرۇڭ   ئىچكىردىكىلەر قايتىپ كەلگۇچە سىزمۇ باشقا خىزمەتكە ئىشىپ بولسىز ،   پايدىنى يەنلا سىز ئالسز خىزمەت   ئائىلنىڭ ئالدىدا ھىچنىمە ئەمەس
  رەھمەت سىزگە     مەسئۇلىيەتچان ئانا!

قىلچە باھانە كۆرسەتمەيمەن

UID
12329
يازما
40
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1270
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 11:38:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر يولدىشىڭىزنىڭ تاپاۋىتى تۇرمۇشىڭىزنى قامداشقا يەتسە...بارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ...ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ خالاش خالىماسلىقىدا. بالىڭىزنى ئۆزىڭىز باققان بولسىڭىز بەلكىم بالىڭىز سىزدىن ئايرىلغان كۈنلەردە سىزنى سېغىنىشى مۇمكىن بىراق خامۇش بولۇپ كېلىشى ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم ئەھۋال . بۇنى پەقەت ئۆزىڭىزىڭىزنىڭ قانداق ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا باغلىق.

UID
11134
يازما
72
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1902
تىزىملاتقان
2011-5-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-1
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 11:43:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تېما  قىزىق تېمىغا ئايلانغۇسى.
ناۋادا يولدىشىڭىزنىڭ كىرىمى  بىر ئائىلىنى قامداپ كىتەلىسە  ئىشلىمىگىنىڭىز تۈزۈك. بۇ پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ئىش، بەلكىم بۇنى دىن بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدىغانلارمۇ چىقىدۇ.
    يەنە بىر گەپ.ئائىلە ئايالى بولسىڭىز كۈنلىرىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىگە دۇچ كىلىسىز، بالىڭىز كىچىك ۋاقىتلاردىغۇ بالىڭىز بىلەن بولۇپ كۇنلەر بىلىنمەيدۇ، لېكىن بالىڭىز مەكتەپ يېشىغا يەتكەندىن باشلاپ سىز ئۆيدە يالغۇز قالىسىز، مۇشۇنداق چاغلاردا قانداق قىلىسىز ؟ ئادەم بىر خىل موھىتتا تۇرىۋەرسە روھى جەھەتتىن بۇرۇقتۇرما بولۇپ، كەيپىياتى نورمال بولماي قالىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇقسىڭىز ئۇنى قانداق ھەل قىلىسىز ؟
    بەلكىم سىز : كۈنلەرنى ئۈگۈنىش بىلەن، ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئۆتكۈزىمەن دەرسىز، ھەر بىر ئىش  بېشىڭىزغا كەلگەندە ئاندىن تەسىرىنى ككرسىتىدۇ، بۇنداق ئىشلار مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن، شۇڭا تۇرمۇشتا ھىس قىلغانلىرىمنى سۆزلەۋاتىمەن.

UID
2298
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 11:44:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ تاللشىڭىز ؛مۇنداق بىر نۇقتىنى تاللاشقا ئىلىپ بارىدۇ<<جەمىئيەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرامدۇ،ئائىلىمۇ>> دىگەن مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.چۇنكى ئائىلە جەمىئيەتنىڭ ھۆجەيرسىمۇ،ئەمەسمۇ.مۇشۇ نۇقتا ئايدڭلاشسسا سىزنىڭ تاللشىڭىزغا جاۋاپ ئۆزلىگىدىن چىقىدۇ.

ئاكتىپ ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
2154
يازما
1332
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
43066
تىزىملاتقان
2010-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-1
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 11:49:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ سىڭلىممۇ خوتەن سىفەن جۇئەنكىدا ئۇقۇغان بىراق خىزمەتنى كۈتمەيلا  توي قىلىپ بالاىلىق بولىۋالدى ،،ئىككى بالىنىڭ ئانىسى  شۇنداق مەسئۇلىيەتچان بىر ئانا بولدى ،،، ھەتتا مېنىڭ قىزلىرىمغىمۇ دىننى بىلىم ئۇگۇتىدۇ ،،،،  بىزمۇ ،،سىزنىڭ ئاتا -ئانىڭىزغا ئوخشاش ئۇقۇغىنىڭ بىكار كەتتى دەيمىز  ،،،بىراق ئۆزى  قىلچە  پۇشايمان قىلمايدۇ،،،
دائىم  :  ئاللاھنىڭ تەختىرى ماڭا شۇنداق ،،دەيدۇ ،،،

يەر شارىدا قالمىسا ئىنسان گەۋدىسى ،قالار شۇ كىشىنىڭ قول يازمىسى

دائىملىق ئەزا

قالقان سۇنسىمۇ ئ

UID
3892
يازما
789
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25552
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-31
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 12:11:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاللىشىڭىزنى توغرا دەپ قارىدىم. قىزلارنىڭ، ئاياللارنىڭ ئوقۇشى پەقەت پۇل ۋە خىزمەت ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بالىلارنى ياخشى تەربىيلەشتىكى ساپاغۇ ئاخىر.

ئەجدادنىڭ يىلتىزى، ئەۋلادنىڭ خەرىتىسى....

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
261
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8481
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 12:28:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
ئەگەر سىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ شۇنداق قىلغان بولسىڭىز ئاللا سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي .سىزگە دەيدىغان تەۋسىيەرىم بۇ تاللىشىڭىزدىن ھەرگىز يانماڭ . ياراتقان ئاللاھ ئىگەم ئەتىگىنى ئۇۋسىدىن چىقىپ كەچتە دانلاپ كىلدىغان قۇچقاچقىمۇ ئۆزرىسقىنى يەتكۈچۈپ بىرىدۇ . ئويلاپ بىقىڭ سىز ھەق يولغا قايتقان بولسىڭىز ، ئاللاھنىڭ تەۋھىدتىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولسىڭىز مەن ئۇنچە جىق چۈشەندۈرمىسەمۇ سىز ھىس قىلىپ بولدىڭىز !!! سىز ئەبەدى ئۆلمەيدىغان جەننەتكە ئىرشىش ئۈچۈن قانچە جاپا چەكسىڭىزمۇ ھىچقىسى يوق ، ئويلاپ باقمامسىز نەچچە مىڭ يۈەن پۇل تىپىش ئۈچۈن قانچىلىك جاچا چىكىمىز ... بىز جەننەتكە ئىرشىش ئۈچۈن قانچىلىك جاپا چىكىۋاتىمىز ...بەزىلەر دەيدۇ بۇنى دىنغا باغلاپ چۈشندۈرىدۇ دەپ توغرا دىنغا باغلاپ چۈشەندۈرمىسەك بولمايدۇ .شۇنداق دەيدىغانلارمۇ ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ يۇ ئەمەليەتتە ئۆز نەپسىنىڭ قۇلىغا ئايلانغىننى ئۆزىمۇ بىلمەي قالىدۇ . چۈنكى ئۇنداقلاردا ھەقىقى ئىمان يوق پەقەت نەقلى ئىمانلا بارخالاس . ھەركىم بۇدۇنيادا قىلچىلىك يامان ئىش قىلدىكەن شۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ قىلچىلىك ياخشى ئىش قىلدىكەن شۇنىڭ ساۋابىنى كۆرىىدۇ . سىز جاپا تارىتسىڭىز جىق بولسا 50يىل تارتارسىز لىكىن جەھەننەمگە چۈشۈپ قالسىڭىز مەڭگۈ ئازاپ تارتىسىز بۇدۇنيا ھەرقانچە جاپا تارىتسىڭىزمۇ يەنىلام كەچتە ئۇخلىيالايسىز ھەم بىرەر ۋاق بولسىمۇ تاماق يەلەيسىز ئۇدۇنيادىچۇ ... بىر دەقىقىمۇ ئارام ئالالماي قىينىلسىز .. سىزگە مۇھەممەت ئەلەيھى سالامنىڭ ھاياتى ناملىق كىتاپنى ئوقۇپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن .

تىرىشچان ئەزا

سزنىڭ خوشاللىقى

UID
9601
يازما
81
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
790
تىزىملاتقان
2011-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 12:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىقى ۋاقىتتا بۇ تاللىشىڭىز توغرا بۇلۇپتۇ . بىراق بۇ نى  ئۇزۇن مۇدداتىلىك پىلان قىلىشقا بۇلمايدۇ . بالىڭىز سەل چوڭ بۇلغاندا يەنىلا خىزمەت قىلىشىڭىز نى تەۋ سىيە  قىلىمەن ! بۇنداق بولغاندا جەمىيەت ، ئائىلە نىڭ ھەقىقى بىر ئەزاسىغا ئايلىناليسز !

UID
8594
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 13:05:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ۋاقىتتا شۇنداق قىلغىنىڭىز توغرا،لېكىن بالىنى يەسلىگە بېرىپ بولغاندىن كىيىن ئەڭ ياخشىسى خىزمەت قىلىڭ ،بالا تەربىلەش ئۈچۈنمۇ جەمىيەتنى چۈشەنمىسىڭىز بولمايدۇ ،يەنە بىرى سىزنىڭ بالىڭىزمۇ چوڭ بولغاندا باشقىلارغا ئوخشاش باياشاتراق ياشاشنى خالايدۇ شۇڭا ئىككى ئادەمنىڭ كىرىمى يەنىلا ئىككى ئادەمنىڭ كىرىمى بولىدۇ .لېكىن يەنىلا ئائىلە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان،ئۆزىڭىزگە قۇلايلىقراق خىزمەت تاپسىڭىز بولىدۇ .بۇ ئائىلىڭىزگە ،يولدىشىڭىزنى چۈشۈنىشىڭىزگىمۇ پايدىلىق.

ئاينۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش