ئىگىسى: yoruq

ئىقبال مىرزا شېئىرلىردىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 14:41:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىخزاد فەززەلددىن شېئىرلىرىدىن
ئاپتۇر 1983 -يىلى تۇغۇلغان
ئۆزبېكچىدىن  ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يورۇق

مەنسىزلىك

يۇلتۇزلىرى ئىچىكىپ قالدى ،
مەھزۇن ئىدى ئايسىز ئاسمىنىم .
سەنسىزلىككە كۆنۈپمۇ بولدۇم ،
قانداق ئىكەن، مەنسىزلىك جېنىم .

ئەنە كۆزۈم كۆزۈڭدىن ئۆتتى ،
قوي، يوشۇرما تىترەكلىرىڭنى .
خاتا قىلدىڭ ئۆزۈڭدىن ئۆتتى ،
چىشلەپسەنغۇ بارماقلىرىڭنى .

ئەمدى نۇرغا بىگانە يۈزۈڭ ،
قۇياشىڭنىڭ رەڭلىرى قېنى ؟
سىغىماپسەنغۇ ئۆزۈڭگە -ئۆزۈڭ ،
ھاياتىڭنىڭ تاڭلىرى قېنى ؟

يۈرۈگۈڭنىڭ يېرىمى يوق ئەمدى ،
مېنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىكەنسەن .
كېچىكىپ بۈلدىڭ،دېمىغىڭ سىندى،
يانغان غەمگە ،ئوتۇن ئىكەنسەن .

كېچىلىرىڭ ئۆزۈڭدىن غېرىپ ،
ئارمانلىرىڭ ئاسماندىن كاتتا .
يۈرۈكۈمگە تەمشىلىپ تۇرۇپ ،
يىغلايسەنغۇ بىرىنجى مەرتە .

ئۇخلاپ قالغان تۈنلەرنىڭ ھەققى ،
مېنىڭ ئورنۇم باشقا -بۆلەكمەن .
يىغلاپ قالغان تۈنلەرنىڭ ھەققى،
مەن بەرىبىر ساڭا كېرەكمەن .

ئايغا تەگمەڭ

نىمە قىلسام ئاينى باشقا يىغلاتمايسىز ،
نىمە قىلسام تىچ قويسىز ئاسمانلارنى ؟
نىمە قىلسام يۇلتۇزلارغا تاش ئاتمايسىز ،
نىمە قىلسام ئۆلتۇرمەيسىز رەيھانلارنى ؟

بىرگە ھەقنىڭ ئايۋانىغا باراردۇ -دەپ ،
قالىغاچلار قوللىرىمدىن تۇتۇپ ئۆلگەن .
ھەق بولمىسا پانا سوراپ برەرىدۇ- دەپ ،
ئايغىمدا كىيكچاقلار يېتىپ ئۆلگەن .

يامانلارغا پەسلىگىم يوق، ئەسلا لېكىن ،
گىياھلارنىڭ نەملىرىدىن قول سورايمەن .
ھېلى كەچمەس، ھېلى يەنە سۆيۈش مۇمكىن ،
مەن گۈللەرنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن يول سورايمەن .

نۇرغا قايتىڭ - چۈشلەرنىمۇ  كەتكۈزسىز ،
يەنە كۆكنىڭ تېچلىقىچۈن باشلاندى جەڭ .
بۇ كېتىشتە ئۆمرۈڭىزنى يۇتقۇزىسىز ،
ئۆزىڭىزگە شەپقەت قىلىڭ،ئايغا تەگمەڭ .

مېنىڭ ئۆمرۈم

بىر لەھزىدە ئاسمان مېنىڭكى ،
بىر لەھزىدە ياشاپ ئۆلەرمەن .
بىر لەھزىدە باسار غەم يۈكى ،
بىر لەھزىدە بوشاپ ئۆلەرمەن .

سۆز

مەن ئۇندىن ئۇيالدىم، ئۇندىن قورىقتىم ،
كۆڭلۈمنى تەرجىمە قىلالمىدى ئۇ .
ئايىغدىن قىرىقىدىم، باشتىن قىرىقىدىم ،
بەرىبىر مېنىڭكى بولالمىدى ئۇ .

ئۇندىن كېتەلمەيمەن،  ئۇندا قالمايمەن ،
تەقدىرىم ئۇ بىلەن شىرىكقۇ ئانا .
ئاڭا يېتەلمەيمەن ،لىكىن ھارمايمەن ،
بۇ دۇنيا سۆز بىلەن تىرىكقۇ ئانا .


قايغا بارارمەن

خىيالنىڭ ئوتىدا ئايغا بارارمەن ،
قۇشلار يېتەلمىگەن جايغا بارارمەن .
سەل ئۆتمەي بەرىبىر غۇلاپ تۈگەيمەن ،
ئاشۇ چاغ دەرىت بىلەن قايغا بارارمەن.


جاندىن ئۆتسە ...

تاققا چىقاي دىسەك قۇشلار قويمىسا ،
كۆزگە يوقاي دىسەك قۇشلار قويمىسا ،
ياشاشقىمۇ مانا باشلار قويمىسا ،
بىزگە ھەم ئاتالغان دۇنيا بارمۇ ؟

خۇدايىمنىڭ ھۆرلىرىدىن پەرقىڭىز يوق ،
كۆكسىڭىزگە يۇلتۇز تولۇپ تۇرغان دەمدە .
كۆزۈڭىزنى ئاچماسلىققا ھەققىڭىز يوق ،
يېنىڭىزدا ئادەم ئۆلۈپ تۇرغان دەمدە .

بۈگۈن يەنە غەملىرىمنى باشلاپ كەلدىم ،
مەن ئەبەدى دەرىتلەر بىلەن كەلسەم كېرەك .
يۈرۈكۈمنى ئاسمانلارغا تاشلاپ كەلدىم ،
ئۆزۈم ئەمدى تۇپراق بولۇپ قالسام كېرەك .

ئۆزگىلەرنىڭ بەختى ھەم دەپ يىغلاپ تۇرۇڭ ،
ئۆلمەيدىغان ناۋا ئېلىپ كىلىڭ ماڭا .
دەرتلىرمنىڭ داۋاسىنى قوياۋىرىڭ ،
ھازىر بولسا ھاۋا ئېلىپ كىلىڭ ماڭا .

ئاغرىقلىرىم خۇدايىمنىڭ بەرگىنى- دە ،
كۆكسۈم ئەمدى ئىككى دۇنيا بوش تۇرمايدۇ .
پىشانەمغا قۇياش تېگىپ تۇرغىنىدا ،
ئويغانمىسام تاڭلار مېنى كەچۈرمەيدۇ .
گەر يانمىسام كۈنلەر مېنى كەچۇرمەيدۇ .

كۆزۈڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭ يىغلاپ ئۆلەي

يالغۇزمەن، تەڭلىك بولۇپ پەرىشتىگە
جان رېشتنى جانىڭىزغا باغلاپ ئۆلەي .
ئىككىمىزنىڭ دەردى بىردۇر، مۇڭلۇققىنەم ،
كۆزىڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭ يىغلاپ ئۆلەي .

مەن بېشىمنى ئۇرمىغان بىر تاش قالمىدى ،
راسىت ئېيىتسام يۈرۈگىمدە داش قالمىدى ،
قۇرۇپ قالغان كىرپىكىمدە ياش قالمىدى ،
كۆزىڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭ يىغلاپ ئۆلەي .

ئۇزۇن -ئۇزۇن ئارمانلىرىم چىقىپ كەتسۇن ،
زەرداپلىرىم كۆز ياش بولۇپ ئېقىپ كەتسۇن ،
قەلبىمگە بىر قىزغەلداقلار(1) بېقىپ كەتسۇن ،
كۆزىڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭ يىغلاپ ئۆلەي .

مەن شەبنەممەن گۈل باغلارغا قونالمايمەن ،
يا گۈل بولۇپ تاش يۈرەككە ئۈنەلمەيمەن ،
كۆنەلمەيمەن، بۇ دەردىمگە كۆنەلمەيمەن ،
كۆزىڭىزنى بېرىپ تۇرۇڭ يىغلاپ ئۆلەي .

قۇزغۇنلارنىڭ قىلىقىدىن زارىم كەلدى ،
تاغدەك دىلغا نەپرەت دىگەن ئارىم كەلدى ،
ئۆزۈم بولۇپ يىغلالمايمەن، ئارىم كەلدى ،
كېلىڭ سىزنىڭ كۆزىڭىزدە يىغلاپ ئۆلەي .
جان رېشتىنى جانىڭىزغا باغلاپ ئۆلەي .

ئىزاھات :
قىزغەلداقلار(1) ياۋا ئەپۇيۇنگۇلنىڭ بىر تۈرى

ياشاشقا جاي بارمۇ ؟

لەھزىگە تەڭمۇ -تەڭ ئۇچۇپ بارىمەن ،
ئۆزىمدىن ، سۆزىمدىن چۆچۈپ بارىمەن .
زاۋال بولمايدىغان مەنزىلنى كۆرسەت ،
تومۇرلىرىم بىلەن كۆچۈپ بارىمەن .

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 14:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەد يۈسۈف شېئىرلىردىن تاللنما

/thread-10271-1-3.html

خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن تاللانما

/thread-10091-1-3.html


UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 14:51:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلارنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسقۇسى ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن تورداشلار ئۇچۇر قىلىپ مۇقىم بىر ئادىرىسقا توپلاپ رەتلەپ ئىلان قىلىپ قويۇشىمنى سورغاچقا بىر ئورۇنغا يىغىپ قويدۇم. باشقۇرغۇچىلار خەۋەردار بولۇپ قالسا.

-يورۇق

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 20:50:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇس شېئىرىيتىدىن تەرمىلەر

نىكولاي گۇمىلىيوۋ( رۇسىيە)
NIKOLAY GUMILYOV
(1886 - 1921)
رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: خۇرشىد دەۋران
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: يورۇق

فارىسچىغا نەزىرە

سۆزىڭ گۈلدۈر،سۆزلىرىڭ گۈلدۈر،
سۆزىڭ مارجان،سۆزلىرىڭ دۇردۇر.
يېرىتقۇچ ئېرۇر،مېنىڭ سۆزلىرىم،
چىشلىرى بار،شاخلىرى باردۇر.

سەنچۈن تەلۋە بولدۇم ئەي گۈزەل

مەڭزىلىرىڭ شىرازىي گۈلدەك،
ئۇلارنى دەپ يۈزلىرىم سولدى.
سېنىڭ تىللا ساچلىرىڭ ئۈچۈن،
تىللام ئادا،زەر ئادا بولدى.

خانە ۋەيران بولدۇم ئەي گۈزەل

نىگاھلىرىڭ فەرۇزە مەنەند،
يا قاق تۈندە يېقىلغان چىراق.
يەتتە كېچە-كۈندۈز بىدارمەن،
ئاستانەڭدىن كېتەلمەي يىراق.
كۆزۈم قانغا تولدى ئەي گۈزەل

سەن ئۆيىڭدىن چىقمايسەن،مەن ھەم،
مەيخانىدا ھەر شامۇ سەھەر.
سەن مەغرۇرسەن شۇ سەۋەپ ئەلەم،
قوللىرىمدا ئوينىتار خەنجەر.

ئەل مازاقلار مېنى ئەي گۈزەل

تاكى قۇياش،تاكى خۇدا بار،
بىركۈن ئاخىرى سەن بولىسەن يار.

سەجدىگاھتا قەسەميات ئېتەر

سەجدىگاھتا قەسەميات ئېتەر،
ھەقنى ئۆپۈپ تولۇپ خىيالغا.
«سادىق بولىمەن،ئۆلۈمگە قەدەر،
ئۇ نىگاھى ئايدەك ئايالغا»

لېكىن ئۇنتۇپ قالدى ئەھتىنى،
ئۆزگە يارلار دىلنى مەسىت ئەتتى.
بىر كۈن سۆيۈپ كەتتىلەر ئۇنى،
ۋە ئۇ جەننەت پايىگە يەتتى.

-سەن ئەمەسمۇ، بىر خىتاپ ياڭرار،
قەسەم ئىچىپ پاتقان خىيالغا.
«سادىق بولىمەن،ئۆلۈمگە قەدەر،
ئۇ نىگاھى ئايدەك ئايالغا»

يوقال كۆزدىن! ئەمدى جەنەتتىن،
سېنى قۇۋار كۆك ھۆكۈمرانى.
كىم قەسەمنى ئۇنۇتار ئىكەن،
ئۆلۈپ كېتەر كۆرمەي خۇدانى.

ئۇ بولسا جىم، غەمكىن تىز پۈكمەي،
شىۋىرلىدى تولۇپ خىيالغا :
«ئۇچىرمىغان بولسا مەن نىتەي،
ئۇ نىگاھى ئايدەك ئايالغا»

يۈسۈپ ماندىلىشتام( رۇسىيە)
OSIP MANDELSHTAM
(1881 - 1938)
رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: خۇرشىد دەۋران
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: يورۇق

ماۋزۇسىز
1
ئولتۇرىمىز خانىدا يالغۇز،
كېرىسىندىن تارقار خۇشبۇي ئىس.

ئوتتۇرىدا نان، ئۆتكۈر پىچاق،
گەر ئىستىسەڭ ياندۇرغىن چىراق.

يا بولمىسا بۇ قەۋەت-قەۋەت،
يىپنى ئېلىپ توقۇيلى سېۋەت.

چىقماق ئۈچۈن يولغا يىراققا،
بىزنى ھېچكىم تاپالماس ياققا.
2
سېنىڭ نازۇك بۇ يەلكەڭ قامچىلاردىن قىزىرار.
قامچىلاردىن قىزىرار، سوغۇقلاردا بوزىرار.

قوللۇڭ ئادا بولىدۇ، دەزمالنى كۆتەرمەكتىن،
دەزمالنى كۆتەرمەكتىن، ئارقانلارنى ئۆرىمكەكتىن.

تاپانلىرىڭ قانايدۇ، شېشىلارغا تىلىنىپ،
شېشىلارغا تىلىنىپ، تىكەنلەرگە شىلىنىپ.

مەنچۇ؟ سېنى دەپ، سېنى دەپ قارا شامدەك يانارمەن،
قارا شامدەك يانارمەن، قەسىمىمدىن تانارمەن...

داۋامى بار

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 20:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرلار ئۆزبېك تىلىنى يەنىمۇ بىر قەدەر ئۈگۈنش تونۇشۇش،ئۆزبېك تىلىدىكى بىر قىسىم شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن يوللاندى. تىجارەت ياكى باشقا مەقسەت يوق. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنۈشىنى، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش داۋامىدا ساقلانغان مەسىللەر بولسا ئەسلى نۇسقۇسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈستۈپ بېرىشنى،ياكى بىۋاسە ئەسلى نۇسقۇسىنى ئوقۇپ چىقىشنى تەۋەسىيە قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش