كۆرۈش: 4429|ئىنكاس: 14

ئىقبال مىرزا شېئىرلىردىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 16:06:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئىقبال مىرزا شېئىرلىردىن

( ئۆزبېكىستان)

-شائىر 1967-يىلى تۇغۇلغان

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: يورۇق

دادامنىڭ قەبىرىسى

 

قارا قىشتىن قۇتۇلماستىن تۇرۇپ ئادەم ،

قەۋىرىسدىن دادامنىڭ ئوت كۆكلەپ چىقتى.

نىمە قىلىپ يۈرگەندۇ دەپ بەڭۋاش بالام ،

بەلكى كۆڭلى تىنجىماستىن يوقلاپ چىقتى .

 

ئادەم بارمۇ بۇ مەنزىلگە كەلمەيدىغان ؟

ئادەم بارمۇ كېلىشىنى بىلمەيدىغان ؟

تىرىك ئادەم بارمۇ سېنى يوقلايدىغان ؟

دىگەن سۇئال مايسىلارنى چۇلغاپ چىقتى .

 

ئەل قاتارى ،نەسەھەتتىن بەزگنىم راس ،

ئۈمۈدىمنى ئۆزۈم چىشلەپ ئۈزگىنىم راس ،

قايدا بولماي بىر نىگاھنى سەزگىنىم راس ،

گۇنا قىلسام ئۆتكۈر نىگاھ تىڭلاپ چىقتى .

 

بەزەن قولۇم ،بەزەن بولسا سەبرىم يەتمەس ،

ھاياتىمنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۆمرۈم يەتمەس ،

ئانامنى ھەج قىلدۇرۇشقا قۇربىم يەتمەس ،

ھېيىت كۈنى يۈرەكلىرىم ئىڭراپ چىقتى .

 

يىللار ئۆتۈپ ،كىم چوڭ بولۇپ كىم قېرىدى ؟

كىمدىن نومۇس ، كىمدىن بولسا دەرت ئىرىدى ؟

ئاكىلارغا  تۆكەي  دەپ دىل غەملىرىمنى –

ئۆكسۈپ بارسام ئىشىگىدىن يىغلاپ چىقتى .

 

بىلدىم نىچۈن ئەل ئالدىغا ئاش قويۇمىز ؟

ياستۇقلارغا قاچانلىققا باش قويۇمىز ؟

كۆكلىمىسۇن دەپ ئۈستىگە تاش قويۇمىز ؟

مېنىڭ دادام قەبىرىسدىن ئوت كۆكلەپ چىقتى .


سۇنغان ئادەم

 

سۇنغان ئادەم تۇيغۇلىرى سۇنغان ئادەم ،

سۇنغان ئادەم قىسمەتلەرگە كۆنگەن ئادەم .

سۇنۇق كۈلۈپ ،سۇنۇققىنا كۆرىنىدۇ ،

كۈنى كۆرىدۇ ،ياشىمايدۇ سۇنۇق ئادەم .

 

يۈرىۋەردۇق دەيدۇ، ئەمدى ئوغۇل –قىز دەپ ،

قارا قازان يېنىدىكى قارا كۆز دەپ ،

مەن ھەمىشە يېنىڭدىمەن كەتتۇق دوسىت –دەپ ،

يەلكەڭگە قول تاشلىمايدۇ سۇنۇق ئادەم .

 

سەن كۆرمىگەن بىر خەۋىپنى كۆرۈپ قالغان،

قېچىپ كېتىپ ئۆزى ئىچىگە كىرىپ قالغان،

ئۆز جېنىنىڭ مازاسىنى بىلىپ قالغان ،

ساڭا جېنىم توشىمايدۇ سۇنۇق ئادەم .

 

كۆردۇم سۇنغان ئاپئاق شاخنى گۈلى بىلەن ،

ئىگەم شۇنداق ئوينار گاھى قۇلى بىلەن ،

گاھى ئۇرار بەندىسنىڭ قولى بىلەن ،

ئادەملەردىن خوش بولمايدۇ سۇنۇق ئادەم .

 

ئاڭا تەگمە ، سەندىن ئەيىپ ئىزدىمەيدۇ،

ئەيپىڭ بولسا باشقىلارغا بىلدىرمەيدۇ ،

سۇنغان ئادەم سۇنغانلارنى سۇندۇرمايدۇ ،

بىگانىغا ئوخشىمايدۇ سۇنۇق ئادەم .

خۇلاسە


ئىزسىز كەتتى مەن  چاقىرغان ئەنھارلىرىم ،

ئىزسىز كەتتى گۈكىرىگەن بورانلىرىم ،

كۆزلىرىمدىن كىرپىكسىمان تۆكۈلدىغۇ  ،

سۆيگەنلىرىم ،دىلبەرلىرىم ،دىلدارلىرىم .

سۆيدۈم يۇرىتنىڭ شەمشادىيۇ- ئارىچىسنى ،

سۆيدۈم ساينىڭ سېغنىشلىق چاقىرىشنى ،

ئالتە قىزنى سۆيگەن بولسام ئورنى باشقا ،

قىرىق بولسا قىلىقى باشقا بارچىسنىڭ !

مەن دەرەخمەن ياپرىقى بار ،يىلتىزى يوق ،

غازان قۇچقان تۇپراقتۇرمەن گۈلچىسى يوق ،

ئاسمان نۇرغۇن يۇلتۇزلارنى پەيدا قىلسا،

مۇنەججىممەن ماڭلىيىدا يۇلتۇزى يوق .

گاھى گۈلللەر چاچتى ماڭا كۈز -قىشلىرىم ،

گاھى گۈللەر  چاچتى  ماڭا تونۇش -بۈلىشلىرىم ،

بۈگۈن يالغۇز ئويلىنىمەن - ئۆرتىنىمەن ،

ئۇرمامدىكىن گۈزەللەرنى قارغىشلىرىم ؟

بۇ يوللىرىم ماڭا سەيلە - سەيلە ئىدى ،

سۆيگۈسىز كۈن ھەپتە ئىدى ، ئاي- يىل ئىدى ،

مەن قىزلارنى ئالداشنى كۆپ ئىستىمىگەن ،

قىزلار ئۆزى ئالدىنىشقا مايىل ئىدى .


ئاخشام

كېچە يۇلتۇزلىرنى ھىلال ئويغىتار ،

دەريا دولقۇنلىرنى شامال ئويغىتار .

نەدىسەن ، ئەي شامال ئېلىپ كەتكەن گۈل ؟

مېنى شۇ ئەلەملىك سۇئال ئويغىتار .

كېچە يۇلتۇزلىرىغا بېقىپ يىغلىدىم ،

دەريا دولقۇنلىرىدا ئېقىپ يىغىلىدىم .

مەنمۇ ھەم دەريا بولدۇم ،كەلكۈن بولدۇم ،

يۈرىگىم ئەلەمدە قېقىلىپ يىغلىدىم .

تەقدىرگە تەن بەردىم ،شۈكۈرلەر ئېيىتتىم ،

تۇپراققا ئايلىنىپ تۇپراققا قايىتتىم .

ۋە لېكىن ئېقىپ كەتتى ئاساۋ يۈرىكىم ،

كېچە يۇلتۇزلىرى چاقنىغان پەيتىم .

كېچە يۇلتۇزلىرنى ھىلال ئويغىتار ،

دەريا دولقۇنلىرنى شامال ئويغىتار .

سېنى چۈشلىرىمدە كۆرۈپ توۋلىسام ،

مېنى بىر بىگانە ئايال ئويغىتار


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 20:36:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

 

ئىقبال مىرزا

 

( ئۆزبېكىستان)


ئانا ئىلتىجاسى

 

ئات چاپتۇرۇپ چىقىتىڭ ئۆيۈڭدىن ،

ئات چاپتۇرۇپ قايىتقىن ئىلاھىم .

قولۇڭدىكى چۇلۋۇرۇڭ كەبى ،

ئەركىڭ بولسۇن قولۇڭدا داھىم .

 

مەيلى مېنى ئويلىما بالام ،

تاپقىنىڭنى سەرىپ قىل ئۆزۈڭگە .

قارام بولما لىكىن بىراۋغا ،

نەم تەگمىسۇن ھەرگىز تىزىڭگە .

 

ئۇلۇغلاپ پەلۋىنىم دەيمۇ ؟

ھارغىنمدا دەرمىنىم دەيمۇ ؟

شامال كەبى ئىتتىك بارىسەن ،

يىراقتىكى ئاسمىنىم دەيمۇ ؟

 

ئاسمىنىڭنى ئېلىپ قايىت بالام ،

قەپ قالمىغىن ئاسمان ۋەسلىدە .

ئاتاڭ قۇرغان بۇ كىچىك ھوجرا ،

ئاسماندىمۇ كەڭرى ئەسلىدە .

 

ئات چاپتۇرۇپ چىقىتىڭ ئۆيۈڭدىن ،

ئات چاپتۇرۇپ قايىتقىن ئىلاھىم .

قولۇڭدىكى چۇلۋۇرۇڭ كەبى ،

ئەركىڭ بولسۇن قولۇڭدا داھىم .

 

 

مۇناجات

 

مەن زەبۇنمەن تۈن  قوينىدا قارا تۈنمەن

تۈن باغرىمغا زىيالارنى كىمدىن سوراي ؟

ئۆزۈم يەرمەن ، ئۆزۈم ساما مەن ئۈچۈنمەن ،

ئۆزدىن ئۆزگە دۇنيالارنى كىمدىن سوراي ؟

 

ئىشقىم بەربات بولدى ئاۋات شەھەرلەردە ،

بارچە كۈلدى مەن يىغىلىدىم باھارلەردە ،

يۈرەك شەبنەم بولغان ئاۋات شەھەرلەردە ،

ئاسىمنىمغا زۆھرەلەرنى كىمدىن سوراي ؟

 

كۆكتىن سورا خىيالمنىڭ ھۆرلىرنى ،

يەردىن سورا پىشانەمنىڭ شورلىرنى ،

مەندىن سورا سەن دەرىتلەرنىڭ تۈرلىرنى ،

مەن دەردىمگە داۋالارنى كىمدىن سوراي ؟

 

سەن تۈنلىرى يادلاشلارنى مەندىن سورا ،

خاتالىقنى سەۋدالارنى مەندىن سورا ،

سەن كۆزۈڭگە زىيالارنى مەندىن سورا ،

مەن كۆكسۈمگە ھاۋالارنى كىمدىن سوراي ؟

 

نىتەي، باردۇر بۇ تاغلارنىڭ ئاراسىدا ،

ئاياغ ئىزى يۈرۉگۈمنىڭ ياراسىدا ،

شەپقەت يوقتۇر ئۇ كۆزلەرنىڭ قاراسىدا ،

ئوق مىھىرلىك قارالارنى كىمدىن سوراي ؟

 

مەلەك سېنىڭ مەلەكلىكىڭ يالغان ئىكەن ،

پەلەك سېنىڭ پەلەكلىرىڭ يالغان ئىكەن ،

يۈرەك سېنىڭ يۈرەكلىرىڭ يالغان ئىكەن ،

ساڭا باشقا سامالارنى كىمدىن سوراي ؟

 

مەن كۆزۈمدىن ياش ئېقىتىپ يىغلاي دوسلار ،

كۆكسىڭىزگە باشلار ئېتىپ يىغلاي دوسلار ،

تاش باغرىمغا تاشلار ئېتىپ يىغلاي دوسىلار ،

 

يوقاتمىشىم خۇدالارنى كىمدىن سوراي ؟

 

يۈرەكلىكرەك ناۋا ئىستە نىدالار قىل ،

يا ناۋاسىز جەڭنامنى ئادالار قىل ،

سورا ،يەتتى ئىقلىملارغا سادالار قىل،

مەن ئۆمرۈمگە ناۋالارنى كىمدىن سوراي ؟


UID
2272
يازما
294
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
9534
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 12:23:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدىگەن ئېسىل يېزىلغان شئىرلار بۇ ..... بۇ شائىرنىڭ شئىر توپلىمى بارمىدۇ ؟

دۇنياغا ھەممىمىز  ئارتىس !

UID
5684
يازما
203
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5454
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
42 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 15:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا نەك ياخشى شئىرلاركەن.................

UID
11103
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
93
تىزىملاتقان
2011-5-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-19
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 19:20:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ تەرجىمالى بولغان بولسا بولاتتى،،،،،،،،،،،،،،،

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 16:24:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقبال مىرزا
(ئۆزبېكىستان)

مەن سۆيۈمەن

مەن سۆيۈمەن شىۋىرلار ئايال،
كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بېرىمەن
دەزماللايمەن كۆينەكلىرىڭنى،
سېنى قۇچقان قوللىرىم بىلەن.

پەقەت بىر كۈن يېنىدا يېتىپ،
جىملايغانچە شىۋىرلارسەن بەس؛
يۈرىگىمنىڭ ئاستىدا كىمدۇر
خۇددى سەندەك ئالماقتا نەپەس...

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 16:54:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىقبال مىرزا


  


( ئۆزبېكىستان)

تىلەك جۆرەنىڭ« ئانا ئىلتىجاسى» دىگەن شېئىرى ئىقبال مىرزا نامىدا ئىلان قىلىنىپ كېتىپتۇ.تورداشلارنىڭ توغۇرلاپ ئوقۇشىنى سورايمەن.






UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 14:29:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمان ئەزىم شېئىرلىردىن تاللانما
( ئۆزبېكىستان)

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: يورۇق

تەسۋىر
كۆزۈڭ قارا سېنىڭ، قاشلىرىڭ  قارا،
يۈزلىرىڭ  ئاق سېنىڭ، كۈلۈشلىرىڭ ئاق.
قولۇڭدىكى تەنە  تاشلىرىڭ  قارا،
ماڭا  غەمكىن بېقىپ تۇرۇشلىرىڭ  ئاق.
ئۇنتۇشىڭ قارا، ھىجرانىڭ  قارا،
سېغىنشىڭ ئاپئاقتۇر، خەتلىرىڭ  ئاپئاق.
قارادۇر يۈرىگىڭ  ئاق-مىھىر  ئارا،
ماڭا  تاشلاپ كەتكەن دەردلىرىڭ  ئاپئاق.
شام ۋە سەھەردىكى ۋاقتىمدۇر  قارا،
سېنى دەپ تۆككەن ياشلىرىم ئاپئاق.
سېنىڭ ھەم مېنىڭ ھەم بەختىمدۇر  قارا،
ئوتتۇز تۆت يېشىمدا چاچلىرىم ئاپئاق.
ئىشەن يۈرەك ئاقتۇر،قارادۇر تەقدىر،
ئاق-قارا بوياقلار بىزنىڭ باغلاردا.
مەن مىليون بوياقنى بىلەتتىم ئاخىر،
ئىككىمىز بەختىيار بولغان چاغلاردا.

بىكار، يالغان

بىكار، يالغان پاتمىغان،
مۇھەببەتنىڭ قۇياشى.
تۈن كەلدى! دەپ دادلىغان،
بىۋاپالار كۆز ياشى.
مەن بارىمەن،بۇ جېنىم-
سېنىڭكىدۇر... ئۆكسىمە.
تۈندىن قورىقما، ئاق تاڭنىڭ،
بىر پارچىسى كۆكسىمدە...

ئەمدى شېئىر يازمايمەن

ئەمدى شېئىر يازمايمەن،ئاڭا بېغىشلاپ،
ئەمدى خىيالمىنى ئويلاپ يىغلايمەن.
ئانا، قارلىق كېچە ئاپئاق پەرىشتە،
بۆسىلەر ئالماقتا ئەزىز ماڭلايدىن.

ئەمدى ھەم مەكتۇبلەر پۈتمەيمەن تامام!
زەنجىربەنت قىلىمەن تەلۋە قايغۇمنى.
ئانا، قارلىق كېچە قۇتۇرغان شەيتان،
ئېلىپ كەتمەكتەدۇر قۇچاغلاپ ئۇنى.

نىھايەت، قاچانلىققا چىقىدۇ قۇياش،
نۇرغا ئورىلىپ بۇ سوغۇق دۇنيا؟
ئەمدى بۇ ھاياتتا بېرىمەن بەرداش،
ئەمدى بۇ ھاياتىم مېنىڭكى تەنھا.

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال

سەن ئۇخلايسەن
دەرىزەڭگە چۈشكەن ئاي نۇرى
سۈرۈلۈپ
سۈرۈلۈپ
كۆرپەڭگە يېتەر.

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال،
ئاي نۇرىغا ئورۇنۇپ ئۇخلا،
ئاي نۇرىنى قۇچاغلاپ ئۇخلا،
مېنى سۆيگەن لەۋلىرىڭ بىلەن
ئاي نۇرىنى  بېسىپ ئۇخلىغىن...

بارالمايمەن...يۈرىكىم قارا تاش،
ئېيتە، قاچان قۇچۇمىز ۋىسال؟
قانداق ئاي نۇرىغا ئايلانسا بولار
ئېيتە، قاچان سۇنغان قوللىرىم
قارا چېچىڭنى سىلاپ تىترگەي...

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال،
ئۆمرىم كەتسە  مەيلىتى ساڭا،
ئاي نۇرىغا ئايلانماق ئۈچۈن...

خەيرلەشمەك كېرەك

خەيىرلەشمەك كېرەك سەن بىلەن،
كۆڭۈللەرنى ئۈزمەكلىك كېرەك.
كەچمەك كېرەك غېرىپ ئۈمىدىتىن،
دۇنيالارنى بۇزماقلىق كېرەك.
باشقىلارغا بەرمەكلىك كېرەك،
كۈزگى ئاخشام چاقچاقلىرىنى.
ئەمدى مەيۇس تەرمەكلىك كېرەك،
سۆيگۈزمىزنىڭ ياپراقلىرىنى.
بىزگە دوزاخ ۋەدىلەر ئېتىپ،
ئۈستىمىزدىن جىم باقار خۇدا.
سېنى ساقلاي،سۆيگۈدىن تېنىپ،
ئىشقىم بىلەن سەن بولما ئادا.
ئەجەپ شىرىن بۇ كۈز ئاخشىمى،
لەۋلىرىڭدە چاقچاق كالاملا.
-مەن دوزاقتىن قورىقمايمەن جېنىم،
دوزاقتىمەن ئاللا قاچانلا...

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 14:33:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرزا كەنجبېك شېئىرلىردىن تاللانما
ئۆزبېكچىدىن  ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يورۇق

سالام بولسۇن

بۇ دۇنيادىن كېتەر بولدۇق،
قالغانلارغا سالام بولسۇن.
بىزنىڭ ئۈچۈن ئىزگۈ دۇئا،
قىلغانلارغا سالام بولسۇن.

ئەجەل پۈكەر بېلىمىزنى،
سۆزلەتمەستىن تىلىمىزنى،
بىمار ئىدۇق، ھالىمىزنى،
سورىغانلارغا سالام بولسۇن.

تېنىڭ  ئوچۇق ئېچىلغايدۇر،
ياقىسىز تون پىچىلغايدۇر،
بىزنى سۆيگەن بىر ۋەج بىلەن،
يۇيغانلارغا سالام بولسۇن.

ئەزرائىل بىر كۈن ئالىدۇ جان،
تومۇرىمىزدا قۇرۇيدۇ قان،
تېنىمىزغا يېيىپ كېپەن،
يۈرگەنلەرگە سالام بولسۇن.

كېتەر بولدۇق ئەمدى دوسىتلار،
تۈگۈلگەندە قانلىق مۇشلار،
ناماز ئۈچۈن ئۈستىمىزدە،
تۇرغانلارغا سالام بولسۇن.

بۇندىن ھەركىم كەتمەي نىتەر،
بارسا كەلمەس يولغا كېتەر،
ھالىمىزدىن ئۇچۇر-خەۋەر،
ئالغانلارغا سالام بولسۇن.

مىسكىن يۇنۇس سۆزلەر سۆزى،
قانلىق ياشقا تولۇپ كۆزى،
بىلمىگەنلەر بىلسۇن بىزنى،
بىلگەنلەرگە سالام بولسۇن.

كەلدىم

مەن بىر ئەجەپ ھالدا كەلدىم،
ھېچكىم ھالىم بىلمەس مېنىڭ.
مەن سويلايمەن،مەن تىڭلايمەن،
ھېچكىم تىلىم بىلمەس مېنىڭ.

مېنىڭ تىلىم قۇش تىلىدۇر،
مېنىڭ قولۇم دوسىت قولىدۇر،
مەن بۇلبۇلمەن، دوسىت گۈلۈمدۇر،
بىلىڭ،گۈلۈم سولماس مېنىڭ.

ئۇ دوسىت مېنى كەلسۇن دەيمىش ،
سۇندۇم قەدەھ، ئالسۇن دەيمىش ،
ئالدىم قەدەھ، ئىچىپ شاراپ ،
ئەمدى كۆڭلىم ئۆلمەس مېنىڭ。

نە تۇرىم بار، نە تۇرارىم،
ھېچ بىر يەردە يوق قارارىم،
ھەققە مۇناجات قىلماق ئۈچۇن،
مۇقىم يېرىم بولماس مېنىڭ.

سور تۇرغىنىم، يەرمۇ مەندىن،
كۆرۈستەرمەن كەلسەڭ ساڭا.
بىر زەرىچە ھەقتىن قاچسام،
كۆزۈم ھېچ يەر كۆرمەس مېنىڭ.

تۇر تېغىدا بىر تەجەللى،
كۆر مۇسانى نىمە قىلدى ؟
يۇنۇس ئېيتار:ھەق ئالدىدا،
سۆزۈم يەردە قالماس مېنىڭ.

مۇناجات

مەن زەبۇنمەن، تۈن قوينىدا قارا تۈنمەن،
تۈن باغرىمغا زىيالارنى كىمدىن سوراي ؟
ئۆزۈم كۆكمەن، ئۆزۈم يەرمەن،ئۆزۈم ئۈچۈن،
ئۆزدىن ئۆزگە دۇنيالارنى كىمدىن سوراي ؟

ئىشقىم بەرباد بولدى ئاۋات شەھەرلەردە،
بارچە كۈلدى مەن يىغلىدىم باھارلەردە،
شەبنەم بولۇپ يۈرەك تامغان سەھەرلەردە،
ئاسمىنىمغا زۆھرەلەرنى كىمدىن سوراي ؟

كۆكتىن سورا خىيالمنىڭ  ھۆرلىرىنى،
يەردىن سورا پىشانەمنىڭ شورلىرىنى،
مەندىن سورا سەن دەرىتلەرنىڭ تۈرلىرنى،
مەن دەرىدىمگە داۋالارنى كىمدىن سوراي ؟

سەن تۈنلەرنى، يالدالارنى مەندىن سورا،
گۇناھلارنى، سەۋدالارنى مەندىن سورا،
سەن كۆزۈڭگە زىيالارنى مەندىن  سورا،
مەن كۆكسىمگە ھاۋالارنى كىمدىن سوراي ؟

نىتەي، باردۇر بۇ تاغلارنىڭ  ئارىسىدا،
ئاياغ ئىزى- يۈرۈگىمنىڭ –يارىسىدا،
شەپقەت يوقتۇر ئۇ كۆزلەرنىڭ قارىسىدا،
ئاق مىھىرلىك قارالارنى كىمدىن سوراي؟

مەلەك سېنىڭ مەلەكلىگىڭ يالغان ئىكەن،
پەلەك سېنىڭ پەلەكلىگىڭ يالغان ئىكەن،
يۈرەك سېنىڭ يۈرەكلىگىڭ يالغان ئىكەن،
ساڭا باشقا سامالارنى كىمدىن سوراي ؟

مەن كۆزۈمدىن ياشلار تۆكۈپ يىغلاي دوسىتلار،
كۆكسىڭىزگە باشلار  ئېتىپ  يىغلاي دوسىتلار،
تاش باغرىمغا تاشلار  ئېتىپ يىغلاي دوسىتلار،
يوقاتمىشىم خۇدالارنى كىمدىن  سوراي ؟

ئاھ ! يۈرۈگۈم ناۋا ئىستە،نىدالار قىل،
يا  ناۋاسىز  جەڭنامىلەر  ئادالار  قىل،
سوراپ يەتتى ئىقلىملەرغا  سادالار قىل،
مەن ئۆمرۈمگە ناۋالارنى كىمدىن  سوراي؟

UID
9772
يازما
98
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
2759
تىزىملاتقان
2011-2-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 14:36:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاۋكەت راھمان شېئىرلىردىن

ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: يورۇق

خىرگاھى

ھەمىمىز قۇياشتا كۆيگەن تېرىمىز
قاچان تىز چۆكىۋىدۇق، ئۆچتى ئىزىمىز.
سىقىراپ ئاغرىيدۇ ئىششىق تىزىمىز،
ئورنىدىن ئازراقلا تۇرساق مەيلىمۇ؟
ئۆتكەنلەر بەگدۇر-بەگ، قالغان جاۋدىرار،
بوينىدا كۆرۈنمەس گۈللەر شالدىرار،
مېھنەتتىن يېرىلغان قوللار قالىترار،
ئۆزبېگىم يېرىدە يۈرسەك مەيلىمۇ؟
شاماللار گۈللەرمىش ئازات تاڭلاردا،
ئازاتلىق ئاۋازى سولۇ-ئوڭلاردا.
ئاتىلار قىينىلىپ تىككەن باغلاردا،
ئېغىناپ بىر خىيال سۈرسەك مەيلىمۇ؟
نەچچە مىڭ ئەللامە ئەجداتلار ئۆلگەن،
تەپەككۇر سېسىپ،
روھلىرى چىرىگەن،
ئۇرۇقلار ئاينىغان تاپ-تاقىر چۆلدە،
ئۆزبېگىم دۆلىتىن قۇرساق مەيلىمۇ؟
يۈز ئەللىك يىل ئۆتتى، مانا شۇ ھالەت،
ھېلىھەم داۋام ئېتەر مەككار تىجارەت.
بىلمىدىم، نەدە كەلدى ئۇشىبۇ ھالەت،
نىمىشقا بولمايسىز بىر ئاز خىجالەت؟

نىمىشقا سورايمەن سىزدىن ئىجازەت ؟
ئىزاھ ؛ خىرگاھى، تۆۋەن ،پەس،ئاۋاز دىگەن مەنىدە

ئەمدى جىم تۇراسىز

ئەمدى جىم تۇراسىز
پەقەت ئىلاج يوق،
دۇنيا ئۆزگەرمىدى سىز ئېيىتقان سۆزدىن.
سىز قۇرغان قەسىرلەر ۋەيرانە بولدى،
ئەخلەتكە لىق تولدى سىز ئاققان ئەزىم.

ئەمدى جىم تۇرارسىز
ئاخىر بىلىمەن،
ئەمما ھەركىمگە تەقدىر نېسىپتۇر.
بىلمەكچى بولسىڭىز ئەگەر شائىرلىق-
جاسارەت سۆزىنىڭ تەرجىمىسدۇر.

ئەمدى جىم تۇرارسىز
سىز ئاڭلاڭ ئەلنى،
ئەل ئەسلا دىمەيدۇ،زاغلار كۈيلىسۇن.
ئەمدى كەڭلىكلەردە ھەق سورىماستىن،
يەرنى بىزەپ ياتقان باغلار كۈيلىسۇن.
كۈيلىسۇن
كەلدى–دە كۈيلەشنىڭ پەيتى،
كۈيلىسۇن مەڭگۈلۈك قوشىقلىرىنى.
بۇزسۇن-دە سىز كەبى ئەقلى قىسقىلار،
خەتەرسىرەپ تۇرغان توسىقلىرىنى.

ئانا... قۇلاق سېلىڭ...
ئاڭلاۋاتامسىز،
كۈيلەر شائىر شامال،كۈيلەر شائىر قار.
شائىر قاراڭغۇلۇق،شائىر تاڭلاردا،
شائىر دەريانىڭ شولىلىرى بار.

ۋەتەن

ھېلىغىچە بىر ئىشنى دورىيالمىدىم،
ھېلىغىچە بىراۋنى قىلمىدىم رازى.
بىھۇدە ئۆتۈپتۇ گۈزەل ئۆمرۈمنىڭ،
قانچىلىك چىرايلىق باھارى-يازى.

بەخىتنى پەقەتلا ئۇنتۇپلا قالدىم،
باغرىمغا چېقىنلار تەگدى دەفئەتەن.
سېنىڭدىن ئۇلۇغراق نەرسە يوقلىقىنى،
چېچىم ئاقارغاندا ئاڭلىدىم ۋەتەن.
كېچىكىپ ئاڭلىدىم
نىچۈن كېچىكىپ،
ئاڭلىسام بى ئەقىل ئوتتۇز يىل ئاۋال،
بى ئەقىل تۇغۇلماي تۇرۇپ ئاڭلىسام،
كۆرگەن بولارمىدىم سېنى مۇكەممەل.
ھېلىھەم ئۇلۇغ ۋەتەن بولمىقىڭ ئۈچۈن،
ئاۋازى تاشلارنى يارار كۈيچىلەر.
قانچىلاپ سېھرىگەر شائىرلار كېرەك،
قانچىلاپ بىلىم كېرەك
قانچە كۈچ –چىدام.
ئۆمرۈم كوچىلەردەك جىمجىت،شىددەتلىك،
چوڭراق بىر تىناي دەيمەن بىر كۈنى بىمالال.
ياخشى ئادەم بولۇشقا قىلىدۇ كەملىك،
خېلىلا كەملىك قىلىدۇ ياشىماق ھالال.
بەكمۇ كېچىكىپ ئاڭلىدىم سېنى،
چېقىنلار يوق قىلسا مېنى دەفئەتەن،
ئېيىت قانداق چىدايمەن بۇنداق خورلىققا،
ئېيىت قانداق ياتىمەن باغرىڭدا ۋەتەن؟!

ئىزاھ : دەفئەتەن - تۇيۇقسىز،بىردىن،ئۇشتۇمتۇت دىگەن مەنىدە

تەرىقەت

دۇنياغا سىغمىدىم
سىغمىدى دۇنيا،
غۇربەتتىن تارايغان تەبىئىتىمگە.
قاپ-قارا چېچەكتەك چېچىلغان ھۇليا،
ئەجداتلار كۆمۈلگەن تەرەققىتىمگە.
يىقىتسا شۇ يولدا تەقدىر يىقىتسۇن
مەيلىلا
چېچەكلەر قاپ-قارا بولسۇن.
خۇداھىم بەرگەن ھۆرلىگىم ياخشى،
قۇرۇتلىغان ئېستەكلەر سۇنسۇن!
پىچىلغان قۇللارنىڭ
قۇلزادەلارنىڭ،
مەلەك سىماھلىرنى ئويناتقان دۇنيا.
يارالغان لەھزىدىن ھۆر ئادەملەرنى،
ئىبلىسلاردا تىلىدا سويلاتقان دۇنيا.
چىرايلىق چۆچەكلەر مەنزىلىدۇر ئۇ،
مېغىزى قايغۇدىن،پوستى زەھەردىن.
سارغىيار ئېچىلماي تۇرۇپ قىزىلگۈل،
تۇپرىقى سۈكۈتتە قۇسقان زەھەردىن.
چايقىلار جاھالەت ئوچاقلىرىدا
نەچچە مىڭ مەشرەب
مەنسۇرى –ھەللاج،
بارغانچە يۈكسلەر يول بويلىرىدا.
ئادىمىزات قېنىغا تويمىغان جاللات،
تاكەي بۇ ئىبلىسلىق
تاكەي بۇ يالغان،
تاكەي تىغ كۆتۈرەر قارا گورۇھلار.
تاكەي ياتىدۇ غېرىپ  ئالامان،
ئىچىگە تىرىك كۆمۈلگەن روھلار.
خەنجەردەك روھ كېرەك
كېرەك چىن ياغدۇ،
چىن ئىشىق يالقۇنى باغرىمغا تولسۇن.
جىسمىمنى ئاغرىتسۇن پەقەت چىن ئاغرىق،
چېچەكلەر قاپ-قارا بولسىمۇ- بولسۇن.
باغرى كەڭ خۇداھىم
كەچۈرۈم قىلار،
يىقىلسام يەتمەي ئۇ ھەقىقىتىمگە.
كۆمۈلسەم كۆمۈلەي ئۆلىمى گۈزەل،
ئەجداتلار كۆمۈلگەن تەرىقىتىمگە..

كەل يوشۇرۇپ قوياي مەن سېنى

كەل يوشۇرۇپ قوياي مەن سېنى،
يۈرىكمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە.
كىيىن سەنمۇ يوشۇرغىن مېنى،
يۈرىكىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە.

تاپالمىسۇن بىزلەرنى بىراۋ

ئەگەر

تۆھمەتتىن يىقىلسا ئەگەر بىر دوستۇم،
مەن بولسام خىلۋەتتە مۆكۈنۈپ ياتسام.
بۇمۇ يەتمىگەندەك كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي،
پاكمەن دەپ ئويناقلاپ خاتىرە ساتسام.

ياق بولماس
ياشايتىم، بېشىمنى ئىگىپ،
يۈرەتتىم بىر ئۆمۈر يۇرت-يۇرتمۇ كېزىپ.
ئادىمزات كۆزىگە تىك قارالماستىن،
كۆكسىمگە  ئېسىلغان بولاتتى بېشىم.
ياق،ياق،ياق
ئەلۋەتتە، بىرگە بولاتتىم،
دوزاق مالايلىرى ئىشقا چۈشكەن چاغ.
دوستۇمغا يانمۇ-يان تۇرۇپ، ئۆلەتتىم،
ئېھتىمال ئۆلەتتىم ئۇندىن ئالدىنراق...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش