ئىگىسى: chvmvle

ئەنگىلىيىنىڭ ئىسلام ئەللىرىنى پارچىلاشتىكى سۈيقەستلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4211
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
309
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 21:16:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 9قەۋەتتىكىcoffe يوللىغان 2011-06-11 19:45 غا قارتىلغان :


پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن ، ئەرەب ئىستىلاچىلىرى ئوتتۇرائاسىيانى ئىشغال قىلغاندا بىر قىتىملىق قەتلىئامدا 50 نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلگەن .بۇ سان< مىڭ يىل بۇرۇنقى نوپۇسۋە يۇرتلارنىڭ نوپۇسى ئۆلچىمى  بويچە  قارىغاندا ئادەمنى چۆچىتىدۇ> دەپ يازىدۇ بارتولىد
ھېچقانداق سىياسى ئويۇن مەنپەئەتسىز بولمايدۇ. دىن ئۈچۈن دەپ جار سالسىمۇ، يەنىلا  مەنپەتنى چىقىش قىلغان بولىدۇ. سىياسىنىڭ رەزىلىكى ۋە ئۇلۇغلىقى دەل موشۇ يېڭىش يېىلىش ئىچىدە

ئاۋۇ  بارتولىد ئاشۇ ئۆلگەنلەرنى كۇمۇپ قۇيۇپتىكەنما ھەجەپ ئىنىق بىلىدىكەن ساننى. دىن بىلەن سىياسى ئىككى ئىش.

UID
4211
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
309
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-11 21:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقا خىرومدا  chromeئىنكاس يازغىلى بولمايدۇ؟
تەڭشىمىگەنما  نىمىشقا chrome ۋە Firefox قوللايدىغان قىلىپ قويمايسىلەر؟

كۆيۈمچان ئەزا

دوستۇڭ دوستۇمدۇ

UID
2418
يازما
289
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
9649
تىزىملاتقان
2010-6-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-12 13:04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزەك بولماسلىق ئۈچۈن كۈچلۈكلەردىن بۇلۇش كېرەك .

UID
12072
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
290
تىزىملاتقان
2011-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-13 18:12:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇشنى دىنغا چېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، بەلكى ئەسلى مەنبەسى مەنپەئەتتۇر!
بۇنى ھازىر كىچىك بالىمۇ بىلىپ بولدى، چۈنكى كەمبەغەلنىڭ ئۆيىدە جىدەل قۇرىمىغاندەك، مەلۇم رايۇندا مەنپەئەت تۇقۇنىشى شەكىللەنسە شۇ يەردە زىددىيەت ھەتتا ئۇرۇش كىلىپ چىقىدۇ، بۇنى سىياسىيۇنلار دىن بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ ياكى باشقا بىرچاپان كەيدۈرۈپلا ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ، نادانلار سەكرەپ چىقىپ زىياننى خەلق تارتىدۇ.......

UID
12213
يازما
57
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1858
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-5
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 18:43:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ نىمە دىگەنبىلەن    ئىسىتىلاچىلىق     غەرىپلىكلەرنىڭ  قان _ قىنىغا سىڭىپ كەتكەن ھەققىقەت

تارىخ ھەممىگە گۇۋاھچىدۇر

تىرىشچان ئەزا

نېمە دېسەڭ دە، ق

UID
7445
يازما
28
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
898
تىزىملاتقان
2010-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 11:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 4قەۋەتتىكىkoktash يوللىغان 2011-06-10 10:05 غا قارتىلغان :
بۇلارنى سۇيقەست دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ.
بۇ پەقەت بىر ئۇرۇش، بىر رايون يەنە بىر رايوننى ئىستېلا قىلىشى ھېساپلىنىدۇ. ئەرەبلەرمۇ قەدىمدە نۇرغۇن رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، پۈتۈن ئەرەب رايونىدىن باشقا، پارس، شىمالىي ئافرىقا ۋە شەرقىي ئافرىقا رايونلىرىنى بېسىۋالغانلىقىنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىمىز؟
ئەلۋەتتە، ئەرەبلەرمۇ ئۇ رايونلارغا دوستانە ھالەتتە كەلگىنى يوق، بەلكى قېلىچنى يالىڭاچلىتىپ كەلگەن.
ئەنگلىيە جاھان سوراۋاتقان مەزگىللەردە، ئومان دۆلىتى ھىندى ئوكياندىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىدى. ئەنگلىيەلەر ئومانغا چېقىلالمىغان. چۈنكى ئۇلار كۈچلۈكتە.
جاھان سوراشنىڭ قائىدىسى شۇ.  بۇ دىن بىلەن كۆپ مۇناسىۋەت باشلىمايدۇ، بەلكى باشتىن -ئاياق مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇپ كېلىدۇ. 1980-يىلى، ئىران بىلەن ئىراق ئۇرۇشقاندىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان ئاتاپ، ئۆزىنىڭ ھەق تەرەپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى، ھەمدە ئىككىلى دۆلەت ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنى شىھىت دەپ ئاتىدى. بۇ بىھۇدە قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي شىھىتلەر زادى كىم؟ بۇنى بىلگۈسى ئاللاھدۇر.
.......


ئىسلام تارىخى ھەققىدە مەلۇماتىڭىز شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى نەشىر قىلغان «دۇنيا تارىخى« دېگەن كىتابلاردىن كەپتۇ دەپ ئويلىدىم.
ئىسلام قورال كۈچىگە تايىنىپ تارقالغان دېيىش دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئىسلام تارىخىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىسلامدا مەجبۇرلاش يوق، ئىسلام دۆلىتىنىڭ كېڭىيىشى ھەققىدىكى تارىخقا كەلسەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇمىغانلار يوقتۇر بەلكىم، ئېسىڭلاردىدۇ؟ رەسۇلۇللاھ ئاۋۋال ئۇرۇش ئېلان قىلغان ئەمەس، بەلكى دىنىي دەۋەتنى يەتكۈزگۈچى سالىھ كىشىلەرنى ئەۋەتكەن، ئادەملەرنىڭ بىر قىسىمى بۇ دىننىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ قوبۇل قىلغان، بىر قىسىم پادىشاھلار ئىسلامنىڭ ئۆز زېمىنىدا تارىلىپ كېتىشىنى ياقتۇرمىغانلىقتىن، ئالدى بىلەن ئىسلام دۆلىتىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان.
ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك.
بىزگە بوياپ كۆرسىتىلگەن تارىخنىڭ ئەكسى تەرىپى قانداقتۇ دېگەن نەرسىنى ئويلىساق بۇ نۇقتىنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس.

UID
32569
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2012-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-30
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 13:46:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن. ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان ھىسابلىغان قەۋىملەر بىر-بىرىگە تىغ كۆتۈرۈپ قان تۆكسە ئۇلار دوزىغىدۇر دىگەن بۇلار ھەجەپمۇ قورقمايدىكەن توۋا دەيمەن.

UID
31174
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-2-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-5
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 16:46:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىلىپسىز رەخمەت...
مېنىڭ شۇنى دېگۈم كېلىدۇكى سىزنىڭ ماتىرياللىرىڭىز راس-يالغانلىقى ئىشەنچىلىك ئەمەس...چۈنكى كۆرگەن ماتىريالىڭىز.......نەشىرياتتىن چىققان پاق-پاق ماتىريال بولىشى مۇمكىن...سىز بۇنىڭغا باش قاتۇرۇش بىھاجەتتۇر.
ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆپرەك تىرىشىڭ چۈنكى سىز قۇدىرەتلىك ئەمەستۇرسىز.ئاخىرىدا شۇنى ئېيتقىم كەلدى:بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى بىر نەرسە دىمەك تەس...بەلكىم سىز دوستىم دەپ ئويلىغان ئادەملىرىڭىز دۈشمىنىڭىز بولىشى مۇمكىن ئەكسىچە دۇشمەن دەپ ئويلىغانلىرىڭىز سىزگە ياردەم قىلىدىغان دوستىڭىز بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن....

باھا سۆز

xamal0998  ماۋۇ راست لىللا گەپ بوپتۇ ! مەنمۇ ھەم مۇشۇنداق قاراشتا ~ قوللايمەن !  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 21:59:55

UID
33398
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-3-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 21:02:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
coffe يوللىغان ۋاقتى  2011-6-11 19:45
پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن ، ئەرەب ئىستىلاچىلىرى ئوتتۇرا ...

ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ (شەرقتىكى ئىسلامغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان غەيرى ئىسلام ئەللىرى بار) ئوتتۇرىسىدىكى  ئۆز ئارا دۈشمەنلىك مۇناسىۋەتكە كەلسەك، بۇ قانداقتۇر زىمىن،  بايلىق،  ھۆكۈمرانلىق .....مەنپەئەتىنى تالىشىپ قىلىدىغان دۈشمەنلىك  مۇناسىۋەت بولماستىن ، بەلكى ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان كۆرەشتۇر. بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نوقۇل «مەنپەئەت ئۈچۈنلا» دەپ قاراش نادانلىق، ساددىلىق، يۈزەكىلىك بولىدۇ. غەرب دۇنياسىنىڭ ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشى،  ئىسلام دۇنياسىغا تاجاۋۇز قىلىشى، زىمىنلىرىنى مۇستەملىكىە قىلىپ بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىشى، شۇ ئارقىلىق مەنپەئەتكە ئېرىشىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشى.... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەقسەت بولماستىن، بەلكى،  ئاخىرقى باش مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى قوشۇمچە جەريانلاردۇر. ئويلاپ بېقىڭلار، نېمە ئۈچۈن غەربنى مەركەز قىلغان غەيرى ئىسلام ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلغىلى، مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى زىدىيەت ، مەنپەئەت تالاش-تارىشى يۈز بەرمەيدۇ. يۈز بەرگەندىمۇ ئۇنداق زور ئۇرۇشلار ۋە تالاش-تارتىشلارنى قىلماي، ئۆز ئارا يول قويۇشۇپ، سۆھبەت، مۇرەسسە بىلەنلا ھەل قىلىپ، يەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئاپاق-چاق بولۇپ يۈرۈشىدۇ. ئەكسىچە ، ئىسلام دۇنياسى بىلەن غەربىنى مەركەز قىلغان بارلىق غەيرى ئىسلام دۇنياسىنىڭ دۈشمەنلىشىشى ، زىدىيەت-كۆرىشى 1400يىلنىڭ ياقى داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ ھەم ئۆتكۈرلىشىۋاتىدۇ. بۇ نېمەئۈچۈن؟ غەربتتىكى (ياۋروپادىكى)  زىمىن ۋە نوپۇس جەھەتتىن بىزنىڭ بىر ناھىيىمىزچىلىك كەلمەيدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەر شۇنچە خاتىرجەم، شۇنچە باياشات ياشاۋاتىدۇ. ھېچكىم ئۇنى تاك قىلىپ چەككىنى يوق.  بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەجەبا، پۈتكۈل بايلىق ۋە مەنپەئەت پەقەت ئىسلام ئەللىرىدىلا بولۇپ، باشقىلارنىڭ زىمىنىدا تالاشقىدەك، بەدەل تۆلەپ ئېرىشكىدەك مەنپەئەت، بايلىق يوقمىدۇ؟ ئامرىكا قاتارلىقلار شۇنچە يىراق يەردىكى ئىسلام ئەللىرىدىكى مەنپەئەتنى دەپ ئۇرۇش قوزغاپ شۇنچە زور بەدەللەرنى تۆلەپ يۈرگىچە ئۆزىنىڭ يېنىدىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىغا كۆز تىكسە بولمامدۇ؟ شۇنىڭدا بەدەل ئاز، تېخىمۇ ئاسان بولمامدۇ؟ مەقسەت بايلىق، مەنپەئەتتىلا ئەمەس. شۇڭا ئۇنداق قىلمايدۇ.
ئەكسىچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەيلى بۇرۇنقى  غەيرى ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرى بولسۇن، ۋە ياكى يېقىنقى ۋە ھازىرقى دەۋىردىكى ئاتالمىش تېروررىزم نامىدىكى ھەرىكەتلىرى بولسۇن ھەممىسى غاپىل خەلقنى ئويغۇتۇپ، ھەقنى تونۇتۇش، پۈتۈن زىمىنغا ھەقنى - ئىسلام نۇرىنى تارقىتىش، ئىنسانىيەتنى ھەق بىلەن ئادەمدەك ياشاشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەمما بۇلار ئىسلامغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچلۈك قىلىدىغان غەرب دۇنياسى تەرىپىدىن ئەڭ ئىلغار زامانىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىنىغاچقا، ئىسلام دىنىنىڭ ماھىيىتىدىن، ئىسلام تارىخىدىن خەۋەرسىز ياكى تۈزۈكرەك خەۋىرى بولمىغان نادانلارنىڭ «ئىسلام قىلىچ ئارقىلىق تارقالغان»، «ئسلام ئەللىرى بۇرۇن غەربكە تاجاۋۇز قىلىپ مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى قوزغاپ مانچە مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن» دېگەندەك سەپسەتىلەرگە ئىشىنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. ھەركىمنىڭ تارىخىنى شۇ تارىخنىڭ ئىگىسى بولغان ھەقدارلىرى ھەممدىن ئېنىق، توغرا بولىدۇ. باشقىلارنىڭ بىراۋ  ھەققدەيازغان تارىخى ئازراقلا ئۇچۇر خاراكتىرلىق قىممتىنى ھېسابلىمىغاندا ئۇنى پۈتۈنلەي راست دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. دانىشمەنلەر تارىخ ھەققىدە : «تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ» دېگەن. بۇنى تەھلىل قىلساقلار ھەممە ئايدىڭلىشىدۇ.
كونىلاردا: «گەپ ئېغىزدىن چىقماستا، ئادەم گەپنى باشقۇرىدۇ، گەپ ئېغىدىن چىقىپ بولغاندىن كىيىن گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا ئۆزىمىز تۈزۈكرەك بىلىم- چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغان ئىشلار توغرىسدا پىكىر قىلغاندا ئازراق ئىزدىنىپ،  ئويلىنىپ قىلايلى.

باھا سۆز

xamal0998  ئەسلى ئاستىدىكىنى قوللايمەن دەپ يازىمەن دەپ ئۈستىگە يىزىپ ساپتىمەن ~  يوللىغان ۋاقتى 2012-7-9 22:01:01
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش