بۇ 4قەۋەتتىكىkoktash يوللىغان 2011-06-10 10:05 غا قارتىلغان :
بۇلارنى سۇيقەست دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ.
بۇ پەقەت بىر ئۇرۇش، بىر رايون يەنە بىر رايوننى ئىستېلا قىلىشى ھېساپلىنىدۇ. ئەرەبلەرمۇ قەدىمدە نۇرغۇن رايونلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، پۈتۈن ئەرەب رايونىدىن باشقا، پارس، شىمالىي ئافرىقا ۋە شەرقىي ئافرىقا رايونلىرىنى بېسىۋالغانلىقىنى نېمە دەپ چۈشەندۈرىمىز؟
ئەلۋەتتە، ئەرەبلەرمۇ ئۇ رايونلارغا دوستانە ھالەتتە كەلگىنى يوق، بەلكى قېلىچنى يالىڭاچلىتىپ كەلگەن.
ئەنگلىيە جاھان سوراۋاتقان مەزگىللەردە، ئومان دۆلىتى ھىندى ئوكياندىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىدى. ئەنگلىيەلەر ئومانغا چېقىلالمىغان. چۈنكى ئۇلار كۈچلۈكتە.
جاھان سوراشنىڭ قائىدىسى شۇ. بۇ دىن بىلەن كۆپ مۇناسىۋەت باشلىمايدۇ، بەلكى باشتىن -ئاياق مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇپ كېلىدۇ. 1980-يىلى، ئىران بىلەن ئىراق ئۇرۇشقاندىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان ئاتاپ، ئۆزىنىڭ ھەق تەرەپتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى، ھەمدە ئىككىلى دۆلەت ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنى شىھىت دەپ ئاتىدى. بۇ بىھۇدە قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي شىھىتلەر زادى كىم؟ بۇنى بىلگۈسى ئاللاھدۇر.
....... 
پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن ، ئەرەب ئىستىلاچىلىرى ئوتتۇرائاسىيانى ئىشغال قىلغاندا بىر قىتىملىق قەتلىئامدا 50 نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلگەن .بۇ سان< مىڭ يىل بۇرۇنقى نوپۇسۋە يۇرتلارنىڭ نوپۇسى ئۆلچىمى بويچە قارىغاندا ئادەمنى چۆچىتىدۇ> دەپ يازىدۇ بارتولىد
ھېچقانداق سىياسى ئويۇن مەنپەئەتسىز بولمايدۇ. دىن ئۈچۈن دەپ جار سالسىمۇ، يەنىلا مەنپەتنى چىقىش قىلغان بولىدۇ. سىياسىنىڭ رەزىلىكى ۋە ئۇلۇغلىقى دەل موشۇ يېڭىش يېىلىش ئىچىدە