تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: tashadem

دۈشەنبىنىڭ ۋەھىمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

بىلىپ سۆي كېيىن

UID
11126
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
693
تىزىملاتقان
2011-5-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-23 16:36:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇشەنبىدىن نىمانچە قورقىسىز....ھاياتلا بولىدىكەنمىز،دۇشەنبىنى كۈتىۋالمايمۇ ئامال  يوق...

ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە...........

UID
6361
يازما
20
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
940
تىزىملاتقان
2010-10-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-21
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-24 11:19:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[color=#0000FF]خوشلىشىش

خەيىر  خوش دېگەن  شۇ قاپقارا جۈملە،
قالدۇرماس قەلبىمگە قىلچىلىك يورۇق.
ئاقماقتا تىنىمدىن، تىنىڭگە سېنىڭ
كېچىدەك ساقايماس بىپايان بوشلۇق.



يىراقلاپ كەتتىم مەن كۈندۈزلىرىڭدىن
مۇھەببەت دېگەن سۆز بەرمەس ھېچ مەنە.
سەھەردە چۈشۈمگە كىرگەن چىرايىڭ،
يېڭى بىر ئازابتىن بەرگەندەك شەپە.



2003-يىلى 3- ئاي




ھەرىكەت



(پازنىڭ شۇناملىق شېئىرىغا تەقلىد)


سەن كېچىنى تۇتاشتۇرغان قول
مەن ئۇندىكى توسۇن- ياۋا ئات.
سەن تۈندىكى ئەبەدىيلىك يول
مەن ئۇندىكى يالغۇز سەرگەردان.
سەن تۈندىكى تولغان پىىنھان ئاي
مەن قوينۇڭدا يالىڭاچ ناخشا.
سەن مەڭگۈلۈك سۈكۈتلۈك رەستە،
مەن خىلۋىتىڭدە خەمەكلىگەن كۈي.
سەن بىر گۈلخان, قاپقارا چىچەك
مەن قەلبىدە نۇرلۇق بىر تامچە.
سەن كۆزۈمنى كەزگەن مۇڭلۇق كۈي
مەن قوينۇڭدا ئۈنلىگەن زىل تار.
سەن تېنىمغا چىرماشقان يېلان
مەن قوينۇڭدا ئۆسكەن خادا تاش.
سەن تۈندىكى ئەبەدىيلىك يول
مەن كېچىنى يالىڭاچلىغان قول.



2004 يىلى 2- ئاي


مەنبە: http://balbal.blogbus.com

http://balbal.blogbus.com
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش