بۇرۇن مەن ئۇنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغىنى كۆرگەن
ئۇ چاغدا مېنىڭ شورلاشقان ئىددىيەم ئۇنىڭغا ناھايتى يېقىن ئىدى
ئەي....
بۈگۈن سەن قىشنىڭ تەمىنى تىتىدىڭ
ئاچچىق كۈلرەڭ تەم،
ئىككىمىزنىڭ ئارىسدا
ئېگىز تاش تام ئۈستىدە
ئەي! تەرگە چۈمگەن خېرە ئەينەكلەر
ئەي! تۇزدەك ئېغىر ۋە تەمكىن كۆزلەر
ئالقىنمدىكى بىر تۇتام قىش بىلەن
مەن يەنە نەگىمۇ بارالايمەن؟
ئاستا-ئاستا رەڭگى ئۆڭۈۋاتقان بىچارە غەزەپ
ئاستا-ئاستا ئۆزىنى چۈشەندۈرىۋاتقان قىش پەسلى
ئاستا-ئاستا مېھمانلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى زىخقا ئۆتكۈزۈپ كاۋاپ قىلىۋاتقان بىرقەۋم
ۋە سوپۇن ماغزىپىدەك كۈلكە بىلەن
مەن قانداقمۇ سېنىڭ يېنىڭغا قايتىپ بارالايمەن؟
مەن دۆڭكۆۋرۈكنى،سېسىق سۇ ئازگىلىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ،
قاغىنىڭ كۆزلىرىدىكى باھارنىڭ نەم پەرۋازىغا قاراۋاتىمەن.
باھار بىزنىڭ ئېرادىمىز.
قاغا قار ئۈستىدە ماڭالايدۇ.
قاغا كەينىگە قارىيالايدۇ.
قاغا ئۆز تىلىدا يىغلىيالايدۇ.
سېنىڭ چاك كەتكەن كۈلكەڭ
سېنىڭ پەرۋاسىز قاراشلىرىڭ
قەلبىمنى ئىللىق تەسەللىي بىلەن تولدۇرىدۇ.
بىپەرۋالىق دىگەن ھېچ نەرسىگە قارشى تۇرمايدۇ.
يۈرىكى ئۆچمەنلىك ياكى ساختا خۇشاللىققا تولغان بىر ئادەم،
ئېرىمەكتە قارغا ئەگىشىپ ...
ئېرىمەكتە قارغا ئەگىشىپ...
ئەي قار سەن ئازابلانمايسەن،
بىراق
بىر قىزنىڭ كۆزلىرىڭگە تىكىلىپ تۇرۇشىدىن ئەجەبلەنمەمسەن ؟
http://balbal.blogbus.com : مەنبە