-
2010-08-23
بلوگ كود ئاتالغۇلىرىنى بىلىۋىلىڭ(چوقۇم بىلىۋىلىڭ) - [★بلوگ بىلىملىرى]
بلوگ كود ئاتالغۇلىرىنى بىلىۋىلىڭ(چوقۇم بىلىۋىلىڭ)
بۇنى يىڭى [blog] بلوگ ياسىغان ۋە بلوگ ياساشنى ئۈگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن يوللىدىم ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوسلار بلوگ ئىشلىتىش جەريانىدا كود ئاتالغۇلىرىنى بىلىۋىلىش بەك مۇھىم ئۇنداق دەپ ھەممە كود ئاتالغۇلىرىنى بىلىۋىلىشقا خىلى ئىش كىتىدۇ شۇڭا مۇھىم بولغان كود ئاتالغۇلىرىنى بىلىۋىلىپ قىيىنچىلىقىڭىزنى ھەل قىلىۋىلىڭ شۇنداقلا بلوگىڭىزنى يەنىمۇ گۈزەللەشتۈرۋىلىڭ ئاۋۋال ئەڭ مۇھىم يىرىدىن باشلايلى
head تەرجىمە ھۆججەتلەر بۆلىكى بولۇپ بلوگىڭىزدىكى بارلىق خەنزۇچە خەتلەرنىڭ تەرجىمە ھۆججىتى مۇشۇ بۆلەككە قويۇلغان
css بلوگىڭىزنى پۈتۈن قۇرۇلمىسى مۇشۇ يەردە سىز مۇشۇ يەردىن بلوگىڭىزنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتەلەيسىز شۇنداقلا بلوگىڭىزدىكى ئۇسلۇبنىڭ رەسىملىرىنى مۇشۇ يەردىن ئالماشتۇرالايسىز ھەم بارلىق خەتلەرنى ئوڭدىن سولغا توغىرلاش چوڭ-كىچىك قىلىش رەڭلىك-رەڭسىز قىلىش جاتارلىق مەشغۇلاتلارنى مۇشۇ يەردىن ئۆزگەرتەلەيسىزئەسكەرتىش بۇcss ناھايتى مۇھىم ئورۇندا تۇردۇ شۇڭا بۇ يەرگە چىقىلىشتىن بۇرۇن ئەسلىدىكى كودنى ساقلىۋىلىپ تۇرۇپ ئاندىن بۇ يەردىكى كودلارنى ئۆزگەرتىڭ بۇ css غا بىر تال چىكىتنى خاتا قويۇپ سالسىڭىز بلوگىڭىز ئوڭتەي توڭتەي بوپ كىتىدۇ شۇڭا كودنى زاپاس ساقلىۋىلىپ تۇرۇپ ئاندىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈڭ
index بلوگىڭىزنىڭ باش بەت قىسمى بولۇپ ئىلان قويۇش يان سىتوننىڭ ئەڭ ئاستىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز
index-post باش بەت تىما رايۇنى بۇ يەردىن سىز باش بەت تىما رايۇنىدىكى مەزمۇن ئاستىدىكى تولۇق ئوقۇش ئىنكاس دىگەندەك شۇ بۆلەكنىڭ ئاستى ئۈستىگە ئىلان ياكى باشقا سۆزلەرنى قوشالايسىز
detail ئارقا بەت رايۇنى بۇنىڭغىمۇ ئىلان قويۇش يان سىتوننىڭ ئەڭ ئاستىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز باش بەتگە قويغان يەنى index گە قويغان كودلارنىمۇ ئارقا بەتتە كۆرۈنسۈن دىسىڭىز مۇشۇ detail غىمۇ قويۇڭ
detail-post ئارقا بەت مەزمۇن رايۇنى مەزمۇن ئاستىغا ئىلان قويۇش دىگەندەك مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز
ئەمدى css ئاتالغۇلىرىدىن مۇھىم بولغانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي بۇ css چۈشەندۈرسەم يىڭى ئۈگىنىۋاتقان دوسلىرىمىز بۇنى بىلىۋالساق نىمە قىلغىلى بولىدۇ دىيىشى مۇمكىن سىز بۇ ئاتالغۇلارنى بىلىۋالسىڭىز css قا كىرىپ مۇشۇ ئاتالغۇلارنى تىپىپ ئۆزىڭىزگە لازىملىق بولغان بۆلەكنى ئۆزگەرتەلەيسىزh1.blogName بلوگ نامى [blog]
div.description بلوگ چۈشەندۈرلۈشى index قا كىرىپ بۇ كودنى ئىلىۋەتسىڭىز بلوگ[blog] باش بىتىدىكى چۈشەندۈرۈلىشى يوقايدۇ div#content بلوگ يازمىلار گەۋدىسى [blog]
ul#posts بلوگ يازمىلىرىdiv.context ئارقا بەتتىكى ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما تىما باشلىغۇچ
div.tags تاق يازمىدىكى خەتكۈچلەر قىسمى
ul#comments ئارقا بەتتىكى ئىنكاسلار تىزىملىكىdiv#commentForm جاۋاب بىرىش رامكىسى
div#commentForm label ئابۇنىت نامى ھەم ئۇچۇرلىرى تولدۇردىغان رامكا گەۋدىسى
div#commentForm .textField ئىنكاس مەزمۇنى يىزىلىدىغان رامكا گەۋدىسى
div#commentForm textarea ئىنكاس مەزمۇنى يىزىلدىغان ئىچكى رايۇن
div#outerSidebar بلوگ يان ستون سىرتقى گەۋدىسى
div#sidebar بلوگ يان سىتونى
div#sidebar h2 يان سىتوندىكى تىمىلار (بۆلەكلەر ناملىرى)div#calendar يان سىتون كالىندار بۆلىكى
div.sideBottom يان ستون ئاستى قىسمى
div.postsBottom يازمىلار رايۇنى ئاستى قىسمى
div.footer بلوگ بەت ئايقى
مانا مۇھىم بولغان css ئاتالغۇلىرى نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق ئەمدى مۇشۇ بۆلەكلەرنى تاپقاندىن كىيىن سىز نىمىنى ئۆزگەرتمەكچى ئەمدى ئاستىغا قاراڭ
ئەگەر سىز خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز بۇنىڭدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزىسىز font-size: 210% بۇ يەردىكى 210% نى 150 ياكى خالىغانچە ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ ياكى 16px ياكى خالىغانچە px قىلىپ تەڭشىسىڭىز بولىدۇ
خەت يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز text-align: center بۇ كودتىن center دىگەن كودقا ئۆزگەرتىش بىرىسىز ئوڭغا ئۆزگەرتسىڭىز left سولغا بولسا right ئوتتۇرغا بولسا center دەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزىسىز
خەت رەڭگىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز color: #FFF بۇ كودتىن #FFF دىگەنگە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان رەڭ كودىغا ئالماشتۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ
قانداق سىزدە ئەمدى css ئازراق چۈشەنچە ھاسىل بولدىمۇ قىنى بۇ يەردە ئۈگەنگىنىڭىز بويىچە بلوگىڭىزنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغان يەرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ بلوگىڭىزنى چىىرايلىق رەتلىك قىلىۋىلىڭ سىزگە يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى:ئاۋۋال css بۆلىكىنى زاپاس ساقلىۋىلىپ تۇرۇپ ئاندىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈڭ بۇزۇلۇپ كىتىپ قالسا ئەسلىگە قايتۇرۋىلىشىڭىز ئاسان بولىدۇ بىرتال چىىكىت خاتا قويۇلۇپ قالسا بلوگىڭىز ئوڭتەي توڭتەي بوپ كىتىدۇ css ئاتالغۇلىرىغا يەنىمۇ ئىھتىيىاجلىق بولغانلار ئىنكاس يىزىڭلار يەنىمۇ ئىنىكە بولغان css ئاتالغۇلىرىنى يوللايمەن تىمامدىن سىزگە ئازراق نەپ تەگگەن بولسا ئىلانلارنى بىر قىتىم چىكىپ قويىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن
评论