بايلىق: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك جۇمۇ 网路u盘

  • 2011-04-10

    بلوگىمىز پائالىيەت ئۆتكۈزدى تەپسىلاتىنى يىڭى بلوگىمىز دىن كۆرۈڭ

    بلوگىمىز پائالىيەت ئۆتكۈزدى  تەپسىلاتىنى يىڭى بلوگىمىز دىن كۆرۈڭ 

    http://alxat.net/?p=208

    بلوگىمىز پائالىيەت ئۆتكۈزدى!
    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بلوگىمنىڭ نادىر ئوقۇرمەنلىرى قانداق ئەھۋالاڭلار ياخشى تۇرۋاتامسىلەر؟ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى سىلەر بىلەن ئۇستاز شاگىرت بولۇپ ئۆتۈپ كەپتىمەن بلوگ يىزىش جەريانىمدا مەنمۇ بىلگىنىمنى دوستلارغا كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئۈگىتىپ كەلدىم دوستلارمۇ كەمىنىن قوللاپ كۈچ بىرىپ كەلدى مانا مەنمۇ ئاخىرى بۇ بلوگبۇس ساھەسىدىن چىكىنىپ ۋوردپىرىس بلوگ سىستىمىسىغا كۆچۈۋالدىم شۇنداق قىلىپ مانا بۇ بلوگبۇس بىلەنمۇ ئاخىرى خوشلاشتىم مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كەمىنىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگەن دوستلىرىمىزغا رەھمەت ئىيتىش شۇنداقلا بايلىق بلوگىنىڭ ۋوردپىرسس قا كۆچكەنلىكىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن مۇنداق بىر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇق.
    ئەسلى بۇ مۇكاپاتتىكى بىرىلدىغان ئۇسلۇب ۋە مۇلازىمەتلەرنى ھىچقانداق سەۋەبسىزلا قىلىپ بىرەيمۇ دەپ ئويلىغان ئەگەر ئۇنداق قىلسام بىرىنجىدىن بىرىلىدىغان ئۇسلۇبلار پاخال بولۇپ ئۇسلۇبنىڭ ئەتىۋارى بولمايدىكەن ئىككىنجىدىن مۇكاپاتتا قىلىپ بىرىدىغان ھەقسىز مۇلازىمەتلەرنى قىلدۇردىغانلار كۆپلەپ كىتىپ كەمىنى ھاردۇرۇپ قويۇشى ۋە ۋاقىت يىتىشتۈرۈپ بولالماي قىلىشىم مۇكىن ئىكەن شۇڭا مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردۇم توغرا چۈشەنگەيسىلەر!
    پائالىيەت مەزمۇنى:
    ھازىرقى يىڭى بلوگىم(بلوگىم ئەمەس بلوگىمىز چۈنكى بۇ پەقەت مىنىڭلا بولماستىن ھەم سىلەرنىڭمۇ بلوگىڭلار خالىغاندا كىرىپ چىقىپ كەتسەڭلار بولىدۇ) دا ئىلىپ بىرىلىدۇ بۇ پائالىيەتتە مۇكاپات 5 تۈرلۈك بولىدۇ
    1- مۇكاپاتقا ئىرىشىشنىڭ 3 خىل يولى بار 1- دىن پائالىيەت 45 كۈن ئىلىپ بىرىلىدۇ مۇشۇ 45 كۈن ئىچىدە 45 قىتىم دىۋانغا ئىرىشكەنلەر يەنى يوللانغان تىمىغا تۇنجى بولۇپ ئىنكاس يازغانلار 2- يولى مۇشۇ 45 كۈن ئىچىدە بلوگىمىزنىڭ يانسىتون ئاستى قىسمىدىكى بلوگىمىزنىڭ ئىسىل قوللىغۇچىلىرى قاتارىنىڭ 1- رىتىدە 45 كۈن تۇرالىغانلار 3- دىن ئۆزىنىڭ بلوگىغا بلوگىمىزنىڭ ئىلان تەشۋىقاتىنى قويۇپ كۈندە 10 IP باشلاپ 1 ئايدا 450 IP باشلاپ ئىلىپ  كىرەلىگەنلەر 1 دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشىدۇ ( ئىلان تەشۋىقات رەسىمىنى بىز بىلەن ئالاقىلاشسا بىز تەلىپىگە لايىق چوك كىچىكلىكتە ئىشلەپ كودلاردىن تارتىپ تەييارقىلىپ بىرىمىز
    2- لىككە ئىرىشىدىغانلار 30 دىۋانغا ئىرىشكەنلەر ياكى بلوگىمىزنىڭ ئىسىل قوللىغۇچىلىرى قاتارىدا ئىككىنجى بولۇپ تۇرالىغانلار ياكى ئۆزىنىڭ بلوگىدىن 300 ip باشلاپ كىرەلىگەنلەر
    3- لىككە ئىرىشىدىغانلار 20 دىۋان ياكى 200 ip ياكى ئىسىل قوللىغۇچىلارنىڭ 3- رىتىدىن ئورۇن ئالالىغانلار
    4- لىككە ئىرىشىدىغانلار 10 دىۋان 150 ip ئىسىل قوللىغۇچىلار 4-رەت
    5 لىككە ئىرىشىدىغانلار 5 دىۋان 80 ip ئىسىل قوللىغۇچىلار 5-رەت
    مۇكاپات بويۇملىرى: ئىختىساد مەسىلىسى تۈپەيلى پۇل-پىچەك مەھسۇلات ئورۇنلاشتۇرالماي قالدى توغرا چۈشەنگەيسىلەر، ئىشىنىمەن بلوگنى ھەقىقى يىزىۋاتقانلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى مۇكاپات پۇلدىنمۇ بەكراق مۇھىم دەپ ئويلايمەن
    1دەرىجىلىك مۇكاپات:تاپتىم بلوگى نىڭ ئىشلىتىۋاتقان بلوگبۇس ئۇلىنىش ئۇسلۇبى بىر دانە( تاپتىم دىگەن بلوگنىمۇ خالىسى بىرىمىز) بايلىق بلوگى نىڭ ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبى بىر دانە ( ئەسكەرتىش: بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرنىڭ بۇ مۇكاپات بويۇمىنى تارقىتىشىغا بولمايدۇ گەرچە تاپتىم بلوگىنىڭ ئۇلىنىش ئۇسلۇبىنى ئۆزۈم ياسىمىغان بولساممۇ بۇنى ماڭا ساقلاۋاتقىلى 1يىلدىن ئاشتى)
    2- دەرىجىلىك مۇكاپات: بىردانە ئۇسلۇب ھەقسىز ياسىلىپ بىرىلىدۇ ( ھەقلىق مۇلازىمەتتە 100 يۇنلىك ھەقلىق مۇلازىمەت)
    3- دەرىجىلىك مۇكاپات: ئۆزۈم ياسىغان بايلىق 1.0 ئۇسلۇبىنى مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىنىڭ تەلىپى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ بىرىلىدۇ
    4-دەرىجىلىك مۇكاپات: ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبىنى ھەقسىز رەتلەپ بىرىلىدۇ ۋە ئازراق تەڭشەپ بىرىلىدۇ( ھەقلىق مۇلازىمەتتە 50 يۈەنلىك مۇلازىمەت)
    5 دەرىجىلىك مۇكاپات: js ئىلان كودىدىن بىرسى ھەقسىز بلوگىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بىرىلىدۇ
    مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەر سانى:1 دەرىجىلىك مۇكاپات 1 ئادەم 2 دەرىجىلىك مۇكاپات 1 ئادەم 3 دەرىجىلىك مۇكاپات: 2 ئادەم 4 دەرىجىلىك مۇكاپات 3 ئادەم 5 دەرىجىلىك مۇكاپات 4 ئادەم
    ئەسكەرتىش: ئىنكاسنى كۆپ يازىمەن دەپ قالايمىقان تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى كۆپ يوللاپ ياكى بىر تىمىغا نەچچە ئىنكاس يوللاپ قىلغانلارنىڭ ئىنكاسى ئۆچۈرۋىتىلىدۇ
    پائالىيەت باشلىنىش ۋە ئاياقىلىشىش ۋاختى: 2011 يىلى 4 ئاينىڭ 11 كۈنى ( دۈشەنبە) باشلىنىپ 2011 يىلى 5-ئاينىڭ 25 كۈنى ئاياقىلىشىپ مۇكاپات 26چىسلا نەقلىشىدۇ
    بۇ مۇكاپاتلارغا ئىرىشىش تەس ئەمەس دوستلىرىم مەن بەزى كۈنلىرى بىر كۈندە 2 قىتىممۇ تىمايوللۋىتىمەن شۇڭا نەزىرىڭلار بلوگىمىزدا بولۇپ دىۋاننى چىڭ تۇتۇپ بۇ مۇكاپاتلارنى ئىلىۋىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!
    سىتاستىكا پائالىيەت باشلانغان كۈندىن باشلىنىپ پائالىيەت ئاخىرلاشقان كۈنى ھىسابلاب چىقىرلىدۇ
    بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى: ئەسلىدىكى بايلىق بلوگى ھازىرقى ئەلشات بلوگى تىخنىكا ياردەمچىلىككە بىلىمدان بلوگىمۇ ھەمكارلىشىدۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن نامزاتلار بىلىمدان بلوگى بايلىق بلوگى ئەلشات بلوگى قاتارلىق بلوگلاردا ئىلان قىلىنىدۇ
    قىنى ئۇنداقتا دوستلار پائالىيەتگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر بىلمىگەن خەۋەرسىز قالغانلارغا ئۇختۇرۇش قىلىپ قويغايسىلەر! ھۆرمەت بىلەن: ئەلشات بلوگى

     http://alxat.net/?p=221





    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.

    评论

  • مەنمۇ سىىزنى چىن دىلىمدىن قوللايمەن........................ئىلان قويساق ھەقلىقمۇ ياكى ھەقسىزمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟.....................
  • ياخشى بۇلۇپتۇ، مەن قوللايمەن. ئەلشات بلوگىڭىزنىڭ باشقىسمىدىكى تۇغىڭىزنى 270*60 قىلىپ تەڭشەپ بىرىڭ، مەندە بىر تەشۋىقات ئورنى بار.