
دۇنيادىكى تۇنجى سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان ئاپتوبۇس
ئەنگىلىيە"كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ3-ئاينىڭ 28 كۈنى خەۋەر قىلىشىچە،مالتا "Amphiئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇس شېركىتى"دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان ئاپتۇبۇسنى ئىشلەپچىقىرىپ ئىشىلتىشكە باشلىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە،مەزكۇر شېركەت6يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ يېڭى مەھسۇلاتنى ياساپ چىققان.شېركەت مەسئول خادىمى شىمىسنىڭ تونۇشتۇرىشىچە،سىناق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئاپتوبۇسنىڭ بىخەتەر يول يۈرىشى3500سائەتكە يەتكەن.بۇ سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان ئاپتوبۇسنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى113كىلومېتىرغا يېتىدىكەن،سۇغا چۈشسىمۇ سائەتلىك سۈرئىتى11دىن14كىلومېتىرغىچە يېتىدىكەن.شىمىسنىڭ تونۇشتۇرىشىچە،ئاپتوبۇس سۇغا چۈشكەندىن كېيىن چاقى يىغىلىدىكەن،ئاندىن شوپۇر رېئاكتىپ ئىتتىرگۈچنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق ئاپتوبۇسنى كېمە ھەيدىگەندەك ھەيدەيدىكەن.
مەنبە:سۇمرۇغ تورى