بايلىق: ھەقسىز توردا ھۆججەت ساقلاش بوشلۇقى لازىممۇ ؟ قىنى بۇنى بىسىپ تىزىملىتىۋىلىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس مەڭگۈلۈك جۇمۇ 网路u盘

  • 2009-03-29

    ۋاھ ۋاھ ئالامەت تىما ئىكەن بۇ !!!

    ۋاھ ۋاھ  ئالامەت تىما ئىكەن بۇ !!!

     ۋاھ ۋاھ ئالامەت تىمكەن بۇ !!!!!!!!!!!!!!!!! ئالامەت تىمىكەن بۇ !!!!!!!!!!!!!!!!! ئالامەت تىمىكەن غۇ بۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟  


    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار  ئالدى بىلەن سىلەرگە ئامەت ۋە بەخىت _خۇشاللىق تىلەيمەن شۇنداقلا سىلەرنىڭ بىلوگىمغا كەلگىنىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن
    بۇ يەردە سۆزلەيدىغىنىم بىلىم توغىرسىدا  
    ئەمدىكى مەخسەت  بۇ تىمىدا ماۋزۇدا دىگەندەك ئۇنداق بىر چوڭ ئىش ۋە ئالامەت تىما دىگۈدەك تىمىمۇ يوق  بۇ بىلوگنى ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشى ئاستىدا قۇرۇپ چىقتىم دىگەن ئىدىم شۇنداقلا بىلوگنىڭ ئىسمىنى بىلىم بايلىق دەپ قويدۇم چۈنكى بۇنداق دىيىشىمدىمۇ مەخسەت بار دىمىسىمۇ دۇنيادا بىلىمدىن ئۆتەر بايلىق يوق
    بۇنىڭغا ئازراق مىساللارنى سۆزلەپ ئۆتەي  بۇ بىر بىلىم ئۈگىنىشىمىزدىكى بىر ئاساس بوپ قالار
    مەن ئاڭلىغان بىر ئىشنى سۆزلەي
    بۇرۇن چەتئەلدە بىر بىر كەمپۈت سودىگىرى بولغان ئىكەن بۇ سودىگەرنىڭ  تىجارىتى پەقەت ئاقماپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ قانداق قىلسام بولار دەپ ئويلىنىپ بازارغا چىقىپتۇ ئايلىنىپ بىر مەھەللىگە كەلسە بىر توپ بالىلارنىڭ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ بۇ بالىلار مۇنداق ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ  بىر بالا بىر خالتىغا بىر تال كەمپۈتنى ساپتۇ ۋە شۇنداقلا بۇ كەمپۈت سالغان خالتىنى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان خالتا ئارىسىغا قويۇپ قويۇپتۇ  يوشۇرۇنچە    ئاندىن بالىلار بۇ كەمپۈتنى تىپىشنى بۇيرۇپتۇ  ئەگەر كىم بۇ كەمپۈتنى تىپىۋالسا شۇ پادىشاھ بولىدىكەن ئاندىن بالىلار ئۇنىڭغا بىردىن كەمپۈت بىرىدىكەن ۋە شۇنداقلا بۇ بالىلارنىڭ بىشى بولۇپ ئوينايدىكەن  بۇنى كۆرگەن سودىگەر بۇ ئىشتىن ئىلھاملىنىپتۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ  سودىگەر كەمپۈت خالتىسىغا 1 تەڭگە پۇل ساپتۇ شۇنداقلا خالتىنىڭ سىرتىغا ئاچسىڭىزلا سىزنىڭ دەپ خەت يىزىپتۇ  شۇنداقلا بۇنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىپتۇ ۋە ئىلان بىرىپتۇ شۇنىڭ بىلەن سودىگەرنىڭ بازىرى ناھايتى تىزلا ئىچىلىپ كىتىپتۇ  شۇنداقلا شۇ شەھەردىكە ئەڭ تىز سىتىلىدىغان كەمپۈت بولۇپ قاپتۇ ۋە ماركىسىمۇ داڭلىق ماركا بولۇپ قاپتۇ  شۇنداق قىلىپ ئۇ سودىگەر بىيىپ كىتىپتۇ 
    مانا بۇنى بىز نىمە دەيمىز  بىلىم كاللا ئىشلىتىش  بازار ئەھۋالىنى كۈزۈتىش دەيمىز شۇڭا ھەرقانداق بىر سودىگەر  بازار ئىگىلەشكە ماھىر بولۇشى  ھەممە ئىشنى پۇلغىلا باغلىۋالماسلىقى  پۇل بولمىسا ھىچنىمە ئەمەلگە ئاشمايدۇ دىگەن خاتا كۆز قاراشنى يوقىتىشى كىرەك شۇنداقلا ئۆزىدىكى بىلىمنى جايىغا ۋاختىدا ئىشلىتىشنى بىلىشى كىرەك چۈنكى بىر ھىچقانداق بىر بىلىمى يوق ئادەمگە 1 مىلىيون پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويساڭ بۇ ئادەم بۇ پۇلنى نىمىگە ئىشلىتىشنى قايسى ئىشنىڭ ئاقىدىغان ئاقمايدىغانلىقىنى بىلمەيلا  بۇ پۇلنى يۈتتۈرىدۇ ياكى خەجلەپ تۈگىتىدۇ
    يەنە بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي
    بىر چەتئەللىكنىڭ  بىر مىھمانسارىيى بار ئىكەن شۇنداقلا بۇ مىھمانسارىيىنىڭ كەينىدە ئازراق بىكار يەر بار ئىكەن  شۇنىڭ بىلەن بۇ مىھمانساراينىڭ دىرىكتورى كاللىسىنى ئىشلىتىپ مۇنداق ئۇختۇرۇش چىقىرپتۇ  مىھمانسارىيىمىزنىڭ كەينىدە ئازراق بىكار يەر بار بۇ بىكار يەرگە خالىساڭلار كۆچەت تىكىپ ئەسلىمە قالدۇرۇپ قويۇڭلار دەپ ئۇختۇرۇش چىقىرىپتۇ  بۇنى ئاڭلىغان ساياھەتچىلەر   مىھمانساراينىڭ كەينىگەكۆچەت تىكىپتۇ   شۇنىڭ بىلەنساياھەتچىلەر ئۇ مىھمانسارايغا پات پات كىلىپ ئۆزىنىڭ تىككەن كۆچىتىنى كۆرگىلى كىلىدىغان بوپتۇ بۇئىش ئارقىلىق ئۇ دىرىكتور نىڭ مىممانسارىيى تىخىمۇ ئاۋاتلىشىتۇ ۋە جىق پۇل تىپىپتۇ شۇنداقلا مىھمانسارىيىنىڭ كەينىنىمۇ يىشىللىققا ئايلاندۇرۇپتۇ
     كونىلار بىلىم كۈچ دەيدۇ بۇ سۆز ھەرگىزمۇ خاتا ئىيتىلمىغان قانداق دىسەك  مەسىلەن سىزنىڭ شۇنداق جىق پۇلىڭىز بار دەيلى سىز شۇنداق بىر پۇلى بار بايۋەچچە، ئەگەردە ئۆيىڭىزنىڭ قۇلپىسى ئىتىلىپ قىلىپ ئاچقۇچنى يۈتتۈرۈپ ئۆيگە كىرەلمىسىڭىز قانداق قىلىسىز  ئەلۋەتتە ئاچقۇچى يوق قۇلۇپلارنى ئاچىدىغان بىلىملىك بىرسىنى ئىزدەيسىز دە قۇلۇپنى ئاچقۇزىسىز  دىمەك مانا مۇشۇ بىلىملىك كىشىگە سىز تاياندىڭىز  دىمەك شۇ كىشى سىزدىن كۈچلۈك بولدى  بىلىم شۇ كىشىنى كۈچلۈك قىلدى گەرچە سىز دىن پۇلى ئاز بولسىمۇ !
    ئەگەر سىزدە قۇلۇپ ئىچىش بىلىمى بولغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇ كىشىگە تايانمايتىڭىز 
    ئەگەر سىزدە دىندىن بىلىم بولسا  توغرا يولدا مىڭىپ ئىزىپ كەتمەي جەننەتگە كىرەلەيسىز  ئەگەر سىزدە قۇلۇپ ئىچىش بىلىمى بولسا ھەرقانداق قۇلۇپنى ئاچالايسىز  ئەگەر سىزدە كومپىيۇتىر دىن بىلىم بولسا شۇ كومپىيۇتىر ئارقىلىق پۇل تاپالايسىز  ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن 
    ئەسلى مىنىڭ جىق سۆزلىگىم بار ئىدى بۈگۈن ئىلھامىم كەلمەي قالدى ھەم ۋاقىت مۇناسىۋىتى بوپ قالدى

    分享到:

    ئەلدىن ئەلگە نەپ تىمامدىن سىزگە ئازراقمۇ بولسا نەپ يەتگەن بولسا سىزمۇ بلوگىمغا ئازراق نەپ يەتكۈزۈپ قويۇڭ ئىلانلارنى چىكىپ قويسىڭىز بۇسىزنىڭ تىما ئەجرىگە رەھمەت ئىيتقىنىڭىز شۇنداقلا بلوگقا نەپ يەتكۈزگىنىڭىز!!.