يولدىشىڭىزنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلاي دېسىڭىز...
 قۇرۇق سەپسەتە قۇلاققا ياقمايدۇ ، پەقەت سەمىمىي سۆھبەتلا ئەر – خوتوننىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ . ئاياللار ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۆمۈرۋايەت رام قىلىشتا ئۇسۇلغا دىققەت قىلىشى زۆرۈر .
ئۇنىڭ دوستىغا ئايلىنىڭ ، ئەركىنلىكىنى بوغماڭ ، قىزىقىشىغا سوغۇق سۇ سەپمەڭ . ئېرىڭىزنى ئىلگىرىكى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشكە قىستىماڭ ، ئۇنداق قىلسىڭىز ئۇ ئۆزىگە ئوخشىماي قالىدۇ .
ئېرىڭىزنىڭ دەردىنى چۈشىنىڭ ، قارىغۇنى ياردا قىستىغاندەك ئىش قىلماڭ ، مۇھىمى ئۇنىڭ خوجايىنغا ئايلىنىپ قالماڭ . ئەرلەرنىڭ كەسپى ۋە شۇنىڭغا تۇشلۇق بېسىمى ، ئارزۇ – ئارمىنى بولىدۇ ، شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭ بارلىقى دەپ ئويلىماڭ ، ئىچ سىرىنى سۆزلىمىگىنىدىن رەنجىپمۇ يۈرمەڭ .
ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىگە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىڭ ، مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىنى توغرا تونۇڭ .
ھەممە كىشىنىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ ، شۇڭا ئېرىڭىزنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن قالماڭ . ئۆتمۈشتىكى ئىسمىنىمۇ بىلمىگەن ئاتالمىش ‹‹نازىنىن ›› بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپمۇ يۈرمەڭ ، بولمىسا چارچاپ قالىسىز . ئۆزىڭىزنىڭمۇ ھېكايىسى بارلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ .
ئەگەر ئۇ سىزنى سۆيسە ، ھەردائىم دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ، شۇڭا ئۇنى كۈندە نەچچە رەت ‹‹سېنى سۆيىمەن ›› دېيىشكە قىستىماڭ . ئاياللار تەسەللىگە مۇھتاج بولغاندەك ئەرلەرمۇ تەسەللى ئىستەيدۇ ، شۇڭا بۇنداق شەكىلۋازلىق بىلەن ئۇنىمۇ ، ئۆزىڭىزنىمۇ ھاردۇرۇۋالماڭ .
مۇستەقىل بولۇڭ ، گەرچە ئاياللارنىڭ ئېرىگە بېقىنىپ ياشىشى بەرھەق بولسىمۇ ، ئېرىڭىزنىڭ زېھنى ۋە ۋاقتىنى ھەر دائىم قولىڭىزدا قاماللىۋالماڭ . ئۆزىڭىزگە تۇشلۇق تەپەككۇر شەكلىڭىز ۋە كەسپىڭىز بولسۇن ، شۇندىلا ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى مۇھىم كىشىگە ئايلىنالايسىز .
ئېرىڭىزنىڭ يات جىنىستىن دوست تۇتۇشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەڭ ، بۇ نورمال ئىجتىمائىي ئالاقە ، ئەگەر پەقەت خاتىرجەم بولالمىسىڭىز ، قارشى تەرەپ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قېلىڭ . قۇم سىقىمدىغاندەك ھالەتكە چۈشۈپ قالماڭ ، قانچە چىڭ سىقىمدىسىڭىز ، قۇم شۇنچە ئېقىپ كېتىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن مەسلەكداش بولۇڭ ، سىزدەك مەسلەكداش تۇرغان يەردە ، ئۇ سىرتتا ‹‹دەرد تۆكۈپ ›› يۈرمەيدۇ . مەنبە « ئىككى كىشىلىك دۇنيا »
|