پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 102|ئىنكاس: 6

ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر قىلىدىغان 10خىل ناچار ئادەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5087 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9298 سەر
شۆھرەت
4205 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 14:31:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-18 10:53  

ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر قىلىدىغان 10خىل ناچار ئادەت



   ئۇيقۇ ئەڭ ياخشى گۈزەللىك دورىسى دەيدىغان گەپ بار، سۈپىتى ياخشى بولغان ئۇيقۇ كەيپىياتنى ياخشىلاپلا قالماستىن چىراينىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ. ئەمما ئۇخلاش ئالدىدىكى بەزى ناچار ئادەتلەر نېرۋىنىڭ ھاياجانلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

زادى قانداق قىلغاندا ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى 12خىل ناچار ئادەتتىن يىراق تۇرۇڭ .
1. ئۇخلاش ئالدىدا تېلىۋىزور كۆرۈش

بەلكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇخلاش ئالدىدا تېلىۋىزور كۆرۈش ياكى تورغا چىقىشنىڭ ھېچقانچە زىيىنى يوق دەپ ئويلىشى مۇمكىن .ئەمما تېلىۋىزور ياكى كومپىيوتىردىن چىققان نۇر ئادەم مېڭىسىنى غىدىقلاپ ھازىر تېخى ئۇخلاش ۋاقتى ئەمەس دەپ خاتا سېزىم پەيدا قىلىدۇ-دە، ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمايدۇ.


2.قوڭغۇراقلىق سائەتنى كارىۋات بېشىغا قويۇپ قويۇش

قوڭغۇراقلىق سائەتكە قاراپ ياكى ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياتسا ، ئادەم ئۆزى تۇيمىغان ھالدە قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ جىرىڭلىشىغا ۋە ياكى ئورنىدىن تۇرۇشقا قانچىلىك قالغانلىقىنى مۆلچەرلەپ ياتىدۇ،بۇنداق بولغاندا ئادەم تىت-تىت بولۇپ كېچىچە ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ.

3.ئۇخلاش ئالدىدا تېلىفوندا ئۇزاق پاراڭلىشىش

نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاش ئالدىدا كارىۋاتتا يېتىپ دوستلىرى ياكى ئاشىقى بىلەن تېلىفوندا پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئادەت ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يېقىنقى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇخلاش ئالدىدا تېلىفوندا ئۇزاق پاراڭلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ قاتتىق ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرىشى ناھايىتى تەس بولۇپ،بۇ ھالەتنىمۇ ئۇزاق ساقلىيالمايدىكەن.

4.ئۆينىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق بولۇشى

كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆي قانچە ئسسىق بولسا شۇنچە راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ،ئەمما بۇ خىل كۆز قاراش خاتا.ئەگەر ئۆي ئىچىنىڭ تېمپراتۇرىسى 20 گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ كەتسە،ئادەم مېڭىسى قاتتىق ئۇخلاش ھالىتىگە كىرەلمەيدۇ،شۇنداقلا ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

5.چىراقنى يېقىپ قويۇپ ئۇخلاش

تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئېدىسون چىراقنى كەشىپ قىلىشتىن بۇرۇن كىشىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى كۈنىگە 10سائەتتىن ئاشىدىكەن.بۇ نەتىجە شۇنى ئىسپاتلىدىكى:<ئۇيقۇ ھورمۇنى> نىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئادەم بەدىنىنىڭ ئېممونىت كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

6.ئۇخلاش ئالدىدا كوففېئىن ئستىمال قىلىش

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر چۈشتىن كېيىنلىك دەم ئېلىشتا بىرەر ئىستاكان قەھۋە، چاي ياكى كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئارقىلىق ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ،بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى كوففېئىننىڭ ئادەم بەدىنىدە تولۇق ھەزىم بولۇشقا كېتىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن . ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلماقچى بولىدىكەنسىز دوختۇرلار ئەڭ ياخشىسى ئۇخلاشتىن بۇرۇن8 سائەتكىچە تەركىبىدە كوففېئىن بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

7.ئۇخلاشتىن بۇرۇن تاماكا چېكىش

تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن مېڭىنىڭ ئقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ، شۇنداقلا تاماكا چەككەن ۋاقىتتا سرتقا پۈركەلگەن ئىس-تۈتەك نورمال نەپەسلىنىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ يۆتىلىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.

يېقىنقى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر ئۇخلىغاندىمۇ مېڭىسى دەم ئېلىش ھالىتىدە تۇرمايدىكەن ،بۇنداق بولغاندا ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمايدۇ.شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن 4 سائەتكىچە تاماكا چەكمەسلىك كېرەك.

8.ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىش

نۇرغۇنلىغان كىشىلەرئۇخلاشتىن بۇرۇن بىرەر ئىستاكان قىزىل ھاراق ئىچسە تېخىمۇ راھەت ئۇخلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ،ئەمما بۇ خىل كۆز قاراش خاتا .ھاررق تەركىبىدىكى ئىسپىرت ئادەم مېڭىسى ئوتتۇرا ريونىنى ھەرىكەتتىن توختىتىپ ئادەمنى ئاسانلا ئۇخلىتىپ قۇيىدۇ،بىراق بۇنداق زورلاپ ئۇخلىغاندا ئادەم مېڭىسى دەم ئېلىش ھالىتىدە تۇرمايدۇ ،ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

9.بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ ئۇخلاش

بەزى خانىم-قىزلار گۈزەللىك ئۈچۈن كېچېدىمۇ بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ ،بىراق بۇنداق قىلغاندا قان ئايلىنىش ياخشى بولمايدۇ.

تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىپ ئۇخلىغاندا،بەدەن تېمپىراتۇرىسى ئۆرلەپ ياخشى ئۇخلىغىلى بولمايدىكەن.

10.دۈم يېتىپ ئۇخلاش

نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بوۋاققا ئوخشاش دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ . قارايدۇ،ئەمما بۇ خىل ئادەت ياخشى ئەمەس ، بولۇپمۇ گۈزەللىكنى سۆيىدىغان خانىم-قىزلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق .دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا ئادەم يۈزىگە ئاسانلا قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ.

  
مەنبە : « قومۇل گىزىتى »

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 16:32:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسقاتىدىغان تۇرمۇش بىلىملىرىكەن . گۈلزار خانقىز ، رەھمەت سىزگە !

باھا سۆز

گۇلزار رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 17:21
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

6

تېما

2

دوست

1163

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
215 سەر
تىللا
10 دانە
تۆھپە
311 سەر
شۆھرەت
252 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 19:52:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزار قىز،سىزنىڭ يازغان تىمىلىرىڭىز ماڭا بەك يارىدى،ساغلام ياشاش بىزنىڭ توغرا بولغان تورمۇش ئادەتلىرىمىزدىن ئايرىلالمايدۇ،ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى  ئۆزگەرتىش ھەربىر ئەقىل ئىگىسى تىرىشىپ بىقىشقا تىگىشلىك ئىش.

باھا سۆز

گۇلزار رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 10:53
ئادەم ياشلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تۇغرا نىيەت ۋە ياخشى ئەخل ...

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 20:06:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىلىك ئۇيقۇنىڭ ياخشى-يامان بۇلۇشى كۈندۈزدىكى خىزمەتنىڭ ياخشى-يامان بۇلۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ئادەم روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن مۇۋاپىق دەم ئېلىشقا، ئېنىرگىيە تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق.
خانقىز، تېمىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم، سىز بۇ تېمىڭىزدا ئوتتۇرىغا قويغان ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر قىلىدىغان ناچار ئادەتلەرنىڭ بىر نەچچىسى مەندە باردەك قىلىدۇ، دىققەت قىلسام بولغىدەك. رەخمەت سىزگە.

باھا سۆز

گۇلزار ياخشىمۇسىز ئامان ئەپەندى ؟ يېقىندىن بۇيان مۇنبەردىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ يوللىغان تېمىلىرىغا قارىسام ، ئ تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 15:06
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-17 22:51:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  تىمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن   ئۈزەمنىڭ  ئۇيقۇمنىڭ  نىمىشقا ياخشى ئەمەسلىكىنى  بىلىۋالدىم    ،  رەھمەت  سىزگە   خانقىز.

باھا سۆز

گۇلزار ياخشىمۇسىز سىرداش ئەپەندى ئ ئۇيقۇڭىز ياخشى بولمىسا يوقۇرقى ئۇسۇللاردىن پايدىلنىڭ ھەم ياخشى ئۇخلاڭ . سالام تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 15:08
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5087 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9298 سەر
شۆھرەت
4205 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 15:06:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 20:06
كېچىلىك ئۇيقۇنىڭ ياخشى-يامان بۇلۇشى كۈندۈزدىكى خىزمەت ...

ياخشىمۇسىز  ئامان ئەپەندى ؟
يېقىندىن بۇيان مۇنبەردىكى بىر قىسىم ئەزالارنىڭ يوللىغان تېمىلىرىغا قارىسام ، ئۇلار بۇ تېمىلارنى كېچىسى يوللاپتۇ ، شۇڭا ئۇلارغا ئازراق پايدىسى تىگىپ قالار دىگەن ئۈمۈدتتە بۇنى يوللاپ قويدۇم ،  ئەگەر سىزدىمۇ بولسا دىققەت قىلارسىز . سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .  
رەھمەت

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5087 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9298 سەر
شۆھرەت
4205 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 15:08:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش يوللىغان ۋاقتى  2013-1-17 22:51
مەن  تىمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن   ئۈزەمنىڭ  ئۇيقۇمنىڭ   ...

ياخشىمۇسىز سىرداش ئەپەندى ئ
ئۇيقۇڭىز ياخشى بولمىسا  يوقۇرقى ئۇسۇللاردىن پايدىلنىڭ ھەم  ياخشى ئۇخلاڭ .  سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ . ھەدىدىن زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ .رەھمەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 11:56, Processed in 0.395983 second(s), 44 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش