ئويلۇدۇم ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان
ئەلگە سادىق،ئوت يۈرەك ئوغلان بولۇشنى ئويلۇدۇم. ئەل ئۈچۈن قەلبى لاۋا–گۈلخان بولۇشنى ئويلۇدۇم.
كىمكى بولسا ئەل-ۋەتەننىڭ دۈشمىنى،خائىنلىرى، كۆكسىگە ئوق ياغدۇرۇپ پالۋان بولۇشنى ئويلۇدۇم.
ئەل-ۋەتەن دەپ بۇ ئېزىز جاندىن كېچىش راھەت ماڭا، ئەل بىلەن بىر تەندىكى بىر جان بولۇشنى ئويلۇدۇم.
ئەل-ۋەتەننىڭ مېھرى ئۈستۈن قانچە شاھلىق تەختىدىن، شۇ مېھىرنىڭ تەپتىدىن چوغلان بولۇشنى ئويلۇدۇم.
ئەلگە ھىممەت كۆرسىتىشتە يەڭ تۈرۈپ ئىشلەپ راسا، تەر تۆكۈپ كەتمەن چېپىپ دېھقان بولۇشنى ئويلۇدۇم.
ياز،تومۇزدا سايە تاشلاپ ئەلگە راھەتلەر بېرىپ، دىل ئارامى خوشلىقى بوستان بولۇشنى ئويلۇدۇم.
ئەل ئۈچۈن ياقلاش ئادالەت مەن ئۈچۈن چوڭ شان-شەرەپ، شۇ ئادالەت بايرىقى تۇغيان بولۇشنى ئويلۇدۇم.
ئەل ئۈمۈدى ئاقلىماغلىق مەندىكى ۋىژدان،بۇرۇچ، چىن غورۇرلۇق،پاك نىيەت ئىنسان بولۇشنى ئويلۇدۇم.
پەرىشتە
ئەسسالام دەپ تاڭ سەھەر كۈلۈپ كەلگەن پەرىشتە، كۈلكە بىلەن ئۈمۈتنى ئېلىپ كەلگەن پەرىشتە.
ئەھۋال سوراپ بىماردىن يېتىپ ئۇنىڭ ھالىغا، يۈرەك-باغرى ،سىرىنى بىلىپ كەلگەن پەرىشتە.
چىرايىدىن بىمارنىڭ كۆرمەك ئۈچۈن خوشاللىق، چىن قەلبىدىن مىھرىنى بېرىپ كەلگەن پەرىشتە.
تاغدەك جاپا چەكسىمۇ ۋايساپ قالماس زەررىچە، يۈرۈگىدىن كەسپىنى سۆيۈپ كەلگەن پەرىشتە.
پەرىقلەنمەس تۆھپىدە ئىشچان ھەسەل ھەرىدىن، چىن ئىخلاستىن بال ھەسەل سۇنۇپ كەلگەن پەرىشتە.
ئاۋام سېنى كۈيلەيدۇ،ئارزۇ-ئىستەك تىلەيدۇ، يۈرەكلەرگە ئوت-ئاتەش سېلىپ كەلگەن پەرىشتە. مۇھەررىر
ھەر ئەسەردىن نوقساننى كۈزىتسەن مۇھەررىر، كۆڭۈل قويۇپ ئىزدىنىپ،تۈزۈتسەن مۇھەررىر.
كىم قەلەمگە تەلپۈنسە ئىلھام بېرىپ ئۇلارغا، يۈكسەك بۇرۇچ،ئاڭ بىلەن ئۈگۈتسەن مۇھەررىر.
ئىللەتلەرنى قامچىلاپ،ياخشىلىققا يول ئېچىپ، ئاق-قارىنى ئاۋامغا تونتسەن مۇھەررىر.
دىلغا تۆكۈپ ھىممەتنى،تەربىيلەشتە مىللەتنى، ئۆزىڭنىمۇ ھەتتاكى ئۇنتسەن مۇھەررىر.
ئۈندەپ ئەلنى-ئاۋامنى ھەردەم گۈزەل تۇرمۇشقا، جەۋھەرلەردىن گۈل تىزىپ پۇرىتسەن مۇھەررىر.
چېچىپ ئىلىم نۇرىنى،نادانلىقنى-غەپلەتنى يىلتىزىدىن-غولىدىن قۇرتىسەن مۇھەررىر.
يازسام مەڭگۈ تۈگۈمەس خىسلەت تولغان ئىزلىرىڭ، قەلبىمىزنى ھەر بەتتە يورىتسەن مۇھەررىر. ئاپتۇر:قەشقەر ۋىلايەت يېڭسار ناھىيە توپلۇق باشلانغۇچ مەكتىۋىدە |