بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-15 15:26
راكقا شىپا تاماق شەجەرسىدىكى 12 ماددىلىق تەكلىپ
ئالدى بىلە ن ھەمىڭلارنىڭ ساغلام بولۇپ، ئائىلەڭلەردىكىلەر بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كۆچۈرشىڭلارنى تىلەيمەن ساغلاملىق ، بەخت ، ئامەت ھەر دائىم سىزلەرگە يار بولغاي !!! يېقىندا <<ئامېرىكا ئىنتېىرنىېت دوختۇرلۇق دوكتۇرى >>تورىدا ئامېرىكا راك تەتقىقات ئورنى ئىلان قىلغان تۈۋەن ياغلىق ،يۇقىرى تالالىق ،ساپ تەبئىي_ راكقا قارشى يېڭى تاماق شەجەرسى يەكۈنلىنىپ ،يىمەك _ئىچمەك ئادىتى مۇۋاپىق بولسىلا ،نۇرغۇن راك كېسەللىكلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى .
1.گۆشسىزى كۆپ ،گۆشلۈكى ئاز بۇلۇش ،غىزالانغاندا گۆشسىز تاماق ئاز بولغاندىمۇ 3/2قىسىمنى ئىگىلىشى ،ھايۋانات ئاقسىلى بولسا ياخشىسى 3 /1قىسىمدىن ئاشماسلىقى كېرەك .
2.مىۋە _كۆكتات ھەر كۈنى بەش ئۈلۈش بۇلۇش يېيىش كېرەك .مېۋە _كۆكتات ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشقىمۇ ،راكنىڭ خەتىرىنىمۇ تۈۋەنلىتىشكىمۇ پايدىلىق ،تەكلىپ بۇيىچە مېۋە _كۆكتاتنى ھەر كۈنى بەش ئۈلۈش يىيىش كېرەك .
3.ئەتىگەندە يۇپۇرماق كىسلاتالىقلار بىلەن غىزالىنىش ،يۇپۇرماق كىسلاتاسى بوغماق ئۈچەي ،تۈز ئۈچەي ،ۋە سۈت بىزى راكىغا شىپا بولىدۇ .،ئاپلىسىن شەربىتى ،لىمون ،،بۆلجۈرگەن ،مەرۋايتگۈل ،،ۋە تۇخۇم پۇرچاق تۈردىكىلەر ،پالەك ،ئۇسۇڭ ، قاتارلىقلار تەركىبىدە يۇپۇرماق كىسلاتاسى مول يېمەكلىكىدۇر .
4.پىششىقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش سۈرلەنگەن گۆش تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئاز يىېسە ،،بوغماق ئۈچەي راكى ،توغرا ئۈچەي راكى ۋە ئاشقازان راكىنىڭ قوزغىلىش نىسپىتى تۈۋەنلەيدۇ .،ئىسلانغان ۋە تۇزلانغان گۆشلەردىكى يۇشۇرۇن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارمۇ راك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى كۈپەيتىدۇ .
5،دائىم شوخلا يېيىش شوخلا يىسە مەزى بىزى راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل راك كېسىلىنىڭ خەتىرىي ئازىيىدۇ ،،بۇ شوخلا تەركىبىدىكى مول لىكوپىن (شوخلا قىزىلى )ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقتىن بولىدۇ .
6.دائىم يېشىل چاي ئىچىش چاينى دائىم ئىچىپ بەرسە دوۋسۇن ، ئاشقازان ۋە ئاشقازان ئاستى بىزى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسپىتى تۆۋەنلەيدۇ . چايلار ئىچىدە يېشىل چاينىڭ راكقا قارشى تۇرۇش رولى نىسپەتەن كۈچلۈك ،،ئۇ بوغماق ئۈچەي راكى ،،جىگەر راكى ،سۈت بىزى راكى ھەم مەزى بىزى راكىغا شىپا بولىدۇ .
7.ھاراقنى تىزگىنلەش ،ئېغىز ،كاناي ، قىزىل ئۆڭگەچ ،جىگەر ،ۋە سۈت بىزى راكى ھاراق ئىچىشتىن پەيدا بولىدۇ ،،ھاراق ئىچسە ، بوغماق ئۈچەي ۋە تۈز ئۈچەي ، راكىنىڭ خەتىىرىمۇ كۆپىيىدۇ .
8.قايناق سۇ ئىچكەن ئەڭ ياخشى قايناق سۇ ئىچسە ،دۇۋسۇندىكى يۇشۇرۇن راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ئىنتايىن ياخشى سۇيۇلدۇرۇپ ، چىقىرۋىتىلدۇ .
9.كىرېست گۈللۈك كۆكتاتلار ؛كىرىېسىت گۈللۈكلەر تۈردىكى كۆكتاتلار كىلاسسىك راكقا قارشى كۆكتاتلار بۇلۇپ ،كەترەن ،،چىچەكسەي ،،قاتكۆكۋە ياۋا قاتكۆكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
10. قورۇلغان ،قاقلانغان ،كۆيدۈرۈلگەن يېمەكلىكلەر راكقا گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ . يۇقىرى تىمپۇراتۇردا قورۇلغان ، قاقلانغان ياكى كۆيدۈرۈلگەن گۆشلەردە ، بەزى خىمىيلىك ماددىلار بۇلۇپ ،راكقا گىرىپتار بۇلۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ .،ھورداش قاينىتىش ،،دۈملەش ئۇسۇلىدا پىشۇرۇلسا ،ئەكىسچە بىخەتەر بولىدۇ .،بۇنىڭدىن سىرىت گۆشنى دۈملەپ پىشۇرغاندا ،ئۇزۇقلۇقى مول ،ۋە راكقا شىپا كۆكتاتلارنى قۇشۇپ پىشۇرۇش كېرەك .
11.يېڭى بۆلجۈرگەن ۋە مالىنا شەربىتى .بۆلجۈرگەن ۋە مالىنا تەركىبىدە ئۈسۈملۈك ئۇزۇقلۇق ماددىسى ئېللاگىك كىسلاتاسى بۇلۇپ ،ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئۈنۈمى كۈچلۈك ،بۇ دورا راك كېسىلگە كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قارشى تۇرۇپ ،راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يۇقىتىدۇ .ھەم راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۈسۈشنى توسىدۇ .
12.قەنىتنى ئاز يىيىش ؛ قەنىت راك كىسىلىنى بىۋاستە پەيدا قىلمىسىمۇ ،لىكىن ئىنرگىيەنىڭ بەك كۆپ قۇبۇل قىلىنىشى سىمىزلىكىنىڭ مۇھىم كېسەل سەۋەبىنىڭ بىرى ھالبۇكى ،سىمىزلىك ،راك كېسىلىنىڭ بىر چوڭ ،خەۋىپى ،شۇڭا ، قەنىتنىڭ ئورنىدا تەركىبىدە ۋىتامىن مول مىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىش كېرەك .
مەنبە __________ھاياتلىق
|