پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3621 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخىشمۇسسللەر 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆچەت تىكىش بايرىمڭلارغا مۇبارەك بولسۇن؟

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • 阿布都艾尼江  3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • 阿布都艾尼江  4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 160|ئىنكاس: 7

ئەتلەس كۆينەك لەپەڭشىگەچ DJ غا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

94

تېما

16

دوست

9588

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1994 سەر
تىللا
614 دانە
تۆھپە
2239 سەر
شۆھرەت
1889 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 17:03:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى بىر چاغ سىڭىپ كىردى بىزلەرگە ،
DJ دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئۇقۇمى .
يۇقامدىكىن دەيمەن بىزگە بەك تىزلا ،
باشقىلارنىڭ ‹ مەدەنىيەت › يۇقۇمى .

بەلنى تولغاپ ، باش لىڭىشتىش ئاساسلىق ،
شەرتى ئىكەن بۇ يىڭىلىق DJ نىڭ .
كۈندۈزلىرى ئارام ئېلىپ ئۇخلىسا ،
قىززىپ كىتەر شاھى بولۇپ كىچىنىڭ .

ۋاي تۇنۇگۇن  تەكلىپ بىلەن يول ئېلىپ ،
بارار بولدۇم بىر قاتار چاي نۆۋەتكە .
ئۇ يەردىكى چاقىرىلغان مىھمانلار ،
لايىق ئىدى بىر كىشىلىك ھۆرمەتكە .

شۈنچە رەڭدار كۆركەم ئىدى قورۇما ،
كەلتۈرۈلگەن داستىخانغا يىيىشكە .
قۇلاق گاستۇر ئەمما سورۇن - ئەلئارا ،
ئاڭلىماق تەس ، قالدۇرۇلغان دىيىشكە .

كەلگەن ئىدى ئالدىمىزغا لىقمۇ - لىق ،
دىدۇق ، يىدۇق ئۈستەل يۈزى بەكمۇ مول .
جار سالىدۇ تىترەپ تۇرۇپ  ياڭراتقۇ ،
ئولتۇردۇق ھەم ئۆزىمىزنى قىلىپ گول .

قېنى ئۇسسۇل ، تەكلىپ ئەتتى بىراۋلار ،
بوپتۇ مەيلى : چۈشتۈم ئارا مەيدانغا .
ئەتراپىمدا كۆز يۈگۈرتۈپ تۇرغانغا  ،
نوقتا بولدۇم بەلكىم كۆزى ، ھەيرانغا .

مەشرەپ دەيىتتى ئوينا سورۇن سىنىڭكى  ،
دۇتتار ، غىجەك ، داپ ، راۋاپتىن نەزمىگە .
بولۇپ قالدىم شۇ سورۇندا ئەكىسچە ،
ئوخشىتىلىپ ‹ كىسەل چىۋىن › ئەزمىگە .

ئادەم جىقمۇ ياكى سەھنە كىچىكمۇ ؟
پاتمايدىكەن بىز ئوينىغان ئۇسسۇللار .
‹ قولۇڭ تەگدى ، يىغىپ ئوينا پۇتۇڭنى › ،
بولدى پەيدا ھەرخىل ، تۇيغۇ قۇسۇرلار .

ئارقىدىنلا جاراڭلىدى گۆپۈلدەپ ،
DJ دەيدۇ قىسقىغىنا ئىسمىنى .
خۇشاللىق دەپ دەسسىگەنلەر ئۇنىڭغا ،
بىلىپ ، بىلمەي قىينايدىكەن جىسمىنى .

‹ ئۇھ › ئۇ كىمدۇ دىدىم ئۆزۈم - ئۆزۈمگە ،
سىياقىدىن ‹ ئۇيغۇر قىزى › بىلىنەر .
بىراق ئۇنىڭ شوخ DJ نى ئوينىشى ،
كىم ، كىملەرنىڭ كۆزلىرىگە ئىلىنەر .

ئۇچىسدا زەرچە ئەتلەس كۆينىكى ،
پارقىرايدۇ رەڭلىك چىراق نۇرىدا .
بىر خىل تونۇش پۇراق كىلەر ئۇنىڭدىن ،
ھەر بىر گۈلى ، ھەربىر يولى قۇرىدا .

زاڭىقىغا چۈشكەن چېچى ئۇ قىزنىڭ ،
بىر چۇۋۇلۇپ ، بىر تۈزىلىپ يايرايدۇ .
كۆينەكلىرى ھەم ماسلىشىپ DJ غا ،
قالايمىقان لەپەڭىشىپ  ھارمايدۇ .

ئىززەت ئىدى ئۇ كۆينىكى قىزچاققا ،
ئۇ سورۇنغا كىيدىمۇ يا بىلمەستىن .
ھەي مەيلىدى كىيسىغۇ ئۇ يارىشار ،
ئوينىدى ئۇ كۆينەكتىن ئەيمىنمەستىن .

تەرلەپ ، پىشىپ ھۆل بولۇپتۇ يۈز - كۆزى ،
بىر چاغلاردا  DJ  دىنمۇ توختىدى .
ئەتلەس بىلەن ئويناشلىرى تولغىما ،
خۇددى توكۇر بولغان توزغا ئوخشىدى .

داۋاملاشتى سورۇن ئەنە ئاشۇنداق ،
بىردە ئۇسسۇل ، بىردە DJ مۇزىكا .
ئوينايدىكەن ئارىمايلا چوڭ - كىچىك ،
ئاچا - سىڭىل ، ئاغىنە ، ئاكا - ئۇكا .

‹ ئەتلەس كۆينەك يارالمىغان  DJ غا ،
بىلىپ قويۇڭ › دىدىم ئاستا ئۇنىڭغا .
دىدى قىزمۇ ‹ ئەمسە چىمەن دوپپىچۇ ؟
قاراق ئەنە نىمە دەيسىز بۇنىڭغا › ؟

راسىت دىگەندەك قاراپ باقسام بار ئىكەن ،
نەچچە يىگىت ، نەچچە ئەرنىڭ بېشىدا .
دوپپا كىيىپ شۇنداق ئويناپ يۈرگىنى ،
ماس كەلمەيىتتى ھەرگىز مۇنۇ يېشىدا  .

تەنبىھ يىدىم تەربىيەمگە قىزچاقتىن ،
چۈشتۈم ئاستا ئۆزگىرىپلا پەسكويغا .
كىچىك ئىشتى ئەسلى مۇنداق ئىش دىگەن ،
بىراق سالار ۋاختى كەلسە چوڭ ئويغا .

ئەتلەس كۆينەك لەپەڭشىگەچ  DJ غا ،
يازدىم بۇنى تىما قىلىپ مۇنبەرگە .
مازاق ئەتمەڭ بۇنى كۆرگەن ئوقۇرمەن ،
چالا ساۋات مەن نائۇستا شىرلارغا› .

بىر ئادەمنىڭ ئۆزگەرگىنى كۆرۈنمەس ،
ئۇنى كۆرگەن نەچچەيلەنلا ئۇقىدۇ .
تۈزەلمىسە بىرى ئەگەر ۋاختىدا ،
بىرى ئونغا ، ئونى مىڭغا يۇقىدۇ .

قەلبىمىزدە گۈللىتەيلى ئەخلاقنى ،
جىسمىمىزدا چاقنىسۇن ھەم ئەنئەنە .
قەدىرلىسەك مۇشۇ ئالتۇن چاغلارنى ،
قەدىرلىنىپ ئۆتەرمىز بىزمۇ يەنە .

ئويلىنايلى مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ،
بۇنداق كىچىك ، كىچىك ، كىچىك ئىشلارنى .
سالالمىساق كۆزىمىزدىن ھەي ، نەزەر ،
ئەتە - ئۆگۈن كۆرۈرمىز نىمىشلارنى ؟ . . .


دىمەكچى بولغان كىچىككىنە مەقسىدىمنى بىر مۇنچە قاپىيەلەرگە قاش ئاتقۇزۇپ ، بىر مۇنچە بوغۇملارغا بوغدۇرۇپ ئاران دىگەندە مۈشۈنچىلىك ئەپلەشتۈرەلىدىم .
شۇڭا كەم - كوسا جايلىرى بولسا ئاكتىپلىق بىلەن تولۇقلاپ قويساڭلار قارشى ئالىمەن ، ئەمما تىمىنى ماڭا باغلىۋىلىپ ۋە ياكى باشقا بىر ئىشلارغا چېتىشتۇرۇپ ئىنكاس قالدۇرماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن !

مەنبە : رىئاللىقتىكى كۆرگەن  ، بىلگەنلىرىم ، تەسىراتلىرىمدىن
ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
umid0998 + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.
گۇلزار + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 15 تىللا + 15 تۆھپە + 15 شۆھرەت + 15  باھا خاتىرىسى

كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 17:23:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شىئېرىڭىز  قالتىس  بەلەن  چىقىپتۇ،  رەھمەت  سىزگە.

باھا سۆز

tursunjan رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 18:50
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

8

تېما

1

دوست

2970

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
695 سەر
تىللا
135 دانە
تۆھپە
627 سەر
شۆھرەت
549 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 18:47:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قەسىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 18:49  

    خاتالىقنى سۆزلەپسىز«د ج»نى ئىنكار قىلىپ،
          تالانت بىلەن كەلتۈرۈپسىز مارجاندەك تىزىپ.
            ھەق سۆزلىسە سىزگە ئوخشاش ئەركەكلەر،
        يامانلىقتىن ياناتتى قىزلار بەلكى، ئەقلىگە كېلىپ.   

باھا سۆز

tursunjan رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 18:49

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5041 سەر
تىللا
2202 دانە
تۆھپە
8458 سەر
شۆھرەت
3657 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 21:03:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 00:41  

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەتئەللەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى،.... مېغىزنىمۇ، شاكالنىمۇ  قۇبۇل قىلدۇق، بولۇپمۇ مىللى خاسلىقىمىزغا، مىللى ئەنئەنىلىرىمىزگە يات بىر قىسىم ئەخلەت-شاكاللارغا مەپتۇن بۇلۇپ، ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت›› دەپ ئاتىۋالدۇق. نەتىجىدە ئاتالمىش ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت››نىڭ تەتۈر قويۇنلىرىغا پىرقىراپ، يىمەك-ئىچمەك، كىيىنىش، ئىجتىمائى ئالاقە، ئۆرۈپ-ئادەت، توي-تۆكۈن ..... قاتارلىق جەھەتلەردە ئەسلىمىزدىن، خاسلىقىمىزدىن ياتلاشتۇق. رەخمەت ئىنىم، گەرچە شېئىرىڭىزدا ۋەزىن، تۇراق جەھەتتە قىسمەن مەسىلىلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئۆزىمىزدە ساقلىنىۋاتقان رىيال مەسىلىلەرنى دەك جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈپسىز. قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.  
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

87

تېما

21

دوست

6272

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1486 سەر
تىللا
365 دانە
تۆھپە
1101 سەر
شۆھرەت
1153 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 23:00:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 21:03
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ...

راست ئىيتىسىز، بىزلەر ئۆزىمىزنىڭ بىباھا گۆھەرلىرىمىزنى ئەخلەت قاتارىدا چۆرۇپ تاشلاپ، گەندىگە ئولاشقان چىۋىنگە ئوخشاش غەربنىڭ مەدەنىيەت ئەخلەتلرىگە ئۆزىمىزنى ئاتتۇق، ئۇنى گۆھەر بىلىپ بىشىمىزغا ئالدۇق.ئۆزىمىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى غەربنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن باھالاپ، «كىرەكسىز،تەرەققىياتقا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان نەرسە»لەر قاتارىغا چىقاردۇق........
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 23:10:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان ئەپەندىم يېقىندىن بۇيان بايقاش مۇنبىرىنى ئۈزىڭىزنىڭ مۇنبىرىدەكلا كۈينۈپ ئىجادىي تىمىللىرىڭىزنى يوللاۋاتىسىز . سىزنىڭ يازغان شىئېرلىرىڭىزدىن بايقاشتىكى ھەەر بىر ئەزا تۇلىمۇ  مىننەتدار  رەخمەت سىزگە

باھا سۆز

tursunjan رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 14:42
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

66

تېما

28

دوست

7762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1876 سەر
تىللا
204 دانە
تۆھپە
1466 سەر
شۆھرەت
1353 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 15:48:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز .داۋامىلق مۇشۇنداق ئىسل ئەسەرلىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز .

باھا سۆز

tursunjan چوقۇم  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 15:49
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 14:37:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ بىر بەلەن مىللى ئۇسۇللىرىمىزنى تاشلىۋېتىپ ، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قارىغۇلارچە قوغلىشىدىغانلارنىڭ ..................ئاغزىمغا بىر گەپ كەپتى ، دىمەي بولدى.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 05:14, Processed in 0.423157 second(s), 46 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش