ئىگىسى: نۇرزىبا

ئىنكاس يېزىڭ تېمىغا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-4-19 16:55:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يىزىڭ تىمىغا ،
ئىلھام بىرىپ باشقىغا .
بۇلۇر ئاۋات تىمىلار ،
ئۇچراپ قالسا ياخشىلار .

ياخشىلارغۇ ئاز ئەمەس ،
ئۆملىشەيلى ھەممىمىز .
بىر نىيەت ھەم مەقسەتتە ،
كۆتۈرۈلسۇن گەۋدىمىز .

نەپ بىرەيلى ئۆزگىمۇ ،
مەنپەئەتلىنىپ ئۆتىمىز .
ئىشلەتكەندە رەھمەت يوق ،
سىزدىن ئىنكاس كۈتىمىز .




باھا سۆز

يارايسىز!  ۋاقتى: 2014-10-11 14:39
ۋاقتى: 2014-4-19 22:23:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن كېيىن ئىنكاس يېزىشنى ئادەت قىلسام بولغۇدەك
ۋاقتى: 2014-4-19 23:32:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يازغان ياخشىلىق،
كۆتۈرمەيدۇ ساقتىلىق.
تىلەك تىلەپ ئۆزئارا،
بايقاش تاپار ئېناقلىق.

باھا سۆز

ياخشى يېزىلىپتۇ .  ۋاقتى: 2014-10-11 14:38
ۋاقتى: 2014-4-19 23:57:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكالا دوستۇم، سىزنىڭ يېزىقچىلىقتىكى سەۋىيەرىڭىز خېلى بولىدىكەن، ياخشى يېزىپسىز
ۋاقتى: 2014-4-21 12:42:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددى تىل ، يېقىملىق شىئىرى مىسرالار... قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ياخشىكەن، يارايسىز
ۋاقتى: 2014-4-21 12:47:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تايلاق يوللىغان ۋاقتى  2011-12-2 21:29
توغرا دەيسىز ئەركەمجان،
ئىنكاس يازماق تەسمىدى.
خوشياق ...

شىئىرى تۇيغۇغا بەك بايكەنسىلەر! قۇلۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن:
ۋاقتى: 2014-4-26 14:16:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى شېئىرلاكەن باركاللا مەنمۇ ئىلھام ئالدىم.
ۋاقتى: 2014-8-11 16:03:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ ، مەنمۇ قوللايمەن !
ۋاقتى: 2014-10-10 16:07:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپلىرىڭىز ئەكرەمجان،
تەگدى يۈرەككە.
ئىنكاس يازىمىز دائىم،
ياخشى تېلەكتە.

بىزنىڭ ئۇشبۇ بايقاشتا،
ياخشى تېما قاينىسۇن.
بايقاش بولسا لوقما گۆش،
مەززە قىلىپ چاينىسۇن.

ۋاقتى: 2014-12-13 11:52:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارنىڭ ئەجىرنى كۆرۈپ دائىم بىكارغا،
خۇش ياقمامدۇ دوستلۇرۇم ئىنكاس يېزىش ئىشىغا.
پايدىلىنىپمۇ قانغۇچە ماتىرياللار  توپلىمىدىن،
باشقىلارنى قوللاشقا گەپ- سۆز يوقتۇ نېمىشقا.

كېلىڭ دوستلار يازايلى باشقىلارنىڭ شەنىگە،
يېقىملىق سۆز- دۇردانە تىزىپ بىزمۇ مۇنبەرگە.
قىزىپ كەتسۇن مۇنبىرىمىز ئىنكاسلارنىڭ جەۋھىردە،
بولۇپ ھەممە مىننەتدار بىر- بىرىمىزنىڭ شەرپىگە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش