بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-12 18:47
سىنىپ مەسئۇللىرى ئوقۇشقا تىگىشلىك ھېكايىنىڭ ئۈچۈنچىسى يوللاندى ئوقۇپ بېقىڭ
3. سىنىپ مەسئۇلى ھەيكەلتاراش بولماستىن،شۇ ھەيكەلدىن زوق ئالغۇچى بولىشى كېرەك. ئىلگىرى بىر تاغدا،بىر-بىرىگە ئوپمۇ-ئوخشاش ئىككى تاش بار ئىكەن.بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كىيىن.بۇلارنىڭ تەقدىرىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل بوپتۇ.بىرى ئىنتايىن نەپىس ھەيكەلگە ئايلىنىپ،باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتالايدىغان ۋە ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشەلەيدىغان بوپتۇ.يەنە بىر تاش يول بويىدىكى ئادەتتىكى بىر تاشقا ئايلىنىپ كىشىلەر تەرپىدىن ھېلى ئۇ يەر ھېلى بۇ يەرگە يۆتكىۋىتىلىدىغان،دائىم دەسىلىدىغان تەقدىرگە دۇچ كەپتۇ.بىر كۈنى يول بويىدىكى تاش نارازى بولغان ھالدا:“بۇرادەر ئۈچ يىل ئىلگىرى بىر تاغدىكى ئوخشاش تاشلار ئىدۇق،بۈگۈن بىزنىڭ پەرقىمىز ھەقىقەتەن چوڭىيىپ كەتتى.شۇڭا مېنىڭ كۆڭلۈم بەك يېرىم“دەپتۇ. ھەيكەلگە ئايلاندۇرۇلغان تاش بۇرادىرىگە:بۇرادەر ئېسىڭدە بارمۇ؟ئۈچ يىل ئىلگىرى،بىر ھەلكەلتاراش كەلگەن ئىدى.سەن ئۆزگىرىشنى قۇبۇل قىلمىدىڭ.بەدىنىڭنى پىچاق بىلەن كەسكەن ۋە ئويغان چاغدىكى جاپالارغا چداشنى خالىمىدىڭ.سەن ئۇنىڭغا“مېنىڭ پەقەت ئۇ يەر بۇ يەرلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ“دەپ تۇرىۋالدىڭ.ئەمما مەن ئۇۋاقىتتا،ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسى ھالىتىمنى ئويلاپ،ئۆزگەرتىشنى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدىم.بەدىنىمنىڭ ھەر قانداق يېرىنى كەسسە بەرداشلىق بەردىم.شۇڭا ھەيكەلتاراش ساڭا ئانچە-مۇنچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپلا بولدى قىلدى.ئەمما مېنىچۇ؟بولقا بىلەن چوقۇدى،ھەرە بىلەن كەستى،پىچاق بىلەن ئويدى،قۇم قەغەز بىلەن سۈرتتى.مېنىڭ تارتقان ئازاپلىرىم سېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغاچقىلا،مېنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىم بارلىققا كەلدى.“دەپتۇ.بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن يول بويىدىكى تاش ھەم خىجىل بوپتۇ.ھەم پۇشايمان قىپتۇ. بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ”ھەيكەلتاراش“ى بولىمەن دەپ ئويلىماڭ.ئوقۇغۇچىلارنى“بولقا بىلەن ئۇرۇپ،ھەرە بىلەن ھەرىدەپ،پىچاق بىلەن ئۇيۇش“نىمۇ ئويلىماڭ.ئەمىلىيەتتە ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئەسلىدىنلا سىزگە زوق ئاتا قىلالايدىغان“ئېسىل سەنئەت بويۇمى“.ئوقۇغۇچىلار قانداق ئادەم بولۇشنى ئويلايدۇ؟بۇ پۈتۈنلەي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا باغلىق.بىز ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز.بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز،ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى،ئاكتىپ ئالغا باسىدىغان جايلىرىنى لوپا ئەينەكتە چوڭايتىپ كۆرسىتىش.ئۇلارنى تۇرمۇشقا، جەمىيەتكە ئاكتىپ يۈزلىنىشكە، ئۆز-ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشقا، ئۆز تەقدىرىنىڭ “ھەيكەلتاراش“ى بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش.
|