تاماقتىن كىيىنكى سېزىم ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى كېسەللىكنى قىياس قىلىش
ساغلاملىق تېمىسىدىكى تېمىلارنى ئەسلى مۇنبىرىمىزنىڭ دۇختۇرى دوستۇم مەرىپەتنىڭ ئىدى ، ئەمما نەچچە كۈن بولدى ،دوستۇم مۇنبەردە كۆرۈنمەيدۇ .قارىغاندا جىددى كېسەل كېلىپ قالغان چېغى ،شۇڭا بۇنى ئۆزەملا يوللىۋەتتىم .ئەمما مەسلىھەت سورىماقچى بولساڭلار دوستۇم مەرىپەتتىن سورارسىلەر . ھەممىڭلارغا ساغلاملىق يار بولسۇن كۆپلگەن كېسەللىكلەر بىلەن يىمەك-ئىچمەك زىچ مۇناسىۋەتلىك.شۇڭا،تاماقتىن كېيىنكى سېزىمغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.بىر قىسىم بىنورمال سېزىملار بەدىنىمزدە مەلۇم بىر خىل كىسەللىكنىڭ بارلىقىدىن بىشارەت بىرەلەيدۇ.
1.ياغلىق تاماق يىگەندىن كىيىن،ئەگەر قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۇستىنكى قىسىمى كۆپۇپ ئاغرىسا ھەم بۇ خىل ئاغرىق مۈرە قىسمغمۇ تەسىر كۆرسەتسە،ئۆت ياللۇغى ياكى ئۆتكە تاش چۇشكەن بۇلۇشى مۇمكىن.
2.تاماق يەپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قورساق ئاچقاندەك سېزىم بولسا ھەم قورساقنىڭ ئۇستىنكى قىسمى ئاغرىسا،ئاغزىدىن ئاچچىق سۇ يانسا،بۇ دەسلەپتىكى باسقۇچىكى ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارسىغا گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى.
3.تاماقتىن كىيىن قورساقنىڭ كۆپۇشى ئېغىرلاپ،تۇز ياتقاندا يېنىكلىسە،دائىم نەپەس سىقىلسا،بەزى ۋاقىتتا قەۋزىيەت بۇلۇپ قالسا ياكى ئىچى سۈرۈپ كەتسە،بۇ ئاشقازان ئاجىزلاپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
4.ئىشتىھاسى ياخشى بولسىمۇ،لېكىن كۆرنەرلىك ئورۇقلاپ كەتسە ھەم ماغدۇرلانسا،ئىسسىقتىن قورقىسا،كۆپ تەرلىسە،ئاسان ئاچچىقلانسا،كۆز ئالمىسى سەل-پەل چىقىپ قالغان بولسا،بۇ قالقانسىمان بەزخىزمىتنىڭ كۈچيىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
5.ئادەتتە ئىشتھاسى ياخشى بولماي،چوڭ تەرىتى سۇيۇق،قىتىم سانى كۆپ بولسا،ياغلىق تاماق يېگەندىن كىيىن ئىچى سۈرۈپ كەتسە،بۇ ئاشقازان،ئۇچەي ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكنى بىلدۈردو.
6.ئشتىھاسى نورمال بۇلۇپ،تاماقتىن كېيىن ئۈچىيى غۇلدۇرلىسا،چوڭ تەرەت قىلغۇسى كەلسە،ئاشقازان،ئۇچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى،ئۈچەي زىيادە سىزىمچانلىق كېسەللكى ياكى ئاستا خاراكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدو.
7.ئوتتىرا ياش ۋە ياشانغان كىشلەردە ھىچقانداق كىسەللىك بولمىغان ئەھۋالدىمۇ،تاماقتىن كېيىن قورساقنىڭ ئۈستۇنكى قىسمى كۆپۈپ ئاغرىپ،ئشتىھاسى تۇتۇلسا،بۇ دەسلەپتىكى باسقۇچتىكى ئاشقازان راكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
8.ئوتتورا ياش ۋە ياشانغان كىشلەرنىڭ ئشتىھاسى ياخشى بولسا،تاماقنى يېگەنسىرى يېگۇسى كەلسە،تاماقتىن كېيىن ئۇسساپ سۇنى كۆپ ئىچسە،ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ،ئۇرۇقلاپ كەتسە،دېيابېت كېسەللىكلەرنىڭ ئالامتىدۇر.
9.تاماق يەۋاتقاندا ياندۇرسا،بۇ دائىم كۆرىلدىغان قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغنىڭ ئالامىتىدۇ. 10.تاماق يەپ ئۇزۇن ئۆتمەي ياندۇرسا،بۇ ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالامتىدۇر.
11.تاماق يەپ بىر نەچچە سائەتىتىن تارتىپ 12 سائەتكىچە بولغان ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا ياندۇرسا،بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان،ئۇچەي يۇلى تۇسۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىكنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 12.ئشتھاسى ياخشى،ئەمما تاماق يۇتۇشتا قىيلانسا،بەزى ۋاقىتتا ھەتتا سۇنى يۇتۇشتىمۇ قىيىنلاشسا ھەم تەدرىجى ئۇرۇقلاپ كەتسە،بۇ قىزىلئوڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئالامتىدۇر.
(<<تېببى يېمەكلىك پايدىلانمىسى>>ژۇرنىلدىن |