ئىگىسى: كامىران

4-يىللىق 2-مەۋسۈملۈق ماتىماتىكا دەرس تەييارلىقى(تولۇق، ئۇيغۇرچە)

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-8 15:03:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
imam8883 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 13:48
ئالدامچى ساختىپەز  ماتىرىيال يوقكەنغۇ


ياخشىمۇسىز imam8883 ئەپەندى؟
گەپ-سۆزدە ئىلمىي، مەدەنى بولۇڭ! سىز ھازىر چۈشۈرەلمىگەن بۇ ماتىرىيال ئىنتايىن ياخشى ماتىرىيال ئىدى، نۇرغۇن تورداشلار ناھايىتى ياخشى باھالارنى بەرگەن. ئەمما يېقىندىن بېرى تور بوشلۇقلىرىدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ بىر قىسىم ئېسىل ماتىرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسى بۇزۇلۇپ كەتتى. بۇ ئەھۋال يالغۇز بايقاش مۇنبىرىدىلا بولۇپ قالماستىن باشقا قېرىنداش مۇنبەرلەردىكى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆرۈلدى.
كومپىيوتېر ئالدىدا نەچچە سائەتلەپ مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ماتىرىيال ئېھتىياجىنى خالىس، مىننەتسىز قاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلار ‹‹ئالدامچى ساختىپەز....›› ئاتالسا ئېلىشنىلا بىلىپ، تەقدىم قىلىشنى بىلمەيدىغانلار نىمە دەپ ئاتىلىشى كېرەك؟!....

قاراپ باقسام سىز مۇنبەرگە 2015-يىلى 9-ئايدا ئەزا بوپسىز، ئەمما بىرمۇ ماتىرىيال يوللاپ باقماپسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن: ھېچكىم سىزگە قەرىزدار ئەمەس!
......بايقاش مۇنبىرى يالغۇز باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇنبىرى  ئەمەس، بەلكى بارلىق تورداشلارنىڭ مۇنبىرى، بايقاشنى قوللىغۇچىلارنىڭ مۇنبىرى. چۈشەنسىڭىز: بايقاش مۇنبىرىنى قوللىغانلىقىڭىز ئۆزىڭىزنى، ئۆز كەسپىڭىزنى قوللىغانلىقىڭىز ھىساپلىنىدۇ. قانداق قوللايمەن دەمسىز؟ ئۆزىڭىزدە بار بولغان مائارىپ ماتىرىياللىرىنى بايقاشقا يوللاڭ، باشقىلار پايدىلانسۇن، باشقىلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ، يارىسا پايدىلىنىڭ، ياخشى ئىنكاسلىرىڭىز ئارقىلىق  ماتىرىيال ئىگىسىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىڭ. ئەگەر مۇنبەردىن چۈشۈرگەن ماتىرىيال سىزگە يارىمىسا ئۆزىڭىز تەييارلاڭ. چۈنكى سىزمۇ بىر ئەقىل ئىگىسى. ھەرگىز باشقىلارغا شالىڭىزنى چاچماڭ! چۈنكى ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس!.........

تۆۋەندىكى ئادرىسنى چېكىپ، ئېچىلغان تېمىنى، بارلىق ئىنكاسلارنى كۆرۈڭ:
http://baykax.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=27061
ۋاقتى: 2016-4-20 17:17:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلدىكى ماتىرياللار كەملەپ كىتىۋاتاتتى،بەك ياخشى قىپسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش