پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3620 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  20 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • 阿布都艾尼江  1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 3

قوش تىل ئۇقۇتۇشى دىگەن مۇنداق بۇلىدۇ .

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 16:15:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل  ۋە تەرجىمە 1995-يىل 6-سان
ئاز سانلىق مىللەتلەر ئانا تىلىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىدىكى ئەھمىيتى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى

      ليۇ باۋجۈن
نەجمىدىن تۇرسۇن تەرجىمىسى

        مەملىكىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۇزاققىچە ئورتاق ياشىغان،ئۆزئارا ئالاقە قىلغان تارىخى قوش تىل ھادىسىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرققىي قىلىشىدىكى ئوبيېكتىپ شەرت ۋە مۇھىت بولۇپ قالغان.مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىشىدىن قارىغاندا،شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر چوڭ جەھەتتە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشنى ئاساس قىلغان،ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىر قەدەر تولۇق ساقلاپ قېلىنغان،بۇ جايلاردا قوش تىل ئوقۇتۇشىدىكى ئاساسىي تەلەپ خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بولغان.جەنۇبتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسا كىچىك جەھەتتە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان،چوڭ جەھەتتە ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان.ئۇلارنىڭ خەنزۇلار بىلەن بولغان ئالاقىسى زىچ،ئۇلار خەنزۇچىنى ئۆگىنىۋېلىپ،ئىقتىسادىي،مەدەنىيەت جەھەتتە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان خەنزۇ جەمئىيىتىگە تېزراق ئارىلىشىپ كىرىشنى ئۈمىد قىلغان،كۆپ ھاللاردا ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئەھمىيىتىگە،ئانا تىلنىڭ 2-تىلنى ئۆگىنىشتىكى ئەھمىيىتىگە سەل قارىغان.جەنۇبتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا،قوش تىل ئوقۇتۇشىدىكى ئاساسىي تەلەپ ئانا تىلنى ئۆگىنىشنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت.ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلغان قوش تىل ئوقۇتۇشى مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپ بولۇشى كېرەك.بۇ ماقالىدا ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ،مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئانا تىل ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلغان قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ زور ئەھمىيىتى ۋە كەڭ ئىستىقبالىنى نەزەرىيە جەھەتتىن بايان قىلماقچىمىز.

     1981-يىلى ب د ت نىڭ مائارىپ،پەن،مەدەنىيەت تەشكىلاتى پارىژدا ئاچقان ئانا تىل ئوقۇتۇشى يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇنداق دەپ قارىدى:<<ئانا تىل مائارىپنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاستىسى،مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى،خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا قاتنىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە بەلگە،ساۋاتسىزلىق ۋە نادانلىق،كەمسىتىش ۋە نامراتلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى كۈچلۈك قورال>>.ئاز سانلىق مىللەتلەر ئانا تىلىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىدىكى رولىنى ئۈچ جەھەتتىن تونۇش مۇمكىن.

      1.ئانا تىل ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىشنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى.تەپەككۇر قانۇنىيتىدىن قارىغاندا،تىل تەپەككۇر قورالى،ئىدىيىنىڭ بىۋاستە رېئاللىقى.بالىلار ئاساسىي مائارىپ باسقۇچى،ئەقلىي جەھەتتە ئويغىنىش باسقۇچىدا ھامان ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدۇ.ئانا تىل بالىلارنىڭ دۇنيانى بىلىشتىكى ئاساسى،مۇستەھكەم ئانا تىل ئاساسىغا ئىگە بولغاندىلا،ئاندىن بۇ تەپەككۇر قورالىدىن پايدىلىنىپ،2-تىلنى تەھلىل قىلىدۇ ۋە چۈشىنەلەيدۇ.2-تىل بىلەن تەپەككۇر ئانا تىلنىڭ ۋاستىچىلىكى ئارقىلىق بىر-بىرىگە باغلىنىدۇ،ئەگەر بالىلار ئۆز ئانا تىلىنى تېخى  تولۇق ئىگىلەپ بولمىغاندا،2-تىل ئوقۇتۇشى بىۋاستە ئېلىپ بېرىلىدىكەن،كۆپ ھاللاردا ئوخشاش بولمىغان تىلدا ئېلىپ بېرىلغان تەپەككۇرنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشىدا كاۋك پەيدا بولىدۇ،ئۇقۇم جەھەتتە بوشلۇق ۋە قارىغۇلۇق كېلىپ چىقىدۇ.ئاپتورنىڭ بايقىشىچە،ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سىىناق قىلىنغانلارنىڭ 70 پىرسەنتى قىيىن مەسىلىلەرنى يەشكەندە كالپۇكىنى مىدىرلىتىپ،ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ،ئۆز ئانا تىلى بىلەن تەھلىل يۈرگۈزىدىكەن ۋە پىكىر قىلىدىكەن.سىناق قىلىنغانلارنىڭ 80 پىرسەنتى 2-تىل ئانا تىل ئارقىلىق ئالمىشىدۇ،دەپ قارايدىكەن.نىسپىي تىنچ كەيپىياتتا ۋە ئازادە تىل مۇھىتىدا 2-تىلنى قوللىنىدىكەن.كەيپىيات جىددىيلەشكەن(ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن)ۋاقىتتا(ياردەمگە چاقىرغان،ھەيران قالغان چاغدا)ياكى ئۆزىنى ئۇنتۇغان(ئەقلىي تەپەككۇر ئەڭ ئاجىز بولغان)ۋاقىتتا(ھېسسىياتقا بېرىلگەندە)ھەمىشە ئىختىيارسىز ھالدا ئانا تىلنى قوللىنىدىكەن.بۇ ھادىسە شۇنى چۈشەندۈرىدىكى،قۇرامىغا يەتكەن ئادەم 2-تىلنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىگىلىگەن بولسىمۇ،لېكىن ئىچكى قاتلامدىكى ئانا تىل يەنىلا يوشۇرۇن ئىدارە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا،غورۇر،ھاياجانلىنىش،ھېسسىيات يۆتكىلىش،خاراكتېر،پوزىتسىيە قاتارلىق ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېسسىيات تىل ئۆگىنىشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل.بالىلارنى ئانا تىل تەربىيسىنى تولۇق ئېلىپ بېرىش ئاساسىدا 2-تىلغا قەدەممۇ قەدەم يېتەكلىگەندە بالىلارنىڭ ئۆزىنى مەركەز قىلغان غۇرۇر ئالاھىدىلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ،ئۇلاردا ھاياجانلىنىش كەيىپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،ھېسسىيات يۆتكەلگەن(شەخس 2-تىل گۇرۇھى بىلەن ماسلىققا ۋە بىردەكلىككە ئېرىشكەن)غايىۋى مەنزىلگە يەتكىلى،ئۇلاردا جانلىق تەپەككۇر قىلىدىغان،ئالاقە قىلىش ۋە ئۇچرىشىشقا ئىنتىلىدىغان ئوچۇق خاراكېتىرنى يېتىلدۈرگىلى،ئىجابىي ئۆگىنىش پوزىتىسىيىسىنى تىكلىگىلى بولىدۇ.<<ئانا تىل__2-تىل>>دىن ئىبارەت ئۆتكۈنچى مەزگىلنى باشىتىن ئۆتكۈزمەي،باشتىلا 2-تىل بىلەن ئاقارتىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلسا،بالىلار ئۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ،ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا زىيان يېتىدۇ،ئۇلاردا ئۆزىنى تورمۇزلايدىغان ھېسسىيات شەكىللىنىدۇ-دە،ھېسسىيات يۆتكەلگەن مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدۇ،ئۇلاردا ئالاقە قىلىش ۋە ئۇچرىشىشتىن قاچىدىغان،جىمغۇر خاراكتېر شەكىللىنىپ قالىدۇ،ئۆگىنىشكە سەلبىي پوزىتسىيە تۇتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بىر مۇنچە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كېلىپ چىققان<<بالىلار 1-يىللىقتا كۆپ بولغان،2-يىللىقتا ئاز قالغان،3-،4-يىللىقلاردا قېچىپ تۈگىگەن>>ئەھۋال ئانا تىل ئوقۇتۇشىغا سەل قاراپ،بىۋاستە 2-تىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقنىڭ نەتىجىسى.

داۋامى بار،بۈگۈن ۋاقىت يار بەرمىدى.

مەنبەسى : باغداش

ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

19

تېما

2

دوست

846

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
192 سەر
تىللا
82 دانە
تۆھپە
200 سەر
شۆھرەت
136 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 16:31:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ھازىرقى ئوقۇتۇش قوشتىل ئوقۇتىشى ئەمەس بەلكى خەنزۇتىلى ئوقۇتىشى بۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ!
بۇلۇپمۇ بىزنىڭ مەكتەپ دەل شۇنداق!
ئانا تىلدىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە! بۇرۇن ئانا تىلىنى ھەپتىدە 3 سائەت قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى!
بۇ مەۋسۈمدىن باشلاپ ھەپتىدە 5 سائەت قىلىپ ئۆزگەرتتى.
ھازىر بالىلىرىمىز «كۇڭزى،مېڭزى»دىسە قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ كەتكىنى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تارىخى شەخىسلىرىمىزدىن ،ئالىملىرىمىزدىن،يازغۇچىلىرىمىزدىن سۆز ئېچىلسا، بېشىنى قاشلاشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ!!!!
ئەتە ئۆگۇن ئۇلار نىمىگە ئاچچىقلاپ ،نىمىدىن خوشاللىق ھىس قىلىشىنىمۇ بىلمەسلىكى مومكىن!!

145

تېما

69

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5466 سەر
تىللا
734 دانە
تۆھپە
6110 سەر
شۆھرەت
4017 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 17:19:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇ تىلىنى ئۈگەنمەي بولمايدۇ ئۇ دۆلەت تىلى ، لېكىن ئانا تىلنى ھەرگىز ئۇچۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ ،
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5096 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9307 سەر
شۆھرەت
4214 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-3 19:27:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلنى قەدىرلەش ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان  ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى . بىز دائىم باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرىمىز ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ھەر بىرىمىز ئائىلە ۋە جەمىيەتتە ئانا تىلنى   ئۆگىنىش ۋە قوغداش توغرىسىدا تەشۋىق تەربىيە خىزمىتنى ئىشلىسەكمۇ خېلى كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز .
مەسىلەن : يەسلىمىز يېڭى قۇرۇلغاندا « قوش تىل» بالىلار يەسلىسى بولغاچقا مائارىپ ئىدارىسىدىن قوش تىلدا دەرس ئۆتۈش،  ئانا تىلنى تەسىس قىلماسلىق توغرىسىدا ھۆججەر چۈشكەن ئىدى. ئەمما بىز ئاتا - ئانىلارنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ، «ئەگەر ئانا تىلدا دەرس ئۆتمىسەك ، بالىلارغا ئازراق بىرنەرسە ئۆگەتمىسەك ،يېزىمىزدىكى ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى يەسلىگە بە رمايۋاتىدۇ » دەپ يۇرۇپ ئانا تىل دەرسىنى يولغا قويدۇق. ھەم يەسلى بالىلىرى يەسلى پۇتتۇرگىچە ئانا تىلدا ساۋادىنى چىقىرىپ بولدۇق . يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارمۇ بۇنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ، 2- يىلى ھەر قايسى « قوش تىل » بالىلار يەسلىلىرىگە ئانا تىل  ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا ھۆججەت چۈشۈردى .  دىمەك ھەر قايسىمىز ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل ئوقۇتىشىغا كۈچەش بىلەن بىرگە ئۇلارغا مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ -ئادەتلىرىنى ،ئېتىقادىمىزنى ، ئەخلاقى - پەزىلەتلىرىمىزنى ئۆگەتسەك بولىدۇ .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:55, Processed in 0.437139 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش