ئىدىئوملار بىلەن ئادەت سۆزلىرىنىڭ پەرقى
ئىدىئوم ۋە ئادەت سۆزلىرى تۇراقلاشقان بىرىكمە بولۇپ ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ . مەنە جەھەتتىن تەركىبىدىكى سۆزلەرنى ئەسلى مەنىسىدىن باشقا يەنە كۆچمە مەنىنى بىلدۈرۈپ ، تىلدا بىر سۆز بولۇپ قوللىنىشقا ئوخشاش ، بىر قانچە تەرەپلەردىن مەلۈم ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار ئوتتۇرسىدا روشەن پەرىقلەر مەۋجۇت. 1 . قۇرۇلما جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق : ئىدېئوملانىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن تۇراقلىق بولۇپ ، خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ، ئورۇن ئالماشتۇرۇشقا ، ھەتتا قىسقارتىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ . ئۇلارنىڭ تەركىبىدە قانچە سۆز بولۇشتىن قەتئىنەزەر ، تەقلىد قىلىش ، ئوخشىتىش ، مۇبالىغە قىلىش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق يارىتىلغان مۇئەييەن ئوبراز بىلەن يېڭى ۋە باشقىچە لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدۇ . ئىدېئوملار ئورتاق مەنىۋى بىرلىكتۇر . ئادەت سۆزلىرى بولسا ، تۈزۈلىشى تۇراقلىق بولغان ، مەنە جەھەتتىن ئاساسەن ، ئىدېئوم خاراكتىرىنى ئالغان كەمتەرلىك ، تەكەللۇپ ، سالام - سائەت خارەكتىرىدىكى ئۇقۇملار بولۇپ ، بۇلار جۇملىگە قاتناشقاندا ، جۇملە بىلەن گىراماتىكىلىق باغلىنىشى يوق تەركىبلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ، ئۆزى قاتناشقان شۇ جۇملىدىكى ئومومى پىكىرگە ماس ھالدا سۆزلىگۈچىنىڭ سالام - سائەت ، ئەدەپ - ھۆرمەت ، مەدھىيە - ئاپىرىن قاتارلىق پوزىتسىيىسى ھەم رەنجىش ، غەزەپ قاتارلىق كۆز قاراشلىرىنى قوشۇپ ئىپادىلەيدۇ .
2 . مەنا جەھەتتىن ئوخشىماسلىق : ئىدېئوملار ئادەتتە ياخشى كۆرۈش ، سۆيۈنۈش ، پەخىرلىنىش ، ئۈمۈدسىزلىك ، پۇشايمان ، مەسخىرە قىلىش ، ئاچچىقلىنىش ، ئۆچمەنلىك ، ھەجۋى قىلىش قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ . ئادەت سۆزلىرى بولسا ، ھال - ئەھۋال سوراش ، تەبرىك ، تىلەك ، ئارزۇ - ئىستەك ، مىننەتدارلىق ، ناماقۇللۇق ، كەچۈرۈم سوراش ، قارشى ئېلىش ، ئۇزىتىپ قويۇش ، غىزا ، يىمەك - ئىچمەككە تەكلىپ قىلىش ، ھۆرمەت ، ماختاش قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ . 3 . جۇملىدىكى ۋەزىپىسى جەھەتتە : ئىدېئوملار جۇملىنىڭ ھەر قانداق بۆلىكى بولۇپ كېلەلەيدۇ . لېكىن ، ئادەت سۆزلىرى كىشىلەرنىڭ ئارزۇ - ئارمان ، تىلەك ، تەكەللۇپ ، ھۆرمەت ھەققىدىكى ( خۇدايىم بۇيرىسا ، رەھمەت ، خاپا بولماڭ ، خۇدا شىپالىق بېرەر ...) ھېسسىي تۇيغۇلىرىنى بىلدۇردىغان بولغاچقا ، بۇلار جۇملە بۆلەكلىرى بىلەن گىراماتىكىلىق باغلىنىشىقا كىرمەيدۇ . شۇڭا ، ئۇلار ، ئاساسەن ، جۇملە گىرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر رولىدا كېلىدۇ . ئادەت سۆزلىرى جۇملىدە ئىدېئوملارغا ئوخشاش ۋەزىپە ئۆتىمەستىن ئۈندەش سۆز ۋە قاراتما سۆزلۈك سالاھىيەت بىلەن جۇملىنىڭ ئالاھىدە بۆلىكى بولالايدۇ . مەسىلەن : ... خەيىرلىك سەھەر ئېزىزكا ، بىز سىزدىن بەك ئەنسىردۇق . ( قاراتما سۆز بولۇپ كەلگەن ) رەھمەت بالام ، - دىدى - دە ، بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى . ( ئۈندەش سۆز بولۇپ كەلگەن ) 4 . تىلدىكى رولى جەھەتتىن : ئىدېئوملار كۈچلۈك ئىستىلىستىكىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ، ئوبرازچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ ، بىر تەرەپتىن ، سۆزلىگۈچىنىڭ دىمەكچى بولغىنىنى ھېس - تۇيغۇسى بىلەن قوشۇپ ئىپادىلىسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ، تىلنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرىدۇ . يەنە ئىدېئوملار خەلقنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تۇرمۇش تەجرىبىسى ، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش پائالىيتى جەريانىدا شەكىللەنگەن بولۇپ ، خەلقنىڭ تۇرمۇش ، ئۆرۈپ - ئادەت ، قىممەت قارىشى ، مىللى پىسخىكىسىنى روشەن ئىپادىلەيدۇ . ئادەت سۆزلىرى بولسا ، تىل ئالاقىلىرىدا مىللىي تۈسلۈك رولىنى ئۆتەپ ، ياخشى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . دىمەك ، ئادەت سۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تىل مەدىنيىتىنى بەرپا قىلىشتا رولى بەكمۇ چوڭدۇر .
|