پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3619 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 47|ئىنكاس: 1

مەۋلانا جەلالەددىن رۇمى (مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ) دۇردانىلىرى(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

5

دوست

2519

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
373 سەر
تىللا
180 دانە
تۆھپە
1187 سەر
شۆھرەت
275 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 17:04:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەۋلانا جەلالەددىن رۇمى (مەۋلانە جالالىدىن رۇمى ) دۇردانىلىرى




مەۋلانەدۇردانىلىرى



* مۇھەببەتتە قۇياشقا ئوخشاش بول ، دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقتا ئاقار سۇدەك بول ، خاتالىقلارنى يېپىشتا كېچىگە ئوخشاش بول ، كەمتەرلىكتە تۇپراقتەك بول ، ئاچچىقتا ئۆلۈككە ئوخشاش بول ، نېمە بولساڭ بول . يا بولغىنىڭدەك كۆرۈن ياكى كۆرۈنگىنىڭدەك بول .

*  بۇ دۇنيادا يۈزلەرچە ئەخمەق ، ئېتەكلىرى توشقۇدەك ئالتۇن بېرىپ شەيتاندىن دەرت سېتىۋالىدۇ .

*  ۋەزىپىسىنى جايىدا ئورۇندىمىغاننىڭ ۋىجدان ئازابىغا يا زىياننىڭ دەۋاسى يا دورىنىڭ شىپاسى داۋا قىلمايدۇ .

*  مۇھەببەت ئالتۇن ئەمەستۇر، يوشۇرغىلى بولمايدۇ . مۇھەببەتنىڭ پۈتۈن سىرى ئاشكارىدۇر.

*  يېشىللىقلاردىن ، گۈل – چېچەكلەردىن مەيدانغا كەلگەن باغچە ئۆتكۈنچىدۇر. پەقەت ئەقىللەردىن مەيدانغا كەلگەن گۈل باغچىلار دائىم ياپيىشىل گۈزەل تۇرىدۇ .

*  نۇرغۇن ئىنسانلارنى كۆردۈم ئۇچىسىدا كىيمى يوق ، نۇرغۇن كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچىدە ئىنسان يوق .

*  مۇھەببەت داۋاغا ئوخشايدۇ ، جاپا بولسا شاھىدقا . شاھىدىڭ بولمىسا داۋادا يېڭىپ چىقالمايسەن .

* سەن ھايات ۋاقتىڭدا ئۆلۈك يۇيىدىغانلار سېنى ھەرگىز يۇمايدۇ .

*  ئىنساننىڭ ئېشىكىدىن شېكەر ئايرىلمايدۇ . ئەمما ئېشەك يارىتىلىشىدىن ئوت – چۆپنى ياقتۇرىدۇ .

*  دەرت ، ئىنساننى يوقلىقىغا ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ راۋان ئاتتۇر.

* ئەھلى بولمىغانلارغا سەبىر قىلىش ، ئەھلى بولغانلارنى چاقنىتىدۇ .

* لەش بىزگە نىسبەتەن مەينەتتۇر، ئەمما توڭگوز ، ئىتلارغا شىكەر ، ھالۋىدۇر.

*  قوزغۇن باغدىمۇ قوزغۇندەك ۋارقىرايدۇ ، ئەمما بۇلبۇل قوزغۇن ۋاقىراۋاتىدۇ دەپ سايراشنى  توختۇتۇپ قويمايدۇ .

*  مەينەتلەر مەينەتلىكىنى قىلىۋىرىدۇ ،ئەمما سۇلارمۇ تازلاشقا تىرىشىدۇ .

*  ئەقىل پادىشاھى قەپىزىنى سۇندۇرسىلا ، قۇشلارنىڭ ھەممىسى تەرەپ –تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىدۇ .

*  تەۋبىنىڭ ئېتى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بىر ئاتتۇر. بىر نەپەستە پەستىن دۇنيانىڭ كۆك قەھرىگە چىچاڭشىپ چىقىپ كېتەلەيدۇ .

*  كەڭرىلىك سەبىردىن تۇغۇلىدۇ .

*  قورقۇنۇچلۇق قۇربان ھېيىت بولغان قىيامەت كۈنى ، ئىنسانلارغا ھېيت –بايرام كۈنىدۇر، ئۆكۈزلەرگە ئۆلۈم كۈنىدۇر.

*  كىم ئەڭ چىرايلىق بولسا ، شۇ بەكەرەك قىزغانچۇق كېلىدۇ . قىزغانچۇقلۇق ئوتتىن پەيدا بولغان .

*  بۇ دۇنيا بىر توزاقتۇر، يەمچۈكى ئىستەك . ئىستەك توزاقلىرىدىن قېچىڭلار.

*  دەريا سۈيىنى بىراقلا ئىچىپ تۈگىتىش مۈمكىن بولمىغىنىدەك ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرغۇدەك ئىچىشمۇ مۈمكىن ئەمەس.

*  ھەي ،ئالتۇنلار بىلەن بېزەلگەن تونلارنى كىيگەن ، كەمەر تاقاشقا كۆنگەن كىشى ، ئاخىرىدا ساڭىمۇ تىكىشسىز تون كىيگۈزىلىدۇ .

*  ئېشەككە نىسبەتەن تاقا بىلەن مەرۋايىت ئىككىسى ئوخشاشلا نەرسە. ئىشقىلىپ ئۇ ئېشەك ، مەرۋايىت بىلەن دېڭىزنىڭ بارئىكەنلىكىدىنمۇ گۇمان قىلىدۇ .

*  بىرى گۈزەل سۆز قىلسا، بۇ سۆزنىڭ گۈزەللىكى ئاڭلىغۇچىنىڭ ئاڭلىشى ۋە چۈشىنىشىدىن بولىدۇ .

*  ئاينىڭ كېچىگە سەبىر قىلىشى ، ئۇنى ئايدىڭلىققا ئېرىشتۈرىدۇ . گۈلنىڭ تىكەنگە سەبىر قىلىشى ، ئۇنى خۇش پۇراققا ئېرىشتۈرىدۇ . شىرنىڭ مەينەتچىلىككە چىداپ سەبىر قىلىشى ، ئۇنى تۆگە گۆشىگە ئېرىشتۈرىدۇ .

*  ئاللاھ بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن ، ئۆمۈرمۇ ، ئۆلۈممۇ ئوخشاشلا خوشاللىقتۇر.

*  مەسىت جىنايەت ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ‹‹ سەۋەبىم بر، مەستلىكتە ئۆزۈمنى بىلەلمەي قاپتىمەن ›› دەيدۇ . سەن ئۆزلىگىڭدىن مەست بولۇپ قالمىدىڭ ، ئۇ مەستلىكىنى سەن چاقىرىپ كەلدىڭ .

*  ئىنسان كۆزدۇر ، كۆرۈشتۇر، باشقىسى گۆشتۇر. ئىنسان نېمىنى كۆرگەن بولسا ، ئۇنىڭ قەدرى پەقەت ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىچىلىكتۇر.

*  بىرەرسىنىڭ بېشىغا توپا چاچساڭ بېشى يېرىلمايدۇ ، سۇ چاچساڭمۇ يېرىلمايدۇ . بېشىنى يېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال توپا بىلەن سۇنى ئارلاشتۇرۇپ لاي ئېتىشىڭ كېرەك .

*  يولدىكى بىر تال دۆڭ سېنى بېزار قىپتىمىش ، ئەمما ئالدىڭدا يۈزلەرچە تاغ بار.

*  قېپى چېقىلغان سەدەپ قۇلۇلىسىگە قاراپ كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەرۋايىتى بار.

*  ئادالەت دېگەن نېمە ؟ ھەممە نەرسىنى جايىدا قويۇش. زۇلۇم دېگەن نېمە ؟ بىر نەرسىنى جايىدا قويماي باشقا يەرگە قويۇش.

*  ھەرقانداق بىر كاپىرغا يامان كۆزدە قارىماڭ ، چۈنكى ئۇمۇ مۇسۇلمان پېتى ئۆلۈشنى ئۈمۈد قىلىدۇ .

*  بۇ دەريادىكى سۇ نەچچە قېتىم ئۆزگۈرۈپ بولدى ، يۇلتۇزلارنىڭ شولىسى يەنىلا ئۆز جايىدا.

*  ئويون كۆرۈنۈشتە ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ ، ئەمما بالىلار ئويون بىلەن ئەقىل تاپىدۇ .

*   رەسىملەر مەيلى خالىسۇن ، مەيلى خالىمىسۇن ھەممسى ئوخشاشلا رەسسامنىڭ قولىدىن چىقىدۇ .

*  مال سەدىقە بېرىش بىلەن ئازلاپ قالمايدۇ ، مالنى ياخشى ئىشقا سەرىپ قىلسا ، مالنىڭ يۈتۈپ كېتىشىدىن ساقلايدۇ .

*  يىغلاشنىڭ ۋە پەريات چېكىشنىڭ بىر ئاۋازى ۋە بىر ۋاقتى بولىدۇ   زىياننىڭ ۋاقتى قەرەلى بولمايدۇ . زىياننى تارتقاندا ئىنسان بارمىقىنى چىشلەپ قالىدۇ . ئەمما زىياننىڭ قولى بولمايدۇ .

*  ھەر قوقۇنۇشتا بىر خاتىرجەملىك بولىدۇ . كۆز قارچۇقىدىمۇ يورۇقلۇق بولىدۇ .

*  بەرگىنىنى قايتۇرۇپ ئېلىۋالغان كىشى ، قۇسۇقىنى يېگەن بىلەن تەڭ بولىدۇ .

*  بىلىم چېكى يوق بىر دېڭىزدۇر ، بىلىم تىلىگەن كىشى دېگىزدىكى دولقۇن كېزەلەردىندۇر.

*  بۇلۇتلار يىغلىمىسا ، يېشىللىقلار قانداق كۈلىدۇ ؟

*  بۇلبۇللارنىڭ گۈزەل ئاۋازىنى ھەركىم ياخشى كۆرگەچكە ئۇنى قەپەسكە سولاپ قويىدۇ . ئەمما قوزغۇنلارنى قەپەستە كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ ؟

*  بۇ دۇنيانىڭ مېلى ، بەدەنگە چوقۇنىدىغانلارغا ھالالدۇر.

*  راست گەپنىڭ پۇرىقى بىلەن ، ئەخمەقنى ئىشەندۈرگەن يالغان سۆزنىڭ پۇرىقى ، ئىپار بىلەن سامساقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدۇ . شۇ سۆزنى قىلغاننىڭ نەپەسلىرىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ .

*  ھەر تىل ، كۆڭۈلنىڭ پەردىسىدۇر. پەردە قىمىلدىغان ھامان سىرلارغا ئېرىشىدۇ .

*  ئەخلاقسىزلارنىڭ ۋارقىرىشى بىلەن ،يۈرەكلىك يىگىتلەرنىڭ نەرىلىرى تۈلكە بىلەن يولۋاسنىڭ ئاۋازىدەك مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدۇ .

*  يامان نەپىس ، يىرتقۇچ قۇشتۇر.

*  خىرىسىڭ يەمدۇر، جەھەننەم توزاق .

*  سا ، ئوۋدىن ئوۋ ئېلىپ كېلىدۇ ، ئۇ ئۆز قانىتىغا تايىنىپ ئۇچۇپ ئوۋ ئوۋلايدۇ . پادىشاھمۇ شۇ سەۋەپلىك ئۇنى كەكلىك ۋە چىل گۆشلىرى بىلەن باقىدۇ .

*  تىل قازاننىڭ تۇۋىقىغا ئوخشايدۇ . قىمىرلىغان ھامان پۇرىقى پۇراشقا باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن قازاندا نېمنىڭ پىشىۋاتقانلىقىنى بىلىسەن .

*  تاماققا لىق تولغان قورساق ، شەيتاننىڭ بازىرىدۇر.

*  ئاغزىدىن چىققان گەپ يالغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ پۇرىقى ئۇنىڭ راست يالغانلىقىنى پۇرىتىپ تۇرىدۇ .

*  مۇھەببەتتە شاۋقۇنلۇق سۇلارمۇ توختاپ قالىدۇ ، دەرتلەر شىپا تاپىدۇ ، ئۆلۈكلەر تىرىلىدۇ ، پادىشاھلار كور بولىدۇ . بۇ مۇھەببەتتە بىلىم ئۇنىڭ نەتىجىسى بولۇپ قالىدۇ .

*  ئاشىقلارنىڭ كۆڭۈللۈرى ئوت بولۇپ يېنىشى بىلەن كۆز ياشلار بولمىسا ئىدى. بۇ دۇنيادا سۇمۇ ،ئوتمۇ بولماس ئىدى .

*  ئىككى بارمىقىڭنىڭ ئۇچىنى كۆزۈڭگە قوي ، بىرەر نەرسىنى كۆرەلىدىڭمۇ ؟ سېنىڭ كۆرەلمەسلىكىڭ بىلەن بۇ دۇنيا يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ . كۆرەلمەسلىك ئەيىبى ، كۆرسەتمەسلىكنىڭ قۇسۇرىدۇر . ئۇ شۇم نەپسىڭ دەل كۆزلۈرۈڭنى توسۇپ تۇرغان ئىككى بارمىقىڭنىڭ ئۇچىغا ئوخشايدۇ .

*  تۈنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى ، تۈنۈگۈنگە ئوخشاش ،تۈنۈگۈنكى گەپلەرنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتتى . بۈگۈن يېڭى گەپلەرنى قىلىش كېرەك .

*  ئۇ تاغقا بىر قۇش قونۇپ ئۇچۇپ كەتتى . قارىغىنا ، ئۇ تاغدا يا بىرەر نەرسە ئوشوق بولۇپ قالمىدى ياكى بىرەر نەرسە كەملەپ قالمىدى .

*  بىرەر سۆيگۈگە سەرىپ قىلىنمىغان ئالتۇننىڭ ، جاننىڭ ، مەرۋايىتنىڭ ، مارجاننىڭ نېمە قىممىتى .

*  كۆردۈڭمۇ مېنى غەمدىن باشقىسى ئەسلىمەيدۇ ، شۇ غەملەرگە مىڭلارچە ئاپىرىن .

*  نەپسىڭ ئۈزۈم ۋە خورمىغا ئوخشاش تاتلىقلاردىن مەستخۇش بولغاندا ، روھىڭنىڭ ئۈزۈم ساپىقىنى كۆرەلەمسەنكىن .

*  ئاغزىڭنى يۇمۇپ ، ئالتۇن تولغان ئالقىنىڭنى ئاچ ، جەسەتتەك پىخسىخلىقىڭنى تاشلاپ ، مەرتلىكنى تاللا.

*  دۇرۇسلۇق مۇسانىڭ ھاسىسىغا ئوخشايدۇ ، ئەگرىلىك بولسا سېھىرگەرلەرنىڭ سېھرىگە ئوخشايدۇ . دۇرۇسلۇق مەيدانغا چۈشكەندە ئەگرىلىكلەرنى يۇتۇپ كېتىدۇ .

*  بىر يامانلىق قىلغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلىش ، ئاللاھنىڭ ئىنايەت ۋە مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنلىكنىڭ بەلگىسىدۇر .

*  نامراتلىق ۋە راھەتسىزلىك چوقۇم بىر گۇناھنىڭ جازاسى ، ھوزۇر ھالاۋەت بولسا بىر ئىبادەتنىڭ مۇكاپاتى .

*  مېۋىسى كۆپ دەرەخنىڭ شاخلىرىنى مېۋىلىرى پەسكە ئېگىپ قويىدۇ . مېۋىسىز دەرەخ بولسا، سەۋرى دەرەخلىرىدەك يۇقۇرىغا ئۆرلەپ كېتىۋىرىدۇ .

*  قۇشلارنىڭ تىلىنى ئۈگۈنگەن كىشى  ، قۇش بولالمايلا قالماستىن ھەتتا قۇشلارنىڭ دۈشمىنى ۋە ئوۋچىسىدۇر .

*  دەرت، ئىنسانغا يول كۆرسىتىدۇ .

*  ئىمان ، نامازدىن ياخشىراقتۇر. چۈنكى ، ناماز بەش ۋاقىت ، ئىمان بولسا ھەرزامان پەرىزدۇر.

*  ئىككى جانلىق قۇشنى بىر يىپقا باغلاپ قويساڭ تۆت قانىتى بولسىمۇ ئۇچالمايدۇ . چۈنكى ئىككىلىك مەۋجۇتتۇر.

*  لالما ئىتقا ئالتۇن زەنجىر ياكى يۇڭدىن تاسما تاقاپ قويساڭمۇ ، ئۇ يەنىلا لالما ئىتلىقىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ .

*  ئاغزىڭنى يۇم ، يېتەر! سىر پەردىلىرىنى ئۇنچىلا يىرتىپ ئېچىۋەتمە . چۈنكى بىزگە سۇنۇقلارنى تېڭىش ، سىرلارنى يېپىش يارىشىدۇ .



تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : نىگاران
مەنبە: باغداش مۇنبىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3145 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8030 سەر
شۆھرەت
3086 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 21:42:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما. تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقۇرى  ئىكەن.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:28, Processed in 0.358749 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش