پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 3

ياۋروپاغا ساياھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

5

دوست

2510

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
371 سەر
تىللا
180 دانە
تۆھپە
1185 سەر
شۆھرەت
273 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 12:19:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپاغا ساياھەت

توختى مەمتىلى

مەن قىزىم باھارگۈل بىلەن ياۋروپاغا ساياھەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىپ 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئايروپىلان بىلەن ئۈرۇمچىدىن بېيجىڭگە قاراپ يولغا چىقىپ ئۈچ يېرىم سائەتتە بېيجىڭ ئايرودۇرۇمىغا قوندۇق. شۇ كۈنى بېيجىڭدا يېتىپ ئەتىسى  ياۋرۇپاغا قاراپ يولغا چىقىپ 10 سائەت ئۇچۇپ شۇ كۈنى كىچىدە گىرمانىيەنىڭ دوئىسبورگ شەھرىگە يىتىپ كىلىپ تامۇژنىدىن ئۈتۈپ شۇ شەھەردە قوندۇق. ئەتىسى ناشتىدىن كىيىن شەھەر مەنزىرىسىنى سەيلە قىلدۇق. بۇ شەھەر پۈتۈنلەي يېشىللىق بىلەن پۈركەنگەن بۇلۇپ مەنزىرىسى ئىنتايىن  گۈزەل ئىكەن.

ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن قانغۇدەك ھۇزۇرلاندۇق.يەنە  ساياھەت ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ مىيۇنخىن شەھرىگە كەلدۇق. بۇ شەھەر ناھايتى ئاۋات شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىكەن.شەھەردە دۇنياغا مەشھۇر خىرىستىيان دىنىنىڭ چىركاۋسى بار ئىكەن.چىركاۋنى ۋە چىركاۋ سىرتىدىكى ،مەيداندىكى قىزىقچىلىقلارنى كۈرۈپ ھۇزۇرلاندۇق.شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيەدىن ئايرىلىپ ئاۋىستىرىيەگە كەلدۇق.چۈشلۈك تاماقنى بۇ دۆلەتنىڭ ئىنگۇلىتادىت شەەرىدە يەپ شەەەردىكى گوھەر پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇق.بۇ زاۋۇت خىرۇستالدىن ئىنتايىن نەپىس سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن،ساياھەت ئۈمىگىدىكىلەر بۇ مەھسۇلاتلاردىن سېتىۋېلىپ  شەھەردىكى ساياھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىتالىيەگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.ئىتالىيەدە تۈنجى بۇلۇپ سۇ شەھرى ۋىنىتسىيەگە كەلدۇق بۇ شەھەر دېڭىزدىكى بىر نەچچە ئارالدىن تەشكىل تاپقان ئىكەن،شەھەرگە كىرىش ئېغىزىدىكى يولدا ناھايتى ئۇزۇن سېلىنغان كۆۋرۈك بار ئىكەن كۋرۈكتىن ئۈتۈپ پىرىستانغا كىلىپ پارخۇتقا ئولتۇرۇپ شەھەر مەركىزىگە كەلدۇق،بۇ ئاراللار  ئىچىدىكى چوڭراق ئارال بۇلۇپ شەھەرنىڭ مەركىزى مۇشۇ ئارالغا قايلاشقان ئىكەن.بۇ يەردە ماگىزىنلار ،مىھمان سارايلار ۋە پۇخرالارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورگانلار،يايمىلار ،ئۇششاق تىقارەتچىلەر بۇلۇپ بۇمۇ بىر قايناق بازار ئىكەن. بىز بۇيەرنى ئايلىنىپ كۈرۈپ سەيلە قىلدۇق ئۇنىڭدىن كىيىن قېيىقلارغا ئولتۇرۇپ شەھەر كۇچىلىرىنى سەيلە قىلدۇق. شەھەرنىڭ ھەممە كۇچىلىرى سۇ ئىكەن  سۇلار ئۆيلەرنىڭ دىۋارلىرىغا شالاپشىپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىكەن.يەنە پاراخۇتقا ئولتۇرۇپ دېڭىزدا سەيلە قىلدۇق.بۇ شەھەردىكى ساياھىتىمىز ھەقىقەتەنمۇ ناھايتى كۈڭۈللۈك بولدى بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ ماشىنىسى يوقكەن. ئۇلار  ئارالدىكى باشقا  ئاھالىلار رايۇنلىررىغا بارماقچى بولسا بەزى ئاراللار ئوتۇرىسىدا كۆۋرۈك بار ئىكەن، كۆۋرۈك يوقلىرىدا  قېيىقلار بىلەن بارىدىكەن، باشقا شەھەرلەرگە بارسا  قېيىق بىلەن قۇرۇقلۇققا چىقىپ   كىرا ماشىنىلىرىغا ئولتۇرۇپ بارىدىكەن.ئۇنىڭدىن كىيىن ئىتالىيەنىڭ پىلولۇنسا شەھرىگە كىلىپ ساياھەت قىلدۇق بۇ ئىتالىيەنىڭ يەنە بىر چوڭ شەھرى ئىكەن.ئىتالىيەدەپادىشالىق تۈزۈم ئورنۇتۇلغاندا بۇ يەر پايتەخىت قىلىنغانكەن،بۇ شەھەر پايتەخىت قىلىنىپ يەتتە يىل پايتەخىت قىلىنغاندىن كىيىن پادىشا بۇ شەھەرنى كىچىك كۈرۈپ  پايتەخىتنى رىمغا كۈچۈرۈپ كەتكەنكەن.بۇ شەھەردە قېدىمقى خان ئوردىسىنى سەيلە قىلدۇق.پادىشانىڭ ئۇيۇن كۈرىدىغان زالنى،ئۇخلايدىغان ئۈيىنى،ھەرەمخانىسىنى،ھەتتا تاماق ئىتىدىغان، تاماق يەيدىغان،ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ ياتىدىغان ئۆيلىرىدىن تاتىپ پادىشانىڭ تەختىگىچە بولغان ھەممە جايلارنى كۈرۈپ چىقتۇق.بۇ ئوردىمۇ ناھايتى ھەشەمەتلىك ئىكەن ئوردىنىڭ ئىچىدە ھەممە جايلىرى يەنى تام-تۇرۇسلىرى ھەيكەللەر،رەسىملەر، نەققاشلار بىلەن بىزەلگەن ئىكەن. دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە  مەشھۇر سەنئەتكار داۋىنىچ مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغانكەن. بۇ يەرلىكلەر بۇ ئۇلۇغزاتنىڭ نامى بىلەنمۇ پەخىرلىنىدىكەن.  ئۇنىڭدىن كىيىن پايتەخىت رىمغا كىلىپ ساياھەت قىلدۇق،ھەممىگە مەلۇم رىم تارىخى ئەڭ ئۇزۇن مەدىنىيەتلىك شەھەر،بۇ شەھەرنىڭ كۇچىلىرى تۇلىمۇ ئاۋات ئىكەن.قۇرۇلۇشلىرى 150، 200 يىلدىن ئۇشۇق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ شۇ پېتى ساقلانغاچقا كۇچىلىرى تار ،دوقمۇشلىرى كۆپ ئىكەن كۇچىلىرىدا دەرەخ يوق ئىكەن.،شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي كۇچا تەرتىۋى، تازىلىقى ناھايتى ياخشىكەن كۇچىلاردا ئۇرۇش-ماجرا بولمايلا قالماي كىشىلىرى ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋاقىراپ بىر بىرىنى چاقىرىدىغان ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان كۇچا تازىلىقىنى بۇزۇدىغان ئىشلار ئەسلا يوق ئىكەن .قاتناش قۇرالى ئاساسەن ماشىنا بۇلۇپ يول تۇسۇلۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئىكەن،شەھەر ئىچىدە ماشىنا سىگنال بەرمەيدىكەن.موتوتسىكىلىت، توكلۇق موتوتسىكىلىتلارنىڭ قاتنىشى يوقدىيەرلىك     ئىكەن،قۇرۇلۇشلىرى ئاساسەن 4، 5قەۋەتلىك ئىكەن ،ئىگىز بىنالار يېڭىدىن سېلىنغان بۇلۇپ شەھەر ئەتراپى رايۇنلىرىدا ئىكەن بىنالىرى گەرچە نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ ئادەمگە يېىدىن سېلىنغان ئۆيلەردەكلا تەسىر بىرىدىكەن ،دېرىزىلەردە گۈل ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىدىكەن. بۇ شەھەردە لويىس14نىڭ ئوردىسىنى،مۇزىيخانىنى،بۇ شەھەردە قېدىمقى قۇرۇلۇشلارنى،مۇزىيلارنى،قېىمقى ئەسارە ئەتىقىلارنى چىركاۋلارنى،ھەيكەللەرنى تام تۇرۇستى ھەكەل ھەم رېسىم، نەققاشلارنى ، قۇرۇلۇش ئۇسلۇپلىرىنى كۇرۇپ ھۇزۇرلاندۇق.قىقىسى بۇ شەھەر بىر گۈزەل سەنئەت مۇزىيىغىلا ئوخشايدىكەن.شەھەردىكى بۇرۇنقى ئاقسۈڭەكلەرنىڭ قۇللاربىلەن قۇللارنى،قۇللار بىلەن يىرىتقۇچ ھايۋانلارنى ئۇرۇشقا سېلىپ قۇيۇپ كۈڭۈل ئېچىپ ھۇزۇرلىنىدىغان گىلادىئاتۇرلۇقتىياتىر خانىسىنى سەيلە قىلدۇق،بۇنىڭ دائىرىسى خېلىلا چوڭ ئىكەن،شەكلى يۇمۇلاق شەكىللىك ئىكەن ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تارىخى ناھايتى ئۇزۇن بۇلۇپ بەزى جايلىرى بۇزۇلۇپ كىتىپتۇ،ھۈكۈمەت ئەسلىدىكى ھالىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا رىمۇنىت قىلېۋىتىپتۇ،بۇ قۇرۇلۇشمۇ ئادەمگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بىرىدىكەن .كىشى بۇ جايلاردا سەيلە قىلىۋېتىپ  خۇددى قېدىمقى زامانلارغا بېرىپ قالغاندەك ھىسىياتتا بۇلۇدىكەن.ل.مەكتەپتە ئۈگەنگەن قېدىمقى زامان تارىخىدىكى ئۈگەنگەن بىلىملەر كاللىدىن ئۈتىدىكەن.رىمنى سەيلە قىلىپ بۇلۇپ خىرىستان دىنىدىكى مۇقەددەس دۆلەت ۋاتكاننى سەيلە قىلدۇق.

          رىمدا يەنەۋاتكاندا ساياھەتتە بولدۇق.بۇ دۆلەتنىڭ ئورنى رىمدا بۇلۇپ بىر قەلئەنىڭ ئىچىدە ئىكەن شۇنداق بولسىمۇ مۇستەقىل ئىگىلىك ھۇقۇقلۇق دۆلەت بۇلۇپ دىپلۇماتىيە   جەھەتتىكى ئىشلارمى ھۈكۈمەت بىر تەرەپ قىلىدىكەن،ئىچكى ئىشلارنى دىنى جەەمئىيەت بىر    تەرە  پ قىلىدىكەن.ۋاتكاننىڭ تېرىلغۇ يىرىمۇ،ياكى سانائەت بازىسىمۇ يوق ئىكەن قەلئەنىڭ ئىچىدەھۈكۈمەت ئورگانلىرى،ئاھالىلار ئولتۇراق ئۆيلەر، چىركاۋ قاتارلىقلار بار ئىكەن.چەت ئەللەر  دىن دىپلۇماتلار ياكى باشقا مىھمانلار كەلسە ئاۋۋال رىم ئايرۇدرۇمىغا چۈشۈپ ماشىنا بىلەن دۆلەت ئىچىگە كىرىدىكەن.بۇ دۆلەتتە ئىكىسكۇرسىيە قىلىدىغىنىمىز چىركاۋ بۇلۇپ چىركاۋلىرى     ھەيۋەت ئىكەن .رىم ۋە ۋاتكاندىكى ساياھىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ شىۋىتسارىيەگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.شىۋىتسارىيەنىڭ ساۋۇرۇۋىسكى دىگەن شەھرىدە ساياھەت قىلدۇق.بۇ شەھەرمۇ رىم ۋە بىز ككرگەن باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاش ئىكەن،مەيلى قۇرۇلۇشلىرى بولسۇن ياكى كۇچىلىرى  ۋە كۇچا تەرتىپلىرى بولسۇن ئوخشاش ئىكەن،بۇ شەھەردە يامغۇر ياغدى، شەھەردە ئاساسەن سائەت ماگىزىنلىرىنى ئايلىنىپ سائەت سېتىۋالدۇق،ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدى يۈز مىڭ كويلۇق كەينى مىڭ نەچچە يۈز كويلۇق سائەتلەردىن ئېلىشتى.كىچىدە  شەھەرنىڭ چېتىدىرەك دېڭىز بۇيى غا جايلاشقان تۆت يۇلتۇزلۇق مىھمان خانىدا يېتىپ ناشتىدىن كىيىن پىرانسىيەگە قاراپ يولغا چىقىپ ساياھەت ماشىنىسى بىلەن يەتتە سائەت يو ل يۈرۈپ فارىژغا كەلدۇق.بۇ شەھەرمۇنەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمى شەھەر بۇلۇپ شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش، يول،كىشىلەرنىڭ مەدىنىيىتى رىم ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن فارىژنى فارىژ ۋە كىچىك فارىژ دەپ  ئىككىگە ئايرىيدىكەن، ھۈكۈمەت ئورگانلىرى فارىژدا ئىكەن،بىز مۇشۇ فارىژدا ساياھەتتە بول دۇق بۇ شەھەردە ئىپپىر تۈمۈر مۇنارىنى،زەپەر دەرۋازىسىنى.بۈۋى مەريەم چىركاۋسىنى،فارىژ مۇ زىيىنى لويىس 14 نىڭ سارىيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدۇق .سىنا دەرياسىدا كىمە بىلەن ئۈزۈپ   دەريا ساھىلىنى سەيلە قىلدۇق.بۇ دەريا شەھەرنى ئىككىگە بۈلىدىكەن ،دەريادا33  كۆۋرۈك بار ئىكەن ،دەريادا بىر يۋرىم سائەتتەك سەيلە قىلدۇق.دەريانىڭ كىچىلىك مەنزىرىسى ئاجاييىپ   گۈزەل بۇلۇپ چىراقلارنىڭ نۇرىدا  خۇددى  دەريا تىگىدە يەنە بىر شەھەر باردەك سىزىم بىرى دىكەن.ساياھەت جەريانىدا ھەرخىل ردڭ ،ھەرخىل ئېرىقتىكى كىشىلەرنى ئۇچراتتۇق.رىم ۋە فارىژلارغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مىڭلىغان ساياھەتچىلەر كەلگەن ئىكەن.كۇچىدا قاتناش باشقۇرۇش ساقچىلىرىنىڭ تۇرغانلىقىنى ئۇچراتمىدۇق.كۇچىلارنى چارلاپ يۈرىدىغان ساقچىلارمۇ يوق ئىكەن. ساياھەت نوىتىلىرىدائىككى ئۈچ ساقچىلا ئۇ ياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرىدىكەن. بىز ساياھەتكە چىققان مەزگىل دۆلىتىمىزنىڭ بايرىمىغا توغرا كەلگەچ  دۆلىتىمىزدىن ساياھەتكە چىققانلارمۇ ناھايتى كۆپ ئىكەن.

     ياۋرۇپادا پۈتۈن يوللار ئاساسەن يۇقۇرى سۈرئەتلىك ئىكەن.يوللاردا تۇسۇلۇپ قالىدىغان ئىشلارغا دۈچ كەلمىدۇق.شەھەرلەرنىڭ قاتناش تەرتىپىمۇ  ناھايتى ياخشى ئىكەن،قاتناش قۇرالى ئاساسەن ماشىنا ئىكەن، ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر  كۈكەرتىش ئىشىغا ناھايتى كۈڭۈل بۈلىدىكەن  بىز ماشىنا بىلەن يۈرگەن يوللارنىڭ ھەممە يىرى يېشىللىققا پۈركەنگەن  بۇلۇپ، كىشىنىڭ  قارىغانسىرى قارىغۇسى كىلىپ  قاراپ قاراپ قانمايدىكەن. كىلىماتىغا كەلسەك شىمالى   ياۋرۇپا گەرچە شىمالى قۇتۇپقا يېقىن بولسىمۇ بەك سۇغۇق ئەمەسكەن ئۇنداق بۇلىشى شىمالى   ئاتلانتىك ئۆكيان ئىسسىق ئېقىمى شىمالغا قاراپ  غايەت چوڭ كۈلەمدە چوڭقۇرلىقى 300مىتىر   دىن ئۇشۇق، ئېقىن مىقدارى غايەت زور ،فىلۇرىدا بۇغۇزىدىن ئېقىپ چىققان سۇ مىقدارى سائىتىگە 90مىليارت   توننىدىن ئۇشۇق ئېقىن ھاسىل قىلىپ شىمالى ياۋرۇپانىڭ كىلىماتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەچكە كىلىماتى بىر قەدەر ئىللىق بۇلۇپ بىز بارغاندىكى كىلىمات ئاساسەن  جەىۇبى شىنجاڭنىڭ كىلىماتىغا يېقىن كىلىدىكەن، ئەمما ئۇجايلار يۆل كىلىمات ئىكەن.بىز بارغان      جايلار شۇنچە گۈزەل، ئاۋات جايلار بولسىمۇ ئادەم ئۇ يەرلەردە تۇرۇپ ئۆز يۇرتىنى، ئۇرۇق تۇق  قان دوس بۇرادەرلىرىنى ياد ئىتىپ سېغىنىدىكەن ، خۇدا بەندىسىنى ئۆز يۇرتىدىن، ئۇرۇق تۇققان پەرزەنىتلىرىدىن ئايرىلىشقا نىسىپ قىلمىسۇن!
مەنبە : چەرچەن مائارىپ تورى
























ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

94

تېما

15

دوست

9583

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1993 سەر
تىللا
614 دانە
تۆھپە
2238 سەر
شۆھرەت
1888 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 16:16:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى  سىز  غەرىپكە   سايائەتتنى بەك كۆرۇپ  .سىزنىڭمۇ ياۋروپاغا ساياھەت  ئىشلىگىڭىز  كەپقالدىمۇ  نىمە  ؟   ياخشى چىقىپتۇ  
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 23:39:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن كۈلۈپ كەتتىم ئۈچەيلىرىم سىقىلدى
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 00:07:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتلارمۇ كەلگۈسىدە شۇنداق چىرايلىق بولىدۇ. ھازىرچە ئېغىزىمىزنى  تامشىپ تۇرايلى.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 10:09, Processed in 0.432687 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش