بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-22 21:10
[مەدھىيە ۋە تەكلىپ ( پەرىگە )
دوستۇم پەرىگە : دوستۇم ، سىزنىڭ بايقاش مۇنبىرىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقىڭىز بايقاشنىڭ بەختى دىسەكمۇ بولىدۇ . سىز بايقاشتىكى ھەممەيلەننىڭ ئۈلگىسى ۋە گۈل تاجىسى ،شۇنداقلا پەرىشتە سۈپەت پەرىسىسىز . ھەر قانداق ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلغان ئىشلىرىڭىز بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھىڭىز ھەممىمىزنى قايىل قىلماقتا ھەم سىزگە بولغان ھۆرمىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشماقتا . ھەممىمىز سىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز . مەن سىزنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇپتىكى تېمىلىرىڭىز بەك ياقتۇرىمەن . سىزنىڭ ئاشۇ رەسىملىك چاقچاقلىرىڭىز بىلەن يۇمۇرلىرىڭىز ھەممىمىزنى كۈلكە دۇنياسىغا باشلاپ بارسا ، بىر يىل ئىچىدىكى خاتىرە كۈلىرىڭىز ئەڭ مۇھىم كۈنلەرنى ئەستە تۇتىشىمىزغا ئەسكەرتىش بېرىۋاتىدۇ . ئۇندىن باشقا بىر قووللۇق تەييارلاپ چىققان دەرس تەييارلىقلىرىڭىز ،بايقاشنىڭ خاسلىقىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىپ ، كەسىپداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە . سىزنىڭ بۇ تېمىلىرىڭىز بايقاشنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىپ بايقاشنىڭ سېھرى كۈچىنى ئاشۇرسا، كۆرۈرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ،ئەزالارنىڭ بايقاشقا كىرىش قىزغىنلىقىنى يوقۇرى كۆتۈرمەكتە . ھەر بىر تېمىغا يازغان تېتىملىق ئىنكاسلىرىڭىز تېما يوللىغۇچىلار ئىلھام مەدەت بېرىپ ، ئۇلارنىڭ تېما يوللاش ۋە مۇنبەرگە كىرىشىگە تۇرتكە بولماقتا .
تەكلىپىم : مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىزنىڭ ھېرىپ قالماسلىقىڭىزنى تېخىمۇ سەر خىل تېمىلىرىڭىزنى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
|