پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 44|ئىنكاس: 0

جۇڭگو تۈركولوگىيەسىنىڭ ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

5

دوست

2514

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
372 سەر
تىللا
180 دانە
تۆھپە
1186 سەر
شۆھرەت
274 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 17:26:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو تۈركولوگىيەسىنىڭ ئاتىسى ئالەمدىن ئۆتتى
ئۇلۇغ تۈركولوگ، جۇڭگۇ ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرى، مەشھۇر ئالىم، تىلشۇناس گېڭ شىمىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ئېلىمىزنىڭ شۇنداقلا دۇنيا تۈركولوگىيەسىگە نىسبەتەن زور يوقۇتۇش.
گېڭ شىمىننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:
     گېڭ شىمىن 1929-يىلى جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجوۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پىروففىسورى. 1952-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئەۋلات ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلشۇناسى، جۇڭگۇ ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ بەرپاچىسى ئىدى. ئۇ كۆپ خىل تىللاردا ئەسەر ئېلان قىلغان ۋە كۆپ خىل تىللار ئارا ئىلمىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان، گېرمانىيە ھۇمبۇلت فۇندى خەلقئارا ئالىملار مۇكاپاتىغا، شۇنداقلا دۇنيا ئالتاي شۇناسلىقىدىكى ئەڭ بۈيۈك مۇكاپات PLAC مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
     ئۇ ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك قاتارلىق تۈركىي تىللارنى پىششىق بىلگەندىن تاشقىرى، ئېنگىلىز، رۇس، نېمىس، فرانسۇژ، ياپۇن تىللىرىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىن: ‹قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى قومۇل نۇسقىسى مايىترى سىمىت تەتقىقاتى›، ، ‹دۇنخۇاڭ تۈرك-ئۇيغۇر ھۆججەتلىرىگە كىرىش›، ‹شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان›، ‹قەدىمقى ئۇيغۇرتىلى ۋەسىقىلىرى دەرسلىكى›، ‹ئۇيغۇر ۋە قازاق ئەدەبىياتىغا دائىر ماقالىلەر توپلىمى›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى›، ‹قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى تەتقىقاتى›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ھۆججەتلەر تەتقىقاتى›، ‹ياۋرو-ئاسىيا تارىخ مەدەنىيەت ئامبىرى_ غەربىي يۇرت تارىخ مەدەنىيىتى تەزكىرىسى›، ‹ھازىرقى زامان قازاق تىلى گىرامماتىكىسى›، ‹قازاق تىلى تەزكىرىسى›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلىدىن تاللانما›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامە›  قاتارلىقلار بار.
   بىز شەۋقىي تورى ۋە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇستاز گېڭ شىمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز.



شەۋقىي تورى
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى
2012-يىلى12-ئاينىڭ 18-كۈنى

مەنبە: شەۋقىي تورى http://shewqiy.com/thread-1690-1-1.html
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 10:52, Processed in 0.144807 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش