پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 0

ھەر قانداق ئادەم ئوقۇپ قويغۇدەك ھېكايە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

59

تېما

5

دوست

2510

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
371 سەر
تىللا
180 دانە
تۆھپە
1185 سەر
شۆھرەت
273 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 13:10:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىز ئاپىسىدىن زىنا قىلىشىغا يول قويۇشىنى سوراپتۇ. ئانىسى ھەرقانچەگەپ قىلسىمۇ قىز گىپىدە چىڭ تۇرىۋاپتۇ،.ئاخىرى ئاپىسى بىر شەرت بىلەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
ئۇنداقتا ئانىنىڭ شەرتى نىمىدۇ؟ قېنى بىر كۆرۈپ باقايلى:
ئانا قىزىدىن ئىمتاھان ئېلىپ باقىدىغانلىقىنى ئەگەر ئىمتاھاندىن ئۆتەلىسە قىز نىڭ گېپىگە ئۇنايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. بىرىنجى ئىمتاھان بولسا تۈۋەندىكىچەئىكەن:
ئانا قىزىدىن ئەتىسى ئەتىگىنى پادىشاھنىڭ قەسىرى ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇشىنى، پادىشاھ  چىققان ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ چۈشكەن قىياپەتتە يەرگە تاشلىنىشىنى ئېيتىپتۇ.  ئاندىن  نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۈزىتىشىنى ئيېتىپتۇ. قىز ئانىنىڭ گىپىگە قۇشۇلۇپتۇ.
سىزنىڭچە نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ؟
ئەتىسى ئەتىگەندە قىز پادىشاھنىڭ قەسىرى ئالدىغا بېرىپ تۇرۇپتۇ، قىز ساقلاپ تۇرۇپ پادىشاھ چىققان ھامان قەستەن دەلدەڭشىگەن ھالدا  يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. پادىشاھ قىز بارتەرەپكە ئالدىراپ كەپتۇ ۋە قىزنى يەردىن تۇرغۇزۇپتۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممسى ئارىنى ئورىۋاپتۇ. قىز ھۇشۇنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ چاندۇرماي پادىشاھقا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ كىتىپ قاپتۇ.  قىز ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ئانىسىغا بولغان ئىشنى خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ ئىمتاھاندىن ئۇتۇقلۇق ھالدا ئۆتكەنلىكىنى ئيېتىش ئۈچۈن ئۆيىگە ئالدىراپتۇ. قىز ئۆيگە كىلىپ بولغان ئىشلارنى ئاپىسىغا دەپ بېرىپتۇ
ئاپىسى: ئەتە بۈگۈن بارغان يەرگە بېرىپ بۈگۈن قىلغان ئىشلارغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىشنى ئېيتىپتۇ.
لېكىن ئىشنىڭ نەتىجىسى ئاۋۋالقىسىغائوخشىماپتۇ. بۇ قېتىم قىز يىقىلغان ۋاقىتتا پادىشاھ بارماستىن ۋەزىرى بېرىپتۇ ۋەئەتراپىنى بىر نەچچە ئەسكەر قورشىۋاپتۇ.سۇلتان قىزغا قاراپمۇ قويماستىن ئۆتۈپكېتىپتۇ. قىز بېشىنىڭ قېيىپ كەتكەنلىكىنى دەپ ۋەزىرگە رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋەئاپىسىنىڭ قېشىغا مېڭىپتۇ. ئاپىسى بولغان ۋەقەنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كىيىنكى ئىمتاھاننىڭ ئوخشاش يەردە پادىشاھ  ئۆتىدىغان ۋاقىتتا ئىكەنلىنى ئېيتىپتۇ.
ئەتىسى قىز بۇرۇنقى يەرگە كىلىپ تەييارلىق قىلىپ تۇرۇپتۇ پادىشاھ نىڭ چىقىشى يەرگە يىقىلىپتۇ، بۇ قېتىم قۇماندان كىلىپ قىز نى يولدىن چەتكە چىقىرىپ قويۇپ ھال ئەھۋال سورمايلا كىتىپ قاپتۇ، قىزئاپىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئىشلارنى دەپ بېرىپتۇ، لىكىن بۇ قېتىم بولغان ئىشقا قىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئىچىدە ھەسرەت ھىس قىپتۇ.
قىز ئاپىسىدىن: ئىمتاھانىڭىز تۈگىدىمۇدەپ سوراپتۇ؟
ئاپىسى: ياق قىزىم سىز باغان يەگە يەنەئۈچ كۈن بارىسىز، ئۈچۈنجى كۈنى  نىمىلەرنىڭ يۈز بەرگىنىنى ماڭا دەپ بېرىڭ دەپتۇ.
قىز ئانىسىنىڭ گېپى بويىچە پادىشاھنىڭ قەسىرى ئالدىدا بۇرۇن قىلغان ئىشلارنى قىپتۇ،ۋە ئاخىرقى كۈنى يىغلىغان ھالدا ئاپىسىنىڭ قېشىغا كەپتۇ، چۈنكى ئىمتاھاننىڭ مۇشەققىتى كۆپىيىپ كەتكەنىدى، ئۈچۈنجى كۈنى قىز نىڭ قېشىغا ھىچكىم كەلمەپتۇ، بەزىكىشىلەر قىزنى زاڭلىق قىپتۇ، بەزىلىرى قىزنى تىللاپتۇ، بەزىلىرى قىزنى تېپىپ ئۆتۈپ كىتىپتۇ.

بۇ ۋاقىتتا ئەقىللىق مېھرىبان ئانامۇنداق دەپتۇ: قىزىم زىنا نىڭ باشلىنىشى مۇشۇنداق، ئەمما بىر مەزگىلدىن كىيىن ھەممە سىزدىن قاچىدۇ، قېچىپلام قالماي سىزنى زاڭلىق قىلىدۇ. يوقالغان ئىززىتىڭىزگە ھەرگىز قايتا ئېرىشەلمەيسىز، ئەڭ پەس كىشىلەر ئۈستىڭىزدىن كۈلىدۇ.
مەلىكەم يانا زىنا قىلىشنى ئويلىشىۋاتامسىز؟
قىز بولغان ئىشلارنى ئەسلەپ ئەقلىنى تېپىپتۇۋە ئەقىللىق ئانىسىغا رەھمەت ئېيتىپتۇ ۋە ئاللاھ بىلەن قەسەم ئاسمان زېمىن دۈمكۆمتۈرۈلۈپ كەتسىمۇ زىنا قىلمايمەن دەپتۇ.
زىنا خار –زەبۇنلۇقتۇر زىنا نىڭ جازاسى بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ سۇنۇپ كەتسە ئەسلىگە كەلمەيدۇ. ئەقىللق كىشى ھىكمەتتىن ياخشى ۋەز نەسىھەتتىن پايدىلانغان ئادەمدۇر.ئەقىلسىز كىشى باشقىلارغا ئىبرەت بولغانكىشىدۇر.سىز ئەقىللىق كىشىمىكەنسىز ياكى ئەقىلسىز؟ ئەي ئەقىللىق قىزلار بىرەسى سىلەرنى زىنا بىلەن ئالداپ كەتمىسۇن، زىنا خار_زەبۇنلۇق نىڭ چوڭ دەرۋازىسى زىناقىلغۇچىدىن كېسەل بالايىئاپەت بەرىكەتسىزلىك تۈگىمەيدۇ. بۇ دۇنيادا زىنا قىلغۇچىنىڭ يۈزنىڭ نۇرى، يۈز ئابروي  يوق بولىدۇ.ئاخىرەتتىكىى ئازابى بولسا ئەشەددىدۇر. قىزلىرىنى باشقۇرمىغان دادا دەيۈز، سىڭلىسىنى باشقۇرمىغان ئاكا خىيانەتچى، ئايالىنى باشقۇرمىغان گۇي ...(سولامچى ).
ئاللاھ تائالا دىن زىنا دىن ۋە زىناغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن پاناھ تىلەيمىز.


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 08:40, Processed in 0.155546 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش