پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3619 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 82|ئىنكاس: 3

4-يىللىق تەبىئەت 1-قىسىم تەكرار سوئاللىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

234

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5096 سەر
تىللا
905 دانە
تۆھپە
9307 سەر
شۆھرەت
4214 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 12:17:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى دەرمان ئەپەندى يوللاشنى ئۇقماي « پەرى قىزغا ۋەششى سالام خەت»كە ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇپتۇ شۇڭا بۇنى مەن باش تېما قىلىپ يوللاپ قويدۇم .كېيىنچە  دەرمان ئەپەندىنىڭ نامىغا يۆتكەپ قويىمەن .
4-يىللىق تەبىئەت 1-قىسىم تەكرار سوئاللىرى
1-بۆلەك:   1-ھايۋانلار قانداق ياشايدۇ:
1. جانلىقلار دىگەن نىمە؟
ج: ھاياتلىق ھادىسىسىگە ئىگە بولغان مادىلار جانلىقلار دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئۆسۈملۈك، ھايۋانات.
2.ھايۋانات دىگەن نىمە؟ ئۇ قانداق ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟
ج: قۇرت-قوڭغۇز، بىلىق، قۇش، ھايۋان قاتارلىقلار ھايۋانات دەپ ئاتىلىدۇ.
ھايۋانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئوزۇقلىنىدۇ، نەپەس ئالىدۇ، چوڭىيىدۇ، كۆپيىيپ ئەۋلات قالدۇرىدۇ، ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدۇ.
3. ھايۋانلارقانداق مۇھىتتا ياشايدۇ؟
ج: ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەرقانداق ھايۋان ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتىغا ماس كىلىدىغان مۇھىتنى تاللاپ  ياشايدۇ.
4. ھايۋانلارنىڭ تىنى قانچە قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ؟
ج : ھايۋانلارنىڭ تەن تۈزۈلىشى ئوخشاش بولماسلىق سەۋەبىدىن تىنى ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدىغان، تۆت قىسىمدىن تۈزۈلىدىغان، بەش قىسىمدىن تۈزۈلىدىغان ھايۋانلارمۇ بار. مەسىلەن: يىلاننىڭ تىنى ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن.
تىنى تۆت قىسىمدىن تۈزۈلگەن ھايۋانلاردىن پاقا، بىلىق قاتارلىقلار بار.
تىنى بەش قىسىمدىن تۈزۈلگەن ھايۋانلاردىن مۈشۈك، توشقان، ئات  قاتارلىقلارنىڭ   تىنى  بەش  قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ باش، بويۇن، گەۋدە،پۇت-قول، قۇيرۇقتىن ئىبارەت.
ھايۋانلار ئادەتتە تۇخۇم تۇغۇش ئارقىلىق ۋە تۇغۇش ئارقىلىق ئەۋلات قالدۇرىدۇ.
تۇخۇم تۇغۇش ئارقىلىق ئەۋلات قالدۇرىدىغان ھايۋانلار بالىلىرىنى يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش ئارقىلق باقىدۇ. مەسىلەن:كەپتەر، قۇشقاچ، پاقا، بىلىق، توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىقلار.
تۇغۇش ئارقىلىق ئەۋلات قالدۇرىدىغان ھايۋانلار بالىلىرىنى سۈت ئىمىتىپ باقىدۇ.مەسىلەن:كىت، شەپەرەڭ،يولۋاس،توشقان،مۈشۈك ئات،كالا،قوي،ئىت،چاشقان قاتارلىقلار.
ھايۋانلارنى ياشاش مۇھىتى ئوخشاش بولماسلىقتىن بەزىلىرى سۇدا بەزىلىرى قۇرۇقلۇقتا بەزىلىرى ئىسسىق رايۇنلاردا بەزىلىرى سۇغۇق رايۇنلاردا  ياشايدۇ.
كىت بولسا يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.
پىل بولسا قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ چوڭ سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.
شەپەرەڭ بولسا ئۇچالايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان.
توخۇ، ئۆردەك بولسا قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان تۇخۇم تۇغۇدىغان ھايۋان.
1-بۆلەك:   2-خىلمۇخىل ھايۋانلار
1. بىز ئۈگەنگەن بىلىملىرىمىز ئاساسىدا تۆۋەندىكى بىر نەچچە ھايۋانغا ئوخشايدىغان ھايۋانلارنى تىپىپ باقايلى!
1) مۈشۈككە ئوىشايدىغان ھايۋانلار ـــ توشقان، ئۆچكە، ئات قاتارلىقلار.
2)كەپتەرگە ئوخشايدىغان ھايۋانلار - توخۇ، قۇشقاچ، بۇلبۇل قاتارلىقلار.
3) ئالتۇنبىلىققا  ئوخشايدىغان ھايۋانلارـ يىلان .
4) تاشپاقىغا   ئوخشايدىغان ھايۋانلار - تىمساق، كەسلەنچۈك .
5) يىشىل پاقىغا   ئوخشايدىغان ھايۋان ــ يىشىل پاقا .
6) يىڭناغۇچقا   ئوخشايدىغان ھايۋان ــ كىپىنەك، ئىڭىز قۇشقۇچى، چىكەتكە .
2. ئۆردەك قايسى تۈردىكى ھايۋانغا تەۋە؟
ج: ئۆردەك تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ.تىنى تۆت قىسىمدىن تۈزۈلگەن.يىشىل پاقا  بىلەن تەن تۈزۈلىشى ئوخشىمايدۇ.
ھايۋانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۇلار ئوزۇقلىنىدۇ،نەپەس ئالىدۇ،چوڭىيىدۇ،كۆپيىيپ ئەۋلات قالدۇرىدۇ،ئەركىن ھەركەت قىلالايدۇ.
ھايۋانلارنىڭ ياشاش مۇھىتى ئوخشاش بولمايدۇ.ھەرقانداق ھايۋان ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتىغا ماس كىلىدىغان مۇھىتنى تاللاپ  ياشايدۇ.
ھايۋانلار ئادەتتە تۇخۇم تۇغۇش ئارقىلىق ۋە تۇغۇش ئارقىلىق ئەۋلات قالدۇرىدۇ.
تۇخۇم تۇغۇش ئارقىلىق ئەۋلات قالدۇرىدىغان ھايۋانلار بالىلىرىنى يىمەكلىكلەرنى يىگۈزۈش ئارقىلق باقىدۇ. مەسىلەن: كەپتەر، قۇشقاچ قاتارلىقلار.
تۇغۇش ئارقىلىق ئەۋلات قالدۇرىدىغان ھايۋانلار بالىلىرىنى سۈت ئىمىتىپ باقىدۇ. مەسىلەن: كىت، ئات، ئىشەك، ئۆچكە شەپەرەڭ، يولۋاس، توشقان، مۈشۈك، كالا، قوي، ئىت، چاشقان قاتارلىقلار.
كۆپ ئۇچرايدىغان ئالتە خىل ھايۋاننىڭ تۈرگە ئايرىلىشى:
1-        سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار: مۈشۈككە ئوخشاش تىنىنىڭ سىرتىدا تۈكلىرى بولغان ، تىرىك تۇغۇدىغان ، كىچىك ۋاختىدا سۈت ئىمىپ چوڭ بولىدىغان ھايۋانلار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار دەپ ئاتىلىدۇ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تىنى ئاساسەن بەش قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ . مەسىلەن: مۈشۈك، توشقان، ئات، چاشقان.....   
2-        قۇش تۈرىدىكى ھايۋانلار: كەپتەرگە قارچىغىغا ئوخشاش تىنىنىڭ سىرتىدا پەيلىرى، بىر جۇپ قانىتى، بىر جۇپ پۇتى بار، تۇخۇم تۇغۇپ ئەۋلات قالدۇرىدىغان ھايۋانلار قۇش تۈرىدىكى ھايۋانلار دەپ ئاتىلىدۇ.
3-        بىلىق تۈرىدىكى ھايۋانلار: ئالتۇن بىلىققا ئوخشاش سۇدا ياشايدىغان تىنىنىڭ سىرتىدا قاسراق تەڭگىچىلىرى بولغان سۇدا تۇخۇم تۇغۇدىغان ، ئۈزگۈچىلىرى ئارقىلىق سۈ ئۈزۈدىغان ھايۋانلارنى بىلىق تۈرىدىكى ھايۋانلار دەپ ئاتايمىز.
4-        ھاشارەت تۈرىدىكى ھايۋانلار: يىڭناغۇچ كىپىنەكلەرگە ئوخشاش ئۈچ جۇپ پۇتى،بىشىدا بىر جۇپ سەزگۈ ئەزاسى بولغان ،تىنى باش،كۆكرەك،قورساقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلىنىدىغان ھايۋانلارنى ھاشارەت تۈرىدىكى ھايۋانلار دەپ ئاتايمىز.
5-        يەر بىغىرلىغۇچى تۈرىدىكى ھايۋانلار: تاشپاقا، تام پاتمىچۇقى، كەسلەنچۈككە ئوخشاش تىنىنى يەرگە يىقىپ بىغىرلاپ ماڭىدىغان ھايۋانلارنى يەر بىغىرلىغۇچى تۈرىدىكى ھايۋانلار دەپ ئاتايمىز. پاتمىچۇقنىڭ، تاش پاقىنىڭ  تىنى بەش قىسىمغا بۆلىنىدۇ. يىلاننىڭ تىنى تۆت قىسىمغا بولىنىدۇ.
6-        قوش ماكانلىقلار تۈرىدىكى ھايۋانلار: يىشىل پاقا، چار پاقىلارغا ئوخشاش سۇدا تۇخۇملايدىغان، كىچىك ۋاختىدا سۇدا ياشاپ چوڭ بولغاندىن كىيىن قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلارنى قوش ماكانلىقلار تۈرىدىكى ھايۋانلار دەپ ئاتايمىز.

1-بۆلەك:   3-ئۆسۈملۈكلەر قانداق ياشايدۇ
1. ئۆسۈملۈكلەر نىمىگە تايىنىپ ياشايدۇ؟   
ج: ئۆسۈملۈكلەرمۇ ھايۋاناتلارغا ئوخشاش ئوزۇقلۇققا تايىنىپ ياشايدۇ.
2. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ  ئوزۇقلۇقى قەيەردىن كىلىدۇ ؟
ج: ئۆسۈملۈكلەر ئوزۇقلۇقنى ئۆزى ياسايدىغان بولۇپ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى قۇياش ئېنىرگىيىسىگە تايىنىپ ھاۋادىكى كاربۇن تۆت ئوكسىد بىلەن سۇدىن پايدىلىنىپ ئوزۇقلۇق     ياسايدۇ. ئۆسۈملۈك ئوزۇقلۇنىڭ خام ئەشياسى   كاربۇن تۆت ئوكسىد بىلەن سۇدىن ئىبارەت.
3. ئۆسۈملۈكلەر ئاساسلىقى قايسى ئەزاسىغا تايىنىپ ئوزۇقلۇق ياسايدۇ؟
ج : ئۆسۈملۈكلەر ئاساسلىقى يىشىل يوپۇرمىقىغا تايىنىپ ئوزۇقلۇق ياسايدۇ.
ئوزۇقلۇق ياساش جەريانىدا، يىشىل يوپۇرماق ئوكسىگىن ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا يىشىل ئۆسۈملۈكلەر مۇھىتنى تازىلاپ، بىزگە ساپ ھاۋا ئاتا قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى، ھاۋا ۋە سۇ بولمىسا ياشىيالمايدۇ.
ھەر بىر تال يېشىل  يوپۇرماقنىڭ دۈمبە تەرىپىدە كىچىك ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بولۇپ بۇ  ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان يولىدۇر.
ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى، ھاۋا، سۇدىن پايدىلىنىپ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ياساش بىلەن بىرگە باشقا جانلىقلار ياشاشتا ئىھتىياجلىق بولغان ئوكسىگىننى ياساپ باشقا جانلىقلارنىمۇ باقىدۇ.
ئۆسۈملۈك بىلەن مۇھىت بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسۈتىدۇ.ئۆسۈملۈك بىلەن مۇھىت بىر-بىرىگە تايىنىپ ياشايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسىرىشىمىز لازىم.
1-بۆلەك:   4-ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزى ۋە غولى
1-ئۆسۈملۈكلەر قانچە قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ؟
ئۆسۈملۈك ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ يىلتىز،غول ،يوپۇرماق قاتارلىقلار.
2-سۇئال: ئۆسۈملۈكلەر ئىھتىياجلىق بولغان سۇ ۋە تۇپراقتىكى ماددىلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تىنىگە قانداق كىرىدۇ؟
ج : ئۆسۈملۈكلەر ئىھتىياجلىق بولغان سۇ ۋە تۇپراقتىكى ماددىلار ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تىنىگە يىلتىز ئارقىلىق كىرىپ غول ئارقىلىق ھەر قايسى قىسىملارغا توشۇلىدۇ.
3- سۇئال : يىلتىز، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش جەريانىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟
ج : 1) ئۆسۈملۈك تىنىنى تىك تۇتۇپ تۇرۇش رولى بار. 2) سۈمۈرۈش ۋە توشۇش رولى بار. 3) بىرىكتۈرۈش رولى بار. 4) زاپاس ساقلاش ۋە كۆپىيىش رولى بار.
4- سۇئال : يىلتىز قانچە تۈرگە بۆللىنىدۇ؟  
ج : يىلتىز بولسا ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.1) ئوق يىلتىز 2) پۆپۈك يىلتىز 3)زاپاس ساقلىغۇچى يىلتىز قاتارلىقلار.
5-غول قانداق ھاسىل بولىدۇ؟  
ج : غول ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆرەلمە بىخىنىڭ يىتىلىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.
6- سۇئال : غولنىڭ قانداق رول بار؟  
ج:  1) ئۆسۈملۈك تىنىنى تىرەپ تۇرۇش رولى بار. 2)توشۇش رولى بار.3)ئورگانىك ماددىنى  زاپاس ساقلاش ۋە كۆپىيىش رولى بار.
7- سۇئال :  غول قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟
ج: غول بولسا تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ .1) تىك غول 2) يۆگەشكۈچى غول 3) ياماشقۇچى غول 4) يەر بىغىرلىغۇچى غول قاتارلىقلار. غول ھەرخىل بولسىمۇ ئۇنىڭ رولى يەنىلا ئوخشاش .
8- سۇئال : يوپۇرماق قانچە قىسىمدىن تۈزۈلگەن؟  
ج : يوپۇرماق  ئالقىنى ۋە يوپۇرماق ساپىقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن  تۈزۈلگەن.
9- سۇئال : يوپۇرماقنىڭ شەكلى قانچە خىل؟
ج :يوپۇرماقنىڭ شەكلى يەتتە خىل بولىدۇ.
1) لىنتا شەكىللىك. مەسىلەن: شال يوپۇرمىقى ۋە كۆممە قوناق يوپۇرمىقى
2) تۇخۇم شەكىللىك . مەسىلەن: ئۈجمە يوپۇرمىقى، ئالما يوپۇرمىقى.
3) يۈرەك شەكىللىك. مەسىلەن: تاتلىق ياڭيو يوپۇرمىقى.
4) تۈمىنە شەكىللىك. مەسىلەن: سۆگەت يوپۇرمىقى، بامبۇك يوپۇرمىقى
5) يەلپىگۈچ شەكىللىك. مەسىلەن: كۈمۈش ئۈرۈك يوپۇرمىقى.
6) ئالقان شەكىللىك. مەسىلەن: ئابدىمىلىك يوپۇرمىقى
7) يىڭنە شەكىللىك. مەسىلەن: قارىغاي يوپۇرمىقى قاتارلىقلار.
1-بۆلەك:   5-خىلمۇ خىل ئۆسۈملۈكلەر
1.        خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى ئوخشاش بولامدۇ؟
ج: خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە كۆپ قىسىم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى سىلىندىر شەكىللىك بولىدۇ. ئازساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن: يالپۇزنىڭ غولى تۆت چاسا شەكىلدە بولىدۇ. قىياق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى ئۈچ بۇلۇڭ شەكىلدە بولىدۇ.
كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غولى تىك ئۆسىدۇ.   
2. ئۆسۈملۈكلەر قانچە باسقۇچنى بىسىپ ئۆتىدۇ؟
ج: ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇق،بىخ،مايسا،چىچەك ۋە مىۋىدىن ئىبارەت بەش باسقۇچنى بىسىپ ئۆتىدۇ.
3. ئۆسۈملۈكلەر قانداق كۆپىيىدۇ؟
ج : ئۆسۈملۈكلەر كۆپۈنچە ئۇرۇق ئارقىلىق يەنە بىر قىسمى بولسا يىلتىزى، غولى ، يوپۇرمىقى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ.
4.ئۆسۈملۈكلەر نىڭ ئورتاق ئالاھدىلىكى نىمە؟
ج : ئۆسۈملۈكلەر نىڭ ئورتاق ئالاھدىلىكى كىچىكلىكتىن چوڭىيىدۇ، ئەۋلات قالدۇرىدۇ، ئورگانىك ماددىلارنى ياسىيالايدۇ.
5. ئۆسۈملۈكلەر قانداق مۇھىتتا ياشايدۇ؟
ج : ئۆسۈملۈكلەر مۇئەييەن يىمپىراتۇرا ، سۇ، ھاۋا، كۈن بولغان تۇپراقتا ياشايدۇ. ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى، ھاۋا ۋە سۇ بولمىسا ياشىيالمايدۇ.
6. پارلاندۇرۇش رولى دىگەن نىمە؟
ج : ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يەر ئۈستى قىسمى سۇنى پارغا ئايلاندۇرش رولى  بار.  يوپۇرماق ئاساسلىق پارغا ئايلاندۇرۇش ئەزاسىدۇر.
7.ئۆسۈملۈكلەرمۇ ھەركەت قىلامدۇ؟
ج :ئۆسۈملۈكلەر ئۆز ئورنىدا ئۆسۈشكە ئوخشاش ھەركەت قىلىدۇ.
8. ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئىنكاس قايتۇرلامدۇ؟
ج : ئۆسۈملۈكلەر ئەتراپتىكى مۇھىتقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.مەسىلەن: شامالغا قارىتا تەڭ تىركىشىدۇ.بەزى ئۆسۈملۈكلەر تىكەنلىرىنى سانقىيدۇ،بەزى ئۆسۈملۈكلەر بورانغا باش ئەگمەيدۇ.
1-بۆلەك:   6-ھايۋانلار  ۋە ئۆسۈملۈكلەر
1. جانلىقلار دىگەن نىمە؟ ج:ھاياتلىق ھادىسىسىگە ئىگە بولغان مادىلار جانلىقلار دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن:ئۆسۈملۈك،ھايۋانات.
2.ھايۋانات دىگەن نىمە؟ ئۇ قانداق ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟
ج: قۇرت-قوڭغۇز،بىلىق،قۇش،ھايۋان قاتارلىقلار ھايۋانات دەپ ئاتىلىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى،ئۇلار ئوزۇقلىنىدۇ،نەپەس ئالىدۇ،چوڭىيىدۇ،كۆپيىيپ ئەۋلات قالدۇرىدۇ،ئەركىن ھەركەت قىلالايدۇ.
3.ئۆسۈملۈكلەر نىڭ ئورتاق ئالاھدىلىكى نىمە؟
ج : ئۆسۈملۈكلەر نىڭ ئورتاق ئالاھدىلىكى كىچىكلىكتىن چوڭىيىدۇ،ئەۋلات قالدۇرىدۇ،ئورگانىك ماددىلارنى ياسىيالايدۇ.
ئوخشايدىغان تەرەپلىرى: ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى ،ھاۋا ۋە سۇ بولمىسا ياشىيالمايدۇ.
ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭمۇ ياشاشتا تۈپ ئىھتىياجى بولىدۇ.ھايۋانلارمۇ ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئۆسۈپ يىتىلىدۇ،ئۆلىدۇ.ھايۋانلارمۇ ئۆسۈملۈكلەرمۇ مۇناسىپ تەن تۈزۈلۈشكە ئىگە.تاشقى دۈنيانىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.  ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش مۇشۇ خىل ھاياتلىققا ئىگە جىسىملار جانلىقلار دەپ ئاتىلىدۇ.  
ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى:
1)        ئۆسۈملۈكلەر ئۆز ئورنىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.ئۇلارنىڭ يىلتىزى   بولىدۇ.ھەركەتلىنىش ئەزاسى بولمايدۇ.
2)        ئوزۇقلۇقنىڭ كىلىش مەنبەسى ئوخشىمايدۇ.ئۆسۈملۈكلەر تىنىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۆزى ياسايدۇ.شۇڭا ئۇلاردا ئىغىز ۋە چىش بولمايدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا: ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى ،ھاۋا ۋە سۇ بولمىسا ياشىيالمايدۇ. ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭمۇ ياشاشتا تۈپ ئىھتىياجى بولىدۇ.ھايۋانلارمۇ ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئۆسۈپ يىتىلىدۇ،ئۆلىدۇ.ھايۋانلارمۇ ئۆسۈملۈكلەرمۇ مۇناسىپ تەن تۈزۈلۈشكە ئىگە.تاشقى دۈنيانىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئىنكاس قايتۇرالايدۇ.
4.جانسىزلار دىگەن نىمە؟
جانلىقلارنىڭ ئالاھدىلىكىگە ئىگە بولمىغان جىسىملار جانسىزلار بولىدۇ.مەسىلەن: جوزا ،كۆمپىيوتېر
جانلىقلار بىلەن جانسىزلار رۇشەن پەرىقلىنىدۇ.
بىز ئىنسانلارمۇ جانلىق.بىز باشقا جانلىقلارغا  ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ۋە ئىھتىياجغا ئىگە.ئىنسانلار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن تەدرىجە تەرەققى قىلغان.
سۆزلىيەلەيدىغان،تەپەككۈر قىلالايدىغان بىردىن بىر جانلىق ھىساپلىنىمىز.بىزمۇ يىمەكلىككە ،سۇغا،ھاۋاغا ياشاش ماكانىغامۇھتاج.
ئىنسانلار جانلىقلارنىڭ بىر تىپىك مىسالى بولالايدۇ.
2-بۆلەك: ئاش تۇزى سۇدا ئىرىيدۇ. ئىرىش دىگەن نىمە؟
ماددىلارنىڭ سۇدا ئىرىپ كۆز بىلەن كۆرگۈلى بولمايدىغان دانچىلارغا ئايلىنىپ سۇغا تەكشى تارقىلىپ ئىرىتمە ھاسىل قىلىشى ھادىسىسى ئىرىش دەپ ئاتىلىدۇ.
2. ئاش تۇزى سۇدا ئىرىمدۇ؟
ئاش تۇزى سۇدا ئىرىيدۇ.ئوششاق دانچىلارغا ئايلىنىپ تارقىلىپ كىتىدۇ.
3.قۇم سۇدا ئىرىمدۇ؟
قۇم سۇدا ئىرىمەيدۇ.چۈنكى قۇم دانچىلىرى نىسبەتەن قاتتىق بولغاچقا  تارقىلىشى  ئاستا  بولىدۇ. قوچۇغاندا سۇ بىلەن ئارىلىشىپ قوچۇشنى توختاتساق قۇم سۇغا چۆكۈپ چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ.
4.ئۇن سۇدا ئىرىمدۇ؟  
ئۇن سۇدا ئاش تۇزىغا ئوخشاش تەكشى تارقىلىپ  ئىرىمەيدۇ.       ئوننى سۈزگۈچ قەغەز ئارقىلىق  سۇدىن ئايرىپ ئالغىلى بولىدۇ. ئون سۇدا چۆكىدۇ.
كالىي فىرمانگانات (مارگانسۇپ)بىلەن شېكەرنىڭ ئىرىشنى كۈزىتىش.
كالىي فىرمانگانات (مارگانسۇپ) سۇدا ئىرىمدۇ؟
كالىي فىرمانگانات (مارگانسۇپ) سۇدىكى ئۆزگۈرۈشى نايىتى رۇشەن بولىدۇ. كالىي فىرمانگاناتنى سۇغا سالساق سۆسىن رەڭلىك سىزىقچىلار ھاسىل بولىدۇ ھەمدە تەدرىجە بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كىتىدۇ.ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سۇنى ئىلىشتۇرساق سۇ سۈزۈك قىزىل رەڭگە ئۆزگۈرۈپ ئەسلىدىكى قارا دانچىلار يوقاپ كىتىدۇ.
شىكەر سۇدا ئىرىمدۇ؟        شىكەر سۇدا ئىريدۇ.
شىكەر نى ئىستاكاندىكى سۇغا سالغان ۋاقىتتا شىكەر سۇغا تەكشى تارقىلىپ كۆرگۈلى بولمايدىغان ئۇششاق دانچىلارغا ئايلىنىپ تەكشى تارقىلىپ  كىتىدۇ.
   قانداق قىلغاندا ئىرىشنى تىزلەتكىلى بولىدۇ؟ ج:ئېزىش،قوچۇش،تېمپىراتۇرنى يۇقۇرلىتىش(قاينىتىش)ئۇسۇلى بىلەن
1.  قايسى سوپۇن تىز ئىرىيدۇ؟  
ج: چوكا بىلەن ئىلىشتۇرغان ئىستاكاندىكى سوپۇن تىز ئىرىيدۇ . چۈنكى  ئىلىشتۇرۇش ئارقىلىق  ئىرىشنى تىزلەتلىكى بولىدۇ.
2.پارچىلاپ سالغان سوپۇن بىلەن پارچىلىماي سالغان سوپۇندىن قايسىسى تىز   ئىرىيدۇ؟
ج:پارچىلاپ سالغان سوپۇن تىز ئىرىيدۇ.چۈنكى  ئىرىش بولسا ماددىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا  پارچىلاپ سالغان    سوپۇن تىز ئىرىيدۇ.
3.ئىسىق سۇغا سالغىنى بىلەن سوغۇق سۇغا سالغىنىنى سىلىشتۇرساق        قايسىسى تىز ئىرىيدۇ؟
ج:ئىسسىق سۇغا سالغىنى تىز ئىرىيدۇ.چۈنكى ماددىلارنى قىزدۇرۇپ ئىرىتسەك    ئىرىشنى   تىزلەتكىلى بولىدۇ.
4.سوپۇن قانداق ئەھۋالدا تىز ئىرىيدۇ؟
ج: سوپۇن 1) ئىلىشتۇرغاندا   2 ) پارچىلاپ سالغاندا  3)ئىسسىق سۇغا سالغاندا تىز   ئىرىيدۇ.
5.باشقا ماددىلارنىڭ ئىرىش سۈرئىتىدىمۇ مۇشۇنداق ئۆزگۈرۈش بولامدۇ؟
ج: باشقا ماددىلارنىڭ ئىرىش سۈرئىتىدىمۇ مۇشۇنداق ئۆزگۈرۈش بولىدۇ.
6.كەمپۈتنى ئىرىتىش ئۇسۇلى:
1)ئاغزىغا سىلىپ شورىغاندا:ئىرىشكە كەتكەن ۋاقىت كۆپ .
2)تىل بىلەن شورىغاندا : ئىرىشكە كەتكەن ۋاقىت  سەلپەل كۆپ.
3)چاينىغاندا:  ئىرىشكە كەتكەن ۋاقىت ئاز.
4)ھەم چايناپ ھەم شورىغاندا : ئىرىشكە كەتكەن ۋاقىت نىسبەتەن ئاز بولىدۇ.
:بىر ئىستاكان سۇدا قانچىلىك ئاش تۇزى ئېرىيدۇ
1.سۇغا ئاش تۇزىنى سىلىۋەرسەك ئۈزلۈكسىز ئىرىۋىرەمدۇ؟
ج:سۇغا ئاش تۇزىنى سىلىۋەرسەك،ئاش تۇزى مەلۇم نىسبەتتە تويۇنغاندىن كىيىن ئاندىن   ئىرىمەي تىگىگە چۆكمە ھاسىل قىلىپ چۆكىدۇ.ئۇنىڭدىن ئېرىگەن تۇزنى چىقىرىۋىتىپ      ئۈزلۈكسىز  سۇ قۇيۇپ قوچۇپ بەرسەك تەدىرجە ئىرىپ سۇغا تەكشى تاراپ كىتىدۇ.
بىر خالتا ئاش تۇزىنى ئېرىتش ئۈچۈن سۇ مىقدارىنى ئاش تۇزى تويۇنغانغا قەدەر ئاشۇرساق،ئاش تۇزى تەدىرجە ئىرىپ ئاش تۇزى ئىرىتمىسى ھاسىل بولىدۇ.
2.سۇنىڭ ئاز كۆپلىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
ج:ئىستاكاندىكى سۇنىڭ ئاز كۆپلۈگى بىلەن تۇزنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولىشى مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
1.        بىر ئىستاكان سۇدا قانچىلىك تۇز ئىرىيدۇ؟
ج: ئىستاكانننىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىگى ئىنىق بولسا  ئادەتتە 100گىرام سۇ بىلەن 10 گىرەم تۇزنى ئىرىتىشكە بولىدۇ.مۇشۇ بويىچە ھىساپلىغاندا 200 گىرام سۇ بىلەن 20 گىرام تۇزنى ئېرىتىشكە بولىدۇ.
4. ئىرىش دىگەن نىمە؟
ماددىلارنىڭ سۇدا ئىرىپ كۆز بىلەن كۆرگۈلى بولمايدىغان دانچىلارغا ئايلىنىپ سۇغا تەكشى تارقىلىپ ئىرىتمە ھاسىل قىلىشى ھادىسىسى ئىرىش دەپ ئاتىلىدۇ.
مەسىلەن: ئاش تۇزى، شىكەر قاتارلىقلار سۇدا ئىرىشىدىن ئىرىتمە ھاسىل بولىدۇ.
2-بۆلەك:  4-دەرىس:  تۇز بىلەن سۇنى ئايرىش ئۇسۇلى  
1. تۇز بىلەن سۇنى قانداق ئايرىمىز؟
ج: ئىرىگەن جىسىمنى ئىرىتمىدىن ئايرىۋىلىش ئۈچۈن سۇنى پارلاندۇرۇپ ئاندىن  ئايرىۋىلىشقا بولىدۇ.تۇز بىلەن سۇنى ئايرىپ ئىلىشتا تويۇنغان تۇز ئىرىتمىسىنى قىزدۇرۇپ سۇنى پارغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تۇز ئايرىۋىلىشقا بولىدۇ.
2.  سۇدا ئىرىمەيدىغان جىسىملار دىگەن نىمە؟
ج؛ مۇتلاق ئىرىمەيدىغان جىسىم يوق.لىكىن بەزى جىسىملارنىڭ ئىرىش       دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ بىز بۇنداق جىسىملارنى سۇدا ئىرىمەيدىغان جىسىملار   دەپ  ئاتايمىز .   مەسىلەن: قۇم ،  ئۇن  قاتارلىقلار.
3.ئىرىتمە دىگەن نىمە؟
ج : ماددا سۈيۈقلۈقتا ئىرىگەندىن كىيىن ئارلاشما ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئىرىتمە    دەپ ئاتىلىدۇ.
4.تۇزنى سۇدا ئىرىتكەندىن كىيىن قانداق ئىرىتمە ھاسىل بولىدۇ؟ ج:  تۇزنى سۇدا ئىرىتكەندىن كىيىن  تۇز ئىرىتمىسى ھاسىل بولىدۇ.  
5.ئاق رەڭلىك دانچىلارمۇ سۇدا ئىرەمدۇ؟ ج:ئاق رەڭلىك دانچىلار تۇز دانچىلىتىنىڭ شەكلىگە ئوخشايدىغان بولۇپ ئۇلارمۇ سۇدا ئىرىيدۇ.
6.پارلاندۇرۇش قاچىسىدىكى ئاق رەڭلىك دانچىلار تۇزمۇ؟
ج :  پارلاندۇرۇش قاچىسىدىكى ئاق رەڭلىك دانچىلار تۇز دانچىلىرى بولۇپ ،ئەسلىدىكى تۇز ئىرىتمىسىدىكى سۇ پارغا ئايلىنىپ كەتكەن. تۇز پارغا ئايلانماي تۇز كىرىستاللىرىنى ھاسىل قىلىپ پارلاندۇرۇش قاچىسىدا قىپ قالغان  تۇز دانچىلىرىدىن ئىبارەت.
2- بۆلەك:5-دەرىس:  تېخمۇ كۆپ ئېرىش ھادىسىسىنى كۈزۈتۈش
1.ئىسپىرىت سۇدا ئېرىمدۇ؟
ج:ئىسپىرىت سۇدا ئېرىيدۇ. سۇمۇ ئىسپىرىتتا ئىرىيدۇ.چۈنكى ئۇلارنىڭ تۈزۈلىشى ناھىتى ئوخشاپ كىتىدۇ.شۇڭا ئۇلار بىر-بىرىدە چەكسىز ئىرىيدۇ.
2.ماي سۇدا ئېرىمدۇ؟ سۇ ياغدا ئېرىمدۇ؟
ج:ماي سۇدا ئېرىمەيدۇ.سۇمۇ مايدا ئېرىمەيدۇ.ماي سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرۇۋالىدۇ بۇنىڭ بىلەن رۇشەن ئىككى قاتلام شەكىللىنىدۇ. ماي سۇدا ئېرىمەيدۇ.سۇمۇ مايدا ئېرىمەيدۇ.
سۈيۈق جىسىملار ئېرىيدىغان گاز دىگەن نىمە؟
ج ؛گازلىق ئىچىملىكلەردىن چىققان گاز كۆپۇكچىسى سۈيۈق ئىچىملىكلەردە ئىرىگەن گازدۇر.
گازلىق سۇ بولتۇلكىسىنىڭ ئاغزىنى ئىچىپ بولتۇلكىنى يىنىك چايقىغاندا گازلىق سۇدىن گاز كۆپۈكچىلىرى يۇقۇرغا ئۆرلەيدۇ.مانا بۇ سۇدا ئىرىگەن كاربۇن تۆت ئوكسىد گازىنىڭ قىچىشىدۇر.
بۇنىڭ سەۋەبى گازلىق سۇ كاربۇن تۆت ئوكسىدنىڭ بىسىمىنى كۆچەيتىپ بىر ئاتمۇسفىرا بىسىمىغا يەتكەندە كاربۇن تۆت ئوكسىدقا تويۇنغان ئىرىتمە شىددەت بىلەن ئىتىلىپ چىقىدۇ.مانا بۇ  سۈيۈق ئىچىملىكلەردە ئىرىگەن گازدۇر.
3- بۆلەك:1-دەرىس: بۇلۇت ۋە يامغۇر   
1.ھاۋا رايى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ج:1) بۇلۇت، يامغۇر  ، شامال،بوران ،قار  ،ھاۋا تىمپۇراتۇرسىنىڭ ئۆزگۈرۈشى ،ئىسسىق سوغۇق  ، ھاۋا رايىغا كۆڭۆل بۆلۈش قاتارلىق  مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2.ئاسماندا قانداق بۇلۇتلار بار ئىكەن؟ بۇلۇتلارنىڭ ئاسماندىكى ئورنى يۆتكىلەمدۇ؟
ج:ئاسماندا  توپ بۇلۇت،قات بۇلۇت ،بۇجۈر بۇلۇت،ئىلمەك بۇلۇت،پاختا بۇلۇت قاتارلىق بىر نەچچە خىلغا بۆلىنىدۇ.بۇلارنىڭ ئاسماندىكى ئورنى يۆتكىلىدۇ.بۇلۇتلارغا ئاساسەن ھاۋا رايىنىڭ ئوچۇق ياكى تۇتۇق،بۇلۇتلۇق ئىكەنلىگىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.
3.بۇلۇت قانداق شەكىللىنىدۇ؟
ج ؛يەر شارىدىكى دەريا ئۆستەڭ كۆل –دىڭىز ۋە قۇرۇغلۇق يۈزىدىكى سۇلار قۇياش نۇرىنىڭ قىزدۇرۇشى بىلەن ئۆزلۈكسىز پارلىنىپ يۇقۇرغا ئۆرلەپ ،ئىللىق ھاۋا ئىقىمىغا ئەگىشىپ يۇقۇرى ھاۋا بوشلۇقىغا چىققاندىن كىيىن تىمپۇراتۇرا بارغانسىرى تۆۋەنلەپ،سۇ پارى زىيادە تويۈنغان ھالەتكە يىتىدۇ. سۇ پارى يۇقۇردىكى تىمپىراتۇرنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ.سانسىزلىغان سۇ تامچلىرى قوشۇلىشى بىلەن بۇلۇت شەكىللىنىدۇ.
4.بۇلۇت قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟
ج:بۇلۇت تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.ئۇلار يۇقرى بۇلۇت،ئوتتۇرا قاتلام بۇلۇت،تۆۋەن بۇلۇت ۋە تىك ئۇلغايغان بۇلۇتدىن ئىبارەت.
5.يامغۇر قانداق شەكىللىنىدۇ؟
بۇلۇتتىكى ئۇششاق سۇ تامچىلىرى ياكى ئۇششاق سۇ كىرىستاللىرى ئۆزئارا قوشۇلىشى ئارقىلىق ھەجمى بارانسىرى چوڭىيىپ 7-8 مىڭ مىتىر قىلىنلىقتىكى يامغۇرلۇق بۇلۇتقا ئايلىنىپ ھاۋا كۆتۈرەلمىگەندە تۆۋەنگە چۈشۈدۈ.ھاۋانىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى تىمپىراتۇرا 0 سىلسىيە گىرادۇستىن يۇقۇرى بولغاندا سۇ تامچىلىرى يامغۇرغا ئايلىنىپ تۆۋەنگە چۈشۈدۈ.
3- بۆلەك: 2-دەرىس:  شامالنى كۈزىتىش   
1.شامالنىڭ يۆنىلىشى ئادەتتە قانچە تەرەپ بويىچە خاتىرلىنىدۇ؟ ج:1) شامالنىڭ يۆنىلىشى ئادەتتە سەككىز تەرەپ بويىچە خاتىرلىنىدۇ.
شامالنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب ــ  شامال كۆرسەتكۈچ( يەنى فليۇگىر شامالنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب بولۇپ ئىستىرىلكا ئۇچى شامالنىڭ چىقىش يۆنىلىشىنى كۆرسۈتىدۇ.
2.شامال دەرىجىسىنى قانچە بالغا ئايرىشقا بولىدۇ؟ ئۇلار قايسى؟ ج:شامال 0 بالدىن 12 بالغىچە بولىدۇ.
3-بۆلەك:   3-دەرس:ھاۋا تىمپىراتۇرسىنىڭ ئۆزگىرىشى
1- ھاۋا رايى ئىستانسى ئالدىن مەلۇمات بەرگەن ھاۋا تىنپىراتۇرسى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا ھىس قىلغان ھاۋا تىمپىراتۇرسى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن،نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال كۆرىلىدۇ؟     
ج:كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھاۋا تىمپىراتۇرسى بىلەن ھاۋا رايى ئىستانسى ئالدىن مەلۇمات بەرگەن ھاۋا تىمپىراتۇرسى ئوتتۇرسىدا دائىم دىگۈدەك پەرىق بارلىقىنى بايقايمىز،بۇنى بىز ياشاۋاتقان مۇھىت بىلەن ھاۋا رايى ئىستانسى ئالدىن مەلۇمات بەرگەن ھاۋا تىمپىراتۇرسى مۇھىتىنىڭ ئوخشاشماسلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
2-بىر كۈنلۈك ھاۋا رايى ئوخشاش بولامدۇ؟     ج : بىر كۈنلۈك ھاۋا رايى ئوخشاش بولمايدۇ .
بىز بىر كۈنننىڭ ئەتتىگەندىكى،چۈشتىن بۇرۇنقى ، چۈشتىكى ،چۈشتىن كىيىنكى،كەچتىكى ھاۋا تىمپىراتۇرسىنى خاتىرلەپ چىقىش ئارقىلىق بىر كۈندىكى ھاۋا تىمپىراتۇرسىنىڭ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز.
3-ھاۋا تىمپىراتۇرسىنى ئۆرلشى ئۈچۈن قانداق جەريان كىتىدۇ؟ ھاۋا تىمپىراتۇرسىنى ئۆرلشى ئۈچۈن تىمپىراتۇرنى يىغىلىشتىن ئىبارەت  بىر جەريان كىتىدۇ.  
چىڭقىچۈشتىكى  سائەت 12 دە تىمپىراتۇرا ئەڭ يۇقۇرى بولمايدۇ. يىغىندا تىمپىراتۇرنىڭ ئىشىشىغا ئەگىشىپ ،بىر كۈندىكى ئەڭ يۇقۇرى تىمپىراتۇرا ئادەتتە چۈشتىن كىيىنكى سائەت 14 لەر ئەتراپىدا كۆرىلىدۇ.
3-بۆلەك:   4-دەرس:ھاۋا رايىغا كۆڭۈل بۆلەيلى
1- ئوخشاش بولمىغان ھاۋا رايى: تەبىئەت دۈنياسىدا خلمۇ-خىل ھاۋا رايى بار. يەنى ياخشى  ھاۋا رايى كىشىلەرگە كۆڭۈل ئازادىلىك ئىلىپ كىلىدۇ. كىشىلەر روھىنى ئۇرغۇتۇدۇ. ناچار ھاۋا رايى كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىدۇ ،ئىشلەپ چىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا قولايسىزلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ. شۇڭا بىز ئىنسانلار مۇھىتنى قانچىكى ياخشى قوغدىساق ھاۋا رايى شۈنچىلىك ياخشى بولىدۇ.
2-جانلىقلارنىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بىرىشى: ھاۋا قۇرغاق كۈنلەردە قارىغاي مىۋىسىنىڭ تەڭگىچىلىرى ئىچىلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا قارىغاي مىۋىسىنىڭ تەڭگىچلىرى يىپىلىپ قالىدۇ. بۇ يامغۇر ياغىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى ،ھاۋا قۇرغاق بولسا تەڭگىچىلەر قورۇلىۋالىدۇ.ھاۋا نەم بولسا تەڭگىچىلىرى سۇ سۈمۈرۈپ يۇمشايدۇ ھەم تەبىئىيلا ئەسلىگە كىلىدۇ.
چۈمۈلە كۆچۈشكە باشلىسا يامغۇر ياغىدىغانلىغىنى بىلدۈرىدۇ.
يىڭناغۇچلار ئالدىراش ئۇچۇپ يۈرسە كەلكۈن كىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈدۇ.
قارلىغاچ ئىگىز ئۇچسا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ. پەس ئۇچسا يامغۇر ياغىدۇ.سۇ يۈزىگە قۇلۇلە لەيلەپ چىقسا پات ئارىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ. يامغۇردىن كىيىن قۇشلار بەس-بەستە سايرىسا ھاۋا ئىچىلىدۇ .لاييىگەك،سازاڭ ، يىلان يولغا چىقىۋالسا يامغۇر ياغىدۇ. بىلىق بىشىنى سۇدىن چىقارسا يامغۇر ياغىدۇ.
3-ئەتىكى ھاۋا رايىنى قايسى ئۇسۇللار ئارقىلىق بىلىۋالالايمىز؟
ج :رادىئو،گىزىت،تىلىۋۇزۇر،تىلفۇن ،كومپىيۇتىر،قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە ئۈسكۈنلىرىدىن بىلىۋالالايمىز.
4-ھاۋا رايىدىن ئالدىن بىرىگەن مەلۇماتتىكى يىڭى مەزمۇنلارنى چۈشۈنىش:
ھاۋا رايى ئادەتتە ھاۋا ئوچۇق،ھاۋا تۇتۇق،يامغۇر ياغىدۇ،قار ياغىدۇ،ھاۋا بۇلۇتلۇق،شامال چىقىدۇ، بوران چىقىدۇ،تۇمان بولىدۇ قاتارلىق ئۇسۇللاردا مەلۇمات بىرىدۇ.
5- ھاۋا رايى ئىستانسى نىمە ئۈچۈن يۇقۇرقىدەك ھاۋا ئۆزگۈرۈشلەرنى ئالدىن مەلۇمات بىرىدۇ؟
ج :ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇڭا ئالدىن مەلۇمات بىرىدۇ.
6-بىز بۇلاردىن قانداق پايدىلىنىشىمىز كىرەك؟
ج :ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بىرىلىشى بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۇچۇر ھىساپلىنىدۇ.
ھاۋا رايىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسەن ئىش كۆرۈپ بىر قىسىم تەبىئى ئاپەتلەرنى ئالدىن مۆلچەرلەپ ئالدىنى ئالالايمىز ۋە تاقابىل تۇرالايمىز. شۇڭا بىز ھاۋا رايى ئۇچۇرلىرىنى دائىم ئىگەللەپ تۇرىشىمىز،ۋە توغرا پايدىلىنىشىمىز باشقىلارغا ۋە ئۆزىمىزگە پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلدۈرىشىمىز لازىم.
4-بۆلەك:   1-دەرس: ماگنىتنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى
ماگنىت دىگەن نىمە؟
ج : ماگنىت تەبىئى ماگنىت ۋە سۈنئى ماگنىت دەپ ئىككى خىل بولۇپ.ماگنىت رودىسى تەبىئى ماگنىت .ئۇنىڭ خىمىيىۋىيلىك  تەركىبى تۆمۈر ئوكسىد بولۇپ رەڭگى تۆمۈر رەڭلىك،يىرىم مىتاللىق پارقىراقلىققا ،ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
2000        نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى  ماگنىتنى تۇنجى بولۇپ دۆلىتىمىزنىڭ تىرشچان ئەمگەكچان خەلقى بايقاپ ماگنىت تاشتىن پايدىلىنىپ« تەرەپ كۆرسەتكۈچ» ( كومپاس) ياساپ چىققان.900 نەچچە يىل ئىلگىرى كىشىلەر ماگنىت ياساشنى ئۈگەنگەن.جوڭگو خەلقى بۇرۇندىن ئەقىللىق ۋە تىرىشچان ۋە ئىشچان  خەلق .بىز بۇرۇنقىلاردىن پەخىرلىنىشىمىز،كىيىنكىلەرگە يىڭىلىق يارىتىشىمىز لازىم.
1.        بىز بىلىدىغان ماگنىت    ( ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىلىدۇ)  
1)           سىلەر ماگنىتنى كۆرگەنمۇ؟ ماگنىت ئويناپ باققانمۇ؟ (ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بىرىدۇ)
2)         قايسى بويۇملاردا ماگنىت بار؟   (ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بىرىدۇ)
3)        سىلەر  كۆرگەن ماگنىتلار قانداق شەكىلدە؟ (ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بىرىدۇ)
4)        بىز تەجىربىگە ئىشلەتكەن ماگنىت قانداق رەڭلەردە بويىلىپتۇ؟ (ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بىرىدۇ)
5)        ھەرخىل شەكىلدىكى ماگنىتنى كۆرسۈتۈپ بۇنداق شەكىلدىكى ماگنىتلارنى كۆرگەنمۇ؟    (ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بىرىدۇ)
6)        ماگنىتنىڭ شەكلىگە ئاساسەن ئىسىم قويالامسىلەر؟      (ئوقۇغۇچىلار جاۋاب بىرىدۇ)
7)         ئوموملاشتۇۇرپ بىرىلىدۇ.(دەرىسلىك كىتاپتا تاياقسىمان ماگنىت،تاقىسىمان ماگنىت،ھالقاسىمان ماگنىت ۋە چاسا ماگنىت كۆرسۈتۈلگەن.تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن خىلدىكى  ماگنىتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ماگنىتلارنىڭ نامى  ئادەتتە شەكلىگە ئاساسەن  قويىلىدۇ.بۇنىڭغا قارىتا ئىنىق بەلگىلىمە يوق.ئىسىم قويۇشتىكى مەقسەت پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ۋە سۈرەتلەپ بىرىشكە ئاسان بولسۈن ئۈچۈندۇر.
2.        ماگنىت قايسى جىسىملارنى ئۆزىگە تارتالايدۇ؟
ج: ماگنىتنىڭ تۆمۈر تۈرىدىكى ماتېرياللاردىن ياسالغان جىسىملارنى ئۆزىگە تارتىش خۇسۇسيىتىنى ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت دەپ ئاتىلىدۇ.
3.ماگنىتنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ئوخشاشمۇ؟
ج :  ماگنىتنىڭ ئىككى قۇتۇپىنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.
ماگنىت قۇتۇپى دىگەن ؟ ج: ماگنىتنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى ئەڭ كۈچلۈك بولغان جايى ماگنىتنىڭ قۇتۇپى  دەپ ئاتىلىدۇ .
4.ماگنىتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىككى قۇتۇپى بولامدۇ ؟
ج: ماگنىتنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى ئەڭ كۈچلۈك بولغان جايى ماگنىت قۇتۇپلىرى بولۇپ ماگنىتنىڭ ئىككى قۇتۇپى بولىدۇ . ھەر بىر كىچىك ماگنىت پارچىسىمۇ يەنىلا ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتنى ساقلاپ قالىدۇ. ھەم ئىككى قۇتۇپى بولىدۇ.
4-بۆلەك:   2-دەرس: ماگنىتنىڭ ئىككى قۇتۇپى
ئوقۇغۇچىلارغا ماگنىتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىمىزدا بىزگە قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىدىغان تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتىنى ناھىيىتى چوڭلىقىنى بىلدۈرۈپ چىقىمەن.
1-ماگنىتنىڭ ئۈستىدىكى ھەرىپلەر نىمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ماگنىتنىڭ ئىككى تەرىپى ئىككى خىل رەڭدە بويىلىدۇ؟
ج : ماگىنىت شىمالنى ۋە جەنۇپنى كۆرسۈتۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ماگىنىتنىڭ  شىمالنى كۆرسەتكەن  تەرىپى شىمالى قۇتۇپ دەپ ئاتىلىپN ∽بىلەن ئىپادىلىنىپ  قىزىل رەڭ بىلەن بويالغان .
ماگىنىتنىڭ  جەنۇپنى كۆرسەتكەن تەرىپى جەنۇبى قۇتۇپ دەپ ئاتىلىپ S  بىلەن ئىپادىلىنىپ يىشىل رەڭدە بويالغان .
2-ماگنىتنىڭ ئوخشاش قۇتۇپلىرى ۋە ھەرخىل قۇتۇپلىرىنىڭ قانداق خۇسۇسىيىتى بار؟
ج : ماگنىتنىڭ ئىككى قۇتۇپى بولۇپ، ئوخشاش ئىككى قۇتۇپنى ئۆزئارا يىقىنلاشتۇرساق يىقىنلاشماستىن كەينىگە ئىتتىرىدۇ. مەسىلەن : شىمالى قۇتۇپ بىلەن شىمالى قۇتۇپنى يەنى     (N بىلەنN نى ). جەنۇبى قۇتۇپ بىلەن جەنۇبى قۇتۇپنى يەنى( S بىلەن S نى) بۇلار ئوخشاش قۇتۇپ ھىساپلىنىدۇ.  بۇلار بىريەرگە كەلمەيدۇ.   
شىمالى قۇتۇپ بىلەن جەنۇبى قۇتۇپنى ئۆزئارا يىقىنلاشتۇرساق بۇلار بىر-بىرىنى تارتىدۇ.
مەسىكەن: شىمالى قۇتۇپ بىلەن جەنۇبى قۇتۇپنى يەنى( N بىلەن S نى) شۇڭا  ماگنىتنىڭ ئوخشاش قۇتۇپلىرى ۋە ھەرخىل قۇتۇپلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى بولسا بىر خىل قۇتۇپلار تىپىشىش،ھەرخىل قۇتۇپلار تارتىشىش خۇسۇسىيەتكە ئىگە دەيمىز.
3-ماگنىتنى ئايلاندۇرساق ھەر قىتىمدا ئوخشاش ئورۇندا توختامدۇ؟ ئۇنىڭ تەرەپ بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
ج :ماگنىتنىڭ جەنۇب بىلەن شىمالنى كۆرسۈتۈش خۇسۇسىيىتى بولغانلىقتىن بىر ئۇچى شىمالنى ،بىر ئۇچى جەنۇبنى كۆرسەتكەن ھالەتتە توختايدۇ.
تۆۋەندىكىلەرنى ئىشلەپ باقايلى.
S       —      S          تىپىشىدۇ              S       —      N         تارتىشىدۇ
N       —      S          تارتىشىدۇ            N       —     N          تىپىشىدۇ
4-بۆلەك:   3-دەرس:  ئاددى ماگنىت ياساش
1-مىخ قانداق قىلىپ ماگنىتلاندى ؟ ئاددى ماگنىت قانداق ھاسىل بولىدۇ؟  
ج : ماگنىتقا مىخنى نەچچە ئون قىتىم تەككۈزۈپ بىر يۆنىلىش بويىچە  سۈركەش ئارقىلىق تۆمۈر مىخنى ماگنىتلاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاددى بىر ماگنىت ھاسىل بولىدۇ.
2- قانداق قىلغاندا مىخنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟
ج :ماگنىتنىڭ ئىككى قۇتۇپىغا مىخنىڭ ئىككى تەرىپىنى يەنى N قۇتۇپقا بىر تەرىپىنى  S قۇتۇپىغا مىخنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى سۈركەش ئارقىلىق مىخنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتىنى كۆچەيىتكىلى بولىدۇ.
3-ماگنىتنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى قۇتۇپىنى تەكشۈرۈش ھەم ھۆكۈم قىلىدىغان قانچە خىل ئۇسۇل بار؟
ج : ئۈچ خىل ئۇسۇل بار.
1) قۇتۇپلىرى مەلۇم بولغان ماگنىت ئارقىلىق تارقۇزۇپ ماگنىتنىڭ ئوخشاش قۇتۇپلىرىنىڭ تىپىشىدىغانلىغىنى ،ھەرخىل قۇتۇپلىرىنىڭ تارتىشىدىغانلىغىدەك خۇسۇسىيىتىنىڭ بارلىغىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىمىز.
2)ماگنىتنى ئىسىپ پىرقىرىتىپ ئايلاندۇرغاندىن كىيىن توختاش يۆنىلىشىگە ئاساسەن شىمالنى ۋە جەنۇبنى كۆرستۈش خۇسۇسىيىتى بارلىقىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىمىز.
3)ماگنىتنى سۇلياۋ خالتىغا سىلىپ،سۇ يۈزىدە ئەركىن لەيلىتىش،توختىغاندىن كىيىن، يۆنىلىشكە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىمىز.
4-بۆلەك:   4-دەرس: كومپاس
1-ئۈستەل ئۈستىدىكى ماگنىت نىمە ئۈچۈن جەنۇب ياكى شىمالنى كۆرسەتمەيدۇ؟
ج : بۇنىڭ سەۋەبى،ماگنىت ئۈستەل ئۈستىدە گورزۇنتال يۆنىلىش بويىچە ئەركىن ئايلىنالمايدۇ شۇڭا جەنۇب ۋە شىمالنى كۆرسۈتۈپ بىرەلمەيدۇ.
2-قانداق قىلغاندا گورزۇنتال ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟
ج : ماگنىتنىڭ ئىككى قۇتۇپىنىڭ دەل ئوتتۇرسىدىن يىپ باغلاپ ئۇنى ئىسىپ قويساق ماگنىت گورزۇنتال ئايلىنالايدۇ. ئۇندىن باشقا ماگنىتنى سۇغا سىلىپ لەيلەتكەندە ئەركىن ئايلىنالايدىغان قىلغىلى بولىدۇ.
3-كومپاس دىگەن نىمە؟
ج : كومپاس بولسا تەرەپلەرنى (يۆنىلىشنى) كۆرسەتكۈچتۈر.
3-كومپاس قانداق تۈزۈلىدۇ؟
ج :كومپاس بولسا بىرتال ماگنىت ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان تەگلىك ،تۆت تەرەپ چۈشۈرۈلگەن شىكالا،قاپ قاتارلىق قىسىملاردىن تۈزۈلگەن.  
4-كومپاسنىڭ قانداق ئالاھدىلىكى بار؟
ج : كومپاس تەرپلەرنى كۆرسۈتۈشتەك ئالاھدىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇندىن 2000 نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى دۆلىمىزنىڭ تىرىشچان ئەمگەكچى خەلقى  ماگنىت تاشتىن پايدىلىنىپ   تۇنجى كومپاسنى ياساپ چىققان.                                                                                          
5-بۆلەك:   1-دەرس:   ئاۋازنى ئاڭلاپ باقايلى
1-ئەتراپتىكى ئاۋازلارنى قانداق جىسىملار چىقارغان؟  
ج : ئەتراپتىكى ئاۋازلارنى تەبىئەت ،ھايۋانلار،ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئادەملەر چىقارغان. مەسىلەن:
تەبىئەت دۈنياسىدا  - گۆلدۈرماما،يامغۇر،بوران قاتارلىقلار.   ھايۋانلار - ھايۋانلارنىڭ ۋاقىراشلىدىن چىققان ئاۋاز.
ئۆسۈملۈكلەر – دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى چىقارغان ئاۋاز.
ئادەملەر ـــ  ماشىلار،كاناي قاتارلىق جىسىملار تەۋرىتىش ئارقىىلىق پەيدا قىلغان ئاۋاز.                                                                          
2- ئاۋاز قانداق پەيدا بولىدۇ؟
ج ئاۋاز جىسىملارنىڭ تەۋرىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن:   دۇمباق ئاۋازى قاتتىق جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن پەيدا  بولىدۇ. دىڭىز دوقۇنى ئاۋازى سۈيۈق جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. سۇناي ،ئۈشتەك ئاۋازلىرى گاز جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ.
3-ئاۋاز قانداق تارقىلىىدۇ؟
ج : ئاۋاز ،ئاۋاز دولقۇنى شەكىلدە ھەر تەرەپكە  تارقىلىدۇ.  ئاۋازنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تەۋرەنگەن جىسىمنىڭ ئەتراپىدا ئىلاستېك مۇھىت بولىشى كىرەك. ئۇنداق بولمىسا جىسىم قانداق تەۋرەنگەن تەقدىردىمۇ ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ.
4- بىز ئاۋازنىڭ يۇقۇرى- تۆۋەنلىكىنى  پەرىقلەندۈرەلەيمىزمۇ؟
ج: پەرىقلەندۈرەلەيمىز . ئاۋازنىڭ يۇقۇرى –تۆۋەنلىكىنى ئاھاڭ دەپ ئاتايمىز.
6-ئاۋاز بىلەن جىسىمنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ جىسىم بولمىسا ئاۋاز بولامدۇ؟
ج : جىسىم بىلەن ئاۋاز ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ جىسىملارنىڭ تەۋرىنىشىدىن ئاۋاز ھاسىل بولىدۇ،جىسىم بولمىسا ئاۋاز بولمايدۇ.
5-بۆلەك:   2-دەرس:   جىسىمدىن ئاۋاز چىقىرىش                                                                          
1- بىز ئاۋازنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىنى پەرىقلەندۈرەلەيمىزمۇ؟
ج : بىز ئاۋازنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى پەرىقلەندۈرەلەيمىز. جىسىمنىڭ تەۋرىنىشى تىزلەشكەنسىرى ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ.
جىسىمنىڭ تەۋرىنىشى ئاستا بولسا ئۇنىڭ چىقارغان ئاۋازىمۇ شۇنچە تۆۋەن  بولىدۇ.
2- بىز ئاۋازنىڭ يۇقۇرى- تۆۋەنلىكىنى  پەرىقلەندۈرەلەيمىزمۇ؟
ج: پەرىقلەندۈرەلەيمىز . ئاۋازنىڭ يۇقۇرى –تۆۋەنلىكىنى ئاھاڭ دەپ ئاتايمىز.
5-بۆلەك:   3-دەرس:   ئاۋاز قانداق تارقىلىدۇ
1-ئاۋاز قانداق تارقىلىىدۇ؟
ج : ئاۋاز ،ئاۋاز دولقۇنى شەكىلدە ھەر تەرەپكە  تارقىلىدۇ.  ئاۋازنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن تەۋرەنگەن جىسىمنىڭ ئەتراپىدا ئىلاستېك مۇھىت بولىشى كىرەك. ئۇنداق بولمىسا جىسىم قانداق تەۋرەنگەن تەقدىردىمۇ ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ.
2-ئاۋاز قانداق بولغاندا يۇقۇرى ،قانداق بولغاندا تۆۋەن بولىدۇ؟
ج : جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن ئاۋاز چىقىدۇ. جىسىمنىڭ تەۋرىنىشى تىزلەشكەنسىرى ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ.
جىسىمنىڭ تەۋرىنىشى ئاستا بولسا ئۇنىڭ چىقارغان ئاۋازىمۇ شۇنچە تۆۋەن  بولىدۇ.
3-ئاۋاز بىلەن جىسىمنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ جىسىم بولمىسا ئاۋاز بولامدۇ؟
ج : جىسىم بىلەن ئاۋاز ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ جىسىملارنىڭ تەۋرىنىشىدىن ئاۋاز ھاسىل بولىدۇ،جىسىم بولمىسا ئاۋاز بولمايدۇ.
ئاۋاز گاز،سۈيۈقلۇق،قاتتىق جىسىملاردا تارقىلالايدۇ. ئاۋازنىڭ تارقىلىشى جىسىملاردىن ئايرىلالمايدۇ.
ئاۋازنىڭ پولات- تۆمۈردە تارقىلىشى ناھيىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇندىن قالسا ھاۋادا تارقىلىشى  ئۇندىن قالسا سۇدىكى تارقىلىشى كۈچلۈك بولىدۇ.
5-بۆلەك: 4-دەرس: جىسىملاردىن چىققان ئاۋازنى كونتۇرۇل قىلىش
1-بىز قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئاۋازنى كونتۇرل قىلالايمىز؟
ج :  ئاپتۇمبىلللارنىڭ سىگىنال بىرىشىنى چەكلەش ،دوختۇرخانىلاردا يۇقۇرى ئاۋازدا پاراڭ قىلماسلىق،ئاپتۇمبىل ئاۋازىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ،ئاۋاز توسۇش تىمى قاتارلىق ئەسلەھەلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇللارنى كۆپلەپ كەڭەيىتسەك ۋە ئۆزىمىزمۇ دىققەت قىلساق چوقۇم ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2-ئاۋاز بىلەن جىسىمنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ جىسىم بولمىسا ئاۋاز بولامدۇ؟
ج : جىسىم بىلەن ئاۋاز ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ جىسىملارنىڭ تەۋرىنىشىدىن ئاۋاز ھاسىل بولىدۇ،جىسىم بولمىسا ئاۋاز بولمايدۇ.
ئاۋاز گاز،سۈيۈقلۇق،قاتتىق جىسىملاردا تارقىلالايدۇ. ئاۋازنىڭ تارقىلىشى جىسىملاردىن ئايرىلالمايدۇ.
ئاۋازنىڭ پولات- تۆمۈردە تارقىلىشى ناھيىتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇندىن قالسا ھاۋادا تارقىلىشى  ئۇندىن قالسا سۇدىكى تارقىلىشى كۈچلۈك بولىدۇ.
5-بۆلەك: 5-دەرس:ئاددىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش
   
1-بىز قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئاۋازنى كونتۇرل قىلالايمىز؟
ج :  ئاپتۇمبىلللارنىڭ سىگىنال بىرىشىنى چەكلەش ،دوختۇرخانىلاردا يۇقۇرى ئاۋازدا پاراڭ قىلماسلىق،ئاپتۇمبىل ئاۋازىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ،ئاۋاز توسۇش تىمى قاتارلىق ئەسلەھەلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇللارنى كۆپلەپ كەڭەيىتسەك ۋە ئۆزىمىزمۇ دىققەت قىلساق چوقۇم ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2-ئاۋاز  قانداق بولغاندا تۆۋەن بولىدۇ؟ ج :جىسىمنىڭ تەۋرىنىشى ئاستا بولسا ئۇنىڭ چىقارغان ئاۋازىمۇ شۇنچە تۆۋەن  بولىدۇ.
ئىسپىرىت لانپىسى قانچە قىسىمدىن تۇزۇلگەن؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 20:51:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىللىقلار بۇيىچە بولغان بولسا شۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۇلىمۇ ياخشى بولغان بۇلاتتى
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3145 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8030 سەر
شۆھرەت
3086 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 23:58:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ،كەڭ  ئوقۇتقۇچىلار پايدىلانسا بولغۇدەك ،رەھمەت  
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

15

تېما

6

دوست

618

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
125 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
157 سەر
شۆھرەت
131 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 16:45:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگگ ماڭا تۇلىمۇ كىرەك ئىدى .جاپا چىكىپسىز
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:29, Processed in 0.372793 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش