پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3620 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  26 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • 阿布都艾尼江  1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 2

سىنى ياخشى كۈرىمەن ( ھىيكايە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 23:57:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                               سىنى ياخشى كۈرىمەن ( ھىيكايە )
ئۇلار  چ     چ دا تونۇشقانىدى،ئىككىسى بىر ئالىي مەكتەپ،ئوخشاشلا بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىتۇدېنىتلارئىدى.قىزنىڭ ياتاقداشلىرى يىگىت بىلەن بۇرۇندىن تونۇشاتتى،قىز ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئېغىزىدىن يىگىتنىڭ خۇشچاقچاقلىقى،ھەزىللىكى،كېلىشكەنلىكى،قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا ئامراقلىقى توغىرلىق ئانچە مۇنچە گەپلەرنى ئاڭلايتتىيۇ،تۈزۈك تونۇشمىغاچقىمۇ ئۇ ھەققىدىكى پاراڭلارغا ئېرەڭشىپمۇ كەتمەيتتى. مانا ئەمدى تەسادىپىيلا تونۇشۇپ قالدى،ئالدىنقى ھەپتىدىكى شەنبە كۈنى قىز ياتىقىدا ئىچى پۇشۇپ ئولتۇراتتى،ئۇنىڭغا ئوخشاشلا زېرىككەن ياتاقدىشى قىزنىڭ كومپىيۇتېرىنى ئېچىپ چچ پاراڭلىشۋاتاتتى،تۇيۇقسىز ياتاقدىشى قاتتىق قاقاقلاپ كۈلگەن پېتى قىزنى چاقىردى:
-ئاداش چچ رىڭنى ئاچە،تېز بول.
-نېمە قىلىسەن؟
- بىرسىنى گەپكە سالىمىز.
-ھە؟ئۆزەڭنىڭ چچ رىدا گەپكە سالساڭ بولمامدۇ؟
-مېنى تونۇيدىغان تۇرسا! ھە بولە تېز!ھى ھى
قىز چچ سىنى ئاچتى،ياتاقدىشى بىر چچ نومۇرنى قىزنىڭ چچ سىدا ئۇچۇر يوللاپ قوشۇۋالدى.
-كىمۇ بۇ؟-ھەيران قالغان قىز ياتاقدىشىدىن سورىۋېدى،ياتاقدىشى ئۇنىڭغا ھېلىقى يىگىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى،ياتاقدىشىنىڭ ئوغۇل دوستى يىگىت بىلەن بىر ياتاقتا ئىدى.قىزنىڭ ياتاقدىشى يىگىت بىلەن ئۆزئارا چاقچاقلىشىپ ياخشى ئۆتۈشەتتى.شۇنداق قىلىپ يىگىت بىلەن پاراڭ باشلاندى.چچ نى قاچىلىشىغىلا يىگىت ئالدى بىلەن گەپ باشلىدى:
-ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم!
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
«تاياقتەك تۈپتۈز نوچى ئەمدى ھەجەپ گەپنى ئەسسالامدىن باشلاپ ئەدەپلىكلىشىپ كېتىپتا!ھاھاھاھا!»ياتاقدىشى قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنى بۇنى دە دەپ گەپ ئۈگىتىپ تۇرۇۋاتاتتى.
-ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟
-ئىسمىم ئادىل!-قىز ياتاقدىشىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە يىگىتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئېيتتى.
- چچ رىڭىز قىز بالىنىڭ تۇرمامدۇ؟مەكتەپ ياتىقىدىن چىقىۋېتىپسىزدە؟سىز قايسى بىنادا؟
بۇ چەت شەھەردە مۇشۇ بىرلا ئالىي مەكتەپ بولغىنى ئۈچۈن يىگىت ئادرىسقا قاراپلا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى بىلەن مەكتەپداشلىقىنى بىلگەنىدى.
-مەن 5-بىنادا.
- ما گەپنى!نەچچىنچى ياتاق؟
-426-ياتاق.
-كەسپىڭىز؟
-خەنزۇتىلى.
-مېنىڭ ئارخىپىمنى سۆزلەۋاتىسىزغۇ؟سىز زادى كىم؟نەلىك؟
-مەن ئادىل،يۇرتۇم سانجى.
-تولا ئادەم چالماي...ھى ھى
-سىز يا دۇتتار بولمىسىڭىز چالىدىغان.ھاھاھاھا!
يىگىت تېرىكمىدى ،ئۇ ئاللىقاچان قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تونۇيدىغان بىرەرى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولغانىدى.ئاڭغىچە ياتاققا قىزنىڭ باشقا ياتاقداشلىرى كىرىپ ھەممىسى تەڭ دۈررىدە كومپىيۇتېر ئالدىغا يىغىلىشىپ گەپ ئۆگەتكىلى تۇردى.«بۇ بالىغا نېمانچە قىلىپ كېتىدىكىنە...»قىزغا خۇشياقمىدىمۇ ئەيتاۋۇر كومپىيۇتېرنى قىزلارغا تاشلاپ قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا چۈشۈپ كەتتى.ئەتىسى چچ سىنى ئېچىۋېدى،يىگىتنىڭ باش سۈرىتى لىپىلداپ ئۇچۇر كەلدى.گەپ-سۆزلىرىدىن قىزنىڭ زادى كىملىكىنى بىلمەكچى بولغاندەك قىلاتتى. قىز ئۇنىڭغا كىملىكىنى ئېيتىشنى خالىمىدى گەپنى باشقا ياققا بۇراپ تۇتۇق بەرمىدى،يىگىتمۇ داۋاملىق سوراۋېرىشتىن ئوڭايسىزلاندىمۇ باشقا گەپلەرنى قىلىشتى.پاراڭلىرى تاققا تۇققۇ بولسىمۇ كۆڭۈللۈك قىزىقارلىق ئىدى،بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلاردىن بولغىنى ئۈچۈن پاراڭ تېمىسىمۇ كۆپ ئىدى.ئىككى ئۈچ كۈن ئۇدا شۇنداق پاراڭلىشىشتى،دەسلىپىدە ئازغىنە ۋاقىت پاراڭلاشسا بارابارا پاراڭلىشىدىغان ۋاقتى ئۇزىراپ قېلىشقا باشلىدى.ھەر ئىككىسى ئوچۇق مىجەزلەردىن بولغاچقىمۇ ھەتتا ئۆزئارا سەنلىشىپمۇ ئۈلگۈرۈشتى.قىز يىگىتنىڭ ھەزىللىكىگە،شۇنداقلا بەزىدە تۇرۇپ تۇرۇپ شۇنداق ھەزىل پاراڭلار ئارىسىدا ئۇچراپ قالىدىغان كىشىنى ئويغا سالىدىغان سۆزلىرىگە قايىل بولۇپ قالاتتى...شۇنداق كۈنلەردە ئارىدا يىگىت بىر قانچە كۈن تورغا چىقالمىدى.قىزمۇ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىگە كىرىشىپ كەتتى،ئۇ ئالدىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئېلىش ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانىدى.مانا بۈگۈن كەچقۇرۇندا چچ سىنى ئېچىۋېدى،يىگىتنىڭ باش سۈرىتى لىپىلداپ ئۇچۇر كەلدى.ئەھۋاللىشىپ بەش مىنۇتچە پاراڭلىشا پاراڭلاشمايلا قىزغا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىدىن تېلىفون كېلىپ ئىشخانىسىغا كېلىشىنى ئېيتىپ قالدى.قىز ئالدىراپلا يىگىت بىلەن خوشلىشىپ توردىن چۈشۈپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئىشخانىسى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.يىگىتنىڭمۇ توردا داۋاملىق تۇرغۇسى كەلمىدى بولغاي،ئۆزىنىڭ دائىم بىرگە يۈرىدىغان دوستى بىلەن ياتاققا قايتتى. يولدا بۇلارنىڭ دوقۇرۇشۇپ قېلىشىنى كىم بىلگەن دەيسىز؟قىز ئۇدۇل تەرەپتىن كېلىۋاتقان يىگىت ۋە ئۇنىڭ دوستىنى كۆردىدە چۆچۈپ كەتتى«ھوپ...ۋاي خۇدايىم!...بولدىلا چاندۇرماي ماڭاي،بەرىبىر پاراڭلىشىۋاتقىنى مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدىغان تۇرسا...»قىز خىيالىي قىياپەتتە ئالدىغا قاراپ ماڭدى،يېقىنلاشقان پەيتتە يىگىتكە قاراشقا پېتىنالمىدىيۇ،كۈلۈمسىرەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يىگىتنىڭ يېنىدىكى دوستىنىڭ ئۆزىگە قارىغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلىگە گۇمان چۈشكەندەك بولۇپ قالدى«بىلىپ قالغانمىدۇ يا...ئۆزىغۇ دوستى بىلەن پاراڭلىشىپ كۈلۈمسىرەپ ئۆتۈپ كەتتى بولمىسا،ئۇقمايدىغان چىراي... » نېمىشقىدۇر ئۆرۈلۈپ قاراپ باقاي دېدىيۇ جۈرئەت قىلالمىدى.«ئەگەر ئۇلارمۇ تەڭ ئۆرۈلۈپ قاراپ قالسا ...ئاندىن چېنىپ قالسىچۇ...نومۇستىن ئۆلمەمدىم،ھەييييي...بىر،ئىككى،ئۈچ!»قىز كۆڭلىدە ئۈچنى سانىۋېتىپ كەينىگە ئۆرۈلدى،يەنە قانداق تېز ئۆرۈلگەن بولسا شۇنچە تېزلا ئالدىغا قارىۋالدى.يىگىتلەر غېمىدە يوق ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. يىگىتنىڭ ئاللىقاچان قىزنىڭ ياتاقدىشى ئارقىلىق چچ ئىگىسىنىڭ كىملىكى ھەققىدە خەۋەر تېپىپ بولغانلىقىدىن بىخەۋەر قىزنىڭ كۈلگۈسى كەلدى،« دۆت ھى ھى نېمە كارىم!»
كېيىنرەك يىگىت قىزنىڭ تېلفون نومۇرىنى سورىدى،شۇندىن كېيىن ئۇلار تورغا چىقمىغانلىرىدا ئۇچۇرلىشىپ يۈرۈشتى.ئەمما تېلىفوندا سۆزلەشمەيتتى.قىز تېخىچە يىگىتنى ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن بىخەۋەر دەپ يۈرەتتى.مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە نېمىشقىدۇر دائىم دېگۈدەك دوقۇرۇشۇپ قالاتتىيۇ،چاندۇرماسقا سېلىپ ئۆتۈپ كېتىشەتتى.مانا بۈگۈنمۇچۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا قىز مەكتەپ تاماقخانىسىداياتاقداشلىرى بىلەن بىللە تاماق يەپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز كۆزى ئىشىكتىن كىرىپ كېلىۋاتقان يىگىت ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى دائىملا سايىسىدەك بىللە يۈرىدىغان دوستىغا چۈشۈپ قالدى. يەنىلا چاندۇرماستىن كۆرمەسكە سېلىپ ئولتۇرىۋەردى.تەلىيىگە يىگىت ۋە دوستى قىزدىن خېلى يىراقتىكى بىر ئورۇندا ئولتۇرۇشتى.شۇنداقتىمۇ ھەر ئىككىسى بىر بىرنى ئېنىق كۆرەلەيتتى.شۇ ئەسنادا قىزغا ئۇچۇر كېلىپ قالدى،يىگىت يوللىغان ئۇچۇر ئىدى:
-نېمە قىلىپ؟ھازىر نەدە؟
-ياتاقتا.
-چۈشلۈك تاماقچۇ؟
-يەۋاتىمەن،ياتاقدىشىم ئەكىرىپتىكەن.
-ھە،ئەمىسە بېشىڭنى چىنىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالماي يەۋەرمەمسەن؟ھاھاھاھاھاھا~!
«ھوپ!خۇدايىمەي...»قىزنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.يىگىت ئۇنى ئاللىقاچان بىلىپ قاپتىكەندە~!ۋاي چاندىمغۇ...يىگىتلەر تامىقىنى تېزلا يەپ بولۇشتى، شۇ ئۇچۇرنى يوللاپ قىزنىڭ يالغان گەپلىرىنى چاندۇرۇپ قويۇپلا دوستى بىلەن چىقىپ كەتتى.شۇ ئىش ئۆتۈپ نەچچە كۈنگىچە قىز سەل خىجىل بوپ قالدى،چچ دا پاراڭلاشقىنىدا يىگىتتىن سورىدى:
-ھەي،مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىدىكەنسەنغۇ...
-ھە مېنى شۇنچە دۆت كۆرگەنمىتىڭ،ھاھاھاھا سەن مېنى ئەخمەق قىلساڭ بولىدىكەن مەن قىلسام بولمامدىكەن؟
-ئۇزۇنغا چىق!مەن ئەخمەق ئەمەس،ئىشقىلىپ سېنىڭ كىملىكىڭنى سەندىن بۇرۇن بىلگەنمەن.
- نېمە بوپسە ،ھى ھى ئۆزەڭچە خىجىل بولغىنىڭما بۇ؟مەندىن قېچىپ يۈرىسەنغۇ؟
-كىم قېچىپتۇ،ئۆزەمنىڭ ئىشلىرى بىلەن يۈرىمەنغۇ.دەرسلىك تەييارلىقىنى پۈتتۈرۋەتمىسەم بولمايدۇ،ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا ئاز قالدى.
- قاچمىغان بولساڭ ئەمىسە چۈشتىن كىيىن چىقە،بىللە تەييارلايمىز،مەنمۇ بېرىمەن ئۇ ئىمتىھاننى.
-نېمە؟؟؟
-نېمىگە چۆچۈيسەن؟چۈشتىن كېيىن چىق،بىللە دەرس تەييارلىقى يازىمىز دېدىم.
-ياق.
-قاچمىدىم دەۋاتمامتىڭ؟
-شۇ قاچمىدىم؟
-ئەمىسە چىق!
قىزنىڭ ئاغزى تۇۋاقلىنىپ قالدى.ئۇ مۇشۇ كەمگىچە بىرەر ئوغۇل بالا بىلەن ئايرىم ئۆگىنىش قىلىش ئۈچۈن چىقىپ باقمىغانىدى.قىز نېمىلا دېمىسۇن يىگىتمۇ ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغاندەك تۇراتتى.ھە بوپتىلا چىقسام چىقاي،مەن ياق دېگەنسىرى بۇ ئەمدى راس قېچىۋاتىدۇ دەپ باشقىچە خىيال قىلىپ قالمىسۇن...
چۈشتىن كېيىن ئۇلار دېيىشىۋالغان سىنىپتا كۆرۈشتى.قارىماققا ھەر ئىككىسى ئۆزىنى بىپەرۋا كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئاددىيلا باش لىڭشىتىشىپ سالاملاشقاندىن كېيىن يىگىت ئۇنىڭ بىلەن خۇددى بۇرۇندىنلا يېقىن باردى كەلدى قىلىدىغاندەك،تۇنجى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشى ئەمەستەك تەپ تارتماستىنلا سۈرۈلۈپ كېلىپ قىزنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى:
-سىلەرمۇ ئون دەرسكە تەييارلىق قىلامدىكەنسىلەر؟
-ھە،سىلەرچۇ؟
-بىزمۇ شۇ،نەچچىنى يېزىپ بولدۇڭ؟
-ئالتىنچىسى تۈگەي دېدى،سەنچۇ؟
-مەن تېخى ئۈچىنچى دەرسكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.
-ھەي ئۈلگۈرەلمەيسەن جۇمۇ،يازە ئەمسە گەپ ساتماي.
ئۇلار پاراڭلاشقاچ يېزىشنى باشلىدى،قىز كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا يىگىتنىڭ ئىملاسىغا قارىدى.ۋاھ...دائىم باشقىلار بىلەن كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ ئويناپ يۈرگەندەك قىلغان بىلەن ئىملاسى چىرايلىقكىنە بۇ كاساپەتنىڭ!...توردىن چۈشۈرۈۋالغان تەييار دەرسلىك تەييارلىقىنى كۆچۈرۈش خۇشياقمىغان يىگىت تۇيۇقسىز ۋايسىدى:
-ئەجەپ خۇشياقمىدى،ھەي...سەن يېزىپ بەرسەڭ بولمامدۇ ماڭا؟ھى ھى
-قېلىنغۇ بۇ؟سېنىڭكىنى مەن يازسام مېنىڭكىنى كىم يازىدۇ؟مېنىڭمۇ خەت يېزىش بىلەن خوشۇم يوق.
-قىز بالا تۇرۇپ قارا مانى...سەن خېلى تىرىشچانغۇ ،خەت يېزىش بىلەن خوشۇم يوق دەپ يالغان سۆزلەپ...
-تەييار ماتېرىيال بولغاندىكىن كۆچۈرۈپ يازساڭلا بولمىدىمۇ شۇ.
-بۇنىمۇ مەن تەييارلىمىغان،سىنىپىمىزدىكى ماھىنۇر توردىن چۈشۈرۈپ قويۇپتىكەن،شۇ بەرگەن ھى ھى يا شۇنىڭغا يازدۇرايمىكىن...
-قايسى ھېلىقى كۇچالىق قىزما؟
-ھە سەن تونۇمسەن؟
-ھەئە،مىجەزى ياخشى قىزغۇ ئۇ،بىر بىرىمىزنى تونۇيمىز يېقىن بولمىساقمۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار تاغدىن باغدىن پاراڭلاشقاچ دەرسلىك تەييارلىقلىرىنى يېزىشىپ تۇنجى كۆرۈشۈشىنى تۈگەتتى. كېيىنكى بىر قانچە كۈندىمۇ گەرچە ئالدىنقى قېتىمقىدەك دېيىشىۋالمىسىمۇ مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا بىر قانچە قېتىم ئۇچرىشىپ قېلىپ پاراڭلاشقانمۇ بولدى.ئەمما تېلىفون ئۇچۇرى يوللاش،تورغا چىققانلىرىدا چچ دا پاراڭلىشىش بۇرۇنقىدەكلا داۋام قىلىۋاتاتتى.ئىلگىرىكى يالغان بىپەرۋالىققا يوشۇرۇنغان قانداقتۇر تارتىنىشلارمۇ يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن بارا بارا يوقالغاندەك ھېس قىلىشاتتى.
كەچقۇرۇن.قىز ياتىقىدا يالغۇز ئولتۇراتتى.يانفونىغا تىتىلداپ ئۇچۇر كەلدى.
-نېمە قىلىپ؟،-ئۇچۇر يىگىتتىن كەلگەنىدى.
-ياتاقتا شۇ.سەنچۇ؟
-مەنمۇ ياتاقتا،ئىچىم پۇشۇپ،ياتاقتا ئادەممۇ يوق.پەسكە چۈشە بولمىسا،بىنانىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلى.
قىز سەل ئىككىلىنىپ قالدى،ياتاق بىناسى ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا مۇڭدىشىپ ئولتۇرسا باشقىلار كۆرسە نېمىدەپ ئويلاپ قالار...بوپتۇلا،ئوچۇقچىلىقتا ئولتۇرغاندىكىن نېمە بولماقچى...
قىز بىنادىن چۈشۈپ يان تەرەپتىكى قاتار ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە يانفونىنى ئويناپ ئولتۇرغان يىگىتنى كۆردى.ئەتراپتا ئادەم خېلىلا كۆپ ئىدى،خۇددى ھەممە سىتۇدېنىتقا ياز پەسلىدىكى ئىسسىق ھاۋادا ياتىقىغا كىرىپ كېتىش خۇشياقمىغاندەك سىرتقا چىقىۋېلىشقانىدى.تەلىيىگە دەل شۇ چاغدا قىزنىڭ يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولغان ياتاقدىشى قىزنىڭ ئالدىغا پەيدا بولۇپ قالدى،ياتاقدىشى ئۆگىنىشتىن قايتىپ ياتاققا ماڭغانىدى:
-ياتاقتا ئادەم بارمۇ يا؟
-يوق.
-ۋاييەي..ماڭىمۇ ياتاققا كىرىش خۇشياقمىدىغۇ،جۈرە ئا ئورۇندۇقتا بىردەم ھاۋا يەپ ئولتۇرايلى بولمىسا.راس سەن نەگە ماڭغان؟
-ھە جۈرە ئولتۇرساق ئولتۇرايلى.
قىز ئارتۇق سۆزلىمەيلا ياتاقدىشى بىلەن ئورۇندۇق تەرەپكە قاراپ ماڭدى،ياتاقدىشى يىگىت بىلەن خېلىلا ياخشى تونۇشىدۇدە ،ئەلۋەتتە يېنىغا بېرىپ سالاملىشىپ بىللە ئولتۇرۇشى مۇقەررەر،ئۈچەيلەن بىللە ئولتۇرسا باشقىلارمۇ قالايمىقان ئويلىمايدۇ.قىز كۆڭلىدە خۇشال بولدى.ئۇلار چوڭ سۆگەت دەرىخى ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپ چاقچاقلىشىپ ئولتۇرۇشتى،ئەمما كۆپ ئۆتمەيلا ياتاقدىشىنى ئوغۇل دوستى چاقىرتىپ قېلىپ ئىككىسى يەنە يالغۇز قېلىشتى.
-قوپە بىزمۇ ئايلىنىپ كېلەيلى بولمىسا-دېدى يىگىت تۇيۇقسىز.
-مەن ياتاققا كىرىپ كېتەيمىكىن...-دېدى قىز نېمىدىندۇر سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ.
-نېمە قىلىسەن بۇنچە بالدۇر؟ئۇخلامتىڭ يا؟توخۇمۇ قونداققا چىقمىدى ھازىر-يىگىت بىپەرۋا بىر ھالەتتە قىزنى مازاق قىلىپ كۈلدى.
-قاراڭغۇ چۈشتىغۇ ئەنە.
-جۈرە بولدى.ھەممىسى تېلىفونلىرىنى داملاپ يورۇتۇپ مېڭىشىپ كېتىپتىغۇ بۇ خەقلەر،بىزمۇ مېڭىپ قويايلى!
-ھاھاھا!...
قىز ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي يىگىتكە ئاستا ئەگەشتى.دېمىسىمۇ ئىككىلىنىشكە ئاساسى بار ئىدى،چۈنكى ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى تا مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق بىرگە ماڭغانلارنى كۆپ ئۇچراتتىيۇ،بىراق ئۆزى مېڭىپ باقمىدى،يىگىتلەرنىڭ بىرگەچىقىپ ئايلىنىپ كىرىش،ئۇچرىشىش تەلىۋىنى رەت قىلىپلا كەلدى.ئەمما بۈگۈن ئادەم يوق ياتاققا قايتىپ كىرىپ كەتكۈسى كەلمىدىمۇ ياكى مۇنۇ يىگىتنىڭ كۆڭلىنى دېدىمۇ ياكى ئۆز كۆڭلىنى دېدىمۇ ئەيتاۋۇر چۈشىنىپ بولماس بىر تۇيغۇلار ئىلكىدە ساختابىپەرۋا قىياپىتىنى داۋاملىق ساقلاشقا تىرىشىپ ماڭدى.
-ھەي، مېنى مېھمان قىلە؟-دېدى يىگىت ئەتراپتىكى بىر تاللا بازىرىغا يېقىنلاشقان پۇرسەتتە قۇۋلۇق بىلەن.
-نېمداق قېلىن سەن،قىز بالىنى مېھمان قىلدۇرامسەن؟
-مېھمان قىلساڭ نېمە بوپتۇ؟قىلساڭ دوستۇڭنى قىلدىڭ.ھى ھى
-پورتمىلىمدىن قان چىقىرىغان بولدۇڭدە!نېمە يەيسەن؟
-ھاھاھاھاھا~!قاقشاپ كېتىشىنى بۇنىڭ!پېتىر!تۇرۇپ تۇر مەن بېرىپ ئەكىلەي،ھېلى ئاتچوت قىل ھە! نېمە ئىچىملىك ئىچىسەن؟
-كولا.
يىگىت ھايالشىمايلا بىر مۇنچە ئۇششاق چۈششەكلەرنى كۆتۈرۈپ قىزنىڭ يېنىغا كەلدى.ئىككىسى ۋاسكىتبول مەيدانى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتى.تولىمۇ ئايدىڭ كېچە.ئەتىنىڭ ھاۋا ئوچۇق بىر كۈن بولۇشىدىن ئالدىن دېرەك بېرىۋاتقاندەك كۆكتە پارلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارمۇ شۇنچە كۆپ ئىدى.ئاندا مۇندا قاياقتىندۇر كېلىپ يۈزلەرنى سىيپاپ ئۆتۈۋاتقان مەيىن شامال جانغا ھوزۇر بېغىشلايتتى.قىز بىلەن يىگىت خۇددى ئىككىلىسى جىمىپ قالسا ئوڭايسىز كەيپىياتقا چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرىگەندەك بېسىقماي گەپ قىلىشاتتى.بالىلىقتىكى ئوينىغانلىرى،كۈلگەنلىرى،يىغلىغانلىرىدىن تارتىپ چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ھەممە ئىشلىرىنى،يۇرتىدىن باشلاپ پۈتۈن جاھاندىكى ھەممە يەرنىڭ،ئائىلىسىدىكىلەردىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۆزى تونۇيدىغان ھەممە ئادەمنىڭ گېپىنى قىلىشتى.گاھىدا يىگىتنىڭ چىرايىنى ئۆزگەرتمەيلا ئېيتقان پو ئارىلاش قىزىقارلىق گەپلىرىدىن قىز كۈلۈپ تېلىقىپ قالاتتى،گاھىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ زەڭ سېلىپ ئاڭلايتتى...
بىر چاغدا قىز سائىتىگە قاراپ دىڭڭىدە چۆچۈگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى:
-ھوپ...سائەت بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ!تېز قايتايلى،ياتاقنى تاقىۋەتمىسۇن يەنە.
ئۇلار يىقىن يول دەپ، دەسلەپ كەلگەن يولى بويىچە قايتماستىن قاراڭغۇ مەيدان تەرەپتىن مېڭىشتى،مەيداننىڭ بىر چېتىگە ئورنىتىپ قويۇلغان ئېگىز تۆمۈرجاھازنىڭ يېنى كولىۋېتىلگەنىدى،ئالدىراپ ماڭغان قىز دىققەت قىلماستىنلا پۇتى كولانغان جايغا سىيرىلىپ كېتىۋېدى،قىزنىڭ چۆچۈگەن ئاۋازىدىن كېيىن يىگىت تېزلا قولىنى سۇنۇپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قېلىشقا ئاز قالغان قىزنى تارتىۋالدى.قولى تېگىشكەندە ھەر ئىككىسى سەل ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ قېلىشتىيۇ،يەنىلا يىگىت دەررۇ كەيپىياتنى چاقچاق گېپى بىلەن ئوڭشىۋەتتى:
-پۇتلىشىپ كەتكەنگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ يېتىۋالماقچىتىڭ ھە؟
-ساراڭ...
قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قىزنىڭ قىزارغان يۈزلىرىنى كۆرۈشكە ئىمكانىيەت يوق ئىدى،قىزمۇ ئۆزىنى ئوڭشاپ يىگىتكە يېتىشىپ يۈرۈپ كەتتى،تېز تېز قەدەملەر بىلەن يۈگۈرۈشۈپ دېگۈدەك ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىشتى.ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكى تېخى تاقالمىغانىدى،سىرتتا يۈرگەن سىتۇدېنىتلارمۇ خېلىلا كۆپ ئىدى.
-ئەمىسە خوش!مەن كىرىپ كېتەي.-دېدى قىز يىگىتكە بۇرۇلۇپ.
-تېخى ئىشىك تاقالماپتىغۇ،ۋاقىت باركەن،ئاۋۇ ئورۇندۇقتا بىردەم ئولتۇرايلىچۇ،ئۇھ...-يىگىت غېمىدە يوق بېرىپ ئورۇندۇقتا ئولتۇردى،تۇرقىدىن ياتاققا كىرىپ كەتكۈسى يوقتەك تۇراتتى.قىز ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى،قولىدا يانفونىنى چىڭ سىقىمداپ تۇراتتى:
-قوپە،كىچىككىنە مېڭىپ كەلگەنگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئۇھ دەپ ئولتۇرۋالماي...ياتىقىڭغا كىرىپ دېمىڭنى ئال.مەنمۇ كىرىپ كېتىمەن.
-ئەكىلە راس ،تېلفونۇڭنى كۆرەي.-يىگىت قىزنىڭ گېپىگە ئېرەڭشىمىگەندەك قىزنىڭ قولىدىن يانفوننى ئېلىپلا كۇنۇپكىللىرىنى بېسىپ كۆرۈشكە باشلىدى.بىردەمدىلا بېسىپ يۈرۈپ يانفون ئېكرانىدىكى كارتون قونچاقنىڭ سۈرىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ،سېپى تۇتاش بىر جۈپ قىپقىزىل گىلاسنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ قويدى.
-ئۆزگەرتىۋەتتىڭغۇ.
-ماۋۇ چىرايلىقكەن،مۇشۇنى چىقىرىۋالمامسەن،سەت قونچاقنى چىقارماي.-يىگىت مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلدى.
-ئەكەل تېلفونۇمنى.-قىز خىجىل بولغانىدى.يىگىتنىڭ قولىدىن يانفونىنى يۇلۇپلا ئالدىدە ياتىقى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.
-ھاھاھاھا!ھەي!ئۆزگەرتىۋەتمە جۇمۇ!-يىگىت توۋلىغىنىچە قېلىپ قالدى.قىز ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ كېتىدىغاندا كەينىگە ئۆرۈلدى،يىگىت تېخىچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى...
ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتتى،ئۇلار ئىككىنچى قېتىم كەچتە بىللە چىقىپ ھاۋا يېگەچ مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشتى، قىزنىڭ سائىتى كەينىدە قالغانىدى،ياتاق تاقىلىشقا ئاز قالغاندا ئۇلار تېخىچە ئالدىنقى قېتىم ئولتۇرۇشقان ۋاسكىتبول مەيدانى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا خاتىرجەم گەپ سېتىشىپ كۈلۈشۈپ ئولتۇرشاتتى.تۇيۇقسىز قىزغا ياتاقدىشىدىن تېلىفون كەلدى؛
-ئاداش ياتاق تاقاشقا ئاز قالدى؟نەدەسەن؟
-ھە؟ سائەت نەچچە بولدى؟
«ھوپ!»قىز شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ سائىتىنىڭ كېيىن قالغانلىقىنى بىلدى.ياتاقدىشىغىمۇ ئارتۇق سۆزلىمەيلا ھازىر كىرىمەن دەپلا تېلىفوننى قويۇپ،يىگىتنى ئالدىرتىپ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ئوقتەك ئۇچتى.ئەپسۇس،قىزلار ياتاق بىناسىنىڭمۇ،ئوغۇللار ياتاق بىناسىنىڭمۇ ئىشىكى ئاللىقاچان تاقىلىپ بولغان ئىدى،سىرتتىمۇ ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى.قىزنىڭ يۇمىلاق كەلگەن ئوماققىنە يۈزلىرى ھېلىلا يىغلىۋېتىدىغاندەك دومسىيىپ قالدى.بۇ ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ياتىقىغا كېچىكىشى ئىدى.خۇددى ياتىقىغا كىرىپ كەتكىلى بولىدىغان بىرەر بۇلۇڭ-پۇچقاق، يوچۇق ئىزدىگەندەك بىچارىلەرچە ئىشىككە تەلمۈرۈپ كەتتى.شۇنچە كەچتە ياتاققا كىرمىسە ياتاقداشلىرى نېمە دەپمۇ قالغاندۇر...يىگىت ئۆزىنىڭ ياتاق بىناسىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئېتىۋېتىلگىنىنى كۆرگەندىن كېيىن قىزنىڭ يېنىغا كەلدى.شۇ ئەسنادا قىزنىڭ ياتاقدىشى يەنە تېلىفون قىلدى،قىز ياتاقدىشىنىڭ نەدە دېگەن سوئالىغا نومۇس كۈچىدىن تېزلا ئۇدۇلدىكى بىنادا ياتىدىغان يېقىن دوستىنىڭ ياتىقىدا قونۇپ قالماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ قويدى.
سىرتتا تۇرۇۋېرىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.ئۇلار تورخانىغا بېرىپ تۈنىمەكچى بولۇشتى.يىگىتنىڭ باشلىشى بىلەن بىر مۇھىتى خېلى ياخشى تورخانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كىرىشتى.ياتىقىغا كىرەلمەي تېخىچە جىلىچىلىكتە تۇرغان قىزغا كومپىيۇتېرنى ئېچىپ ئۇنى بۇنى كۆرۈشمۇ خۇشياقمىغانىدى.خۇددى كېچىكىشىنىڭ سەۋەبىنى يىگىتتىن كۆرمەكچى بولغاندەك دومسايغان پېتى گەپمۇ قىلماي ئولتۇراتتى.قىز كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا يىگىتكە قارىدى.ئۇ خىيالىي بىر ھالەتتە ئويۇن ئويناپ ئولتۇراتتى.چىرايىدا جىددىيلىك،كېچىككىنىگە ئەپسۇسلىنىش دېگەنلەرنى تاپقىلى بولمايدىغاندەك...دېمىسىمۇ تونۇشقىنىدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قىز يىگىتنىڭ بىرەر قېتىم جىددىيلەشكەن ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى،قاچانلا قارىسا بىغەم بىر ھالەتتە كۈلۈپلا تۇراتتى.بەزىدە ھەتتا قىزمۇ ئۇنىڭغا قاراپ «غېمىمۇ يوقمىدۇ بۇنىڭ»دەپ ھەۋەسلىنىپمۇ قالاتتى.ئويۇن،كۈلكە چاقچاق،قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلىپ كېتىشلىرى...ئۇنىڭ دائىملىق تۇرمۇشىدەكلا بىلىنەتتى.بىراق ھەر پاراڭلاشقىنىدا يىگىتنىڭ ئەقىللىقلىقىنى،زېھنىنىڭ ئوچۇق،ئۆتكۈرلىكىنى ھېس قىلاتتى.شۇ تەرەققىدە يېرىم سائەتچە ۋاقىت ھەر ئىككىسى ئۆز ئالدىدىكى كومپىيۇتېرغا قارىشىپ گەپمۇ قىلىشماي ئولتۇرۇشتى.بىر چاغدا يىگىت يېنىدىلا ئولتۇرغان قىزنىڭ چچ سىغا خەت يازدى:
- مەن بېرىپ ئىچىملىك ئەپكېلەي.
-ماقۇل.
يىگىت بېرىپ ئىككى قۇتاسوغۇق ئىچىملىك ئەپكەلگەندىن كېيىن بىر ئوتلىۋېتىپ يەنە قىزنىڭ چچ سىغا خەت يازدى:
- گەپ قىلمايسەنغۇ؟
-نېمە دەيمەن؟
-ئىختىيار.
-راس،دەرسلىك تەييارلىقىنى يېزىپ بولدۇڭمۇ؟
-ھە تۈگىدى،ماھىنۇر يېزىپ تۈگىتىۋەتتى.
-ھورۇن!دەرستىمۇ سىنىپ بويىچە ئەڭ كەينىدە سۆرۈلۈپ يۈرمەيدىغانسەن ھە.
-دۆت بولسا ئاكاڭ سىنىپ ئاتلىيالامتى ھە؟ئوقۇتقۇچىلار ماڭا تېخى شۇنداق ئامراق جۇمۇ دەپ قوياي.راس سېنىڭمۇ يېشىڭ تەڭ قاراردىكىلەردىن خېلى پەرقلىقكەن؟
-پوچىلىقىنى!مەنمۇ باشلانغۇچتا بىر يىللىق ئاتلىغان،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن بۇ مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۋېلىپ كېلىش كەلمەسلىك ھەققىدە بىر قارارغا كېلىپ بولالماي كېيىنرەك كەلگەنىدىم،شۇڭا ئىمتىھانىغا قاتنىشالمىغاچقا سىنىپ ئاتلىيالماي قالدىم،بولمىغان بولسا چوقۇم ئاتلايتىم،ھازىر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولغان ۋاقتىم بولاتتىدە!ھى ھى
-ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەكتەپكە كېلىش كەلمەسلىك ھەققىدە مەنمۇ ئويلانغان،بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوق ئىدى...
-قايسى مەكتەپتە ئوقۇغۇڭ بارتى ئەمىسە؟
-مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىدا.ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىمدا ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە مېنىڭ نەتىجەم يىللىقلار ئارا بىرىنچى ئىدى.ئىشىنەمسەن؟
-ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن.ئېيتمىغىنىم بىلەن زېھنىڭنىڭ ئوچۇقلۇقىنى مەن ھېس قىلغان.ماڭا مەكتىۋىمىزدە خۇددى سەندەك ۋە مەندەك ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا ئوقۇپ،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تىك موللاق ئاتقان بالىلار كۆپتەكلا تۇيۇلىدۇ.مەنمۇ باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇقنى تۈگەتكەنگە قەدەر ئۆگنىش ھەيئىتى بولۇپ ئوقۇغان قىز ئىدىم.ئومۇمىي نومۇرۇم بىرىنچى تۈركۈم چېكىدىن خېلىلا ئېشىپ يۇقىرى چىقتىيۇ،ماتېماتىكىدا 2نومۇرۇم كەملەپ قالدى.ئەينى چاغدا ئاسماندىن يەرگە ئېتىۋەتكەندەك بولۇپ كەتكەنىدىم...قاقشاپ يۈرۈپ مانا بۇ ئالىي مەكتەپمۇ بىردەمدە تۈگەي دەپ قاپتۇ...
-شۇنداق،تۈگەي دەپ قالدى.تۈگەي دېگەندە ئادەم كۆنگىنىنى ھېس قىلىدىكەن.
ئۇلار بىر ھازاغىچە جىمىپ قېلىشتى.«كىنو كۆرەيلىمۇ؟»دېدى يىگىت بىر چاغدا قىزغا بۇرۇلۇپ قاراپ.قىز ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى.يىگىت ئالدىدىكى كومپىيۇتېردا توردىن تاللاپ يۈرۈپ چەتئەلنىڭ بىر كومېدىيەلىك كىنوسىنى قويدى.«ئاۋازىنى ئاڭلىمامدۇق بۇنىڭ؟»دېدى قىز ئېكراننى ئىما قىلىپ.يىگىت قۇلىقىغا تاقىۋالغان تىڭشىغۇچنى ئېلىپ ئاۋازىنى يۇقىرلىتىپ كومپىيۇتېر ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى،قىز پاشا غىڭشىغاندەك ئاڭلىنىدىكەن دەپ مازاق قىلىۋېدى،يىگىت تىڭشىغۇچنى ئېلىپ قىزغا تاقاپ قويدى.
-سەنچۇ؟-دېدى قىز يىگىتكە قاراپ .
-مەن يېنىڭدا ئولتۇرۇپ ئاڭلىيالايمەن،سەندەك پاڭ بولمىسام يا ھى ھى.
ئاۋازنىڭ يۇقىرلىقىدىن قىزنىڭ قۇلىقى بىئاراملىق ھېس قىلدىيۇ،بىراق يىگىتنى ئاڭلىماي قالمىسۇن دەپ ئولتۇرىۋەردى. كىنو ھەقىقەتەن كۈلكىلىك ئىدى.فىلىمدىكى ئارتىستلارنىڭ قىزىقارلىق ھەرىكەتلىرى،گەپ-سۆزلىرى،چىراي ئىپادىللىرىدىن تۇرۇپ تۇرۇپ ئىككىلىسى تەڭلا كۈلۈشۈپ كېتەتتى.قويۇلۇپ تازا قىزىق يېرىگە كەلگەندە يىگىت تۇيۇقسىزلا كىرىسلوغا ئەركىن يۆلىنىپ ئولتۇرغان قىزنىڭ قۇلىقىغا بېشىنى تازا يېقىن قىلىپ يۆلىنىۋالدى.قىز دىڭڭىدە چۆچۈپ كەتتى.چۈنكى بۇ قىز ئۈچۈن ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم دادىسى،ئاكىسىدىن باشقا بىر يات جىنىس بىلەن بېشىنى يېقىن ئەكىلىشى ئىدى.جىددىيلىشىپ كەتكەن قىز ھاپىلا-شاپىلا قۇلىقىدىن تىڭشىغۇچنى يۇلۇپ ئېلىپ يىگىتكە تەڭلىمەكچى بولۇۋېدى،يىگىت قولى بىلەن تىڭشىغۇچنى قىزغا قايتا تاقىتىپ قويدى،قىز نېرىراق سۈرۈلمەكچى بولۇۋېدى،يىگىتنىڭ گەپ-سۆزسىزلا قولىنى چىڭڭىدە تۇتۇۋېلىشىدىن«جىم!»دېگەن مەنىنى چۈشىنىپ،ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلغان پېتى ئەركىن ئازادە نەپەسلىنىشكىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئولتۇرۇپ قالدى.قىز قولىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى،بىراق ھەرقانچە قىلسىمۇ يىگىت قولىنى قويۇۋەتمىدى.شۇ تاپتا قىزدا تېخى بايىقى ئەركىن ئازادە كۈلۈپ ئولتۇرۇپ كىنو كۆرگەندىكى ھالەتتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.قويۇلىۋاتقان كىنومۇ كاللىسىغا كىرمەيۋاتاتتى.قىز چاندۇرماستىن كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا يىگىتكە قارىدى،ئۇ ھەر ۋاقىتتىكىدەكلا بىغەم ھالدا كۈلۈپ ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈۋاتاتتى،ئەپتىدىن ئۇنىڭدا قىزدىكى جىددىيلىشىشنىڭ بىر پىرسەنتىمۇ يوق.يىگىت ئەمدى قىزنىڭ جىددىيلىشىپ يېنىك تىترىگىنىنى سېزىۋالغاندەك، جىددىيلىكىنى تۈگەتمەكچى بولغاندەك قىزنىڭ قولىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ يىنىك ئۇرۇپ قويدى.ئاندىن قولى بىلەن قىزنىڭ بېشىنى مۈرىسىگە قويغۇزدى.ھەر ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئېكراندايۇ،خۇددى بىلىندۈرمەستىن بىر بىرىنىڭ يۈرىكىنى تىڭشاۋاتقاندەك جىمجىت ئولتۇرىشاتتى...
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى.قىز ھەقىقەتەن ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا يىگىتنىڭ ئەتراپىدىكى قىزلارغا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى.قىزلار يىگىتنىڭ گېپىنى چىقىرىپ قالسا ئىلگىرىكىدەك بىپەرۋا يۈرۈۋەرمەستىن گەپ قوشمىسىمۇ ئىككى قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلايتتى.
بىر كۈنى قىز مەكتەپ قورۇسىدا كېتىۋېتىپ،توساتتىن كۆزى ئۆزىگە قانداقتۇر بىر چۈشىنىكسىز نەزەردە تىكىلىپ تۇرغان ھېلىقى ماھىنۇر ئىسىملىك قىزغا چۈشۈپ قالدى.ماھىنۇرنىڭ ھېچقانداق ئىپادىسىزلا چىرايىغا قاراپ،نېمىشقىدۇر سەل جىددىيلىشىپ يا سالام قىلىشىنى يا ئۇدۇل ئۆتۈپ كېتىۋېرىشىنى بىلەلمەي قالدى،شۇنداقتىمۇ ئارىلىقى سەل يېقىنلىغاندا ئەدەپ يۈزىسىدىن قولاشمىغان سالامدىن بىرنى قىلىپ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى.نېمىشقا ئۇنداق غەلىتە قارايدىكىنە؟يىگىتنىڭ سىنىپدىشى بولغان بۇ قىز يىگىتنىڭ ئۆزى بىلەن سىرتقا چىققىنىنى كۆرگەن بولغىيمىدىكىنە...ماھىنۇرچىرايلىق ،ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرىدىغان قىز ئىدى.يېقىندىن بېرى قىزمۇ بۇ قىزغا ئانچە مۇنچە دىققەت قىلىپ قېلىۋاتاتتى،بىر قانچە قېتىم ماھىنۇرنى يىگىتنىڭ ياتىقىنىڭ كەينى دەرىزىسى تەرىپىدە ساقلاپ تۇرغان،قانداقتۇر بىر ماتېرىياللارنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ بېرىۋاتقان ھالىتىدە ئۇچراتتى.بەلكىم دەرسلىك تەييارلىقىنى يېزىپ بەرگەن ۋاقتىدۇر،يىگىت ئۆزى شۇنداق دېمىگەنمىدى...تۈنۈگۈن كەچلىك تاماق ۋاقتىدا قىز ياتاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ تاماقخانىسىدىن تاماق يەپ قايتاي دەپ تۇرۇشىغا ئىشىكتىن يىگىت بىلەن بىللە كىرىپ كېلىۋاتقان ماھىنۇرغا كۆزى چۈشۈپ قالدى،تۇرقىدىن ئۇ قىز ناھايىتى خۇشالدەك كۆرۈنەتتى.قىز ئىككىيلەنگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدى، ئۇھسىنغىنىنى ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمىگەندەك يەنە دەررۇ كۆڭلىدىن« كىم بىلەن بىللە يېسە يېمەمدۇ...مۇھەببىتىمىدىم مەن...»دېگەنلەرنى ئۆتكۈزۈپ ،يىگىت كۆرمىگەن پۇرسەتتە غىپپىدە چىقىپ كەتتى...
كۈنلەر نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن،مانا بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى ئېلىش ئىمتىھانى باشلاندى.قىزنىڭ دەرس مۇنبىرىدىكى جانلىقلىقى،بىلىم مەزمۇنىغا پىششىقلىقى،بىلىم نۇقتىللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشتىكى مېتودى ۋە ئىپادىسىدىن باھالىغۇچىلارمۇ رازى بولۇشتى. شۇنداق قىلىپ قىز ئىمتىھاننى ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ مەيداندىن قايتىپ چىقتى.ئىشىكتىن چىقىپ بەش ئالتە قەدەم مېڭىشىغا كەينىدىن بىرىنىڭ ئىسمىنى بوش چاقىرغىنىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ كەينىگە ئۆرۈلدى،يىگىت كۈلۈمسىرەپ ياندىكى بىر سىنىپتىن چىقىپ كېلىۋاتاتتى.
-سەنمۇ بېرىپ بولدۇڭما ئىمتىھاننى؟-قىز يىگىتتىن سورىدى.
-ھە ھازىر تۈگىدى،سەنچۇ؟
-ئىم.
دەل شۇ چاغدا يىگىت چىققان سىنىپنىڭ ئىشىكىدە ماھىنۇر كۆرۈندى ۋە يىگىتنى چاقىرىپ«قېنى»دېگەن مەنىدە بېشىنى لىڭشىتىپ ئىما قىلدى،يىگىت قولى بىلەن سەل ئالدى تەرەپتىكى بىر سىنىپنى كۆرسىتىپ قويۇۋېدى،شۇ سىنىپ تەرەپكە قاراپ كەتتى.قىز ئىككىسىنىڭ ئىما –ئىشارەتلىرىنى چۈشىنىپ كەتمىسىمۇ نېمىشقا دەپ سورىمىدى،چۈنكى ئۇ نېمىلا قىلمىسۇن يىگىت بىلەن يۈرمىدى دە،ئارىدا يۈرۈش ئىسىملىك بىر ئاغزاكى رەسمىيەت يوق ئىدى،شۇڭىمۇ ئۇ يىگىتنىڭ كۆپ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشنى خالىمايتتى.ئەلۋەتتە بۇ ماھىنۇر ھەققىدە تېخىمۇ شۇنداق .قىزنىڭ كۆڭلى، ماھىنۇرنىڭ يىگىتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تۇيۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
ئۇلار ئىمتىھاننى قانداق بەرگەنلىكى ھەققىدە سۆزلىشىپ مېڭىشتى.
-ماھىنۇر دەرس تەييارلىقىنى يېزىپ بەردى دەۋاتمامتىڭ،رەھمەت ئېيتىپ قويغانسەن.-دېدى قىز يىگىتنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا قىزىققاندەك.
-ھە قايسى كۈنى مەكتەپ تاماقخانىسىدا مېھمان قىلىپ قويدۇمغۇ!-دېدى يىگىت ئانچە ئېرەڭشىمىگەن ھالدا.ئۇ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىغا قىز ئېغىزىدىن چىقارمىغىنى ئۈچۈن قىزنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغىنىنى پەقەتلا بىلمەيدىغاندەك، خۇددى « ئەتىگەن ئويغاندىم،يۈزۈمنى يۇيدۇم،ناشتا قىلدىم»دېگەندەك ناھايىتى نورمال بىر ئىشنى سۆزلىگەندەكلا سۆزلىدى.تەپتارتىش ، ئوڭايسىزلىنىش ياكى ئارتۇقچە تەپسىلات،ئىزاھاتلارمۇ يوق ئىدى.قىز لەسسىدە بولۇپ قالدى.ئۆزىنى خۇددى بۇ يىگىتكە پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن ئاشۇ قىزلار ئۇچرىغان پەرۋاسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندەك،يىگىتنىڭ قەلبىدىكى ئۆزىنى خۇددى ئادەتتىكىلا بىر ئادەمدەك،ئۆزىچە يىگىت ھەققىدە ئارتۇقچە خىيال سۈرگىنىگە ئېچىنغاندەك بولۇپ قالدى.قىزلارنىڭ مىجەزىنىڭ تۇرۇپلا نازۇكلىشىپ داۋىخورلىشىپ قېلىشى ھازىر ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىۋاتاتتى.
-ئىمتىھانمۇ تۈگىدى،جۈرە بىللە بېرىپ سىرتتىكى ئاشخانىدىن تاماق يەپ كېلەيلى،سەن گۈرۈچ ئۇنى تامىقىغا ئامراقمەن دەۋاتمامتىڭ،مەن بىر يەرنى بىلىمەن ،بەك ئوخشىتىدۇ.-دېدى يىگىت جىمىپ قالغان قىزغا قاراپ.
-مەن يا ساڭا دەرس تەييارلىقى يېزىپ بەرمىسەم ،نېمىگە مېھمان قىلاتتىڭ.ھەممە قىزلارنى مېھمان قىلىۋەرسەڭ پۇلۇڭ ئۆزۈڭگە يەتمەي قالمىسۇن يەنە!
-يائاللا مېھمان قىلاي دېگەنگىمۇ تويغۇزامسەن نېمە،نەدىكى ھەممە قىزلاركەن؟
-ھە ھە بولدى تېرىكمىگىنە!چاقچاق قىلىپ قويدۇم،كېچە قارا باسقاندەك بولۇپ تازا ياخشى ئۇخلىيالمىغانىدىم،سەل بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ،ياتاققا قايتىپ ئۇخلايمىكىن.
-ھېلىمۇ كۈندە كەچتە«ياخشى چۈش كۆر،مېنى چۈشە»دەپ ئۇچۇر قىلغانلىرىم.قۇلاق كەستىلىك قىلىپ گېپىمنى ئاڭلىماي،مېنى چۈشىمىگەندىكىن خوپ بوپتۇ!ھاھاھا!
قىز بىللە تاماققا بېرىشقا ئۇنىمىدى،ئۇلار ياتاق بىناسى رايونىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خوشلىشىپ ئۆز ياتاقلىرىغا كىرىپ كېتىشتى.كەچتە يىگىت قىزنى ئايلىنىپ كىرىشكە چاقىرىپ ئۇچۇر يوللىۋېدى،قىز يەنىلا چەك باسماس باھانىلەرنى كۆرسىتىپ چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.بىراق يىگىتمۇخۇددى ئاللىقانداقتۇر مۇھىم گېپى باردەك قىزنىڭ چوقۇم چىقىشىنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى.ئۇلار ئاۋالقى قېتىمقىدەكلا ۋاسكىتبول مەيدانى يېنىدىكى قوش كىشىلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتى.سالقىن ھاۋا كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى.بۈگۈن قىز نېمىشقىدۇر سەل كەمسۆزلىشىپ قالغان،ئارتۇق سۆزلىمەستىن يىگىتنىڭ گەپلىرىنى تىڭشاپ ئولتۇراتتى.بىر ھازادا يىگىتمۇ جىمىپ قالدى،ئۇ ئاستاغىنە قىزنىڭ قولىنى تۇتتى،بۇ قېتىم قىز قولىنى تارتىۋالمىدى.
-ئوقۇشىمىز پۈتۈشكە ئازلا قالدى ھە؟-دېدى قىز جىملىقتىن پەيدا بولغان ئوڭايسىزلىقنى تۈگەتمەكچى بولغاندەك.
-شۇنداق.
-ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۇ مەكتەپنى سېغىنامسەن؟
-ئەلۋەتتە،ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى كىممۇ سېغىنمىسۇن،ئالىي مەكتەپتىكى ئەركىنلىكنى كېيىنكى كۈنلەردە تېپىشقا مۇمكىن بولاتتىمۇ،بۇ يەردە سېنى باشقۇرىدىغان ئادەممۇ يوق،قانداق ياشىغۇڭ كەلسە شۇنداق ياشايسەن.-يىگىتنىڭ ئېچىلىپ-يېيىلىپ،چاقچاققا بۇراپ سۆزلەۋاتقان تەلەپپۇزى بىردىنلا ئۆزگىرىپ ئاۋازى پەسلىدى،قىزنىڭ قولىنى چىڭڭىدە قىستى-مەن...ئەلۋەتتە سېغىنىمەن...
قىز يىگىتنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىگە يېقىندىن تىكىلگەنلىكىنى ھېس قىلدى.يىگىت بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان كۆزلىرىنى تېزلىكتە ئېلىپ قېچىپ ئۇدۇلىغا قارىۋالدى:
-مەنمۇ.
ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ ئولتۇرغان شۇ ھاياجانلىق مىنۇتتا توساتتىن ئالدى تەرەپتە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئىككى گەۋدىنى قىزنىڭ كىيىكتەك سەزگۈر كۆزلىرى بايقاپ قالدى.يىگىتنىڭمۇ تەڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن،ئوڭايسىزلىق ئىچىدە قېلىشتىن ئەنسىرىگەندەك دىڭڭىدە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى:
-قايتايلى!
-نېمانداق تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا؟ھاھاھا!-يىگىت كۈلۈپ كەتتى،يىگىتنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرىمۇ ئەھۋالنى بايقاپ قىزنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا قايتىش ئويىغا كېلىپ قالغىنىنىڭ تېگىگە يېتىپ بولغانىدى.
-قوپە قايتايلى!
-بالدۇرغۇ تېخى..-يىگىت نارازى بولغاندەك غودۇڭشىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن قىزنىڭ پۇتىغا دەسسەپ سالدى.
-ۋايجان پۇتۇم!!پۇتۇمغا دەسسىدىڭغۇ؟؟؟!
-ۋاي ئاپپپپپپلا!ھەي...سەنمۇ نېمە پۇتۇڭنى مېنىڭ پۇتۇمنىڭ ئاستىغا تىقىۋېلىپ يۈرۈيسەن ھە؟
ئايىقىغا قاراش ئۈچۈن پەسكە ئېڭىشكەن قىز تېزلا بېشىنى كۆتۈرۋېدى،يېنىدىلا تۇرغان يىگىتنىڭ تېخى كۆتۈرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن بېشىغا توڭڭىدە ئۈستى. قىز بېشىنى چاڭگاللاپلا قالدى:
-خەپ!بۈگۈن ئەجەپ نەس باستى!
قىزنىڭ جىددىيلىشىشلىرىدىن يۈز بېرىۋاتقان قىزىقارلىق ئىشلارغا قاراپ، يىگىت بېشىنى ئۇۋىلىغىنىچە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
-كۈلۈۋاتقىنىنى...ساراڭ!...
قىز يىگىت بىلەن كارى بولماستىن ئالدىغا قاراپ تېز تېز چامداپ مېڭىۋەردى،كەينىدىن يىگىتنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ توختىدى.
-ھەي! مەن سېنى...-يىگىت گېپىنىڭ داۋامىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى.
-نېمە دەيسەن؟«خەپ!مەن سېنى!»دېدىڭما؟مەن خەپ دېمىسەم تېخى قارا بۇنى-قىز ،يىگىت ئۇنىڭغا يېتىشكەندە غۇدراپ قويدى.ئىككىسى ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.شۇ كۈنى يىگىت قىزغا ياتاققا كىرىپ كەتكۈچە قاراپ تۇردى،كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا قىز كۈندىكىدەكلا يىگىتنىڭ«ياخشى چۈش كۆر،مېنى چۈشە»دېگەن ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،بەختىيارلىق ئىلكىدە مىيىقىدا كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى.
ئەپسۇس شۇ كۈندىن كېيىن قىز قايتا يىگىت بىلەن بىللە كۆرۈشۈشكە چىقالمىدى.يىگىتنىڭ ئۇچۇرلىرىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالالمىدى،چچ سىدىمۇ پاراڭلىشالمىدى. يىگىتمۇ پەقەت، يالغۇز ياكى ھېلىقى دائىملا بىللە يۈرىدىغان دوستى بىلەن مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە قىزنىڭ كۆزىگە ئاندا ساندا چېلىقىپ قالاتتى.ۋاقىت ئۇچقاندەك تېز ئۆتۈۋاتاتتى،كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىتۇدېنىتلارنىڭ مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتىمۇ يېتىپ كەلدى.قىزمۇ گەرچە يىگىتنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى چەتكە تارتىپ يۈرگىنىگە قارىتا كۆڭلىدە نۇرغۇن خىياللارنى قىلغان بولسىمۇ بىراق مەكتەپتىن ئايرىلىپ كەتكەنگە قەدەر يەنىلا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يىگىتتىن سەۋەبىنى سورىمىدى،چۈنكى يىگىت بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدا يۈرۈش ئىسىملىك بىر ئاغزاكى رەسمىيەت كەم ئىدى...
************************************
كۈن كۈننى قوغلاپ،ئاي يىللارنى قوغلاپ ھەش-پەش دېگۈچە ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئىككى يېرىم يىلچە بولۇپ قالدى،ئويلىمىغان يەردىن شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار تەسادىپىي پۇرسەتتە چچ دا بىر بىرىنى ئۇچرىتىشىپ قېلىپ خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك ھاياجانلىنىپ كېتىشتى.
-ھازىرچۇ نەدىسەن؟ -بىرە قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن يىگىت قىزدىن سورىدى.
-يۇرت تەرەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ.سەنچۇ؟
-ھە؟سېنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا جەنۇپ تەرەپتە خىزمەتكە چۈشتى دەپ ئاڭلىغانىدىمغۇ؟-دېدى يىگىت ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي.
-ئىم،تازا كۆنۈپ بولالماي ئۇياقتىكى خىزمەتتىن كېچىپ،قايتا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ يۇرتقا قايتىپ كەلدىم.
-كۆنەلمىگۈدەك نېمىسى بار،بىرەرسىنى تېپىپ تويۇڭنى قىلساڭ كۆنەتتىڭدە،ھى ھى.
-قويغىنە،مېنىڭ ھەرگىز ئۇ تەرەپتىن تاپقۇم يوق.
-ئەمىسە قايسى تەرەپتىن تاپقۇڭ بار؟
-ئۆزەڭچۇ؟نېمە قىلىپ؟
-ھاھاھاھا!گەپنى بۇرىۋەتتىڭغۇ؟مەنمۇ يۇرتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىمەن.
-ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى سېغىنىپ قالدىم،غەمسىز،ئەركىن-ئازادە...
-ئەمىسە مېنىچۇ؟سېغىنمىدىڭما؟-يىگىتنىڭ قېشىنى ئېتىپ تۇرغان قونچاق بىلەن ئەۋەتكەن ئۇچۇرى كەلدى.
-يۈزۈڭنىڭ قېلىنلىقى ئۆزگەرمەپتۇ،-قىزمۇ مەسخىرە قىلىپ كۈلۈۋاتقان قونچاقنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ قويدى.
-بۇنى قېلىنلىق دېمەيمىز،راس قاچان توي قىلىسەن؟
-مەنما؟ئۇقمايمەن،ھېچبىرەسى ئالاي دېمەيدىغۇ.ھى ھى
-راسما؟يۈرمىدىڭما؟
-سەنچۇ؟
-مەن مەكتەپتىكى چاغدىكىدەكلا.
-ئۇنداق ئەمەستۇ؟ساڭىمۇ بىرەسى تېگەي دېمەپتۇدە.ھاھاھا!
-شۇ.سېنىمۇ بىرەسى ئالاي دېمەپتۇ،ماڭىمۇ بىرەسى تېگەي دېمىدى،بولمىسا ئىككىمىزلا توي قىلايلى بولدى.
-ھە بوپتۇ ئەمىسە،تەتىلدە بىكار ئولتۇرغىچە تەگسەم تېگىپ قوياي.
-ئەمىسە ئەتە ئاتتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئاندىن سېنى ئالغىلى باراي.
-ۋاھ!ئاق ئاتلىق شاھزادە كېلىدىكەندە مېنى ئالغىلى؟ھاھاھاھا!
-ئىم،ساڭا بەش موچەنلىك كەمپۈتتىن بىرنى ئالغاچ بارىمەن.
-ئارانما؟
-ئەمىسە ئىككىنى.
-پېتىر!ھازىر نەدە ئۇنداق ئەرزان خوتۇن باركەن؟
-ئەمىسە نېمە ئالىسەن؟
-شاكىلات،گۈل.
يىگىت تېزلا بىر قاپ نەپىس ئورالغان شاكىلات بىلەن بىر دەستە قىپقىزىل ئەتىرگۈلنىڭ رەسىمىنى قىزغا ئەۋەتتى.
-ھەييييي...ھازىر خىزمەت يۆتكەلمەك تەس تۇرسا،خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ ساڭا تەگسەم ئالامسەن مېنى؟
-ئەلۋەتتە،كېلىپ يەر تېرىساڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
-ھاھاھاھا!ساراڭ...مېنى ئاپىرۋېلىپ،ئېتىزدا ئىشقا سالامسەن؟
-ئەمىسە ئۆيدە بالىغا قارا.
-سەن جاپا تارتىپ قالساڭچۇ؟
-ئەزەلدىن ئۆينى بېقىش ئەرنىڭ ئىشى،بالىنى بېقىش ئايالنىڭ ئىشى تۇرسا.
ئۇلار چاقچاقلىشىپ پاراڭلاشقاچ بىربىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى سۈرەتلىرىنى ئەۋەتىپ كۆرۈشتى،ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشتى.
-ھەي...سەن مەكتەپتىكى ۋاقىتتا مېنى ياخشى كۆرگەنمۇ؟-يىگىت چاقچاق پاراڭلىرىنى قايرىپ ئەستايىدىل تۈردە قىزدىن سورىدى.
-سەنچۇ؟-قىزمۇ خۇددى شۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە ئىنتىلگەندەك ياندۇرۇپلا سورىدى.
-مەن سەندىن سوراۋاتىمەن.
-خانىم قىزلارغا كەڭچىلىك قىلىش كېرەكقۇ،سەن ئاۋال دە.
-شۇ قىز ئاياللارغا كەڭچىلىك قىلىش كېرەك ،شۇڭا نۆۋەتنى ساڭا ئۆتۈندۈم.دېگىنە؟
-......ئىم...بولمىسا سەن بىلەن بىرگە ئايلانغىلى چىقاتتىممۇ...
-راستمۇ؟
-سەنچۇ؟
-سېنى ئەلۋەتتە ياخشى كۆرەتتىم،بولمىسا سېنى بىرگە چىقىپ ئايلىنىپ كىرىشكە تەكلىپ قىلاتتىممۇ؟
-ھاھاھاھاھا!قىپقىزىل يالغانچىلىق بولدى بۇ!نېمە دەيدۇ قېنى دېسەم، مېنىلا دورىدىڭغۇ؟-قىز ھاياجانلانغىنىنى،خىجىل بولغىنىنى، گەپنى چاقچاققا بۇراش ئارقىلىق يوشۇرماقچى بولدى.
بىراق يىگىتنىڭ ئەستايىدىل پاراڭلاشقۇسى باردەك قىلاتتى.
-ياق ئالدىمىدىم،سېنى ئالداپ نېمە قىلاي...
-ئوقۇشىمىز پۈتۈشكە يېقىن مەكتەپتە كۆپ ئىشلارمۇ بولمىغاچقا،شۇ ئىچى پۇشۇپ ئايلىنىپ كىرگۈسى كېلىپ چاقىرامدىكىن دەيتتىم.
-نېمە؟!ئىچىم پۇشۇپ؟مېنىڭ ئىچىم پۇشۇپ قالغان بولسا ئاللىقاچان بىرەر قىز بىلەن يۈرگەن بولاتتىم.
-ياقەي،ئىشقىلىپ...ئويلىغىنىمنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەي قالدىم،سېنى ئەسكى ئوغۇلبالا دېمەكچى ئەمەسمەن.
-مەن ئەسكىمۇ؟
-ياق.
-شۇ،ئەسكى بولغان بولسام ئاللىقاچان...-يىگىت گېپىنىڭ داۋامىنى ئېيتمىدى.
-ئىشقىلىپ ئەينى ۋاقىتتا ماڭا بەكمۇ بىغەم،بىپەرۋا،خىيالىي تۇيۇلاتتىڭ،بەزىدە سېنى ھېچقانداق غېمىمۇ يوقمىدۇ دەپ دائىم خۇشاللا يۈرۈشلىرىڭگە ھەۋەسلىنىپمۇ قالاتتىم،سەن بىلەن كۆرۈشسەممۇ كەيپىياتىم كۆتۈرلۈپ قالاتتى.
-ئىم،مېنىڭ مىجەزىم شۇ تۇرسا،ئارتۇقچە ئىشلارنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالغاننىڭ نېمە پايدىسى.
-شۇنداق بولغان ياخشى.
-بىز ئەينى ۋاقىتتا يۈرمىگەن ھە؟ھى ھى
-شۇ چاغدا ماڭا«سېنى ياخشى كۆرىمەن»دېگەن بولساڭمۇ ساڭا ئىشەنمىگەن بولاتتىم.-دېدى قىز نېمىشقىدۇر ئۇھسىنغاندەك بولۇپ.
يىگىت چۆچۈپ كەتتى:
-نېمىشقا ئەمدى؟؟؟
-سېنىڭ ھەممە گەپلىرىڭ چاقچاقتەكلا تۇيۇلاتتى ماڭا.ھەتتا ھازىرمۇ بايىقى سېنى ياخشى كۆرەتتىم دېگىنىڭگە تازا ئىشەنمىدىمغۇ تاڭ...ئىلگىرى بەك خىجىلچانمىدىڭ يا ھە؟ھاھاھاھا!
-ئەلۋەتتە،خىجىلچان بولماي.
-خىجىلچان بولغاندىكىن ھازىرمۇ راس گەپ قىلمىغانسەن ھەقىچان؟
-ياق،ھازىر چوڭ بولغان تۇرسام. ھى ھى
-چوڭ بولۇپ قېلىنلاپ قاپسەندە؟
-مەن قارىسام ئەمدى سەل قېلىن بولمىسام توي قىلالمىغۇدەكمەن.
-مەكتەپتە كېيىنچە سېنى قەستەن مەندىن ئۆزۈڭنى ئەپقاچقاندەك ھېس قىلغانىدىم-قىز ئاخىرى نەچچە ۋاقىتلاردىن بېرى ئىچىنى قۇرۇت غاجىغاندەك ئارامسىزلاندۇرغان شۇ گەپنى ئېغىزىدىن چىقاردى.
-سېنى بارغانچە تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەنىدىم.ئوقۇش پۈتكەندىن كېيىن بىر جايغا كېلەلمىسەك ھەر ئىككىمىز ئازاپلىنىمىز.ئۆزۈمنى تارتسام سېنى ئۇنتۇپ كېتەلەيمەن دەپ ئويلىغانىكەنمەن...
-سېنى قارىتىۋالغۇدەك ئالاھىدە تەرىپىممۇ بولمىسا مېنىڭ،تاياقتەكلا تۈپتۈزلا قىز بالا مەن،باشقا قىزلاردەك ئوغۇللار بىلەن ئېچىلىپ يېيىلىپ چاقچاقلىشىپ،باردى-كەلدى قىلىشنىمۇ تۈزۈك بىلمەيمەن.مۇشۇنداق چچ دىلا گەپ ساتالايمەن شۇ.ھى ھى
-مەن شۇ تاياقتەك تۈپتۈز قىز بالىنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام.چۈنكى باشقا قىزلاردەك تىلى باشقا،دىلى باشقا ئەمەس.
-ئەمدى بولغاندا ياخشى كۆرىمەن دېگەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟...
-نېمە ئەھمىيتى؟ئىلگىرى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تارتقان بولسام،ئەمدى بولسىمۇ ئالدىڭغا بېرىپ سېنى ئەپكېلىمەن...سېنى پەقەتلا ئۇنتالمىدىم...راستىنلا.
-ھەي،ساڭا دېسەم مەن مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ھېلىقى ماھىنۇر دېگەن ساۋاقدىشىڭنى سېنى ياخشى كۆرىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم.
-سەن قانداق بىلگەن؟-يىگىت ھەيران قالدى،بەلكىم قىزلارنىڭ بىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغاندا تولىمۇ سەزگۈرلىشىپ كېتىدىغىنىنى ئۇ بىلمىسە كېرەك.
-بىرى ئېيتىپ بەرمىگەن،شۇ ئۆزۈمچە ھېس قىلىپ قالغانىدىم.
-ئەمىسە توغرا ھېس قىپسەن،ئۇ مېنى ياخشى كۆرەتتى.
-چىرايلىق قىزغۇ ئۇ.
-شۇنداق،لېكىن مەن ياخشى كۆرمىسەم؟
-نېمىشقا؟
-ئۇ مېنى بەك باشقۇراتتى.
-ھاھاھا!ياخشىلىق ياراشمىدى دېگەن مۇشۇدە مانا،بىلسەڭ ساڭا كۆيۈنۈپ شۇنداق قىلىدۇ دە!
-لېكىن چەكتىن ئاشقان كۆيۈنۈشتە ئۇ.
-ئۇ قىز ئەينى ۋاقىتتا ماڭا غەلىتە بىر چۈشىنىكسىز نەزەردە قارىغاندەك بىلىنەتتى...
-ئىككىمىزنىڭ بىللە ئايلىنىپ يۈرگەنلىرىمىزنى بىلگەندىكىن شۇنداق قارايدۇ دە؟ھاھاھا!
-ئۇ قىز بىلەن ئالاقىلىشىۋاتامسەن؟
-ئالاقىلەشمىگىلى ئۇزۇن بولدى.ھەي.بىز مۇشۇ چچ دا پاراڭلىشىپ تونۇشقان ھە؟
-ھاھاھاھا!شۇ ياتاقتىكىلەر گەپكە سالىمىز دەپ يۈرۈپ.
-ئىلگىرى مېنى تونۇمتىڭ؟
-ياقەي.شۇ ياتاقتىكلەر ئېيتىپ بەرگەن سېنىڭ كىملىكىڭنى.سەن ھەپتىگىچە مېنىڭ كىملىكىمنى بىلمەي يۈرگەنتىڭ!ھاھاھاھا!
-نەدىكى،ئەمەلىيەتتە مەن ئىككىنچى كۈنىلا بىلىپ بولغان.ھى ھى،ھەي،ئەجەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئازلا قالغاندا تونۇشۇپتىكەنمىز...بالدۇرراقتا تونۇشقان بولساقچۇ كاشكى!
-بالدۇرراق تونۇشساق بەرىبىر ئايىغى چىقمىسا نېمە ئەھمىيتى،ئازاپ قالىدۇ شۇ...مېنىڭچە دەل ۋاقتىدا تونۇشۇپتىكەنمىز...
-شۇنداقمۇ؟...-يىگىت ئارتۇق سۆزلىمىدى.
-شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپتە ئىككىلىمىز ھېچكىم بىلەن يۈرمەي ئوقۇش تۈگەتكەن بوپتۇق.
-مەن مېنىڭ بىلەن يۈرگەن قىزنىڭمۇ خۇددى ماڭائوخشاش ئىلگىرى يۈرمىگەن بولۇشىنى،ھەر ئىككىمىز بىر بىرىمىزنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم،ھېلىھەم شۇنداق.
-ھېلىھەم؟...
-ئىم.سەن يۈردۈڭمۇ؟
قىز بىر ھازاغىچە جىمىپ كەتتى:
-يۈردۈم...
-قاچاندىن بېرى؟كىم بىلەن؟-يىگىت سەل جىددىيلەشكەندەك تۇراتتى.
-ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ.ئەمما ئاخىرقى ھېساپتا يۈرگىنىم يەنىلا باشقا يۇرتلۇق بولدى...
-قانداق بولۇپ ئەمدى؟ئۇ قەيەرلىك؟
-ئۇ مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىمنىڭ ئالىي مەكتەپتە بىر ياتاقتا ياتقان ساۋاقدىشى ئىدى،تەتىلدە ئۇ بىزنىڭ يۇرتقا كەلگەندە تونۇشۇپ قالدۇق،ئۆزى غۇلجىلىق.
-قانداق بولۇپ يۈرۈپ قالدىڭ؟
-شۇ ماڭا كۆزى چۈشۈپتۇ،شۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالدۇق.لېكىن مەن ئۇنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى ئەمەس...
-دېمەك يۈرۈۋاتقىلى ئىككى يېرىم يىلچە بولدى دېگەن گەپ.نېمىنى خىيال قىلىپ يۈردۈڭ ئەمدى؟
-ئۇقمايمەن.-قىزنىڭ جاۋاپ بەرگۈسى كەلمىگەندەك قىلاتتى.
-توۋا! بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟!يۇرتۇڭدىن زېرىكىپ قالغانمىدىڭ؟ياكى بەك مۇھەببەتلەشكۈڭ كېلىپ ھېچنېمىنى ئويلىمايلا...سەنمۇ، مەنمۇ قارشى تەرەپنىڭ تۇنجى مۇھەببىتى بولۇشنى خالايمەن دەۋاتمامتىڭ؟-يىگىت چېچىلىپ قېلىۋاتاتتى،بىراق شۇ تاپتا قىزنىڭ بوغۇزى ئېچىشىپ كۆزلىرىگە ياش كەلگىنىنى ئۇ ئەسلا ھېس قىلالمايتتى.
-ئۇنداقلارنىڭ بارلىقىغا كۆزۈم يەتمىدى.
-مانا مەن بارئىدىمغۇ؟
-بىراق مېنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭنى تولىمۇ كېچىكىپ ئېيتتىڭ...
-......
يىگىتنىڭ قىزنىڭ يۈرگىنى ھەققىدە يەنە سورىغۇسى بار ئىدى،بىراق ئۆزىنى تۇتۇۋالدى،نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇنىڭ ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلىشىدىغان ياكى قىزدىن ئاغرىنىدىغان ھوقۇقى يوق ئىدى،چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرىكىدەكلا يۈرۈش دېگەن ئاغزاكى رەسمىيەت كەم ئىدى ھەم بىر بىرىنى ساقلاش ھەققىدە ۋەدىمۇ بېرىشمىگەنىدى،كۆڭۈللىرىنى تولىمۇ كېچىكىپ ئىپادىلەشكەنىدى.بىر ھازاغىچە ھەر ئىككىسى جىمىپ كېتىشتى.
-يىگىتىڭ بىلەن بەخىتلىك بولۇشۇڭغا تىلەكداشمەن!
-ئىم.سېنىڭمۇ ياخشى قىز بىلەن يۈرۈپ قېلىشىڭغا تىلەكداشمەن.ئەمدى كېيىنكى تۇرمۇشۇڭنى ئويلىشىدىغان ۋاقىت كەلدى...ھەي،مەن چۈشىدىغان بولۇپ قالدىم،ئىشىم چىقىپ قالدى.
-رەھمەت،بولىدۇ ئەمىسە!بەخىتلىك بوپ كەت،ئاللاغا ئامانەت!
-ئاللاغا ئامانەت!
مەنبەسى : ئەل كۈيىنى زىيارەت قىلىۋەتىپ تەسىر قىلغاچقا يوللىدىم

ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

33

تېما

0

دوست

885

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
169 سەر
تىللا
51 دانە
تۆھپە
259 سەر
شۆھرەت
168 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 00:25:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئەجىر قىپسىز،،داۋامىلق تېرىشىڭ
مەمەت ئابلا

145

تېما

69

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5466 سەر
تىللا
734 دانە
تۆھپە
6110 سەر
شۆھرەت
4017 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 00:38:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 02:01, Processed in 0.410058 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش