ساغلاملىقنىڭ يېڭى ئۆلچىمى( ئەرلەر ئۈچۈن ) ھۆرمەتلىك مۇنبەرداش ياخشىمۇسىز ؟ " ساغلاملىقنىڭ يېڭى ئۆلچىمى " نى قومۇل گىزىتى كۆرۈپ قېلىپ ،مۇنبەردىكى ئەرلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا باھا بېرىپ باقسۇن دىگەن ئۈمۈتتە يوللاپ قويدۇم. ئوقۇپ بېقىڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۇرىشىڭىزغا ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس . سىزنىڭ مەڭگۈ ساغلام بولۇشىڭىزنى تىلەيمەن . دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئوتتۇرغا قويغان ساغلاملىقنىڭ يېڭى ئۇقىمى بولسا : ساغلام دىگىنىمىز – كېسەلگە گىرىپتار بولمىسىلا ساغلام بولماستىن ، بەلكى پىسخىك ساغلاملىق ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ساغلاملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . دىمەك ، ساغلاملىق روھى ، جىسمانىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت جەھەتلەردە ساغلام بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆرسىتىدۇ . دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەنە ئەرلەرنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان تۆۋەندىكى ئون ئۆلچەمنى بەلگىلىدى . 1 . تولۇپ تاشقان كۈچ قۇۋەتكە ئىگە بولغان ، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئېغىر خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالايدىغان ھەمدە ھەددىدىن تاشقىرى جىددىيلەشمەيدىغان ۋە ھارغىنلىق ھېس قىلمايدىغانلار . 2 . ئىشلارنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىش ، ئىشلارنى چوڭ- كىچىك دەپ تاللىماستىن خوشاللىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىش . 3 . دەم ئېلىشقا ماھىر بولۇش ، ياخشى ئۇخلاش ، بېشى ياستۇققا تىگىشى بىلەن ئۇخلاش ، چاقىرسىلا ئويغىنىش . 4 . ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش .يەنى سىرتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش . 5 . ئادەتتىكى زۇكام يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە قارشى تۇرالايدىغان بولۇش . 6 . بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولۇش ، بەدەن تەكشى بولۇش ، تۇرغاندا باش ، مۇرە ، دۇمبە قىسىملىرى ماسلاشقان بولۇش . 7 . كۆزى روشەن بولۇش ، كۆز قاپىقى ئاسان ياللۇغلانماسلىق ،ئىنكاسى تېز بولۇش 8 . چىشى پاكىز ، چىشىنى قۇرت يىمىگەن بولۇش ، چىشى ئاغرىماسلىق ، چىش مېلىكىنىڭ رەڭگى نورمال ، قاناش ئەھۋاللىرى بولماسلىق . 9 . چاچلىرى پارقىرق ، كىپەك بولمىغان بولۇش . 10 . مۇسكۇللىرى تولغان تېرىلىرى ئەۋرىشىم بولۇشتىن ئىبارەت .
|