پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 11 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 2

مۇئەللىمنى قاقشاتما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

94

تېما

16

دوست

9583

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1993 سەر
تىللا
614 دانە
تۆھپە
2238 سەر
شۆھرەت
1888 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:41:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-23 17:46  

مۇئەللىمنى قاقشاتما


ئەل – ۋەتەنگە ، مىللەتكە بېغىشلىغىن بارىڭنى،
مۇئەللىمدىن پۇل تۇتۇپ، تولدۇرمىغىن كارىڭنى.
چاقچاق قىلما خانىمغا، ساقلا نۇمۇس ئارىڭنى،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ بىچارە مۇئەللىمنى.   

ھاراق ئىچىپ مەسىت بولۇپ، رىستۇراندا ئوينايسەن،
ئىشەك كەبى ھاڭىراپ، بەللىرىڭنى تولغايسەن.
ئويناپ كىلىپ، ھۆرپىيىپ تېخى تولا توۋلايسەن،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارە مۇئەللىمنى .   


دەرس ئۆتۈپ كۈندۈزى، كەچتە خاتىر ياز دەيسەن،
پىكىر قىلسا گاھىدا گەپنى قىلغىن ئاز دەيسەن.
چاچ يوق تۇرۇپ بېشىڭدا تېخى ئۇنى  تاز دەيسەن .
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارەمۇئەللىمنى .

ئۈچ كۈندە بىر مەكتەپتە جىبەرلىكتە يات دەيسەن،
كىلىپ قالسا تەكشۈرۈش راستقا، يالغان قات دەيسەن.
چىۋىننىمۇ بەزىدە زەمبىرەكتە ئات دەيسەن،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارە مۇئەللىمنى.   

ئەتتىگەندە ئالدىراپ ئىچەلمەيدۇ چاينىمۇ،
يىغالمايدۇ  بەزىدە ياتقان ئۇرۇن – جاينىمۇ.
بىلىپ تۇرۇپ ئامالسىز ‹‹شۇڭقار›› دىدۇق ‹‹سارنىمۇ››،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارە مۇئەللىمنى .   

ئەتتىگەندە تىللايسەن كەلمەپتىغۇ بالاڭ دەپ،
چۈشمىسىمۇ كاۋىسى كۆركەم بولسۇن باراڭ دەپ.
ھەق گەپ قىلسا تىللايسەن ئۆز – ئۆزۈڭچە ساراڭ دەپ،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارە مۇئەللىمنى .   

بىر يىل ئىشلەپ چارچايدۇ، تەتىلدىمۇ ئارام يوق،
ئاھانەت بار ، كۆڭۈلگە ياققۇدەك بىر پاراڭ يوق.
ساراڭ دىمە ئۇلارنى ، ئارىسىدا ساراڭ يوق،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارە مۇئەللىمنى.   

بولدى ھەممە مۇز چىراي، يا ئېچىلىپ كۈلەلمەي،
تولدى قۇرساق كۈپۈككە گەپنى ئىنىق دىيەلمەي.
قالدۇ ھەتتا رۇخسەتسىز خالاغىمۇ سىيەلمەي،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارە مۇئەللىمنى.
  
زار قاقشىايدۇ ئاچلىقتىن، قاچىسىدا ئاش تۇرۇپ،
قالدى ئەجەپ قەدىرسىز،شۇنچە ئىسىل‹‹تاش›› تۇرۇپ.
ئىززەتلەندى بەزىسى كالۋا، قاپاقباش تۇرۇپ،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارە مۇئەللىمنى.

يادەك بولدى، پۈكلەندى رارۋرۇس ئىدى قەددىمۇ،  
ئۈتۈپ كەتتى بىھۇدە، گۈلدەك باھار پەسلىمۇ .
تۈگىمەيدۇ سۆزلىسەك كۆپتۇر ئۇلارنىىڭ دەردىمۇ   .
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارە مۇئەللىمنى.    

ياخشىلاندى شارائىت، مەكتىۋىمىز تۆتلەشتى،
پۇل كەلگەچكە يۇقۇردىن تاقىرباشلار بۆكلەشتى.
كۆڭۈل بۈلۈپ پۇلغىلا، باللىرىمىز دۆتلەشتى،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارە مۇئەللىمنى.   

تۇشۇغىنىڭ يالغانمۇ مال – مۈلۈكنى غارىڭغا،
مۇئاشىڭمۇ چاغلىقتى پۇل تۇلۇپتۇ كارىڭغا.
پۇلنى سۇدەك خەجلەيسەن، يۇشۇرۇن تۇتقان يارىڭغا،
بۇزەك قىلما ئەي باشلىق بۇ  بىچارە مۇئەللىمنى.



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 4 + 4 + 4ياخشى تېما.
◤pari◥ + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 9 تۆھپە + 9 شۆھرەت + 9  باھا خاتىرىسى

كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

94

تېما

16

دوست

9583

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1993 سەر
تىللا
614 دانە
تۆھپە
2238 سەر
شۆھرەت
1888 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 01:52:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹يىپچى خوتۇنلارغا ›› ئوچۇق خەت

ئىلىم – ئىرپان يولىدا تۇلپار ئىدىڭ ھارمىغان،
بۇلاق ئىدىڭ غۇنچىلار ئىچىپ – ئىچىپ قانمىغان.
ئاداشقانغا چىراق  بۇپ، كىچە يولنى يۇرۇتقان،
شام چىراقتىڭ نۇرانە ، چىھرىدە ئاي پارلىغان.

تۈنۈگۈنلا قولۇڭدا كىتاب، دەپتەر بار ئىدى،
ساڭا ئۇزۇن سەپەردە بۈيۈك ئارمان يار ئىدى.
بېغىشلىغان بارىڭنى ئەل – ۋەتەنگە، ئەۋلادقا،
سەن بولغاچقا دۈشمەننىڭ يۇلى ھەردەم تار ئىدى.

ئەپسۇس بۈگۈن قارىسام بۇرۇنقىدەك ھالىڭ يوق،
تۇلۇق ئەمەس قۇرالىڭ، دۇتتارىڭ بار تارىڭ يوق.
ئىشخانىدا ، مەكتەپتە، ھەتتا تېخى سىنىپتا،
كەشتە تىكىپ يۈرىيسەن، قىلچە نۇمۇس – ئارىڭ يوق.

ئالمىشىپتۇ يىپ – يىڭنە قوللانمىنىڭ ئورنىغا،
مۇھتاج ئەمەس مائارىپ سەندەك ‹‹يىپچى خوتۇنغا››.
ئوقۇتۇشنىڭ سۈپىتى چۈشۈپ كەتسە كىم ئىگە؟
تېيىلدۇرۇپ يۈرمىگىن باشقىلارنى پۇقىڭغا.

قېنى يوققۇ؟ قولۇڭدا كىتاب،دەپتەر، تەييارلىق،
لايىق ئەمەس ئۇستازغا ئالدامچىلىق، ھەييارلىق.
داپتەك قىلىپ يۈزۈڭنى ، ئالدىساڭمۇ بىزلەرنى،
ۋىجدان سوتى ئالدىدا ئاقماس ھەرگىز مەككارلىق.

سەن مۇئەللىم ، سەن باغۋەن دىلغا نەقىش ئۇيىسەن،
ئەجىر قىلساڭ، بىر كۈنى راھىتىنى كۆرىسەن.
دەرس ئۆتمەي سىنىپتا، كەشتە تىكىپ ئولتۇرساڭ،
يېغىپ ساڭا مىڭ لەنەت، تىرىك تۇرۇپ ئۈلىسەن.

ئۇبدان ئويلاپ بېقىڭلار سۈزۈم ئېغىر كەتمىسۇن،
غۇنچىلارنىڭ ئۆمۈرى بىكار ئۈتۈپ كەتمىسۇن.
يامانلاردىن ياخشىلار ھامان كۆپتۈر مەكتەپتە،
ياخشىلارنىڭ قەلبىگە قىلچە ئازار يەتمىسۇن.
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

145

تېما

68

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5446 سەر
تىللا
732 دانە
تۆھپە
6089 سەر
شۆھرەت
3994 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 11:16:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۇئەللىمنى قاخشاتما » دىگەن شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ . رەھمەت سىزگە.
ئەمما ھازىر مۇشۇنداق باشلىقلار قالمىدى ، ناھايىتى ئاز  بىر قىسىم باشلىقلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا يوق دىيەرلىك.
قانداقلا بولمىسۇن مۇئەللىملەرنى چۈشەنەىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، ھارمىغايسىز!!
بۈگۈنكى ئارام كۈنىڭلار مۇنبەردە مەنىلىك ئۆتكەي!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 11:26, Processed in 0.397612 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش