پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 73|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇرلاردا ئەمەلدارلىق ۋە ئەمەلدارلىق قارىشى توغرىسىدا (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5660 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6466 سەر
شۆھرەت
4266 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 17:03:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                           ئۇيغۇرلاردا ئەمەلدارلىق ۋە ئەمەلدارلىق قارىشى توغرىسىدا (1)

ئۈزەم ھاراقنى ئانچە كۆپ ئىچىپ كەتمىسەممۇ، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يېقىندا مەدەنىيەت سەۋىيىسى خېلىلا يۇقىرى ھىساپلىنىدىغان كىشىلەر قاتناشقان بىر سورۇنغا داخىل بولۇپ قالدىم. سورۇن باشلىنىپ ساھىپخان قولىدىكى جۈپ رۇمكىنى تەرتىپ بويىچە قاتار ئولتۇرغان مىھمانلارغا ئۇزاتقاچ، قىزىقارلىق گەپ سۆزلەرنى ئارلاشتۇرغان ھالدا نۆۋىتى كەلگەن مىھماننى كۆپچىللىككە تونۇشتۇرىۋاتاتتى. مىھمانلارمۇ سورۇننىڭ كەيپىياتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش مەخسىتىدە ئانچە مۇنچە قىزىقارلىق گەپ ئارىلاشتۇرۇپ، تونۇشتۇرۇلغۇچىغا نىسبەتەن چاخچاق قىلىپ قوياتتى. نۆۋەت ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان مىھمانغا كەلگەندە، ساھىپخان ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ‹‹ ئىسمى پالانى، پالانى ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن جۈيجىڭى›› دەپ توختىۋىدى، ئارىدىن قىزىقچى ئاتىلىدىغان بىرەيلەن ‹‹ ئاداش، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپلا، پالانى ئىدارىنىڭ ئۇيغۇر جۈيجىڭى دىسەڭلا بولمىدىمۇ؟ شۇنداق دىسەڭلا بىز چوقۇم ئۇنىڭ مۇئاۋىن جۈيجاڭ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايتتۇق›› دىۋىدى، ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ كۈلۈپ قويدۇميۇ، شۇ زامات بىز ئۇيغۇرلاردىكى ئەمەلدارلىق ۋە ئەمەلدارلىق  قارىشى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.

توۋا، بۇ ئۇلارنىڭ نىمە دىگىنىدۇ؟ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېرىتۇرىيىلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە رايۇنىمىزنىڭ ھەممىلا يىرىدە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە بىرىنچى قول رەھبەرلەردىن بىرى چوقۇم ئۇيغۇرلاردىن بولۇش ئاللىقاچان ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۇرسا، بۇلارنىڭ نىمە دىگىنىدۇ؟

شۇ سورۇن بولۇپ 2-3 كۈن ئۆتە ئۆتمەي دىھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ماتىرىيالنى ئېلىپ ، مۇناسىۋەتلىك بىر ئىدارىنىڭ تامغۇسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كىرگەن ئىدىم، ئىدارە باشلىقى ماتىرىيالنى قولىغا ئېلىپمۇ باقماي تۇرۇپ، ‹‹ ئىدارىمىزنىڭ پارتىيكوم شۇجىسى كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئېلىپ كىرسىڭىز، ئۆزى كۆرۈپ بىر نەرسە دىسۇن›› دەپلا سىرتقا ماڭدى. شۇجىنىڭ قاچان كىلىدىغانلىقىنى سورىۋىدىم، ئۇ ماڭا سوغوق نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ، ‹‹ يەنە بىر ھەپتىدىن كىيىن كېلەرمىكىن›› دەپ جاۋاپ بەردى.

مەن دەررۇ ئۇنىڭغا، ‹‹ جۈيجاڭ، بۇ ماتىرىيال 3 كۈن ئىچىدە يۇقۇرىغا يوللىنىش تەلەپ قىلىنغان ماتىرىيال ئىدى، بۇ ئۆز رايۇنىمىزدىكى دىھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال، سىز مۇشۇ دائىرىدىكى كەسپى تارماقنىڭ مەسئۇلى بولغاندىكىن، كۆرۈپ بېقىپ، ئىدارىڭىزنىڭ تامغۇسىنى بېسىپ بەرگەن بولسىڭىز›› دىۋىدىم، ئۇ چېچىلغان ھالدا، ‹‹ ئۈزىڭىزنىڭ گېپىنى دەۋەرمەي، شۇجى كەلگەندە ئېلىپ كىرمەمسىز، قانداق بىزەڭ بالا سىز؟›› دەپ قويۇپ سىرتقا مېڭىۋەردى.

مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. توۋا، بۇ يا ئۈزەمنىڭ شەخسى ئىشىمغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال بولمىسا، ئەگەر بۇ ماتىرىيال يۇقۇرى تەلەپ قىلغان قەرەلدە يوللانماي قالسا، دىھقانلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان يېتىدىغانلىقى ئېنىق تۇرسا، بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. دىمىسىمۇ مۇشۇ كەسپىي تارماقنىڭ بىرىچى قول جۈيجىڭى بولغان كىشى شۇ ئۇرۇننىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدىغان تۇرسا، ئاممىنىڭ مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق بىر ئىشتىمۇ بىر قانۇنىي ۋەكىل بولغان كىشى ئۈزى ئەتراپلىق ئويلىنىپ، ماتىرىيالنى كۆرۈپ چىقىپ، تامغۇ بېسىپ بىرىش مەسئۇلىيىتىدىن باش تارتسا، قانداق بولغىنى؟

مېنىڭ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرگەن بىرەيلەن ئاستا يېنىمغا كېلىپ، ‹‹ ئۇكام، كۆڭلىىزگە ئالماڭ، بىزنىڭ جۈيجاڭ باش جۈيجاڭ بولغىنى بىلەن، مۇئاۋىن شۇجى ئەمەسمۇ، ئۇنىڭدىن رەنجىگىلى بولمايدۇ›› دەپ كۆڭلۈمگە تەسەللىي بەرگىلى تۇردى .  

بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم، ئۇ مۇئاۋىن شۇجى بولسا نىمە بوپتۇ؟ شۇ ئورۇننىڭ قانۇنىي ۋەكىلىغۇ؟ مەن ئەكىرگەن ماتىرىيالنىڭ دىھقانلارنىڭ مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك پاكىت ئاساسلار بىلەن ئىشلەنگەن، جىددىي يوللىنىدىغان ماتىرىيال ئىكەنلىكى ئېنىق تۇرسا، بۇنىڭغىمۇ باشقىچە مۇزاكىرە قىلىش كىتەمدىغاندۇ؟

شۇ ھامان ھېلىقى سورۇندىكى چاخچاق يادىمغا يېتىپ، ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. كاللامدا خىلمۇ خىل سۇئاللار تۇغۇلماقتا ئىدى.

بىز ئۇيغۇرلار ئەمەلدارلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيۋاتامدۇق ياكى ئەمەلدارلىق قارىشىمىزدا مەسلە بارمۇ؟ ئەمەلدارلىق دىگىنىمىز بەرىبىر خەلق  مەنپەتى ئۈچۈن باشلامچىلىق بىلەن ئىزدىنىش، خەلىققە مەنپەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىش ئىدىغۇ؟ مۇشۇنداق بىر مەسىلىلەردىمۇ تاينىۋېلىش ئىددىيىسىدە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل قاراش، خەلقىمىز ئالدىدا تەكرار تەكرار يۈز بىرىۋەرگەنلىكتىن، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ‹‹ ئۇيغۇر باشلىقلار دىگەن ئىشلانى بىر تەرەپ قىلىشتا كەسمەيدۇ، ئۇ نىمىلا بولمىسۇن ھامان 2- ئورۇندا تۇرىدۇ›› دىگەندەك خاتا قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدىمۇ قانداق؟؟؟
مەنبە : باغداش تورى

ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 16:35:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىما يوللاپسىز، تەربىيىۋى  ئەھمىيىتى يۇقۇرى ئىكەن،  رەھمەت .
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:31, Processed in 0.355427 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش