بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-19 17:02
ۋاي توۋا(شېئىر)
ئاپتۇرى:مۇھەممەتچان راشىدىن
ماختاۋىرىپ تالقاننى بولۇپ قالغاچ ماختانچاق، ئالغۇم كەلمەس ئاغزىمغا ئىۋەنلەرنى ۋاي توۋا. چۆرەمدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ قويسام تۆت ئىغىز، قويارمەنمۇ رەنجىتىپ لەۋەنلەرنى ۋاي توۋا.
يېتىم-يىسىر كۆپەيدى مودا بولغاچ ئاجرىشىش، ئەرتاللامدۇ، ئايالمۇ؟ بىلەلمىدۇق ۋاي توۋا. يەڭگۈشلەيدۇ يىلدا بىر،بەزىلىرى ئايدا بىر، مۇبارەكلەپ_تەبرىكلەپ كىرەلمىدۇق ۋاي توۋا.
ئاتمىش ياشلىق ئاياللار ئاۋارىدۇر چاچ بوياپ، قىرىغاندا قايتىدىن چوكان بولدى ۋاي توۋا. بۇلبۇل دەيدۇ تورغاينى بىلمىگەشكە گۆدەكلەر، تۆت-بەش ناخشا ئېيىتقانلار چولپان بولدى ۋاي توۋا.
سۇساغامدۇ ئىنەكتىن،بىلەلمىدۇق ئاياللار، سۇ تىتىيدۇ قوشنامنىڭ ساتقان سۈتى،ۋاي توۋا. يۈرمەيتتىغۇ تولىسى تاھارەتسىز ئۇلارنىڭ، كۆيدۈرمەمدۇ ئۆلگەندە دوزاخ ئوتى ۋاي توۋا. ھاجىلارمۇ تۇتۇلدى يۇرتىمىزدا ئاق سېتىپ، تىگىشىپتۇ ئىماننى پۇل شەيتانغا ۋاي توۋا. ئىشەنىچ قىلغان تاغلاردا قىنى كىيىك ياتقىنى، شەك چۈشكەندەك بولدىغۇ ئاپئاق نانغا ۋاي توۋا. خەقتىن ئاشقان ئاش دەيدۇ،ئاشنا دېگەن ئەزەلدىن، ئىزدەپ-تىپىپ بەزىلەر ئىچىدىكەن ۋاي توۋا. تىككۈچىمۇ دادىسى سورالمىدۇق تەكتىنى، بىر-بىرىگە قەغەز بۆك تىكىدىكەن ۋاي توۋا. ئۇنۋان ئالماق ئىقىمدۇر ئۈچيۈز كويدىن پۇل تۆلەپ، كىملەرگىدۇر يازدۇرۇپ ماقالىنى ۋاي توۋا. تۈلكە بولدى تالايلار يالغان ئىيتىپ بىر ئەپچىل، ئالىدىغاندەك ئورماندا خاقانىنى ۋاي توۋا. مىللىتىنى سورىساڭ ئۇرغۇي دەيدۇ بالىلار، ئاۋارە بىز ئۇيغۇرغا ئۈگىتەلمەي ۋاي توۋا. ساراڭمۇبىز،ساقمۇ بىز؟ توختاپ قالدى قەلىمىم، بۇ ئشلارنى يېزىپمۇ تۈگىتەلمەي ۋاي توۋا. مەنبە:تور دۇنياسى |