ئاڭلىدىڭ؛سايرىدى باغلاردا كاككۇك،
ئاۋازى سۈزۈكتۇر،لېكىن بەك مۇڭلۇق
سېغىنىش ئۈنىدىن تۇرار بىلىنىپ،
دەرىتلىرى يۈرەكتىن چىققاندەك تۇلۇق.
/bbs/rasim/8.gif
ئېھتىمال،ئۇ دائىم بارغان يىرىدە،
سايرىدى ئەشۇنداق يارىنى ئىزدەپ.
بەخىتمۇ ئۇنىڭدىن يىراقتۇر،بەلكىم-
ئازاپتا بىر يارنى يۈرگەچكە ئەسلەپ.
/bbs/rasim/9.gif
بىلگىنىم؛ناتىۋان سايراپ توختىماي،
ئازاپقا يەم قىلار كىچىك تىنىنى.
ئۆزۈممۇ ئۇنىڭغا قالغاندەك ئوخشاپ،
كاككۇكنىڭ ئۈنىدە قىچقاردىم سېنى
.
/bbs/rasim/10.gif
گۈلدىن گۈزەل بولغايسىز چۇقۇم
/bbs/rasim/11.gif
ئىللىق چىراي،تۇغما سۇمبۇل چاچ،
يوغانغىنە نۇرلۇق بىر جۈپ كۆز؛
ئەتلەس كۆينەك،كىلىشكەن قامەت،
دىل كۆيدۈرەر،-ماسلاشقاندا سۆز.
/bbs/rasim/11.gif
غۇرۇر،ۋىجدان ئۇلارغا تۇغقان،
ئايرىلماڭ، سىز ئۇلار بىلەن تەڭ.
ئاق،قارىنى ئايرىڭ ھەرۋاقىت،
ئاجىزلارنىڭ غېمىنى سىز يەڭ؛
/bbs/rasim/11.gif
ھەم بىلسىڭىز شۇلار قەدرىنى،
دوسىت تۇتسىڭىز ئەخلاق،ئەقىلنى؛
گۈلدىن گۈزەل بولغايسىز چۇقۇم،
ساقلىسىڭىز ئەجدات ئەجرىنى.
/bbs/rasim/16.gif
مەختۇمسۇلا يىغلارمۇ بىلسە؟
/bbs/rasim/16.gif
كىسىلىپتۇ ئۇزۇن چېچىڭىز،
كۆرۈپ ئازار يىدىغۇ دىلىم.
قايسى ئىشقا تۇسالغۇ بولغان؟
سۆزلەي دېسەم ئاغرىدى تىلىم.
/bbs/rasim/16.gif
ئەمەسمىتى سىزگە ئۇ زىننەت،
كۆرسىتەتتى كۆزگىمۇ مەغرۇر.
پەقەت ئەشۇ ئۇزۇن چاچ بىلەن،
بىرەتتىڭىز بىزگىمۇ ھۇزۇر.
align=center]
ئەقىلگىمۇ بۇلالايتى تەڭ.
بەخىت كەلمەس ئېزىتقۇ كۈلسە.
ئەجداتلارنىڭ قالغان ئۇدۇمى.