پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 51|ئىنكاس: 1

سىنى قانداق ئۇنتىمىز - ئوغلان (نەسىر )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-16 23:51:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىمىزدا كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ ئۇنتۇلماس " قەلب ئابىدىسى " تىكلەپ ياشىغان ئوغلانلىرىمىز ئاز ئەمەس . ئۇلارنى ئەسلەش ، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار ، شانلىق ھاياتىدىن مەنە ئىزدەپ ،مەدەت ئېلىپ ياشاش بىزنىڭ ھاياتلىقتىكى بۇرچىمىز بولۇپ قالدى . گەرچە ئۇلارنىڭ ھاياتى ناھايىتى قىسقا بولغان بولسىمۇ ئەمما قىسمەتكە ، ھېكمەتكە تولغانلىقى بىلەن ھەرگىزمۇ قىسقا ئەمەس . خۇددى شائىر ئابابەكرى توختى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىگە ئاتاپ يازغان :           ئادەمگە ئارتۇقچە بىر ئەسىر ياشاش ،
                                بىر ئەسىرگە تەڭدۇر ئوتتۇز ئالتە ياش .
                               مۇزلىغان زېمىننى ئىللىتقان نېمە ؟
                               قەبرىگە كۆمۈلۈپ ياتقان شۇ قۇياش !
   دەپ خۇلاسە قىلغاندەك .  مانا شۇ تاپتا خەلقىمىزنىڭ نامى ئۆلمەس ئوغلى ، ئىنقىلابىي شائىرى لوتۇپۇللا مۇتەللىپنىڭ تەۋەللۇتىغا ئەتە يەنى 11-ئاينىڭ 16- كۈنى نەق 90 يىل بولىدىغان قۇتلۇق كۈن . بۈگۈن دىيارىمىزدا نەق 1922- يىلى تۇغۇلۇپ، 90 يىلدا ھاياتلىقنىڭ سانسىز سىناقلىرىدىن ئۆتكەن ، ھاياتقا ئاجايىپ مۇستەھكەم ئېتىقاد بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ، ئۆتكۈر پىكىرلىك ، ئۈچ ۋېلايەت ئىنقىلابىنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئۆتكەن بىر مۆتىۋېرىمىز باقىيغا سەپەر قىلدى .(مەن مەرھۇم بىلەن ئىككى، ئۈچ قېتىم دىدار مۇلاقەتتە بولۇپ سۆھبەتلىشىپ باققان . ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى ئاجايىپ كۈچلۈك ھاياجانغا ، تەربىيىگە ئىگە قىلغانىدى .) شۇنداق ئويلىدىم ، ئەگەر لۇتۇپۇللا مۇتەللىپكە بۇ ھايات نېسىپ بولسا بىز ئۇنى بۈگۈنگىچە كۆرەركەنمىز . ئەپسۇس ئۇ تېخى 23 كىمۇ تولۇق كىرمىگەن يەنى 22 يىل 8 ئايلا ياشىيالىدى . ئەمما ئۇ خەلقىمىز قەلبىدە بىر كۈنمۇ ئۇنتۇلۇپ باقمىدى . ئۇنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىنىڭ ۋەزنىنى خۇلاسىلاپ بېقىشمۇ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەس . ھەر قېتىم ئۇنىڭ ھاياتىنى ئويلىغىنىمدا مېنى تەگسىز خىياللار چىرمىۋالاتتى . ئايىغى چىقماس خىياللارغا غەرق بولاتتىم . ( مەنىلىك خىيال سۈرۈشمۇ كىشىنى تولىمۇ روھلاندۇرىدۇ .) مېنىڭ قولۇمدىن خىيال سۈرۈش بەك كېلەتتى . ئويلاپ باقسام 22 ياش ۋاقىتلىرىمنىڭ ئۆتكۈنچى ھەۋەسلەر بىلەن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئېنىق ئىدى . 32 يېشىمنىڭمۇ قانداقتۇر تۇرمۇشنىڭ قىلسام ساۋابى ، قىلمىسام سورىقى بولمايدىغان ئايىغى چىقماس ، نەتىجىسى ھېرىپ - چارچاش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئىشلار بىلەن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى
چۈشەنگەنىدىم . لۇتۇپۇللا مۇتەللىپ " يىللارغا جاۋاپ " بېرىپ بولۇپلا قالماي ئەشۇ يېشىدا پۈتكۈل خەلقىگە ، ھاياتىغا جاۋاپ بېرىپ بولغانىكەن . ئەمما مېنىڭ جاۋاپ بېرىشىمنى كۈتۈپ تۇرغان سۇئاللار نۇرغۇن - نۇرغۇن ئىدى . ئەڭ يامىنى مەن قايسىسىگە ئالدىدا جاۋاپ بېرىشىمنىمۇ بىلمەيتتىم .  " يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاخلاپ كۈلمە، ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى " دېگەن يالقۇنلۇق مىسرالارنى ھەر قېتىم ئوقۇسام يۈزلىرىمنىڭ بىر يەرلىرى چىمىلدايتتى ، يۈرۈگۈم قاتتىق ئازابلىناتتى . ئۇ شېئىرنى ئوقۇپ يادلىۋېلىش ، چۈشىنىۋېلىش ئاسان بولغان بىلەن تېرەن  چاقىرىقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق تەس ئىدى . چۈنكى مېنىڭ يۈزۈم يىللار ئالدىدا تولا قىزىرىپ بەزلىشىپ كەتكەنىدى . ئەڭ يامان ئىش كۆنۈپ قېلىش . بولۇپمۇ مۇشۇنداق چۈشىنىپ تۇرۇپ ، بىلىپ تۇرۇپ كۆنۈپ قېلىش. كالېندارنىڭ تالاي ۋاراقلىرى ھاياتلىقىمنىڭ تىنىقى بىلەنلا يېرتىلىپ تۈگىدى . يىللار شامىلى يەلپۈپ سۇس قالدۇرغان ئىزلىرىمنى كۆممەكتە . ئەي لۇتۇن سېنىڭ ھاياتىڭ نېمىدىگەن ئۇلۇغ ھايات ھە!.. سېنىڭ سىمايىڭنى ئويلىساملا روھلىنىپ كېتىمەن . سېنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ باقمىدىم ، مەنلا ئەمەس پۈتكۈل خەلقىڭ ، سېنى قانداق ئۇنتۇيمىز - ئوغلان ...
مەنبەسى  :مىسرانىم            
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-17 00:23:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى     ياخشى  يەكۈنلىنىپتۇ.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 09:49, Processed in 0.356605 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش