ئانامنى ئەسلەپ
ئانا بولۇپ قەدرىڭنى بىلگىنىمدە ، سېنىڭ ئوخشاش بالا غېمى يېگىنىمدە، «ھاياتىمدا موھىم سەن » - دەي دېگىنىمدە ، جېنىم ئانا قىلدىڭ سەپەر ئۇ ئالەمگە.
سېنىڭ بىلەن قانغۇدەك بىر مۇڭدىشاتتىم، دەرتلىرىمنى تۆكۈپ بىر رەت سىردىشاتتىم، سېنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ سۆيۈشەتتىم ، بولغان بولساڭ جېنىم ئانا بۇ ئالەمدە .
مەن ھەر كۈنى سېنى شۇنداق سېغىنىمەن ، يالغۇزلۇقتا ، تانھالىقتا ئۆرتىنىمەن، يۈرىكىمدە شۇنچە كۆپ دەرت ئىتالمايمەن، جېنىم ئانا سەندەك سىرداش ماڭا يوقتۇر .
تاپالمىدم ئانا سەندەك مۇڭداشنى ھەم ، ئىچ سىرىمنى تۈكىدىغان سىرداشنى ھەم ، تەنھا قويماس سەندەك ماڭا قاياشنى ھەم ، جېنىم ئانام كېتىپ قالدىڭ ئەمدى يوقتۇر . |