ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ «چۈشەنمىدىم» ئىتوتىدىكى ئاناتىلنى قوغداش خىتابى
ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار مەن بۇ تېمىنى باغداش تورىدا كۆرۈپ ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىزدە بارلىقىنى ئويلاپ قالدىم . توغرا بىز بىلىپ بىلمەي بۇ تېمىدا ئېيتىلغاندەك « ئانا تىل» نىڭ ساپلىقىنى قوغدايلى دەپ ھەممە يەردە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تەشۋىقى قىلىۋاتىمىز . ئە مما ئۆزىمىز « ئانا تىل» نىڭ ساپلىقىنى قانچىلىق قوغدىيالىدۇق، ھەم ئەمىليىتىمىزدە قانچىلىك كۆرسىتەلىدۇق . بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلاپ كۆرىشىمىز تىگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى . شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ئويلاپ بېقىشىنى ئويلاپ بۇ تېمىنى مۇنبەرگە يوللاشنى لايىق تاپتىم . قېنى ئۇنداق بولسا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى باياندا بولسۇن . ئاخىردا ئۆزىڭىزنىڭ ھەم ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ « ئانا تىل » نى قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقى بۇنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ باقارسىز . ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ «چۈشەنمىدىم» ئىتوتىدىكى ئاناتىلنى قوغداش خىتابى ۋە ئۇنىڭ سەھنە ئەمەلىيىتى
ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا بىخلىنىپ، راۋاجلىنىپ ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ كۆپ قىرلىق ساھەسىنى بەدىئىي يوسۇندا يۇمۇرىستىك سۇرەتلەپ، خەلقىمىزگە بەدئىي زوق بىرىپلا قالماي، خەلقىمىزنى تەربىيەلەپ، ئىلىمگە، مەدىنىلىككە، ئادىمىلىككە يىتەكلەپ زور ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىپ، تەرەققى قىىلىپ بۇگۇنكى دەۋىرگە ئەكەلدى.
20 يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا، ئەخمەت ئابلىمىت، ئادىل مىجىت، خالمۇرات ئۆمەر، ھوشۇر قارى، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئابدۇقىيۇم مۇھەممەت، ئابلىكىم كەلكۇن، خاسىيەت قۇربان، خەيرىنسا، يالقۇن، تۆمۇرخان، رىھىم قاندەك بىر تۇركۇم ياش قابىل ئىتوت ئاكتىيورلىرى يىتىشىپ چىقىپ ھەر قايسى ئۆز خاسلىقلىرىنى ئىپادىلەپ، خەلقىمىز قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
ئابدۇكىرىم ئابلىز ئەنە شۇ ياشلارنىڭ ئىچىدە سۆز-ھەركەتلىرىنىڭ تىزلىكى، مىمىكىسىدىكى ھەرخىل جىددى ئۆزگىرىشلەر، تىلىدىكى قەشقەر شىۋىسىنىڭ ئىزچىللىقى، ياراتقان ئوبرازىنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن خاراكتىرلىنىپ خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئىلىپ كىلىۋاتقان ئىتوتچىللىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.
مەنمۇ ئۇنىڭ ئوينىغان ئىتوتلىرىنى ئىزچىل كۆرۇپ بەدئىي زوق ئىلىپ تەربىيىلىنىپ كىلىۋاتقان كۆرۇرمەنلەرنىڭ بىرى. مەن يىقىندا ئۇنىڭ 2012-يىللىق ئىتوت كىچىلىكىنى تەپسىلىي كۆردۇم، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى «چۈشەنمىدىم» ناملىق ئىتوتى، ئاناتىلىمىز تۈرلۈك سەۋەپلەردىن ئاسسىمىلاتسىيەنىڭ ئىغىر خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ناھايىتىمۇ زور تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىتوت بولۇپتۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا، ئاناتىلنى قوغداش، ئاسراش، قىلىپلاشتۇرۇشنىڭ خىتابى بولۇپتۇ دىسەك ئارتۇق كەتمەس.
ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ھەر قانداق ژانىردىكى سەنئەت ئەسىرى شۇ مىللەتنىڭ قېلىپلاشقان ئاناتىلى بىلەن ۋۇجۇتقا كىلىپ ئالدى بىلەن ئۆزتىلدا ئۆز خەلقىگە تەقدىم ئېتىلىدۇ.
بولۇپمۇ تىياتىر سەنئىتىدە (ئىتوتمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) ئاناتىل تىياتىر سەنئىتىنىڭ جىنى ۋە يادروسى، ئىتوت سەنئىتى ئاناتىلنى ساقلاش، قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشتا بىۋاستە تەسىرى، رولى تەسۋىرلىگۇسىز چوڭ سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى تۇرلۇك قىلىپ ئىيىتقاندا سەھنە ئارتىسلىرى ئەنە شۇ ئانا تىلىمىزنى ساقلاش، قوغداش، يەتكۇزۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تەشۋىقاتچىسى، جارچىسى ۋە ئەمىلىيەتچىسى، ئەقىللىق ئىتوت ئارتىسلىرىمىز ، ئاتالمىش «چولپانلىرىمىز» بۇ نوقتىنى ئوبدان چۈشەنسە كىرەك. گىپىمىزگە كەلسەك، ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ «چۈشەنمىدىم» ناملىق ئىتوتى مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۇنۇش ۋە مەقسەتنى ئاساس قىلسا كىرەك.
بىراق ئۇ، 2012- يىللىق ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئوينىغان ئىتوتلىرىدا بۇ مەقسەتنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىدىمۇ؟ ئۆزىنىڭ ئاناتىلىنى قوغداشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلالىدىمۇ؟ مەن ئۇنىڭ ئىتوتلىرىنىڭ مەزمۇنى، بەدئىي قىممىتى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى، رول ئېلىش سەنئىتى ھەققىدە بىرنىمە دىمەكچى ئەمەسمەن. پەقەت ئۇنىڭ ئىتوتلىرىدا ئۇ ئاناتىلنى قوغداش ئاسىراشنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولماي، تىل ئاسسىمىلاتسىيەسىنى تىزلەشتۇرۇشتە بىلىپ-بىلمەي سەلبىي رول ئويناپ قىلىۋاتقانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى تىلغا ئالماقچى مەن.
تۆۋەندە مەن ئۇ ئوينىغان ئىتوتلاردىكى خەنزۇ تىلىدىن زورلاپ كىرگۇزۇلگەن سۆزلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتمەكچىمەن. (ئەلۋەتتە بۇ ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان ئىتوت ئىھتىياجىدىن كىرگۇزۇلگەن خەنزۇچە سۆزلەرنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ.) تۆۋەندىكى ئىتوتلىرى ۋاقىت تەرتىۋى بويىنچە تىزىلمىدى.
1.«خالا جاي»
①.لاۋبەن 老板 (خوجايىن)، ②. جوزا 桌子 (شىرە)، ③.جىڭ 真 (راسىت، ھەقىقى)، ④. پوپوتاڭ 泡泡糖 (سىغىز)،⑤. كېجاڭ 科长 (بۆلۇم باشلىقى)، ⑥. سوجاڭ 所长 (پونكىت باشلىقى)،⑦. جىيامىيەن 加面 (ئاق ئاش)، ⑧. خۇەنيىڭ 欢迎 (قارشى ئالماق)، ⑨ سافا 沙发 (كىرىسلو).
2. «ھەۋەسكارنىڭ يەنە بىر ھەۋىسى»
①.بىڭگۇەن 宾馆 (مىھمان ساراي)، ②.ۋودى شىن زەي دىڭدەي 我的心在再等待 (يۇرۇگۇم ساقلايدۇ سىنى)، ③.لىياڭگى شاۋشەنياڭ 两个小山羊 (ئىككى ئوغلاق)، ④.دوڭ تىيەن لىدى يىبا خو 冬天里的一把火 (قىشتىكى بىر پارچە ئوتتەك)، ⑤.پاشەن 爬山 (تاققا ياماشماق)، ⑥.جىۋازا 鸡娃子 (چۇجە)، ⑦.گوۋازا 狗娃子 (كۇچۇك)، ⑧كۇلى口里 (ئىچكىر ئۆلكە).
3. «مېھمانخانىدا»
①.بەي بەي 拜拜 (خەيرى-خوش)، ②.ياۋياۋجىيۇ 119 (119 غا مەلۇم قىلىش )، ③.ياۋياۋلېڭ 110 (ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى)، ④.جىيۇۋمىڭ 救命 (قۇتقۇزماق).
4. «دەرىتمەنلەر»
①.گاۋسىڭ 高层 (ئىگىز قەۋەتلىك بىنا)، ②.پىفا 批发 (توپ تارقىتىش)، ③.شېشىياڭ 摄像 (سىنغا ئالماق)، ④.چاۋشى 超市 (تاللا بازىرى)، ⑤.جىڭ دوڭ 静动 (تېلېفوننى ئاۋازسىز ھالەتتە قويماق)، ⑥.شىياۋجاڭ 校长 (مەكتەپ مۇدىرى)، ⑦.مىنجىڭجۇ 民政局 (خەلىق ئىشلار ئىدارىسى)، ⑧.باۋشىيەن 保险 (ئىستىراخۇانىيە).
5. «ھەۋەسكارنىڭ ھەسرىتى»
①.خەي 嚡 (لاتا ئاياق)، ②.فايۇۋەن 法院 (سوت مەھكىمىسى)، ③. بىڭگۇەن 宾馆 (مىھمان ساراي)، ④.چۇكۇۋەنجى 取款机 (ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى)، ⑤.توشەي 脱鞋 (ساپما كەش)، ⑥.جىڭ 斤 (سەر).
6. «ساراڭ»
①.جىڭ 真 (راسىت، ھەقىقى)، ②.جىيا 假 (يالغان، ساختا).
7. «ھەۋەسكارنىڭ يەنە بىر ھەۋىسى»
①.ئىرشىبا 二十八 (يىگىرمە سەككىز)، ②. لويىنجى 录音机 (ئۇنئالغۇ).
8. «ئىسسىتقۇنىڭ كۈچى»
①.كۇۋەيزى 筷子 (چوكا)، ②بولاڭخۇي (ئىۋەنسىز)، ③.جىڭ 真 (راسىت، ھەقىقى)،④.جىيا 假 (ساختا)، ⑤.شېن فىڭجىڭ 身份证 (كىملىك)، ⑥.فۇيىن 复印 (نۇسقىلاش)، ⑦.داجې 打折 (باھاسىنى چۈشۈرۈش) .
9. «سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۇرۇچ دەم يەپتۇ»
①.جېگى دىفاڭ 这个地方 (بۇ يەر)، ②.داپەنجى 大盘鸡 (توخۇ قوردىقى)، 10.«ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇ»
①.جىياۋتوڭ 交通 (قاتناش)، ②.چاۋسۇ 超速 (نورمىدىن ئارتۇق سۇرئەت)، ③.داپاۋ 大炮 (زەمبىرەك).
11.«بۇزۇق تېلىۋىزۇر»
①.چىيەلىيىشەن 前列腺 (مەزى بىزى)، ②.جۇۋاڭشىيۇ 装修 (زىننەتلەش).
12.«يالغانچىنىڭ قۇيرۇقى بىر تۇتام»
①مىنبىڭ 民兵 (خەلىق ئەسكىرى).
13.«ئارچىغا ئالتە تاياق»
①.گولوفاڭ 锅炉房 (پار ئۆي)، ②. شېن فىڭجىڭ 身份证 (كىملىك)، ③.گۇۋاڭچاڭ 广场 (مەيدان)، ④.فاڭدوڭ 房东 (ئۆي ئىگىسى )، ⑤.خاۋ 好 (ياخشى)، ⑥. داپەنجى 大盘鸡 (توخۇ قوردىقى).
14.«ھەۋەسكارنىڭ كىيىنكى ھەۋىسى»
①.شىيۇشىيەن 休闲 ()، ②. ئىرشىبا 二十八 (يىگىرمە سەككىز)، ③.چىيەنفىي تىڭجى 欠费停机 (تېلېفون قەرىز بولۇپ توختاپ قىلىش)، ④.يىتاۋسەن 一套三 (بىر يۇرۇش)، ⑤.ياچىيەن 牙签 (چىش كولىغۇچ).
15. «رەپىدىس قىلىش»
①.گاۋداڭ 高档 (كاتتا،ئالىي)، ②. دىشىياشې 地下室 (يەر ئاستى ئۆي).
16. «كۆڭلۈم»
①.خوگو 火锅 (قازان شورپىسى)، ②.گەنبىي 干杯 (خوشە).
17. «ئاشخانىدا»
①.سومىيەن 炒面 (قورۇما لەغمەن)، ②.خۇيمىيەن 回面 (سۇيۇقئاش)، ③.فاڭيىزەن 防疫站 (كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى)، ④.فاكۇۋەن 罚款 (جەرىمانە).
دىمەك مەن كۆرگەن ئۇنىڭ ئىتوتلىرىدا جەمئىي 73 خەنزۇچە سۆزلۇكلەر كۆرۇلگەن بولۇپ، بۇنىڭ %2 تىنى قوشۇمچە پىرسۇناژلار دىگەن بولسىمۇ، %98 ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ئاغزىدىن چىققان.
مېنىڭچە ئابدۇكىرىم ئابلىز ئىتوتلىرىنىڭ كۇلكىلىكچانلىقىنى، قاپىيەچانلىقىنى ئاشۇرىمەن دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئوبىيىكتىپ جەھەتتە ئۆزى تەرغىپ قىلغان ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش، قىلىپلاشتۇرۇش خىتابىغا خىلاپلىق قىلغان. ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر تىلىدا ئورۇنلانغان تىياتىر سەنئىتىدىن بەھر ئالىدىغانلانىڭ ئوبىيكىتى يالغۇز جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار بولۇپلا قالماي، پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردۇر.
يېزا-قىشلاقلار ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرقېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپى خەنزۇتىلىنى ئۇقمايدۇ. ئەگەر بىر ئىتوتتا 5-8 گىچە خەنزۇچە تىل كۆرۇلسە ئۇلار چۈشۈنەلمەيدۇ-دە، ئۇلارغا نىسبەتەن پۇتۇن ئىتوتنىڭ مەزمۇنى، تەربىيىچانلىقىدىن بەھىر ئالالمايدۇ. ئاپتۇر ۋە ئورۇنلىغۇچى مەقسەتكە يىتەلمەيدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن يۇقۇرىدا كۆرسىتىلگەن 17 ئىتوتتا ئىشلىتىلگەن 73خەنزۇچە ئىپادىنى ئۇيغۇرچە ئىپادىلەشنىڭ پۈتۈنلەي مۇمكىنچىلىكى بار. ئۇيغۇرتىلى گۈزەل، ئوبرازلىق، قايماقتەك تىل بولۇپ ئۇنچىۋالا نامرات ئەمەس. ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆز تىلىمىز ئىشلىتىلگەن بولسا، يۇقۇرىدىكى ئىتوتلارنىڭ جەزبىدارلىقى ھەسسىلەپ ئاشقان بولاتتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداش جەھەتتە ئۆزى دىگەندەك مەخسەتكە يەتكەن بولاتتى. ھېچكىم تېخى ھازىرغىچە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەدەبىيات-سەنئەتنى قوش تىلدا،ئەبجەش تىلدا ئىپادىلەڭ دەپ زورلىغىنى يوق.
گۈزەل يۇرتىمىز ئەزەلدىن يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن تارىختىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن باشقا تىللاردىن جۈملىدىن ئەرەپ – پارس تىللىرىدىن قىسمەن سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىمىزغا قۇبۇل قىلغان شۇنداقلا ئۇزۇن يىللىق ئىشلىتىش جەريانىدا بۇ سۆزلەر ئىستىمالىمىزدا ئۆزلىشىپ كەتكەن. يىغىپ ئىيىتقاندا، ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش، ئاسراش، قىلىپلاشتۇرۇش، تەرەققى قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى بۇرچى.بولۇپمۇ رادىيو-تىلىۋىزىيە، گىزىت-ژورنال، ئەدەبىيات-سەنئەت، تور ساھەسىدىكىلەرنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىدۇر.
ئاخىرىدا مەن ماقالىنى شائىر قاسىم سىدىقنىڭ «ئانا تىلىم »دىگەن ناخشىسى تېكىىستى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن.
ئانا تىلىم
قاسىم سىدىق
ئانا تىلىم جىلۋەم، جەزىبەم،
ئانا تىلىم گۆھەر غەزىنەم،
ئانا تىلىم مەككەم-مەدىنەم،
ئانا تىلىم ئۆزى بىر ئالەم.
يورىمايدۇ تارىخىم سەنسىز،
جاھالەتتە بۇ دىلىم سەنسىز،
بىر پارچە گۆش بۇ تىلىم سەنسىز،
كۆرۇنمەيدۇ مەنزىلىم سەنسىز.
جەڭگاھلاردا ياراق ئانا تىل،
سەپەرلەردە بايراق ئانا تىل،
قوياش كەبى پارلاق ئانا تىل،
مەن ساڭا بەك ئامراق ئانا تىل.
تالاي قامۇس پۇتۇلگەن سەندە،
تالاي نەققىش چىكىلگەن سەندە،
ساقلىغاندەك جاننى بەدەندە،
تارىخ بىزگە قىلغان بەخشەندە.
شۇنچە سىلىق قايماق ئانا تىل،
شۇنچە جۇشقۇن قايناق ئانا تىل،
قوياش كەبى پارلاق ئانا تىل،
مەن ساڭا بەك ئامراق ئانا تىل.
يازغۇچى « باغداش تورىدىكى suydongpolki |