پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 2

ئىبرەتنامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-11 20:51:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئبىرەتنامە


ئاپتورى : قادىر بۇلاق


ئەزىز پەرزەنت بۇ جاھاندا ئۆتكەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ،

ئادەم كېلىپ مايمۇن سۈپەت كەتكەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


زامانداشلار،تەقدىرداشلار،دوست يارەنلەر،قەدىردانلار،

ئەخلاقسىزلىق گىرداۋىغا يەتكەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ .


ئاتا-ئانا خىزمىتىدە بولماي،رەھمەت دۇئا ئالماي،

نەسىھەتكە باقماي،قاپاق تۈرگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


ئۆز ئكيىنى تاشلاپ كېتىپ،نادانلىقتىن غەمگە پېتىپ،

تالا تۈزدە ئۇخلاپ يېتىپ يۈرگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


بىرەر ئوقەت ھۈنەر قىلماي،ئەل ۋەتەنگە خىزمەت قىلماي،

ئۆز مەيلىچە شېرىن خىيال سۈرگەنلاردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


بۇلاڭچىغا قېتىلغاندىن،بۈچەك پۇلغا سېتىلغاندىن،

تاپقان پۇلنى قىمارغا دو تىككەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


قاۋاقلاردا ھاراق ئىچىپ،ئاڭا قوشۇپ ئاقنى چېكىپ،

بىر بىرىگە كىپەن پىچىپ بەرگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ .


يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ،قولتۇقلىشىپ غىلجىڭلىشىپ،

ھاياسىزلىق بىلەن سۆيگەن كۆيگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


قانۇن بىلەن پۇت تېپىشىپ،ئۆز جىنىنى دو تىكىشىپ،

ياش ئۆمرىنى خار ئېتىشكە كۆنگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


ئادەم ئېلىپ ساتقانلاردىن،جىنايەتكە پاتقانلاردىن،

زىندان ئارا يېتىپ ئازاپ چەككەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


گۇناھ قىلىپ جازالانغان،ئەل دۈشمىنى باھالانغان،

جەمىيەتتىن ئادالانغان،يىتكەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


يۈرەك باغرى قانغا تولۇپ،رەڭگىرويى سۇنۇپ سۇلۇپ،

ھەق جازاغا مەھكۇم بولۇپ ئۆلگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


ئۆز پۇتىغا پالتا چېپىپ،يامانلارغا چاپان يېپىپ،

ھەر بالانى ئۆزى تېپىپ كەلگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


مەغرۇرلىنىپ پۇلۇم بار دەپ،توساقسىز كەڭ يولۇم بار دەپ،

تېرىسىگە سىغماي مەيدە كەرگەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ .


بىر بىرىگە غەيۋەت قىلىپ،ياخشىلارغا تۆھمەت قىلىپ،

پۇرسەت كۈتۈپ مۆكۈپ ياتقان » مەرگەن «لەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


رەزىل تۈلكە يالغانچىدىن،ھىلىگەر شۇم ئالدامچىدىن،

ئەل بەختىگە شۇملۇق تىلەپ كۈتكەنلەردىن ئىبرەت ئېلىڭ.


مەنبە : بۇلاق ژورنىلى

مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5660 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6466 سەر
شۆھرەت
4266 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-11 23:40:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئىبىرەتنامىكەن ياريسىز . رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

29

تېما

3

دوست

2630

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
661 سەر
تىللا
170 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
449 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 11:57:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىبرەتنامە بوپتۇ. مەنمۇ ئىبرەت ئالاي، سىزمۇ ئىبرەت ئېلىڭ، ئۇمۇ ئىبرەت ئالسۇن، ھەممىمىز ئىبرەت ئالايلى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:50, Processed in 0.428098 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش