بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-11 17:58
ئىسقا قارشى چۇقانلار
(چاتما شېئىر)
گېزىتنىڭ ئەرزى
بىلىسىلەر ۋەزىپەمنى،بۇرچۇمنى، ئەل ئالدىدا ئۆتەيدىغان قەرزىم بار. بوزەك ئېتىش غەش قىلغاچقا كۆڭلۈمنى، بۇ توغرىدا كىچىككىنە ئەرزىم بار:
ئەلەم چەكتىم بەزىلەرنىڭ قولىدىن، چىداۋېرىش ھەپسىلىمنى پىر قىلدى. ۋەزىپەمنى تۈگەتمەيلا ھېلىدىن، بارغان كۈنۈم بۇرجەكلىرىم قىر قىلدى.
قولى ئىتتىك ئاكىلاردىن تىلىكىم: مېنى يىرتىپ كۆڭۈل ئازار ئەتمىسە، ئوقۇلمىغان گۆھەر سۆزلەر بىر چېكىم- تاماكىغا قۇربان بولۇپ كەتمىسە.
1958-يىل7-ئىيۇن،ئۈرۈمچى
بىھۇدە خىراجەت
ئون تىيىن بىھۇدە خەجلەنسە ئۆيگە، ئون ئېغىز سۆزلەيسىز كايىپ ۋە رەنجىپ. بەش-ئون سوم خەجلەنسە تاماكا ئۈچۈن، خاتىرجەم يۈرىسىز كۆڭلىڭىز تىنجىپ.
نېمىلەر كېلىدۇ شۇ پۇلغا،ئېرىم؟ خېلىلا ماھىرغۇ سىزمۇ ھېسابقا! شۇ پۇلنى تۈتۈنگە ئايلاندۇرغىچە، خەجلىگەن ياخشىغۇ دەپتەر،كىتابقا.
مېھمىنىمغا
كۆڭۈل ئىزدەپ كەلگەن ئىدىڭىز، شادلىق بىللە كەلدى خانەمگە. مېھمان دېگەن ئاتىدىن ئۇلۇغ، ئىززىتىنى بىلگەن ئادەمگە.
ئالدىڭىزغا قويدۇم ھەممىنى، تاماكىغا قالدۇرمىدىم جاي. بۇنى سەزمەي،خانەم ئىچىنى، تولدۇردىڭىز ئىس بىلەن،ئايھاي!
تۇرمۇشىمىز ئوخشىغان بىلەن، ئادىتىمىز ئوخشىمايدىكەن. سىز بار يەردىن ساپ ھاۋا بەدەر- قاچىدىكەن،توختىمايدىكەن.
كىمنىڭ ئورۇنسىز؟
ئايالىڭىز تاماق ئەتكەندە، كايىپسىز ئۆي بۇسقا تولدى دەپ. ئاچچىقلايدۇ ئايالىڭىزمۇ تاماكىدىن ئىسقا تولدى دەپ.
جېدەلنىڭغۇ ئېتى قۇرۇسۇن، بىراق سىزنىڭ بەكمۇ ئورۇنسىز. تاماق يېمەي،تاماكا چېكىپ، تويۇنغانمۇ مۇندىن بۇرۇن سىز؟
تاماكا چەكمەڭ!
ئۇچراپ تۇرار «تاماكا چەكمەڭ!»- دېگەن خىتاب ھەممىلا يەردە. كىم كۆرۈپتۇ «تاماكا چېكىڭ»- دېگەن خەتنى قاچان،قەيەردە؟
چېكىۋەردى چەكمەڭ دېسىمۇ، ئۇنچىلىك گەپ ئۆتمەيدىغانلار. چەككەنلەرنىڭ بىزەڭلىكىدىن، بىزار بولدى چەكمەيدىغانلار.
مۈشكۈل سوئال
چۈشەندۈردى مۇئەللىم تەبىئەتنى ھاۋانى. ھاۋا بىلەن باغلىدى ئادەم،ھايۋان،گىياھنى.
دېدى:«ئەستە تۇتۇڭلار، ساپ ھاۋا---تەنگە داۋا. ھايات ئۈچۈن زىيانلىق ئىس-تۈتۈن،ئەخلەت-چاۋا.»
سوئال قويدى شۇ ھامان، قول كۆتۈرۈپ بىر بالا: -زىيانلىقمۇ تاماكا؟- دېدى قوزغاپ غۇلغۇلا.
تەكرارلاندى بۇ سوئال، مۇئەللىمگە بولدى تەس. چىقىپ كەتتى دېيەلمەي، يا زىيانلىق،يا ئەمەس.
كاناي بىلەن تۈتۈن
كاناي دېدى:-ئەزەلدىن نەپەس يولى ئىدىم مەن. مورا بولدۇم تۈتۈنگە، ئەمدى قانداق قىلدىم مەن؟
تۈتۈن دېدى:-رەنجىمە، مەن كىرگەنگە ئۆلمەيسەن. كاجلىق قىلماي يول بەرسەڭ، دوزاخ ئوتى كۆرمەيسەن.
كاناي دېدى:-سېنىڭدىن، كۆردۈم دوزاخ زۇلمىنى. مۇنداق زۇلۇم سالغۇچە، جاندىن جۇدا قىل مېنى.
تۈتۈن دېدى:-قاقشىماي، بولغىن ياۋاش،مۇلايىم. مىننەتدارمەن ئىگەڭدىن، سەندىن نېمە پەرۋايىم.
كاناي دېدى:-ئاھ-زارىم ئۇچۇپ كەتتى ھاۋاغا. ئىگەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا!...
تاماكنىڭ ئىقرارى
مېنىڭ ئېتىم تاماكا، زىيانغا مەن پىداكار. ئىنسانىيەت ئالدىدا، كەچۈرگىسىز گۇناھكار.
گۇناھىمنىڭ كۆپلۈكى چەككەنلەرگە بىلىنمەس. ئادەت قىلىپ ئالغاچقا، پۇل خەجلەشتىن ئېرىنمەس.
پۇلغا ئالسا چىقىم مەن، چەكسە ئاچچىق تۈتۈن مەن. زىيانداشلىق بابىدا قىسمەن ئەمەس،پۈتۈن مەن.
مېنى چەككەن ئادەملەر زىيىنىمغا چىداشلىق، چۈنكى مېنىڭ ئالدىمدا قىلىش كېرەك ياۋاشلىق.
مېنى چەككەن ئادەمنىڭ ئۆپكىسىدە ئوينايمەن. قايتىپ چىقىپ ئۆپكىدىن، ساپ ھاۋانى بۇلغايمەن.
مەن بۇلغىغان ھاۋادا دەم ئالمىغان كشى يوق. تىرىلەمدۇ،ئۆلەمدۇ، پېقىرنىڭ ھېچ ئىشى يوق.
بىلىپ تۇرۇپ پەيلىمنى، ئىچ پۇشۇقى دەيدىكەن. يوق چېغىمدا بەزىلەر، ئارزۇيۇمنى يەيدىكەن.
چوڭلار چېكىپ يۈرگەچكە، كىچىكلەرمۇ دورايدۇ. ھايا قىلماي چوڭلاردىن، توغرا چىشلەپ شورايدۇ.
-چەكمەڭ،ئوغلۇم،تاماكا!- دەيدۇ بەزى ئاتىلار. ئۆزى چىكىپ،ئوغلىنى- چەكمەڭ دېسە مات بولار.
ئەنە شۇنداق ئاتنىڭ قىسقا قىلدىم تىلىنى. بەزى نادان ياشلارنىڭ ئىسلاۋەردىم گېلىنى.
ۋۇجۇدۇمدا زەھەردىن باشقا يوقتۇر ھېچنېمە. كارى چاغلىق زەھەرنىڭ، راك بولۇشتىن غەم يېمە.
مەندىن كۆڭۈل ئۈزەلمەي، چەككلەردىن خۇشال مەن. مېنى تاشلىۋەتكەنلەر- ئالدىدا بەك ئوسال مەن.
نەچچە ئەسىر چېكىشتى تۇتاشتۇرۇپ ئوت ماڭا. يېنىك ئەمەس گۇناھىم، بىر كۈنى بار سوت ماڭا.
ئادەتنىڭ دورىسى ئىرادە
«مورىسى يوق مەسچىتنىڭ، دورسى يوق ئادەتنىڭ». پەتىۋاسى بۇ ماقال، تۈزەلمىگەن ئىللەتنىڭ.
تاماكىنى بەزىلەر بىر نەچچە كۈن تاشلايدۇ. بەك تۇتقاندا خۇمارى، گەجگىسنى قاشلايدۇ.
«ئۇدا ئون كۈن چەكمىدىم، بۇ مەن ئۈچۈن غەلىبە. غەلىبەمنى تەبرىكلەپ، بىر تال چىكەي ئەمىسە.»
غەلىبە ئۈچۈن چېكىشلەر بىر تال بىلەن توختىماس. ئادەت كۈچى زور كېلىپ، ۋەدىلەر ھېچ يالجىماس.
تەۋرىمەس گاڭ ئىردە يامان ئادەتنىڭ دورىسى. ناتايىنلىق،بوشاڭلىق ئىرادىنىڭ ئوغرىسى.
جەڭ ئېلانى
ئەسلەپ كۆرسەڭ يىگىرمە يىلنى، ئۆرتىنىدۇ كۆڭۈل بوستانى. نى-نى ئۇلۇغ ئوغلانلىرىمىز، نىكوتىننىڭ بولدى قۇربانى.
شۇ ئۇلۇغلار قىلدى ۋەسىيەت: «بۇ كېسەلدىن غەم يېمەپتىمىز. تاماكنى زىيانلىق دېسە، كارايىتى چاغلىق دەپتىمىز.
بېشىمىزغا كەلگەندە بىلدۇقم تاماكىمۇ ئەزرئىل ئىكەن. قەدىرلەڭلار شېرىن ھاياتنى، ئەڭ زور بايلىق ساغلاملىق ئىكەن.»
شۇ ئۇلۇغلار يۇمدى كۆزىنى، ھەسىرەت چېكىپ،پۇشايمان قىلىپ... تىرىكلەرنى ئاسرايلى،دوستلار، تاماكىغا جەڭ ئېلان قىلىپ.
1980-يىلدىن2001-يىلغىچە ئاپتۇرى:مۇھەممەد رەھىم مەنبە:«جان تەسەددۇق» دېگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
|