غەربىي-جەنۇپتىكى نۇرلۇق مەرۋايىت ---يەكەن 
ئۈچ ئۆلچەملىك لاھىيە رەسىمى
 گۈزەل يەكەن دەرياسى ۋادىسى كەچلىك مەنزىرىسى
 قايناق مۇقام مەدەنىيەت ئارامگاھى
 جوڭگۇ خەرتسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا قارايدىغان بولساق،جەنوپتىن شىمالغا قاراپ يىلان باغرى سوزۇلغان،زىمىنى ،ئىككى دەريا ھاۋزىسغا يىيلغان بىرپارچە بوستانلىق كۆزىمىزگە چېلىقدۇ،مانا بۇ بىرملىيۇن220مىڭ نوپۇس، 33مىڭ كىۋادرات كېلومتىردىن ئاتۇق زىمننى ئۆزئىچىگە ئالغان، ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى ئەڭ چوڭ بوستانلىق، ۋە تاۋار ئاشلىق تېرقچىلىق رايۇنى--- يەكەن بوستانلقىدۇر،بۇ بوستانلىق يېقىن ئەتراپتىكى جايلاردىن -يەكەن پوسكام قاغىلىق،مەكىت قاتارلىق جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تېمىدا مەزكۇر بوستانلقىنىڭ مەكىزى،ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى ئەڭ چوڭ ناھىيە ،قەدىمىكى ئاستانە،تارىخي مەشھور ساياھەت شەھىرى،جوڭگۇ مۇنەۋۋەر پاختا بازىسى ، بادام يۇرتى-----يەكەن ناھيىسىنى تونۇشتۇرماقچىمەن:
پىيادىلەر بىرنجى سودا كوچىسى

-ئالاھىدە جۇغراپيىلىك ئورنى،ۋە نوپۇس ئەھۋالى: يەكەن ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شى؛مالىي ئېتىكىگە، پامىر ئېگىزلىكى باغرىغا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى يېڭىسار ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرىپى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى يوپۇرغا، مارالبېشى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 190 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 56 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 8195.69 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا 8مەيدان، 7 بازار، 22 يېزا، 15-ئىجتىمائى رايون، 493كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە ئاپتون رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پەيلۇ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1449 كىلومېتىر. 2008-يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى758مىڭ 178 بولۇپ، ئۇيغۇرلار 95.02% نى، خەنزۇلار 4.10% نى، باشقا مىللەتلەر 0.88% نى، تەشكىل قىلىدۇ،
مۇقام ئارامگاھ مەيدانى مۇقام بايرىمىدىكى 10000 مىڭ كىشلىك ئۇسۇلدىن كۆورنۇشلەر !

ئالتۇن مازار



دەۋرىيلىك تارىخى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان-ھاكمىيەت ئۆزگىرىشى:
يەكەن غەربىي يۇرتتىكى قەدىمىي دۆلەت. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ جەنۋۇ 5 - يىلى (29 - يىلى) خېشى بۈيۈك سانغۇنى دۇروڭ يەكەن خانلىقىنىڭ تەيىنلىنىپ خىزمەت كۆرسەتكەن، پەزىلەتلىك خان بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قارىخانىيلار خاندانلىقىغا قارىغان. كېيىن غەربىي لياۋ سۇلالىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە چاغاتاي خانلىقىغا قارىغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 9 - يىلى ( 1883 - يىلى) يەكەن بىۋاستىە قاراشلىق ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ يەكەن مەھكىمىسى قىلىنىپ، سارىقول، مارالبېشى ئايمىقى ۋە قاغىلىق، گۇما ناھىيىلىرىنى باشقۇرغان. مىنگو 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) يەكەن ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. مىنگو 18 - يىلى (1929 - يىلى) يەكەن، زەرەپشان دەپ ئىككى ناھىيىگە ئايرىلغان. مىنگو 32 - يىلى (1943 - يىلى) يەنە قوشۇۋېلىپ، بىر ناھىيە قىلىنغان. يەكەندە 10 - مەمۇرىي رايون تەسىس قىلىنىپ، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، مەكىت 4 ناھىيىنى باشقۇرغان. 1949 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. 1956 - يىلى يەكەن ۋالىي مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندى كېيىن، يەكەن ناھىيىسى تا ھازىرغىچە قەشقەر ۋىلايىتىگە قارىغان - دەۋرىيلىك تارىخى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان-ھاكمىيەت ئۆزگىرىشى: يەكەن ئامباللىرىنىڭ يىلنامىسى يەكەندە 1910 - يىلدىن 1949 - يىلغاچە جەمئى 21 نەپەر ئامبال ئۆتكەن . ئۇلارنىڭ يىلنامىسى تۆۋەندىكىچە: ئامبال بولغان ۋاختى 1. ليۇ رىنشەن 1910 --------------- 1915 خەنزۇ مىللىتىدىن 2. لۇ چىچاڭ 1915 ------------- 1924 خەنزۇ مىللىتىدىن 3 . لى ...... 1924 ------------- 1926 خەنزۇ مىللىتىدىن 4 . دۈەن ..... 1926 ------------ 1927 خەنزۇ مىللىتىدىن 5 . چىڭ چىرىن 1927------------- 1929 خەنزۇ مىللىتىدىن 6. ليۇ شىڭۋۇ 1929--------------1931 خەنزۇ مىللىتىدىن 7.ياڭ ....... 1931--------------1933 خەنزۇ مىللىتىدىن 8.ئەلەم ئاخۇن 1933------------- 3 ئاي يەكەندىن، ئۇيغۇر 9.باي ئاخۇن ئېزىز 1933 ----------- 1934 كۇچادىن، ئۇيغۇر 10.ئابدۇكىرىمخان 1934 ------------4 ئاي قەشقەردىن، ئۇيغۇر 11.ئەھمەت رىھىم 1934 -----------1937 يېڭىساردىن،ئۇيغۇر 12.ئىمىن بەگھاجى 1937 -------- 1 ئاي يەكەندىن، ئۇيغۇر 13. سالىھ ئەلەم 1937 ----------- 4 ئاي يەكەندىن،ئۇيغۇر 14. ئىبراھىم 1937 --------- 1938 تۇرپاندىن، ئۇيغۇر 15.باقىرجان 1938 --------1940 قەشقەردىن،ئۆزبەك 16.ۋېن جىن 1940 ---------1942 شىبە مىللىتىدىن 17. چى ...... 1942-------- 1943 خەنزۇ مىللىتىدىن 18.دەي چىچىڭ 1943---------- 1947 خەنزۇ مىللىتىدىن 19. ئابلاجان 1947 ---------- 1ئاي يەكەندىن، ئۇيغۇر 20. ئابدۇرېشىت يۇسۇپ 1948 --------1949 يەكەندىن ،ئۇيغۇر 21. مۇھەممەت ھەسەن 1949 ----------1950 يەكەندىن، ئۇيغۇر ........................................... (پايدىلانما : شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى،39-قىسم)

يەكەن زىمنى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدىغان يەلپۈگۈچسىمان تىنما بولۇپ، تاغلىق يەر 39.6% نى، تۈزلەڭلىك 60.4% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە يەكەن (زەرەپشان) دەرياسى، خالاستان دەرياسى،تىزناپ، دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى 7 مىليارد 226 مىليون كۇب مېتىر (ئەمەلىيەتتە پايدىلىنلىۋاتقىنى 1 مىليارد 880 مىليون كۇب مېتىر). تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 1 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر؛ 21 سۇ ئامبىرى بولۇپ، يىللىق سۇ ساقلاش مىقدارى 175 مىليون كۇبمېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ساي تۈلكىسى، ياۋا توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، سوغىگۈل، قانتېپەر، يۇلغۇن، يانتاق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقدىن مىس، تۆمۈر، قوغۇشۇن، سىنك، فوسفور، گۈڭگۈرت، گەژ، تاش پاختا، كۋارتس ، قاش تېشى، چىرىمتال، كۆمۈر قاتارلىقلار بار.

يېقىشچان ئىقلىمى يەكەن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 23.5℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2970.0 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4162.5℃، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 43.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2244.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ،يىنىك سانائەت ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 110 مىڭ گېكتار ( 1 مىليون 650 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 48 مىڭ 600 گېكتار (728 مىڭ 900 مو) سۇ يۈزى، 16 مىڭ 600 گېكتار (249 مىڭ 300 مو) ئورمان، 48 مىڭ 700 گېكتار (730 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مايلىقدان قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە يىللىق پاختا مەھسۇلاتى 50 مىڭ توننا ( 1 مىليون دەن) دىن ئاشىدۇ. چارۋىچىلىقتا بورداقچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ.
ئۇزاق تارىخي مائارىپ
 يەكەن قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مائارىپنىڭ بۆشۇكى ئىدى بۇگۈنكى يەكەننىڭ مائارىپ ئاساسىي خېللا مۇستەھكەم
 ھازىر تەۋەلكىدە: يەكەن كەسپى تېخنكا تەربىيلەش مەكتىپى(ئوتتۇرا تېخنىكومى) ، يەكەن تىببى مەكىتىپى، ئىسلام دىننى مەكتىپى،ئۇقۇتقۇچىلاربىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى قاتارلىق ئوتتۇرا ئالىي تېخنىكوم بىلىم ئېلىش سورۇنلىرى بار.

قەدىمىي شەھەر،مۇكەممەللەشكەن ئۇل ئەسىلھە:
يەكەننىڭ ھازىرقى شەھەر نوپۇسى174921نەپەر ،شەھەر رايۇنى يىڭشەھەر رايۇنى،كوناشەھەر رايۇنى،تەرەققيات رايۇنى، ۋە يىڭدىن قۇرۇلغان جەنۇبىي شەھەر رايۇنى،قۇرلۇش ئالدىدىكى غەربىي شەھەر رايۇنىدىن ئىبارەت 5بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان، كوناشەھەر رايۇنى --- بۇ دىيار نىڭ جېنى ئالتۇنلۇق تارىخى مەدىنىيەت مەيدانى شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىغا توغراكېلدۇ،كوناشەھەر رايۇنى ئاساسەن ئاھاللىەر رايۇنى بولۇپ يەكەن جەلىپكارلقىنىڭ نامايەندىسىدۇر،مەدەنىيەت باغچىسى بۇ دائىرە ئىچىدە. يىڭشەھەر رايۇنى ---يېقنىقى 15يىلدا تەدرىجى پەيدا بولغان بولۇپ« مۇقام يۇرتى مەدىنىيەت ئارامگاھى(مەيدانى)ۋە ناھيىنىڭ ئاساسلىق ئورگانلرىدىن تەركىپ تاپقان
جەنۇبىي شەھەر رايۇنى ---چىنباغ بۆلكىدىن لەنگەر ئاچالغىچە بولغان بۆلەكنى ئۆزئىچىگە ئېلىپ قۇرلماقتا بۇ جايدا، يىڭى قۇرلىۋاتقانناھيىلىك 2-دوختۇرخانا،جەنۇبى شەھەر ئوقۇتۇش باغچا رايۇنى ،تۆۋەن كىرىملكلەر ئاھالە رايۇنى،يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلار بازارلىرى، ۋە ئۇن زاۋۇتلىرىدىن تەدىرىجى گۈللەنمەكتە. غەربىي شەھەر رايۇنى---خانئېرىق بېھشباغ بۆلكىگەپىلانلنىپ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرلىشى جىددىي ئېلىپ بىرلىۋاتىدۇ، بۇيەردە يەكەن مەكىزى پويىز ئىستانسىسى، ئالىي دەرىجىلىك تاشيولنىڭ يەكەنگە كىرىش ئېغىزى ، شاڭخەي سانائەت باغچا رايۇنى،ناھينىڭ كەلگۈسى سىياسىي ئورگانلىرى ،مەركىزى يولۇچى توشۇش بېكىتى،2-دەرىجىلىك ماشنا بازىرى قاتارلقىلار جايلاشقان ، يەكەن ئايرىدىرومنىڭ تۇتىشىش يولىمۇ ھەم بۇجايدىن باشلىنىدۇ.بۇ رايۇن يەكەنگە نىسبەتەن ئۈمىد، ھەم كېلەچەك ئاتاقىلدۇ، ئاسلانباغ سانائەت رايۇنى، قۇرۇلىۋاتقان يەكەن ئايرىدورومى،پىلانلىنىپ قۇرلۇش باشلاپ پۇتۇش ئالدىدا يەكەن-تاشقۇرغان دۆلەت چگىرا مەخسۇس تاشيولىنى تۈگۈن قىلىپ قۇرۇلغان، بۇجايدا بىرقىسىم ئېغىر سانائەت كارخانلىرى ئورۇنلشىپ بولدى.

يەكەن قەدىمكى مەشھۇر ئاستانە، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش سۇپتى بىلەن تارىخى مەشھۇر جايلار، مەدەنىي يادىكارلىق، نۇقتىلىق قوغىدى لىدىغان جايلار بىرقەدەر كۆپ ،زىمنى جانپ تەرەپتە تەكلماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدە ،شىمالدا كەڭ كەتكەن تاغلىق،شەرىق، غەرىپ تەرىپى ئىككى دەريا ۋادسىدا بولغاچ يشللىقنى،تاغلىق قۇملۇقىنى مەنبە قىلغان، كۆپ قاتلام ساياھەت ئورۇنلرى بىرقەدەر كۆپ.


يەكەندە ھازىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن دۆلەت دەرىجلىك قوغدىلىدغان ئالتۇن جامەسى، ئالتۇن مازا، ئامننساخان مەقبەرىسى، ئاماننىساخان تۇرالغۇسى شۇنداقلاياقا ئېرىق كۆرەسى ،توياق ئىزى، بايدۆۋە ،يۇنۇس ۋاڭ مازىرى، ئازنا جامەسى،ئابدۇراھمان ۋاڭ مازىرى قاتارلىقلار بار.
ساياھەت مەنزىلگاھلىرىدىن: يەكەن ماشبۇلاق ئىككى ئا دەرىجىلك سۇ ئۇستى ئىستىراھەتگاھى، قاراسۇ قۇملۇق باغچىسى، ئېلىشىقۇ سۇ ئامبىرى مەنزىرە رايۇنى،ئىگەرچى سۇئۇستى ئىستراھەتگاھى،ئايبۇلۇڭ تاغىلىق مەنىزىرە رايۇنى، ئونغا يېقىن دېقھانلار شاتلقى مەنزىرىگاھى قاتارلىقلار بار . ئومومەن يىراق قەدىمدەساكرائۇل، ئابباس، سەئىدىيلەرنىڭ پايتەختى بولغان شىاھانە دىيار . بۈگۈندە ناھيە تەۋەسى يەكەن،تىزناپ،قارسۇ،ئوپا، يېرىم دەريا ئېقىنلرنىڭ گىرەلەشمىسىدىن ھاسىل بولغان ئېلىمىزدىكى 2-چوڭ بوستانلىقنىڭ مەركىزى بولۇش سۇپىتى بىلەن، مۇقام يۇتى، بادام يۇرتى. ئەتلەس ماكانى، دېگەندەك ناملارغا ئېرىشكەن،2007-2008-يىللىرى يەنە رايۇنىمزدىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى، ئەڭ چوڭ پاختا بازىسى، يەكەن بادىمنىڭ ئەسىلىي يۇرتى قاتارلىق پەخرى ناملارغا ئېرىشتى.
ەكەننىڭ نۆۋەتتىكى سانائىتىدىن ئاساسلقى:ئاشلىق، پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر، تۆرمۈر ،رودا پىشقلاپ ئىشلەش،كىچىك تىپتىكى ماشنا مىخانىزىملارنى قوراشتۇش، لاھيىلەش ئېلېكتر قۇۋۋىتى،مېنىرال سۇ ... قاتارلىقلار بار.
2011-يىلدىكى شىنجاڭنىڭ زور قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن يەكەن-تاشقۇرغان چقىگىرا مۇداپىئە2-دەرىجىلىك تاشيولى - يەكەندىن ئوتتۇرا ئاسياغا تۇتشىدىغان يەنە بىر مۇھىم لېنيەدۇر.
كېلىڭلار دوسلار، ئەزىم دەريا-يەكەن دەرياسنىڭ ئەركەك سۈيىدىن قانغۇچە ئىچىپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەللىيدە شاتىلنىپ-قەدىمكى تارىخنىڭ جاھاننامىسىدە ئەجدادلدر بىلەن دىدارلىشىپ ئاددىي خەلىق بىلەن ئىچ قۇيۇن بولۇپ ئۆتۇش پۇرستى سىلەرنى كۈتمەكتە !!!!!!!!!!!!!!!!
بىراۋلارنىڭ روخسەتسىز ئشلتىشىنى قوبۇل كۆرمەيمەن. |