پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 3

پەقەت سىزلا نامراتمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 17:35:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە مەلۇمكى، ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ، غەم – ئەندىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىقتىساد بىلەن باغلىق. ئەمما، شۇنى ئىيتىش كېرەككى، ئىقتىساد سەۋەبلىك بۇتناش، دوق قىلىشلار باشلانغان، جەڭگى – جىدەل قاينىغان ئائىلىنىڭ ئۇلى بوشتۇر. بۇنداق ئائىلىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىمۇ يەنىلا شۇنداق ئىقتىساد كەملىكى بىلەن زا – زەبۇنلۇقتا قالغۇسىدۇر، ئەلۋەتتە، نامراتلىق چۆلىدە تەمتىرەپ يۈرۈش، موھتاجلىق دەردىنى تارتىپ سارغىيىش ھەرگىزمۇ خوشاللىق بولىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنداق كۈندىن ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن ! ئەمما، نىمىسىنى دەيسىز، بۇ دۇنيا ھەممىگە باراۋەر قارىمايدۇ. بەزىدە نامراتلىقتىن قانچە قاچقانسىرى، ئۇ شۇنچە يىپىشىدۇ، تاپقىنىڭىز ئىھتىياجىڭىزغا يىتىشمەيدۇ، ھەر قانچە تىرىشسىڭىزمۇ يەنە ئەسلى پېتىڭىز بويىچە قىلىشقا مەجبۇر بولىسىز. بۇ جەرياندا يۈرىكىڭىزنىڭ قانچىلىك بىسىم بىلەن سىقىلىپ ياشىغىنىڭىزنى، تالاي كېچىلەرنى تۈگىمەس ئازابلار بىلەن تاڭ ئاتقۇزغىنىڭىزنى، ھەتتا مەخپى ياش تۆككىنىڭىزنى بىر ئۆزىڭىزلا بىلىسىز.
ئەمەلىيەتتە بىزدە ” نامرات ” دېگەن بۇ سۆزنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەنىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىمۇ سىر بولمىسا كېرەك. ئەسلىدە ھېچ نەرسىسى يوق، بىر ۋاقلىقىغا تاماق تاپسا بىر ۋاقلىقىغا تاپالمايدىغان، يىللاپ – يىللاپ ئۈستىگە يېڭى كىيىم كىيەلمەيدىغان ئادەملەرلا ” نامرات ” دېيىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىمىز ھەممە ئاڭ – تەپەككۈرىمىزنىڭ چوققىسىغا مىنىۋالدى، بايلىققا بولغان ھېرىسمەنلىكىمىز قانچە كۈچەيگەنسىرى” نامرات ” لىققا بولغان سەزگۈمىز شۇنچىلىك ئىشىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ماشىنىسى يوقنى نامرات دېگۈمىز كىلىدۇ، شەھەردىن ئۆي سىتىۋالالمىغاننى نامرات دېگۈمىز كىلىدۇ، بانكىدا توقاملاپ پۇل قويالمىغاننى نامرات دېگۈمىز كىلىدۇ، پۇلنى غازاڭدەك سورىمىغاننى نارات دېگۈمىز كىلىدۇ. ھەئە، شاھانە ئايۋان – ساراي سالمىغاننى، ئۆينى پارقىرىتىپ ياسىمىغاننى، قاتتۇرۇپ كىيمىگەننى، ھەر كۈنى بەتتە – پولۇ يىمىگەننى… نامرات دېگۈمىز كىلىدۇ. ھەتتا شۇنداق قىلالمىغانلىرىمىزمۇ ئۆزىمىزنى نامراتقا چىقىرىشقا ئاران تۇرىمىز. لېكىن، ئويلىمايمىزكى، ھەقىقىي بەختنىڭ نىمىلىكىنى ! ئابباسىيلارنىڭ ئونىنچى ئەۋلاد خەلىپىسى ئىبىن جەففار سەلتەنەت سۈرگەن زاماندا بىرسى ئۇنىڭدىن ” ھۆرمەتلىك خەلىپەئىي ئىسلام، يەر يۈزىدە سىزدىنمۇ بەختلىكرەك كىشى تىپىلماس ” دەپ سوئال ئارىلاش ماختىغاندا، خەلىپە : ” خاتا دېدىڭ ! گۈزەل ئائىلىسى، ئېزگۈ خوتۇنى، ياخشى مەئىشىتى بولغان ھەر قانداق ئادەم ماڭا قارىغاندا بەختلىكتۇر ” دېگەنىكەن. بىز دە ئەنە شۇ خەلىپە ئىيتقاندەك ئائىلىلەر كۈرمىڭ ! ئەمما، شۇ ئائىلىلەرنىڭ ئىچىدە شۈكرى – قانائەت قىلىدىغانلار، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇت ھالىتى ئۈچۈن رازى بولىدىغانلار بەك ئاز. دېمەك، بىزنىڭ نامراتلىققا بولغان بۈگۈنكى چۈشەنچىمىز چېكىدىن خىلىلا ھالقىپ كەتكەن. بۇنداق ھالەتتە ” نامرات ” لار كۆپ بولماي قالاتتىمۇ ؟ ئەمما، بۈگۈنكى ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر دۇنيادىكى بارچە ئىنسانلار تېگىشلىك ئۆلچەملەرنى ھېسابىغا ئالغان ھالدا 100 ئادەم دەپ ھېسابلانسا، بۇ ئادەملەر تۆۋەندىكىدەك ھالەتتە بولىدىكەن: ئالتە كىشى دۇنيادىكى بارچە بايلىقلارنىڭ %50 گە ئىگە بولىدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىس ئامىرىكىلىق بولىدىكەن، 85 كىشىدە يېتەرلىك ئۆي – جاي شارائىتى بولمايدىكەن ھەم شۇلارنىڭ ئىچىدىن 50 ئادەم تويۇپ تاماقلىنالمايدىكەن، تۆت كىشى كومپىيۇتىرغا ئىگە بولىدىكەن، بەش كىشى ئالىي مەلۇماتلىق بولىدىكەن. ئەگەر دۇنياغا شۇ نوقتىئىنەزەر بىلەن قارالسا، ئىنساننىڭ سەۋر – قانائەت قىلىشىغا نەقەدەر چوڭ ئىھتىياج بارلىقى مەلۇم بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئويلاپ كۆرۈڭ :
ئەگەر تاڭدا سىزنىڭ ئىككى كۆزىڭىز ساق – ئامان ئېچىلغان بولسا، دېمەك سىز بۇنىڭدىن كېيىن كۆزىنى ئاچالمايدىغان بىر مىليۇن ئادەمدىن بەختلىكرەكسىز.
ئەگەر بىشىڭىزغا ئۇرۇش ئوتى، تۈرمىدىكى يالغۇزلۇق ئازابى، قىيىن – قىستاق ۋە ئاچ – زارلىق مۈشكۈلاتلىرى چۈشمىگەن بولسا، دېمەك سىز دۇنيادىكى 500 مىليۇن ئادەمدىن بەختلىكرەكسىز. ئەگەر توڭلاتقۇڭىزدا يېيىشكە تامىقىڭىز، ئىشكابىڭىزدا كىيىشكە كىيمىڭىز ۋە يېتىشقا ياتىقىڭىز بولسا، دېمەك سىز دۇنيادىكى %5 كىشىدىن بايراقسىز.
ئەگەر بانكىدىن ھېساب ئاچقان بولسىڭىز، چۆنتەكتە پۇلىڭىز ۋە ئازراق مۆلىكىڭىز بولسا، دېمەك سىز بۇ دۇنيادىكى دۆلەتمەن %8 ئادەملەر تائىپىسىگە كىرىسىز.
ئەگەر سىز ئۇشبۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، دېمەك يەنە بىر ھەسسە بەختى كۈلگەن ئادەمدىن بىرى ئىكەنسىز، چۈنكى سىز دۇنيادىكى خەت بىلمەيدىغان 3 مىليارد ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرمەيدىكەنسىز.
مانا مۇشۇ نوقتىدىن چىقىپ ئەتراپىڭىزغا ئوبدانراق قاراپ بېقىڭ، نامراتلىقتا قالغىنى، جاپا چېكىپ ھاياتلىقنى داۋام قىلىۋاتقىنى  پەقەت سىزلا بولۇۋېتىپسىزمۇ ؟ باشقىلارنىڭ ھەممىسى بەتتە – پولۇ يەپ، خام كېكىرىپ يۈرۈۋىتىپتىمۇ ؟
دېمەك، ئوبدانراق ئويلاپ كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنچىلىك نامرات ئەمەسلىكىڭىزنى بىلىپ قالىسىز. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن قانائەتچان بولۇشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىزدە تويمىغۇرلۇق، قانائەتسىزلىك ئامىللىرى بولسا، مەيلى سىز ھەر قانچە دەپنە – دۇنيا يىغىڭ، ئۆزىڭىزنى ” باي ” دېيىشكە تىلىڭىز بارمايدۇ، يەنە بىر نەرسىڭىز كەمدەك ھېس قىلىسىز، شۇنداق تۇيغۇدىن يېراق بولماي بۇ دۇنيادىن كېتىسىز. ئەلۋەتتە، بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتىرىمىز، دەپ نىكاھنىڭ بوسۇغىسىدىن ئۆتكەن ئەر – ئايال تېخىمۇ قانائەتچان بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ئائىلىنى تەۋرەتمەك تاغنى تەۋرەتمەكتىنمۇ قىيىنراقتۇر. شۇنداق ئىكەن، بۇ جەرياندا نېمە قىيىنچىلىقلار، نېمە موھتاجلىقلار بولمايدۇ، دەيسىز ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، دۇنيادا ھېچقاچان توققۇزى تەل ئائىلە بولغان ئەمەس ھەم بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، پەقەت مال – دۇنيالا ھەممىن ھەل قىلالايدۇ، دەپ قاراپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. قاراڭ، تۈمەن – تۈمەنلەپ پۇلى بار ئادەملەر قان بىسىمى يوقىرىلىق، يۈرەكنى ماي قاپلاپ كېتىش، ديابىت، سېمىزلىك… ۋە شۇنداق كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى، غىمى بىلەن مىڭىسىگە قان چۈشۈش دېگەندەك كېسەللىكلەر بىلەن يېگۈسى بارنى يىيەلمەي تەمتىرەپ ياشاۋاتقاندا، يىراق سەھرالاردىكى دېھقانلار قاتتىق زاغرىنى سۇغا چىلاپ يەپ، گۈرسۈلدىتىپ دەسسەپ، خاتىرجەم ئۇخلاپ ھاياتىنى داۋام قىلىدۇ. بەلكىم، ماۋۇ كېسەللەر بىلەن ئەندىشە ئېچىدە ھايات كەچۈرىۋاتقان پۇلدارلارنى ئاۋۇ غەمسىز ” نامرات ” دېھقانلارغا قارىغاندا، بەختلىك دەپ كەتكىلى بولمىسا كېرەك. ئەلۋەتتە، مەن مال – دۇنيا بولمىسىمۇ بولىدۇ، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، ۋاقتى كەلگەندە مال – دۇنيانىڭمۇ نەقەدەر كاتتا رول ئوينايدىغانلىقىنى پېقىرمۇ بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس. مەن پەقەت نامراتلىققا قانائەتچانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇڭ، بايلىققا سەۋىرچانلىق بىلەن ئېرىشىڭ ، دېمەكچىمەن.
ئادەم ئەۋلادلىرى زېمىنغا ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپلا ھەممە جەھەتتە ئېگىز – پەسلىك مەۋجۇت ئىدى. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش باي ۋە نامراتلىقمۇ بۈگۈنكى كۈندە يېڭىلىق ئەمەس، شۇنداقلا ئەلمىساقتىن تارتىپ باي – باياشاتلىق ئاز سانلىقلارغا، نامراتلىق، جەبىر – جاپا تارتىش ئەڭ كۆپ ئىنسانلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن. ئەمما، خۇددى باشتا ئىيتقاندەك، دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى بىزنىڭ ” نامراتلىق ” ۋە ” بايلىق ” ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندىكى ئائىلىۋى ماجىرالارنىڭ، تۇل – بويتاقلارنىڭ، يېتىم – يېسىرلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىنىڭ ئارقىسىغا بىزنىڭ بايلىققا بولغان قانائەتسىزلەرچە ئىنتىلىشىمىز سەۋەب بولغان، دەپ ئېيتىش مومكىن. چۈنكى، ئائىلە ئەزالىرىدا قانائەت بولمىسا، بىر – بىرىدىن كۆڭلى سۇ ئېچمەيدۇ، قارشى تەرەپنى ئۆزىگە پۇتلىكاشاڭ بولۋاتقاندەك ھېسسىياتتا بولىدۇ. يەنى، ئەر قانائەتسىز بولسا، مۇشۇ خوتۇن بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ جاپادا قالدىم، دەپ ھەممە گۇناھنى ئايالغا يۈكلەيدۇ، ئەگەر ئايال بولغۇچىدا قانائەت بولمىسا، ئۇ تېخىمۇ شۇنداق قارايدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك يىمىرىلىپ كىتىدۇ. بىرلىك يىمىرىلگەن ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقى تېخىمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن 18 يېشىدا مەملىكەتكە ھۆكۈمران بولغانىكەن. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى 17 يىل داۋاملاشقان. ئۇ ئۆمرىنىڭ توققۇز يىلىنى جەڭدە، قالغىنىنى بولسا ئۆز خاھىشى بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇ ناھايتى كۆپ جايلارنى ئىستېلا قىلىپ دۇنياۋى ئىمپېراتۇرغا ئايلانغان ۋە نۇرغۇن بايلىق توپلىغان. ئەمما، ئۇ ئۆلۈمى ئالدىدا ۋەسىيەت قىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن كېپەندىن قولىنى چىقىرىپ شەھەر ئايلاندۇرۇشنى، جارچىلارنىڭ بولسا : ” ھەي خالايىق ! شۇنچە كۆپ يەرلەرنىڭ ھۆكۈمرانى، شۇنچە جىق بايلىقلارنىڭ ساھىبىنى كۆرۈڭلار، ئۇ بۇ دۇنيادىن ھېچ نەرسە ئالماي قۇرۇق قول كېتىۋاتىدۇ. ھېچقانداق كىشى گۆرگە ئۆزى بىلەن بىللە ھېچ نەرسە ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. دۇنيادا پەقەت قىلغان ئىشلىرى ۋە ياخشىلىقلىرىلا قالىدۇ ! ” دەپ جار سېلىشنى تاپلىغان ئىكەن.
بۇنىڭدىن ماددىي بايلىقنىڭ ھەممىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ موھىمى مەنىۋى بايلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس بولمىسا كېرەك. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە ماددى بايلىققا ئىنتىلىشى مەنىۋى بايلىققا ئىنتىلىشىنىڭ دۈمبىسىگە مىنىۋالغان كىشىلەر ناھايتى كۆپىيىپ كەتتى. مەنىۋىيەت دەپسەندە قىلىنىپ تېپىلغان بايلىقنىڭ نېمە ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ئويلايدىغانلار ئاز قالدى.تارىختىن بىرى شۇنداق بىر ھەقىقەت داۋام قىلىپ كەلگەنكى، ھالال يول بىلەن تېپىلمىغان مال – دۇنيا ھېچكىمگە ۋاپا قىلغان ئەمەس. شۇڭا، ئادەتتىكىچە ياشىسىڭىزمۇ ھالاللىق بىلەن ياشاڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ھالال ئۆتكۈزگەن ئاددىي ھاياتىڭىز ئۈچۈن ھەرگىز نۇمۇس قىلماڭ. ماددىي بايلىققا ئەمەس، مەنىۋى بايلىققا ئۆزىڭىزنى ئۇرۇڭ. ئائىلىڭىزنى ھارام بايلىق بىلەن سەلتەنەت تاپقۇزۇشتىن ئېھتىيات قىلىڭ. ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەرگىزمۇ ھەمراھىڭىزنىڭ گۇناھى دەپ قارىماڭ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ ناباب ئايال ئېرىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغاننى تەلەپ قىلىدىغان ئايالدۇر، ئەڭ يارىماس ئەر ئائىلىسى قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا، ئايال ۋە بالا – چاقىسىنىڭ بېشىنى يەرگە قارىتىدىغان، يەنى قىيىنچىلىقنىڭ سەۋەبىنى شۇلاردىن كۆرىدىغان ئەردۇر.

مەنبە؛ http://www.turmux.net/?p=1190
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 19:11:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ بېقىشقا تىگىشلىك  تىمىكەن    دوستلار   مەرھەمەت.....................
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

66

تېما

28

دوست

7758

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1875 سەر
تىللا
204 دانە
تۆھپە
1465 سەر
شۆھرەت
1352 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 21:29:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن .

باھا سۆز

سىرداش بەرگەن باھايىڭىزغا رەھمەت.............. تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 21:33
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-8 21:33:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلكەش يوللىغان ۋاقتى  2012-11-8 21:29
ياخشى تىمىكەن .

بەرگەن  باھايىڭىزغا رەھمەت..............
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 13:39, Processed in 0.245507 second(s), 41 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش