بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-4 11:24
2012-يىلى 20-سېنتەبىر كۈنى ئاقسۇدا ئوت يۈرەك، ئىنقىلاۋىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە كۇچا خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ يېتىشكەن دىكتور-رىياسەتچىسى، ياش قەلەمكەش تۇرغۇنجان ئەخەتمۇ ئۈنگە ئېلىش ئۈسكىنە-جابدۇقلىرنى بىرگە ئېلىپ بېرىپ قاتناشقان، ۋە پائالىيەتنى باشتىن-ئاخىر ئاۋازغا ئېلىپ، مەخسۇس پروگرامما قىلىپ ئىشلەپ، كۇچا خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا سازاۋار بولغان. تورداشلارغا شۇ يىغىن پائالىيىتىدىكى ئەھۋاللارنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، بۇ پروگراممىنى تورغا يوللىدۇق. (ھۆرمەت بىلەن: ئەرچىن) ئاۋازغا ئالغۇچى، پروگرامما ئىشلىگۈچى، دىكتور: تۇرغۇنجان ئەخەت
مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
|